360 نىڭ مونوپۇللۇق قىلىشى .
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا- نيويورك ئىنتېرنىت مەسلىھەتچىلىك شېركىتى Digital Due Diligence (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ DDD دەپ ئېلىنىدۇ) چارشەنبە كۈنىدىكى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفت شېركىتى ئىزچىل تۈردە جۇڭگودىكى ئېنتىرنىت ئابونتلىرىنىڭ IE6 دىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمۈد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رىقابەت ئورنىدا تۇرىۋاتقان يەنە بىر تۈردىكى ھەر خىل IE نەشىرلىرىدىكى تور كۆرگۈچنىڭ بازاردا ئىگىلىگەن ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چى خۇ بازارغا سالغان 360 بىخەتەر تور كۆرگۈچنىڭ ھازىر جۇڭگو بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %57 كە يەتكەن.
DDD نىڭ قارىشىچە، چى خۇ بىر قاتار نورمال بولمىغان ۋاستىلەر ئارقىلىق ئابونتلارنى 360 تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىشكە جەلپ قىلغان، شۇنداقلا قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ زورايغان. (ئەسلى تېكىست: York-based Digital Due Diligence (DDD) has evidence which suggests that Qihoo has used some seriously evil tactics to rope in users to its 360 Safe Browser). تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى، چى خۇنىڭ ئاساسلىق كەسپى بىخەتەر يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش. لېكىن، كۆپ ساندىكى يۇمشاق دېتاللار ھەقسىز مەھسۇلات بولۇپ، چى خۇنىڭ بارلىق تىجارەت كىرىمى يول باشچى تور بېكەت hao.360.cn نى ۋە ئېلانلارنى چېكىشتىن كېلىدىكەن. مانا بۇ Citron ئورگىنىنىڭ چى خۇ 360 نى ئەيىپلەشتىكى مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، Citron بۇ خىل كونا ئۇسلۇبتىكى يول باشچى تور بېكەت ئۇزاققا بارالمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، چى خۇ بۇ جەھەتلەردە يامان ئەمەس بولۇپ، تەجىربىسى مول بولمىغان نۇرغۇن تور ئەھلىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىغان.
360 بىخەتەر تور كۆرگۈچمۇ كەم بولسا بولمايدىغان بىر كۆرگۈچ بولۇپ، ئۇ ئېلان چېكىشكە جەلپ قىلالايدۇ، شۇنداقلا بىخەتەرلىك سۇپىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەھسۇلات. ئۇ جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ تەجىربىسى مول بولماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، شەخس مەنپەئىتىگە ھۇجۇم قىلغان، ھەتتا ئۇلار تور كۆرگۈچكە قارىتا تاللاشنى مەجبۇرىي كونتروللىقىغا ئېلىۋالغان. (ئەسلى تېكىست: But its tactics in forcing the 360 browser upon people are unacceptable, and render it something closer to malware or spyware. It looks to be exploiting the country’s not-too-savvy web users, infringing on their privacy, and even hijacking their choice of browsers )
تۆۋەندىكىسى DDD دوكلاتىدىكى ئاساسلىق مەزمۇن:
بۇلتۇر 11- ئايدا، چى خۇ 360 تور كۆرگۈچ مىكروسوفتIE نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جۇڭگودىكى زور كۆلەملەشكەن ئېنتىرنىت تور كۆرگۈچىسىگە ئايلانغان. ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە بازار نىسبىتىنىڭ %57 نى قولغا كەلتۈرۇپلا قالماي، بەلكى رىكورت ياراتقان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغىمۇ ئېرىشكەن.
چى خۇ يەنە 360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچى يۇمشاق دېتالى بىلەن نام چىقارغان. ئۇ ئىلگىرى بىر ئەنئەنىۋى يۇمشاق دېتال شېركىتى بولۇپ، لېكىن 2008- يىلى بىخەتەر يۇمشاق دېتال سېتىشتىن ئېلان سېتىشقا يۈزلەنگەن. بۇ شېركەت ھەقسىز مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى بىلەن زور ئابونت ئاساسىنى تىكلىگەن. بىرلا ۋاقىتتا تور ئويۇنلىرى گۇرۇھى، ئېلىكترونلۇق سودا تور بېكىتى، تېلېفۇن دەپتىرى قاتارلىق دائىرىگە كېڭەيگەن. يەنە نۇرغۇن تۈردىكى ھەقسىز دېتال بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كۆزلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بولۇپمۇ دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى 360 بىخەتەر تور كۆرگۈچ ئىكەن.
نۆۋەتتە چى خۇنىڭ بارلىق تىجارەت كىرىمى يول باشچى تور بېكەت hao.360.cn نى ۋە ئېلانلارنى چېكىشتىن كېلىدىكەن، چى خۇ مۇشۇ تور بېكەتتىكى ئېلانلارنى سېتىپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا Google نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى بىلەن ھەقلىق تەمىنلەيدۇ. 2011- يىلى ئۈچۈنچى پەسىلدە، چى خۇنىڭ توردىكى ئېلانلاردىن قىلغان كىرىمى 35 مىليون100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ، ئوخشاش پەسىلدىكىدىن %227 ئاشقان، سېلىشتۇرمىسى %31 ئاشقان.
رىقابەتچىسى ئاساسىي قاتلام پائالىيىتى، مەكتەپ ئەلچىسى تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، چى خۇ ئاللىقاچان ئۇنىڭ بىخەتەر يۇمشاق دېتال ئېچىش تەرەپلەردىكى ھوقۇق ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈك بولغان سېتىش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ چىققان، تور ئەھلىنىڭ كومپىيوتىر بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئەندىشىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ تور كۆرگۈچىسىنى ئورناتقۇزۇش مەقسىتىگە يەتكەن.
360 بىخەتەر تور كۆرگۈچ قانداق قىلىپ بازاردا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن؟
1. بەلگىدىكى ئوخشاشلىق
360 بىخەتەر تور كۆرگۈچ بىلەن IE تور كۆرگۈچنىڭ بەلگىسى بەكلا ئوخشايدۇ، پەقەت 360 بىخەتەر تور كۆرگۈچنىڭ بەلگىسى يېشىل رەڭدە.
2. ئۇلىنىشنى ئاچقان ۋاقىتتا بېكىتىۋېتىلگەن تور كۆرگۈچ قىلىپ لاھىيىلەنگەن
ئابونت پاراڭلىشىش قورالىنى چەككەندە ياكى ئىلىكترونلۇق يوللانما ئۇلانغاندىن كېيىن، 360 بىخەتەر يۇمشاق دېتالى بىر دىئالوگ رامكىسىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئابونتنىڭ 360 تور كۆرگۈچنى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
3. ئابونت تەرەپكە 360 تور كۆرگۈچنىڭ IE تور كۆرگۈچكە قارىغاندا بىخەتەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن
ھەر قېتىم IE تور كۆرگۈچتە بىخەتەر نۇقسان كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، 360 بىخەتەر دېتالىنىڭ ھەممىسى كۆزنەكتە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، 360 تور كۆرگۈچنى قوللىنىشنى ئەسكەرتىدۇ. ئەگەر IE تور كۆرگۈچ بىخەتەر نۇقساننى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسا، 360 تور كۆرگۈچ ئابونتقا ئاساسىي كۆرگۈچ قىلىپ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
4. باشقا تور كۆرگۈچلەر ئاساسىي كۆرگۈچ قىلىپ ئورنىتىش رەت قىلىنغان
ئابونت باشقا تور كۆرگۈچلەرنى قاچىلىماقچى بولغان ۋاقىتتا، 360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچىسى تور كۆرگۈچنى قاچىلاشقا رۇخسەت قىلىدۇ، بىراق كۆزنەكتە ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئاساسىي كۆرگۈچ قىلىپ بېكىتىشكە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
5. 360 تور كۆرگۈچ قاچىلانمىغان سېستىمىنىڭ شەكىل چۈشۈرۈش نومۇرى بىر ئاز تۆۋەن
360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچى ئابونتى سېستىمىغا شەكىل چۈشۈرگەن ۋاقىتتا، ئەگەر 360 تور كۆرگۈچ قاچىلانمىغان بولسا، ئېرىشىدىغان نومۇرى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر ئابونت باشقا تىپتىكى ۋىروس تازىلاش دېتالىنى قاچىلاپ تور كۆرگۈچنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقچى بولسا، ئۇنداقتا 360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچىسى دەرھال رەت قىلىدۇ.
6. يۇمشاق دېتال باغلاش ۋە كومپىيوتىرغا ئالدىن قاچىلاش
360 تور كۆرگۈچ بىلەن 360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچىنى باغلاپ قاچىلاشقا بولىدۇ، دىئالوگ رامكىسىنى بىۋاستە ئىتىۋەتكىلى بولمايدۇ، كۆپ ساندىكى ئابونت پەقەت (كىيىنكى قەدەم)نى چىكىدۇ.
7. ئېلىۋېتىش تەس
ئەگەر ئابونت 360 تور كۆرگۈچنى ئېلىۋەتمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۈچ خىل تاللاشقا دۈچ كېلىدۇ مەسىلەن: ئەسلىگە كەلتۈرۈش، IE9 غا ئۆزگەرتىش، ياكى بىۋاستە ئېلىۋىتىش. ئەگەر ئابونت IE9 غا ئۆزگەرتىشنى تاللىسا، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئايرىم بىر دىئالوگ كۆزنىكى سەكرەپ چىقىدۇ دە، (كېيىنكى قەدەم) نى چەككەندىن كېيىن، 360 تور كۆرگۈچ قايتا قاچىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاساسىي كۆرگۈچكە ئايلىنىدۇ.
8. ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشى تەس
ئەمەلىي مىسالدا كۆرسىتىلگەندەك، ئابونت 360 تور كۆرگۈچنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېنتىرنىت تورىغا ئۇلانمايدۇ.
مەنبە:
http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=44853