مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8938|ئىنكاس: 0

تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى تۆھپىكار باغۋەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 1266
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 27819
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 4773 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 01:53:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى تۆھپىكار باغۋەن

نىيازئەلى ئادىل (تۈن لىرىكىسى)

11.jpg

ئىلى ۋىلايىتى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيە شوتا يېزىسى تەڭرىتاغ ئېتىكىگە جايلاشقان تۇپرىقى مۇنبەت سۈيى ئەلۋەك تارىخى گۆھەر زىمىن.

جەنۇب ۋە شىمال تەرىپى ھەيۋەتلىك تەڭرى تېغى ۋە مەشھۇر مۇزداۋان بىلەن غەرىب تەرىپى بولسا قازاقىستان چىگىرسى بىلەن قورشالغان بۇ يېزىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك،مۇڭغۇل، تاتار، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپلىگەن مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. بۇجايدىكى ھەر مىللەت خەلقى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن پەن-مائارىپ ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بولۇپمۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن باشلاپ يېزىنىڭ پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىشلىرى تېزسۈرئەتتە يۈكسەلمەكتە.

11_副本.jpg

3_副本.jpg
PHOT0223 拷贝_副本.jpg
654_副本.jpg

شوتا يېزىسى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىشلىرى تىلغا ئېلىنسا، يېزا مائارىپى شۇنداقلا تەنتەربىيە ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاددىيغىنە خىزمەت ئۈستىلىدە 20 يىللىق يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان بىر تۆھپىكار باغۋەننى ھېچكىم ئەسكە ئالماي تۇرالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ شوتا يېزىلىق تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە يىتەكچىسى تۇرغۇنجان تۇرسۇنمەمەت مۇئەللىم.

تۇرغۇنجان تۇرسۇنمەمەت1972-يىلى 23-ئىيون مۇڭغۇلكۈرە ناھىيسىنىڭ شوتا يېزىسىدا زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز مەكتەپلەرنى شوتا يېزىلىق ئۇيغۇر مەكتەپتە تاماملاپ1989-يىلى ئىلى 2-دارىل مۇئەللىمى مەكتىپى تەنتەربىيە سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

1992-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۆز يېزىسىغا قايتىپ كېلىپ خىزمەتكە چۈشكەن.

ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشكەن بۇ ياش تەنتەربىيە مۇئەللىمىنىڭ قەلبىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەنتەربىيەگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ئۇنىڭ ئۆز ئۈستىلىدە ئۈنتىنسىز ئىزدىنىشى ۋەئاشۇ ئاددىيغىنە تەنتەربىيە مەيدانىدا ئەمەلىيلەشتۈرىشىگە تۈرتكە بولغان. يېڭىدىن مەكتەپ بېغىغا قەدەم باسقان ياش ئەۋلادلارنىڭ تەنتەربىيە ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنۋاتقان بۇ ياش مىھرىبان باغۋەن بۇ ئۇلۇغۋار ئىزدىنىشلىرىنى ئاشۇ ئاددىيغىنە خىزمەت ئۈستىلى بىلەنلا چەكلەپ قويۇشنى خالىمىغان.

ئۇ 1999-يىلىدىن2001 -يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەنتەربىيە فاكۇلىتىتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ ئۆز خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەن. يەنە ئاشۇ تونۇش بولغان خىزمەت ئۈستىلى، ئادديغىنە تەنتەربىيە مەيدانى كونىراپ كەتكەن تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ئۇنىڭ گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىنى توسۇپ قالالمىغان.

شىنجاڭ مەدەنىيەت پەن-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بۇ ئىناق-ئىتىپاق ھەر مىللەت يېزا خەلقى تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان تىرىشچان باغۋەننىڭ تەپەككۈرىنى تېخىمۇ ئېلىھاملاندۇرغان. ھەر يىلى «ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكىزىلىدىغان مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىككە كېلىپ ھەر قايسى مەكتەپ ۋە كەنىت، ئورگانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ پۇتبول، ۋاسكىتبول، ۋالىبول كوماندىللىرىنى تەشكىنلەپ تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ يېزا خەلىقىنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيەئىشلىرىنى بېيىتىشقا زور كۈچ چىقارغان.

1.jpg

7.jpg
8.jpg
10.jpg

شوتا يېزىلىق خەلق ھۆكىمەت ۋە مەكتەپ رەھپەرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن سودىگەر ئابدۇسالام موللائابدۇللا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىدىن تەشكىنلەنگەن «شوتا يېزا پۇتبول كوماندىسى»نىڭ غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە غۇلجا شەھرىدىكى سەككىز ناھىيەنى ئايلىنىپ دوستلۇق مۇسابىقىللىرىنى ئۆتكۈزۈپ شوتا يېزا پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بىر تەنتەربىيە مۇئەللىمىدە بولۇشقا تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان. خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە ۋالىبول ۋە ۋاسكىتبول كوماندىللىرىنى تەشكىنلەپ مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەدىكى يېزا-قىشلاقلار ئارا ئۆتكۈزىلگەن مۇسابىقىلەردە ئۇدا نەچچە قېتىم چىمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ يېتىلۋاتقان ياش ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پارلاق ئەتە يارىتىپ بەرگەن.

ئۇ مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ « مۇزارت »، « ئۈمىد »، « سادا » قاتارلىق پۇتبول كوماندىللىرىنى تەشكىنلەپ شوتا يېزا پۇتبولچىلىقى جۈمىلدىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.

5.jpg

2.jpg
4.jpg
6.jpg

مەيلى ئارام ئېلىش كۈنلىرى بولسۇن ۋەياكى خىزمەت ۋاقتى بولسۇن ئۇنىڭ كوماندا ئەزالىرى بىلەن تەنتەربىيە مەيدانىدا بىللە يۈگۈرۈپ، ئۇلار بىلەن بىللە كۆرەش قىلىپ كەلگۈسىگە بىللە ئىنتىلۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ئەنە شۇ مەيدانغا ئۇنىڭ 20 يىللىق قەدەم ئىزى كۆمۈلگەن، ئەشۇ مەيدانغا ئۇنىڭ 20 يىللىق قان تەرى سىڭگەن. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۆز خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقى ئۇنى پۈتكۈل يېزا خەلىقى ۋە ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرى ئارسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلدى.

كەمسۆز، ئەمەلىيەتچان بۇ باغۋەن ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان ئاتا، مەكتەپتە مۇنەۋۋەرئوقۇتقۇچى، تەنتەربىيە مەيدانىدا بولسا تەلەپچان ئۇستاز بولۇپ كەلدى. ئەمدىلا خىزمەتكە چىققان چاغلىرىدىكى ياش، قىران مۇئەللىمنىڭ چاچلىرىنى ئاق باستى. ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدىكى قىرانلىق تەنتەربىيە ئىشلىرىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ۋە ئۈمىد-ئىستەكلەر ھېلى ھەم ئۆچۈپ قالغىنى يوق.

ئۇ يەنە ئاشۇ ئاددىيغىنە خىزمەت ئۈستىلى تونۇش بولغان تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆز يېزىسى شۇنداقلا پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدەنمەكتە...تىرىشماقتا.


2012-يىلى7-ئىيون پەيشەنبە

غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە ناھىيە


9.jpg
3.jpg
رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش