مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16395|ئىنكاس: 109

گۈلەن: ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15459
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 08:35:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ


ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن مەندىن ئەڭ كۆپ سورالغان سۇئاللاردىن بىرى " ئامېرىكىدا خەقلەر ئۇيغۇرلارنى بىلەمدىكەن؟" دېگەن بولدى. بەلكىم 2009-يىلى تومۇزدىن بۇرۇن بۇ سۇئالغا دۇچكەلگەن بولسام "ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرى، موميا تەتقىقاتچىلىرى (موميا تەتقىقاتچىلىرى كىرورەندىن  ۋە كىچىك مۆرەندىن تېپىلغان جەسەتلەرنى موميالاردەپ ئاتايدىكەن)، ئارخولوگلار، ئورال ئالتاي تىللىرى ۋە ڧىن ئوگۇر تىللىرىتەتقىقاتچىلىرى، سىياسىيونلار، نېڧىت ۋە مەدەن سودىگەرلىرى، زىققا، ئۆپكە تېبرىكىلوز، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى بۇلارنى ھەقسىز داۋالايدىغان ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى،ئاسىيادىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغۇچىلار، جوڭگۇ-خەنشۇناسلار، ئىسلام تەتقىقاتچىلىرى، قۇمىلىشىش ۋە قۇرغاق رايۇنلار تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇللار، تاغقاچىقىش مەستانىلىرى، يىپەك يولى تەتقىقاتى ۋە ساياھىتىگە ھېرىسمەنلەر ئۇيغۇرلارنى بەكرەك بىلىدىكەن" دېگەن بولاتتىم. لېكىن 2009-يىلى 7- ئايدىن كېيىن ئامېرىكىدىلائەمەس دۇنيادا ئۇيغۇرنى بىلمەيدىغانلارنى بەك كۆپ دېگىلى بولمايدۇ. مەكتىپىمىزنىڭ بىر ئاپتۇبۇس شوپۇرى ئۇيغۇرلارنى جوڭگۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك جەريانىدا يۈزبەرگەن ۋەقەلەر ئارقىلىق بىلگەنىكەن. ھېندىستانلىق قوشنام 2009-يىلى تومۇزدىكىئىشلار سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقىپلىنىپتۇ.

"ئۇيغۇرلارنى دۇنيا بىلمەيدۇ" دېگەن قاراشنىڭ شەكىللىنىشىگە بەزى تولۇق بولمىغان ئۇچۇرلار ۋەتارىخ ھەققىدىكى ساغلام بولمىغان چۈشەنچىلەر سەۋەب بولغان. كۈتۈپخانىلاردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىتاب ئىزدەش، باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتىنى بىلىش ئۈچۈن تارىخنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ يەردە ھالقىلىق مەسىلە شۇكى،تارىختا تۈرك دەپ ئاتالغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ 20- ئەسىردە غەرپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قەلىمىدە شەرق تۈركلىرى، رۇس ئاپتۇرلىرىنىڭ قەلىمىدە ئۇيغۇرلاردەپ ئىككى خىل ئاتالغانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. يېقىنقى يىللاردا جاھان كۆرگەن ئۇيغۇرلار يازغان ساياھەت خاتىرىلىرىدە "ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇربىر ھاشارات ھەققىدىكى ئۇچۇردىنمۇ ئازكەن، ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردە ھىچ كىم بىلمەيدىكەن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان كىتابلارمۇ بەك ئازكەن" دەپ يازغاچقا، ئۇيغۇر ئاۋامدىكى ئەسلىدىنلا يايغىن بولغان تاشلىنىش، يەكلىنىش،كەمسىنىش ۋە غېرىپسىنىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ "بىزنى زادى باشقىلار بىلمەيدۇ. دەردىمىزنى ھىچ كىم چۈشەنمەيدۇ. بىزنى دۇنيا تاشلىۋەتتى..." دەپ ئۇھسىنىش تېخىمۇ ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغا كىتاپ،دوكىلات ۋە ئاخباراتلار ئاز ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ساياھەتنامە يازغان ئاپتۇرلارپەقەت ئۆز مەكتىپىنىڭ كۈتۈپخانىسىغىلا ياكى ئۆزى بارغان كىتاپخانىلارغىلا قارىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن كانزاس ئۇنۋېرىستىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ ئۇيغۇر دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بېقىۋېدىم 160 تىن ئارتۇق كىتابنىڭ ئىسمىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈردۈم. كىتابلار ئاساسەن رۇسچە، ئېنگىلىزچە، گېرمانچە، خەنسۇچە بولۇپ ئۇيغۇرچە،تۈركچە، فرانسوزچە، ئىتالىيانچە، گوللاندچە، ياپۇنچە، كورىيانچە، ئەرەبچە كىتابلارئاساسەن تولۇق ئەمەس ئېدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېنگىلىزچە كىتابلارمۇ تولۇق ئەمەس ئېدى. (لېكىن لازىم دېسە ھەقسىزئەكەلدۈرۈپ بېرىدۇ) . مەسىلەن، ئەسئەت سۇلايمان مۇئەللىم "ئۆزلۈك ۋە كىملىك" دېگەن كىتابىدا تىلغا ئالغان"تەبەسسۇم يىتكەن زېمىن" دېگەن ئېنگىلىزچە كىتاب بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدا يوق ئىكەن. يەنە بىرى ئۇيغۇر دېگەن نام بىلەن باغلانغان كىتاب ياكى تەتقىقاتلارنىڭ ئازلىقى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقاتنىڭ ئازلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ.ئۇيغۇر نامى 1921-يىلى تاشكەنتە بېكىتىلىشتىن بۇرۇنمۇ خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ۋەئەجدادلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات بار ئېدى. مەسىلەن مورگان ئەسەرلىرىدە تىلغا ئالغانتۇرانچە تۇققانچىلىق تۈزۈمى، ماركىس ئەسەرلىرىدىكى ئەمىر تۆمۈر ۋە باشقىلار.ئۇيغۇر نامى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقات تۈركلەر ۋە ئوتتۇرائاسىيا ھەققىدىكى تەتقىقات دائىرىسىدە يۈرگۈزۈلگەن بولغاچقا بۇنى بۈگۈن كومپىيوتىرغا ئۇيغۇر دەپ كىرگۈزۈپ تاپقىلى بولمايدۇ. ھەتتا سەكسىنىجى يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن باشقا تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تىلى دېگەننىڭ  ئورنىغا شەرقى تۈرك تىلى دېگەننى قوللانغان. ئۇيغۇر دېگەنلىك غەرپ ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپلا قالغان خالاس. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى نامى ۋە يۇرتى بىلەن باغلانمىغان تەتقىقات ۋە كىتابلارنى ئۇيغۇرلار بىلەنمۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ ئۇيغۇرنىڭ جاھانغا تونۇلالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش بىھاجەت.

ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدائۇيغۇرلارغا ئائىت ئېنگىلىزچە كىتاپلار ئۇيغۇرلاردىن نوپۇسى كۆپ بىر قىسىم  مىللەتلەر ھەققىدىكى كىتاپلاردىن جىق. ئامېرىكىدائۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقاتنىڭ ۋە كىتابلارنىڭ ئاز كۆپلۈكى ھەققىدە گەپ ئاچقاندامەنچە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانساق مەسىلە بىر قەدەر كونكىرىتلىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۆزەمنىڭ كەسپى بولغان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ھەققىدە يېزىلغان ئېنگىلىزچە كىتاب ئىراننىڭ دۆلەت تىلى بولغان پارىس تىلى ھەققىدە يېزىلغان ئېنگىلىزچە كىتابتىن جىق. مەسىلەن ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېزىلغان ئېنگىلىزچە"تەكلىماكاندىن سالام" دېگەن كىتابنى ۋە ئۇنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىنى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تور بېتىدىن چۈشىرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئىندىيانا ئۇنۋېرىستىتى نەشىرقىلغان، بىر قەدەر مۇكەممەل تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش كىتابىنى ئامېرىكىدا خالىغانچە سېتىۋېلىش مۇمكىن. بۇندىن باشقا خەمىت زاكىر ئېنگىلىزچە تۈزگەن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش كىتابىنىمۇ توردىن سېتىۋېلىش مۇمكىن. خەمىت تۆمۈر يازغان "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى" دېگەن كىتابنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكىداكۆپىنچە كۈتۈپخانىلاردىن تېپىلىدۇ. مەن مەكتىپىمىزدە پارىسچە ئۆگنىۋاتقان چېغىمداتۆرت ساۋاقداش پارىسچە ئۆگىنىدىغان ئېنگىلىزچە كىتاب ئىزلەپ نە كۈتۈپخانىدىن، نەكىتاپخانىدىن، نە توردىن تاپالماي ئاۋارە بولدۇق. ئاخىرى بولماي كىتاپ ئىراندىنكەلتۈرۈلگىچە بىر ئىككى ھەپتە ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇق. ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ ھىندىيانا ئۇنۋېرىستىتى، مىچىگان ئۇنۋېرىستى، ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرىستىتى،سىياتۇلدىكى ۋاشىڭتون ئۇنۋېرىستىتى، خارۋارد ئۇنۋېرىستىتى، ماساچوستىس تېخنىك ئۇنۋېرىستىتى قاتارلىق مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنىشىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئامېرىكىدا ئۇ قەدەر ئاجىز ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئامېرىكاھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغانسىتراتىگىيىلىك تىللار قاتارىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر يىلى بولۇشى ئۇيغۇرلار ۋەئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئامېرىكىدا ئۇنچە ئاجىز ھالقا ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

"ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ؟" بۇ سۇئالنىڭ سورۇلۇشى ئىنتايىن قىممەتلىك. شۈبھىسىزلىكى،ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلىشى خەلقنىڭ تەبىئىي ئارزۇسى بولۇپلا قالماي پايدىلىق ئىنتىلىشتۇر.ئۇيغۇرلارنىڭ سىرىتقى دۇنيادا ئۆزىنى بىلىدىغانلارنىڭ بار يوقلىقىغا قىزىقىشى تولىمۇ تەبىئىي بىر ئىش. بىر شەخس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيادا ھىچ قايسىمىزنىڭ خەق تونۇمايدىغان نام نىشانسىز ئىنسان بولۇپ قالغىمىز يوق. ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش چاقىرىقى دەل ھەر بىر ئۇيغۇردىكى ھەرقانداق ئىنسانغا ئورتاق بولغان يۇقارقى ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجىنىڭ ساداغا ئايلىنىشىدۇر. تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشقا ئۇرۇنۇش ئالقىشقا ئەرزىيدىغان تىرىشچانلىقتۇر. دۇنيادا بىرەرمىللەتلا ئەمەس، دۆلەتلەر ۋە دۆلەت باشلىقلىرىمۇ ئۆز دۆلىتىنى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتنىڭ توچكىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىپىرلىشىدۇ. گېزىتتىن ئوقۇشۇمچەئامېرىكا پىرىزدېنتىنىڭ دۆلىتىگە بولغان زىيارىتىنى ياكى ئامېرىكىغا زىيارەتكەبېرشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پىرىزدېنتلىرى ھەرقېتىملىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خېلى كۆپ مەنپەئەتلەرنى تەقدىم قىلىدىكەن.تونۇلۇشنىڭ  پايدىسىنى ھىس قىلمىغان بولساخەق بۇنچە ئاۋارە بولمىغان بولاتتى.

مىللەتنىڭ تونۇلىشىنىڭ، ئاخباراتنىڭ توچكىسىغائايلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى مىسالدىنمۇ كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئەڭ ئاددى مىسال،مەكتىپىمىزدىكى بىر ئۇيغۇرشۇناس ئۇيغۇر تىلىغا دائىر بىر قانچە تەتقىقات تېمىسىنىمۇناسىۋەتلىك تەتقىقات فۇندى جەمئىيەتلىرىگە ئىككى يىل ئۇدا يوللاپ غەلىبەقىلالمىغانىكەن. 2009-يىلى كۈزدە قايتا يوللاپ ئۈچ تەتقىقات تېمىسى بىراقلائۇتۇقلۇق تاللاندى. پەرەز قىلىنىشىچە بۇمۇ 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋىي ئاخباراتلارنىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.مەكتىپىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇندىن مەسلەھەت ئىشخانىسى بار. بۇ ئىشخانىدىكىلەرئوقۇغۇچىلارنىڭ سوت ۋە قانۇن بىلەن ئالاقىدار ئىشلىرىغا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 700 دوللاردىن كەم بولسا ھەقسىز مۇلازىمەتتى نبەھرىمەن بولسا بولىدۇ. بىر ئۇيغۇر تونۇشۇم بۇ ئىشخانىغا 2009-يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرى سوتقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش بىلەن كىرىپتۇ. ئادۋۇكات نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سوراپ بولغۇچە پاجىيەلەردىن يۈرىكى ئېزىلىپ تۇرغان بۇ قېرىندىشىمىز يىغلاپ تاشلاپتۇ. ئادۋۇكات بۇ قىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن كىرىم ئىسپاتىنى كۆرمەيلا مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن ئېلىنىشى كېرەك بولغان 100 دوللارنى ئەپكەس قىلىپتۇ. چۈنكى ئۇمۇ تېلۋىزورلاردا كۈندە بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرنى كۆرگەنىكەن.

دۇنيانىڭ ئۆزىنى تونىشىنى،چۈشىنشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ھازىرىنى، كەلگۈسىنى ۋە  ئۆتمۈشىنى ئىلمىي كىتاب، تەرەپسىز ئاخبارات،مۇكەممەل مائارىپ ئارقىلىق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسلىكى، ئۆزى ھەققىدەپىلانلاردا بولالمىغاننىڭ ئۈستىگە باشقىلار تەرىپىدىن  تۈزۈلۈۋاتقان سىتىراتىگىيىلەردىنمۇ بىخەۋەر قېلىشى دۇنيانى چۈشەنمەسلىكىدىنمۇ ئارتۇق پاجىيە. بۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلمەسلىك، ئۆزىنى دەڭسىيەلمەسلىك، ئۆزىگە لايىق پىلان تەدبىرلەردە بولالماسلىق،تۈزۈلگەن سىتىراتىگىيىلەرگە لايىقلىشالماسلىق، ئۆزى ھەققىدە قىلىنىۋاتقان ھۆكۈملەرگە ئەقلىي پوزىتسىيە تۇتالماسلىق قاتارلىقلارنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىتونۇش ۋە ئۆگىنىشىدىكى مەنبە ئەدەبىيات ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىي ماقالىلەر بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە يېزىلىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىيمۇلاھىزىلەردە مىللەتنى شەخسلەشتۈرۈش، ئوبىكىتلاشتۇرۇش، جىنسىيلەشتۈرۈش خاھىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە ئاممىۋىيلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئىلمىي، ئەقلىي،مۇنتىزىم تونۇشقا ئىگە بولۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا. ئەگەر مىللەت ھەققىدەئىلمىي، ئەقلىي ۋە مۇنتىزىم تونۇشقا ئىگە كىشىلەر يېتەرلىك بولسا ئېدى، مىللەتنى كەمسىتىش، ئوبىكىتلەشتۈرۈش، شەخسلەشتۈرۈش، جىنسىيلەشتۈرۈشتەك ناتوغرا تەپەككۇر ئادىتىكەسكىن تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان بولاتتى. نەتىجىدە مىللەتنى كەمسىتىدىغان، قارا قويۇق ئىنكار قىلىدىغان ئىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى بۇ قەدەر ئاممىۋىيلاشمىغان بولاتتى.مەسىلەن، ئەختەم ئۆمەر "ئەدەبىيات بولمىسا بولمايدۇ" دېگەن بىر ئەدەبىيخاتىرىسىدە "مىللەتنىڭ ئىللىتى كىرگە ئوخشايدۇ، ئەدەبىيات سوپۇنغائوخشايدۇ" دەپ يازىدۇ. بۇ مىللەتنى ئوبىكىتلاشتۇرۇش بولۇپ مىللەتتىكىئاتالمىش "ئىللەت" نى يەنى كىرنى كۆرگىلى،  تۇتقىلى بولمايدۇ. مىللەت مەدەنىيىتىدە پەيدابولغان نامۇۋاپىق ئادەتلەرنى سوپۇن كىرنى يۇغاندەك ئەدەبىيات ئارقىلىقلا يۇيۇپتازىلىۋەتكىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. بايقىشىمچە مىللەتنى بۇنداق ئوبىكىتلاشتۇرۇش 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەنىكەن. مەسىلەن، تىيىپجان ئېلىيىۋ

مېغىزى شاكىلى بار ھەرنەرسىنىڭ،

ئەي ئەقىل شۇنداق چۈشەنمىللەتنىمۇ.

بېيىيدۇ مىللەتنىڭمۇ پەزىلىتى،

تۈزەتسە ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ.

بۇمۇ ئوخشاشلا مىللەتنى ئوبىكىتلاشتۇرغانلىق بولۇپ شاكال بىلەن مېغىزنى ئايرىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىنكەلگەن بىلەن مىللەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىللىتىنى ئايرىش، پەزىلەتنىڭ تەمىنى مېغىزنىڭتەمىنى تېتىغاندەك تېتىپ، ئىللەتنىڭ زىيىنىنى شاكالدەك ئىلغىۋېتىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. مىللەتنى ئوبىكىتلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر مىسالى خەلقنى پادىغا،زىيالىنى پادىچىغا ئوخشىتىش. بۇ يەردە مىللەت گەپ قىلالماس، تەپەككۇرسىز ئوبىكىتقائوخشتىلىغان بولۇپ باشلىغۇچى زىيالىنىڭ رولى مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن.  بۇندىن باشقا ئەدەبىي ئوبزۇرلاردا كۆپ قوللۇنىلىدىغان "خەلققە زىيانلىق ئىددىيە تارقاتقان، خەلق قوبۇلقىلالمايدىغان ئىشلارنى يازغان، خەلقنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئويلاشمىغان..."دېگەن گەپلەردىنمۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلىگۈچى، يېتەكلىگۈچى سۈپىتىدە بىر يۈكسەكلىككە قويۇۋېلىپ خەلقنى يېتەكلەنمىسە، تەسۋىرلەنمىسە بولمايدىغان ئوبىكىتقا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق تەپەككۇر ئۇسۇلىدا چىقارغان يەكۈن ئالىمدىنمۇ،زالىمدىنمۇ، ناداندىنمۇ، ئاقىلدىنمۇ تەركىپ تاپىدىغان بىر ئادەملەر توپىغا ئەمەس،شەيئىلەر توپىغا ماسراق بولىدۇ. خەلقنىڭ يازغۇچىلارنىڭ مىللەتتىن ئىبارەت بۇنداق كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان مەنىۋىي بىرلىك، ئاڭدىكى مەۋجۇدلۇقنى كونكىرىت ئوبىكىت سۈپىتىدە كۆزىتىشى، تەسەۋۋۇر قىلىشى ۋە تەسۋىرلىشى تارىخ ۋە رىياللىقنى ئەدەبىيات ئارقىلىق چۈشىنىشكە مەھكۇم بولۇپ قالغان ئۇيغۇلاردا خاتائۇقۇم پەيدا قىلىدۇ.

ئۇيغۇرنى شەخسلەشتۈرۈشمۇ  بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە "ئىللەت"لەر تەنقىد قىلىنغان ئەدەبىي ماقالىلەر سادىر قىلغان نۇقسانلارنىڭ بىرى. ئىنسانلاردۇنيانى تەسۋىرلىگەندە ئادەملەشتۈرۈشتىن (شەخسلەشتۈرۈش) خالى بولالمىغان. مەسىلەن،پارىس قولتۇقى، ئىستانبۇل بوغۇزى، تۇمشۇق شەھرى، تاغ ئۇمرۇتقىسى،  ئۆڭكۈر ئاغزى قاتارلىقلاردا ئادەملەردەبولىدىغان ئەزالار ئارقىلىق تەبىئەت مەۋجۇداتلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئىنسانلار دۇنيانىچەشەندۈرۈشتە بىر تۈردىكى مۇرەككەپ ھادىسىلەرگە ئادەمگە خاس ئەزالارنىڭ ناملىرىنى بېرىش ئارقىلىق مۇرەككەپ شەيئىنى ئاددىلاشتۇرۇپ چۈشىنىش مەقسىدىگە يەتكەن. بۇنداق تەپەككۇر ئادىتى تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، "قەشقەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۈرىكى دېسەك غۇلجىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆزىدۇر."، "زىيالىلارخۇددى دوختۇرغا ئوخشاش مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا بايقىمىسا،رەھىمسىزلىك بىلەن ئوپىراتسىيە قىلمىسا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكەندەك مىللەتكىمۇ خەۋپ يېتىدۇ."، " مىللەتتىكى نۇقسانلارنى ئوپىراتسىيە قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى."، " ئادەملەر ئۆزىدىكى ئەيپنى ئەينەكتىن كۆرىدۇ، مىللەتمۇ ئادمگە ئوخشاش ئۆزىنى تونۇشتا مۇشۇنداق ئەينەككەمۇھتاج." دېگەندەك جۈملىلەرنى دائىم ئوقۇپ، ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇلارغا بىرقارىسا توغرىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. لېكىن تەپسىلى ئويلاپ باقساق بۇنداق مىللەتنى شەخسلەشتۈرۈشتە مۇرەككەپ مەسىلە ئاددىلاشتۇرۇلۇپ چىقىرىلغان خۇلاسە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولماي قالىدۇ. بىرمىللەتنىڭ مەسىلىسى بىر شەخسنىڭ مەسىلىسىدەك ئۇنداق ئاددىبولمايدۇ.  بۇنداق تەپەككۇرنى لېرىك نەسىرۋە شىئېرلاردا قوللۇنۇشقا بولغان بىلەن مىللەت ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ماقالىلەردە قوللۇنۇلسا ئوقۇرمەنلەردە خاتا چۈشەنچە كېلىپ چىقىدۇ.

مىللەتنى جىنسىيلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەشنى بىر قىسىم ئەدىپلەر مىللەتنىڭ روھىيىتىنى قازغانلىق دەپ يوشۇرۇۋاتىدۇ.بىر داڭلىق شائىرنىڭ نوپۇزلۇق بىر ژورنالدا " ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىم ئېڭى دىنىي ئاڭ، يېرىم ئېڭى جىنسىي ئاڭ" دەپ يازغانلىقىنى ۋە مېنىڭمۇ بىرمەزگىل بۇھۆكۈمنى توغرا دەپ قاراپ يۈرگىنىمنى ئۇنۇتالمايمەن. بىر قىسىم ئەدىپلەر ڧرۇئىيدنىڭ ئىنساندىكى بارلىق ئىجادىيەت ۋە قىزغىنلىقنىڭ مەنبەسىنى جىنسىيەتكە باغلاپ چۈشەندۈرىشىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، كىشىلەردىكى جانلىقلارغا ئورتاق ئىقتىدارنى ئۇيغۇرلاردا"ئالاھىدە" دەپ كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلىمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا قاراتەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەرگە بەكرەك شەھۋەتخور كۆرۈنىدۇ. گېرمانىيەدە تۈركلەرگېرمانلارغا جىنسىيەتكە "ئالاھىدە" خۇشتاردەك بىلىنىدىكەن. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئەينى چاغدا ھېندىستانلىقلارنى، فىرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىئەرەبلەرنى جىنسىي تۇرمۇشقا ئالاھىدە مايىل قىلىپ تەسۋىرلىگەنىكەن.  مۇشۇ نوقتىدىن ئويلىغاندا خەقنىڭ نەزىرىدەئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىيەت مەسىلىلىرىدە "ئالاھىدە" تەرىپلىنىشىدىنپەخىرلىنىش ۋە بۇنى ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقى دەپ چۈشىنىۋېلىش ساددىلىقتۇر. بۇنى ئۇيغۇرنىڭ ئەرلىك خاراكتىردىكى مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تەسۋىرلەشخەقنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناشتىن باشقا گەپ ئەمەس. ئاتالمىش خەقنىڭ پاراڭلىرىدا،كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىك خاراكتىرى كۈچلۈك، ئاياللىق گۈزەللىكى پەردەزسىز،ئوچۇق دېيىلگەنلىك، قالاق، ياۋايى دېگەن گەپنىڭ ياپتا ئېيتىلىشىدۇر. بەزى يازغۇچىلارنىڭ بۇنى " مىللەتنىڭ خاسلىقى ھەققىدىكى بايقىشىمىز" دەپقاراپ قالپايتىپ ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈشلىرى خەققە مايمۇن ئويۇنى ئويناپ بەرگەندەكبىر ئىش خالاس.

دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەممائۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس. مەندىن "ئامېرىكىلىقلاربىزنى بىلەمدىكىن، تونۇمدىكەن" دەپ سوراۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىقلارنىمۇ،ئامېرىكىنىمۇ، ئەڭ موھىمى ئۆزىنىمۇ تەپسىلى بىلىش پۇرستىدىن مەھرۇم. دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى بىلىشى ئىلمىي كىتابلارغا ۋە ئاخباراتقا تايىنىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ دۇنيانى بىلىشى پەقەت ھەر كۈنى مەركىزىي تېلۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلىرىگە ۋە مەكتەپ مائارىپىغا ئاساسلىنىدۇ. ھازىرقى مائارىپ مەنپەئەتپەرەسلىك، سۈيىئىستىمالچىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بولغاچقا ئىنسانغا پايدىلىق بولغان مەدەنلەر، ھايۋانلار،ھاشارەتلەر، ئۆسۈملۈكلەر، ھاۋارايى توغرىسىدىكى بىلىملەر تەپسىلى سۆزلەنگەن بىلەن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، يەرلىك بىلىمى، دۇنيا قارىشى، گۈزەللىك ئۆلچەملىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بىلىملەرنى يېتەرلىك ۋە تەپسىلى ئۆگىتىشكە قادىر ئەمەس. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، ھەم بولماقتا.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىي ماقالىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن چۈشىنشكە مەھكۇم بولۇپ قالغانلىقى ئۇيغۇرلاردا مەسىلىلەرنى لوگىكىلىق ئانالىزقىلىشقا سەل قاراش، بەزى ئىلىمگە مۇخالىپ قاراش، خاتا تونۇش ۋە نامۇۋاپىق تەپەككۇرئادىتىگە كۆنۈپ قېلىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلماقتا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-9 12:02 AM  


ھازىرغىچە 17 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
AynaK + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
eslam-waresi + 200
2polat + 20 تەپەككۇرى كۈچلۈك
Xaparang + 35 ماختاشقا تېگىشلىك
hasretim + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
uzumtal + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
..musaper.. + 300
gulbaxikar + 100 بەك ياخشى
sirlikmalika + 111
barquk8 + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
UyghurluQ + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
arkinlk + 50 كۆڭۈلدىكى گەپ
jassurman + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
oguz2 + 50
yadikar- + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
52arslan + 50 كۆڭۈلدىكى گەپ
XERHAN + 222 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2058   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

قۇرۇق شوئار توۋل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4604
تۆھپە نۇمۇرى: 845
توردا: 2909 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 11:54:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ،،ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ جۇمۇ... مەن مۇشۇ توغرىلىق ماتېرىيال توپلاۋاتقان ئىدىم، نېمىشقا مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار ئىنكاسسىز قالىدىغاندۇ؟

ئۆزىنى ئاياش ئەڭ چوڭ خۇشامەتچىلىكتۇر.

ھەقىقى ئەركىنلىك روھى ئەركىنلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51630
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 333
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:04:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن ئەپەندى بۇ تېمىڭىزدا ئىملا خاتالقى سەل كۆپكەن خاپا بولماي بىر تەھرىرلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن ئوقۇغاندا كىشىگەبىر خىل ھارغىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىدىكەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkinlk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-9 12:04 AM  


ئەركىنلىكنى مەڭگۈ ھېسداشلىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قان ئاققۇزۇش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77335
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:07:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىم,سىز ئەسىلىدە مۇشۇ يازمىلارنى يىزىش ئۈچۈن دەرىسنى تاشلىۋىتىپتىكەنسىزدە .................................................................................................................................................

بەزى نەرسىلەرگە ھەرقانچە تارتىشسىڭىزمۇ ،ۋاز كىچىش پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن !

ئۇيغۇر ئوغلانى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9977
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 6411 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:08:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن بۇ ماقالە كىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن ...

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2423
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1185 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:11:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ؟" بۇ سۇئالنىڭ سورۇلۇشى ئىنتايىن قىممەتلىك.
دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەممائۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.
بۇ ئىككى جۈملە شۇنداق توغرا ئېيتىلغان دەپ قارايمەن.
ماقالىدە "ئۇيغۇر نامى 1921-يىلى تاشكەنتە بېكىتىلىشتىن بۇرۇنمۇ خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ۋەئەجدادلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات بار ئېدى."دېيىلگەن . بۇ ئۇيغۇر نامىنىڭ بېكىتىلىشى ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبىك مىللىتىنىڭ ئايرىلىشىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار،رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 862
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3904
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:16:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈلەن  ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى كىشىگە  ئۆزگىچە  تۇيغۇ  بېغىشلايدۇ .

دوستلار تېما مەزمۇنىغا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلساق ، ئىنكاسلار يەنە قىززىق قانلىققا قاراپ تەرەققى قىلمىسا . ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ ھەر بىرلىرىمىز ، ئۆزلىرىمىز ھەققىدە ياخشىراق ئويلىنىپ باقساق . مەيلى بىز نۇخ سانسىز ۋە ياكى ئاللىقانداق ئىللەت ئىچىدە يۈرمەيلى ، ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلىشقا ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىمىزدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنى لايىغىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلساق .........
ئۇيغۇرنى سۆي سىڭىز  ، ئۇيغۇرنىڭ يامان گېپىنى ، غەيۋىتىنى ئەمەس ، ياخشى تەرپىنى كۆپرەك سۆزلەڭ  !

مەدەنيىتىمىزنى ، ئېسىل ئۆرىپ ئادەتلىرىمىزنى ئۇنۇتمىساقلا مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز !


ھۆججەت خالتىسى كۆتۈرۋالغان ئادۋۇكاتنىڭ تاپىدىغان پۇلى ، پېلموت كۆتۈرۋالغان قاراقچىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79418
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-27
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:16:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئاكا! بۇ ئەسىرىڭىزمۇ ئىلگىركى ئەسەرلىرىڭىزگە ئوخشاشلا ياخشى چىقىپتۇ. بولسا مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5950
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4705 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:24:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن، گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79418
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-27
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 12:26:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ،،ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ جۇمۇ... مەن مۇشۇ توغرىلىق ماتېرىيال توپلاۋاتقان ئىدىم، نېمىشقا مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار ئىنكاسسىز قالىدىغاندۇ؟

گۈلەن ئاكىمىزنىڭ بۇ ماقالىلىرىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ. بەلكىم بۇلارمۇ سىزگە لازىم بولۇپ قالار.http://jeckblog.com/gulan-yazmiliri/
http://izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=48071
http://izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=48072

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yadikar- + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش