|
|
|
|
قەشقەردە تارتىلغان سۈرەتلەر
بىر ھەپتە بولۇپ قاپتۇ،ئەزىزانە قەشقەردە ساياھەت قىلىش ئۈچۈن بۇ دىيارغا قەدەم باستىم،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ گۈزەل قەشقەرنىڭ ئاۋات بازارلىرىنى،قەدىمقى تار كوچىلارنى زىيارەت قىلىپ چىقتىم،كۆرگىنىم 2يىلنىڭ ئالدىدا كەلگەن ۋاقىت بىلەن بەكلا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ،يېنىمدا فوتۇ ئاپرات بولغاچقا،بۇ يەرنىڭ قەدىمقى ئاۋات كوچىسى بولغان ئۆستەڭبويىدا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن بازارلاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى رەسىمگە تارتىپ چىقتىم،مەن كەسپىي فوتۇ ئاپراتچىلاردىنمۇ ئەمەس،شۇنداق بولسىمۇ،ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئەزىزانە قەشقەرنى ئاز-تولا بولسىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ،تارتقان رەسىملەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بىرقىسىملىرىنى،خۇسۇسەن مۇشۇ ئۆستەڭبويى ئەتراپىدا بىر قەدەر ياخشى دەپ قارالغان رەسىملەرنى يوللىدىم،بۇ رەسىمنى يوللاشنى يۇرتقا بارغاندا،يوللاشنى ئويلاشقان ئىدىم،لېكىن،ئاۋات كوچا بولغان ئۆستەڭبويىدا <<ئاپتاپ باغاقچىلىقى>>دېگەن بىر دۇكاننى ئۇچرىتىپ قالدىم،ئۇ دەل مۇنبەر ئەزاسى aptap104نىڭ دۇكىنى ئىكەن،شۇ پۇرسەتتە،بۇ مۇنبەردىشىمىزنىڭ دۇكىندا ئولتۇرۇپ،بۇ رەسىملەرنى مۇشۇ يەردىلا يوللاشنى لايىق كۆردۈم،ئەمىسە،بۇ رەسىملەردىن زوق ئالغايسىلەر.
مەنبە:فوتۇ ئاپراتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-8 02:14 AM
|
|
|
|
|
|