مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9601|ئىنكاس: 54

ئىران نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا «ياق» دەيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 02:27:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



غەرب ئەللىرى دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن يېقىن دەپ ئويلايدۇ. دەل مانا شۇنداق بولغاچقىلا، غەرب دۆلەتلىرى قول تەككۈزۈشكە جۈرئەت قىلالماي، ئىراننى جازالىماقچى بولغاندا، جۇڭگونى ئويلاپ ئۇلۇغ چوڭقۇر تىنىشماقتا ئىدى. نۇرغۇنلىغان چاغلاردا، جۇڭگو ھەقىقەتەنمۇ ئىران ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇن قەست ۋە ئاشكارا خەۋپلەرنى توسۇۋېلىپ، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ چارچىغان ئىرانغا دېمىنى ئېلىۋالىدىغانغا پۇرسەت چىقىرىپ بەرگەنىدى. شۇنداقتىمۇ، ئىران جۇڭگونى ئۆزلىرىنىڭ دوستى دەپ بىلمىدى، جۇڭگونى پەقەت سودىلىشىشتىكى شېرىكى دەپلا بىلىپ كەلدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇلار جۇڭگونى ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى قالمىدى دەپ بىلگەن چاغدا، ئۇلار ھېچقانداق ئىككىلەنمەستىن جۇڭگوغا ياق، دەپ، جۇڭگۇنىڭ قىلچىلىك ئابرۇيىنى قىلمايدۇ.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران يېقىندا، ئەسلىدە جۇڭگو بىلەن تۈزۈشمەكچى بولغان، سۇ توك ئىستانىسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىر تۈر توختامىنى بىكار قىلىۋەتكەن. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر توختامنىڭ قىممىتى ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەختىيارى ئۆلكىسىدە، توك چىقىرىش مىقدارى 1500 مېگاۋاتقا يېتىدىغان ئېلىكتىر ئىستانىسىسى ۋە سۇ توسمىسى قۇرۇلۇشى ئىدى. خەۋەردە ئىران يەرلىك ئاخباراتچىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئىران ئېنىرگىيە مەنبەسى مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى مەجىد مۇنداق دېدې دېگەن: «ئىران مەركىزى بانكىسى جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش لايىھىسىنى رەت قىلدى، ئېنىرگىيە مەنبەسى مىنىستىرى مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىنقىلابىي قوغدىغۇچى قوشۇن ھىمايىسىدىكى قۇرۇلۇش شىركەتلىرىگە بېرىشنى قارار قىلدى.»


روشەنكى، ئىراننىڭ بۇ قارارى قىزغىنلىققا تولغان جۇڭگونى ئازابلىدى. جۇڭگو ئىران غەربنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، ئىقتىسادى توختاپ قېلىش گىردابىغا بارغاندا، مەبلەغ سالغان ئىدى، بۇ مەبلەغ سېلىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بولسا، ئىراننىڭ «بېشىغا چۈشكەن كۈن»نى توسۇش ئىدى. بۇ مەبلەغ سېلىش ئىراننىڭ جازالاشتا ئۇچرىغان ئازابىنى يەڭگىللىتىشتە مىسلىسىز رول ئوينىغان ئىدى. ئەمما ئىران مىننەتدار بولۇشنى بىلمىدى. ئۇلار بەلكىم جۇڭگونى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاشنى نىيەت قىلدى، دەپ ئويلاپ جۇڭگو مەبلىغىنى رەت قىلىش ئويىغا كېلىپ قالغان  بولۇشى، بۇ خىل ئوي خۇددى ئالۋاستىدەك ئۇلارنى جۇڭگوغا ئېچىلغان ئىشىكلەرنىڭ ھەممىنى تاقاش ئويىغا كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن، ئىران جۇڭگو بىلەن ھەمكارلاشقان كەڭ كۆلەمدىكى بىر نەچچە خىل  توختامنى بىكار قىلغان بولۇپ، بۇلار ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا، ئىران جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى بىلەن بولغان شىمالىي پارس پارس بوغۇزى تەبىئىي گاز مەنبەسىنى ئېچىش تۈرىنى بىكار قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن. مەزكۇر توختامنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. قارىغاندا ئىران راستىنلا جۇڭگونىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا قول تىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلسا كېرەك، شۇ سەۋەبلىك ئۇلار قىلچە رەھىم قىلماسىتىن جۇڭگو بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىق توختاملىرىنى ئۈزۈپ تاشلىماقتا.


ئېتىراپ قىلىمىزكى، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى دېمىسىمۇ پەقەت ۋە پەقەتلا بىر خىل ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، ھەم بۇ خىل مۇناسىۋەت پەقەت ئىراننىڭ نېفىتى ئارقىلىقلا ساقلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېزلىك بىلەن تەرەققىي قىلىشى دۆلەت ئىچىنىڭ نېفىتقا  بولغان ئېھتىياجىنى شىدەەت بىلەن ئاشۇرۇۋەتتى. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ھەر كۈنلۈك خام نېفىت ئېھتىياجى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى يېرىمىدىن كۆپرەكىنى سىرتتىن ئېمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مانا شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىراننىڭ ھەركۈنى جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىدىغان نېفىتى بار ئىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىراننىڭ نېفىتى ھەقىقەتەنمۇ جۇڭگوغا ھېسابسىز بايلىق ئېلىپ كەلدى. شۇ سەۋەبلىك مۇشۇ نۇقتىدىن تۇرۇپ ئويلانغاندا، ئىراننىڭ جۇڭگونى پەقەت ۋە پەقەتلا بىر سودا ھەمكارلاشقۇچىسى دەپ بىلىشىنىڭمۇ ئاساسى بار ئەلۋەتتە.

ئىرانلىقلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغىنى، ئۇلار يادرو سۆھبەت يىغىنى جەھەتتە جۇڭگونىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە مۇھتاج بولغاندا، گەرچە جۇڭگو تەرەپ مەلۇم دەرىجىدە ئىرانغا يان  باسقاندەك بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن جۇڭگو يەنىلا ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى تەرەپدارلىرىدىن بولۇپ، ئىراننىڭ يەنە داۋاملىق يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى ئۇران ئايرىۋېلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قوشۇلمىدى، ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىگە  بويسۇنۇپ يېڭى بىر باشقۇچلۇق جازالاشلارنى تۈزۈپ چىقتى. ئىران جۇڭگونىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ھېچقانداق بىر پايدىلىق بولغا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەنلىك سەۋەبلىك، ئۇلار جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمىدى دەپ بىلدى، شۇڭلاشقا ئىراننىڭ جۇڭگو بىلەن  بولغان بارلىق ھەمكارلىق توختاملىرىنى بايقۇت قىلىشى ئۇنچىلىكمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.

بۇ يەنە بەلكىم ئىراننىڭ بىر قېتىملىق ئۇيقۇسىنى ئېچىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئىران پەقەت  مۇشۇ ئارقىلىق جۇڭگوغا بېسىم قىلىپ، يادرو سۆھبىتىدە جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە دۆلەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ بولغان كوزۇرلارغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان. ئەگەر ئىران جۇڭگودىن راستىنلا يۈز ئۆرۈپ، جۇڭگوغا بولغان نېفىت ئېكىسپورتىنى توختىدىغانلا بولسا، جۇڭگو بولغان ئىقتىسادى تەسىرى زەربە بېرىشلا بولۇپ قالماي، بەلكى تۈپتىن ۋەيران قىلىش دېسىمۇ بولىدۇ. يەنى بۇنىڭ نەتىجىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننى جازالاش مەقسىتى مۇشۇنىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ، جۇڭگو بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور ئىقتىسادى بەدەل تۆلىگەن بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئىراننىڭ خورىكى ئۆسۈپ، جۇڭگونىڭ ياخشىلىقىدىن مىننەتدار بولمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى جۇڭگونىڭ ئۇ ياخشىلىقىنىڭ ئىچىدە ھېسسىياتتىن كۆپرەك ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بار.


دەل مانا مۇشۇنداق ئەقلى يەكۈن ئاساسىدا، ئامېرىكا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان نېفىت تەمىنلىشىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەتتا جۇڭگو نېفىتىنى ئېراق نېفىت ئېچىشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىران نېفىتىغا تايىنىشىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاشۇرغان مىقدارى ئىراننىڭ تەمىنلىشىگە چىشلىشىپ بولالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان نېفىت ئىستىمالىنى مەيلى سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھېچقايسىسى قامداپ بولالمايدۇ، مانا بۇ ئىراننىڭ جۇڭگوغا شەرت قويالايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ قويدى.

ئېنىقكى، نېفىت ئېكىسپورتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىراندەك دۆلەتكە  نىسبەتەن، جۇڭگو ھەرگىزمۇ مۇناسىۋىتىنى چورتلا ئۈزۈپ قويالمايدۇ. ئىراندا باشتىن-ئاخىر ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئىگە، ئۇلارنىڭ ئۇچرىغان ئازابلىرى پەقەت ۋاقىتلىقلا، جۇڭگو ئۈچۈن دۇنيادا باشقا بىر دۆلەت ئىراننىڭ ئورنىنى باسالىسا بۇنىڭ گېپى باشقا، ئەمما ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇنىڭ جۇڭگوغا بولغان تەسىرى جەمئىيەت، ئىقتىساد، ھەتتا سىياسىي مۇقىملىق قاتارلىق تەرەپ-تەرەپلەرگە تاقىلىدۇ. شۇڭلاشقا، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ چىگىلىش، مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ پەقەت ئىران يادرو چەكلىنىشىنىڭ تاماشىبىنىلا بولالايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ بۇنىڭغا قاتناشقۇچى ۋە ياكى رەھبەرلىك قىلغۇچى بولالمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.


ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە، جۇڭگو ئىزچىل تۈردە ئاجىز ۋەزىيەتلىك ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، دەل مانا شۇ ئىران، شىمالىي كورىيە قاتارلىق مۇشۇنداق ھاكىمىيەتلەرنىڭ  بولغانلىقى سەۋەبلىك، جۇڭگو ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش پۇرسىتى ۋە مۇنبىرىگە ئىگە بولالىدى. جۇڭگو مۇبادا ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ئىراننى جازالىسا، مۇشۇ قىممەت قارىشى بىلەن بىرگە جۇڭگو سىياسىي ھوقۇقىمۇ غۇلايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ۋەزىيەتلىك ئورنىغا نىسبەتەن، گەرچە جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئاچىمىز دېگەن بايرىقى ئاستىدا ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشىش مەنپەئەتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ئىراننىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىك كوچىسىدىن پۇتىنى تارتىۋېلىشتا يەنىلا قاتتىق ئويلىنىشى كېرەك.

شۇڭلاشقا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە، جۇڭگو يەنىلا ئىلگرىكىگە ئوخشاش، بىر ئاز چەتنىگەن پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، ھەم ئىراننىڭ يادرو تەرەققىياتىغا قارشى تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، شۇنداقلا يەنە ئىرانغا يادرو جازاسى قوللانماسلىقتىمۇ چىڭ تۇرۇشى كېرەك، جانلىق ئىش قوللىنىپ، پۇختا ھالدا ئىراننىڭ تەرەققىياتى بىلەن ھەرخىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، ئىراننى جۇڭگونى پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكەرلاشقۇچىلا دەپ بىلىپ قالماسلىقىغا، جۇڭگونى ئىشەنگىلى بولىدىغان خەلقئارالىق دوست دەپ بىلىشىگە، جۇڭگونىڭ ئىرانغا كۆرسەتكەن ھىممەتلىرىنىڭ ئىچىدە، ئىرانغا بولغان ھەققانىيلىق قوللىشى بارلىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.





مەنبە :ئوكيان تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaliptax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-8 02:31 AM  


ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42705
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6705
تۆھپە نۇمۇرى: 840
توردا: 918 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 11:55:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماقالە ئىكەن.ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا.مىسرانىم بۇنداق تىمىلارنى باسمايتىغۇ.قاپ يۈرەكلىك بىلەن بېسىپ ساپتۇ ئەمەسمۇ؟

كومپاس

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 12:08:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەھىمە ... ؟  ۋەھىمە ... ؟؟

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

مۇھەببەت=ئازاپ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42984
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1501 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 12:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىرانلىقلا ھەجەپمۇ جايىل خەقكەن دىسە ياردەم كىلاي دىسمۇ قۇشۇلمىغان

يالقۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60680
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5314
تۆھپە نۇمۇرى: 737
توردا: 1265 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 01:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى مەنپەئەت ئۈچۈن!  دۆلەتلەر ئارا ھەقىقى دوستلۇق بولمايدۇ!پەقەت مەنپەئەتلا بولىدۇخالاس!

گەپ قىلىشنى بىلم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3565
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9676
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 649 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 01:23:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن ئەھمەد نىجادنى كۆتەمىچى قىلىۋەتكەن مىسرانىم خەلقى بۈگۈن بۇ تىمىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 50 ھى ھى ھى ھى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

بىراۋ سىنى ناھەق ئەيىبلىسە، ساڭا تىل تەككۈزسە سەن ئۇنىڭغا ئۆزى قىلغاننىڭ 10ھەسسىىچىلىك قايتۇرۇپ بەر!

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 01:23:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزمۇ  خەقكە بىكاغا ياردەم قىلمايدىغاندۇ  .   

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 01:57:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىجاد جۇڭگۇغا ياق دىگىنى بىلەن شاڭخەيگە كىلىدۇ ئەمەسمۇ.ئىران سۈرىيەدىكى داۋالىغۇچ ئەمىلىيەتتە بىزگە كىلىۋاتقان خەۋەردىنمۇ يامانراق.


ئىران شەرىق گۇرۇھىغا ئەزا بولۇپ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالمىسىلا بولاتتىغۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 03:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3538
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 04:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ مەنپەت تۇقۇنشى دۆلەتلەرنى قايسسنىڭ دوسلۇققا يارايدىغان يارىمايدىغانلىقنى ئەسكەرتىپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش