مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3262|ئىنكاس: 50

ئادەم ئۆلتۈرۈش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 294
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8744
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 05:42:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادەم ئۆلتۈرۈش


مېھرىئاي مۇھەممەت


كۈندە كېچىسى بىرلا چۈشنى تەكرار كۆرىمەن ، قولىمدا يالتىراپ تۇرغان ئۆتكۈر تىغ ، ئالدىمدا قان جىرغىپ چىقىۋاتقان  باشسىز تەن ، قاننىڭ يىقىمسىز ھىدى خۇددى رىئالىقتەكلا بۇرنىمغا پۇرايدۇ . ئۇدا بىر ئاي كۈندە مۇشۇ چۈشنى كۆرۈپ سەل خىيالچان بۇلۇپ قالدىم ،توۋا  بۇ نېمىنىڭ بىشارىتىدۇ ،  كونىلار <قان چۈشىسە يىشىلمەيۋاتقان يەرلەر ئايدىڭلىشىدۇ >دەيدىكەن. لېكىن قانچە ئويلاپمۇ ھىچ ئايدىڭلاشقان يەرنى ھېس قىلالمىدىم.  قارا باستى دەي دىسەم تېخى ... كېچىسى ئۇخلاشتىن قورقىدىغان بۇلۇپ قالدىم.  كۆزۈم يۇمۇلسىلا ئاشۇ چۈش خۇددى كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىمىدەك قايتا -قايتا نېرۋىلىرىمنى غىدىقلايدۇ . كۈندىن- كۈنگە جىمغۇرلىشىپ گەپ قىلىشمۇ خوشاقماس بۇلۇپ قالدىم ،سەل بىكار بولساملا چۈشۈمدىكى كۆرىنىشلەر خىيالىمغا كىرىۋىلىپ قورقىنىچ باسىدۇ .
     بىر كۈنى كەيپىياتىمنى تەڭشەش مەقسىتىدە بازا ئايلاندىم . چۆرگىلەپ تاللا بازارنىڭ ئەرلەر لازىمەتلىكلىرى پەشتاختىسىغا بېرىپ قاپتىمەن.
  ھەر خىل ساقال ئىلىش ماشىنىلىرى ، تىغ ئۇستۇرا دىگەندەكلەر دىققىتىمنى تارتتى.
ئارىدىن كالتە ساپلىق تاق بىسلىق ئەپچىل بىر ئۇستۇرا كۆزىمگە تۇنۇشتەكلا كۆرۈندى ، لېكىن نەدە كۆرگىنىم ئىسىمدە يوق ، خۇددى مۇشۇنى ئىزدەپ يۈرگەندەك ئىختىيارسىز قولۇمغا ئالدىم . باھاسى مۇۋاپىق ، شەكلى كۆركەم ، قولايلىق.  لېكىن نىمىگە لازىم قىلىشىمنى بىلمەيمەن ،، شۇنداقتىمۇ ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ كېتىپ سىۋەتكە سالدىم . كىچىدە يەنە شۇ چۈشنى كۆردۇم. لىكىن بۇ قېتىم قولۇمدىكى ئەسۋاپنىڭ دەل مەن بۈگۈن سېتىۋالغان ئۇستىرا ئىكەنلىكىنى شۇنداق ئىنىق ئىلغا قىلدىم ، ئۇ غۇۋا بىر يورۇقلۇقتا سوغۇق يالتىرايتتى . بىسىدىن قان سىرغىپ تامچىلاۋاتاتتى .
بۇ چۈش زادى نىمىنىڭ بىشارىتىدۇ ؟
مەن بارغانسىرى باشقىچىلا بۇلۇپ قىلىۋاتىمەن . يالغۇز قىلىشتىن شۇنداق قوقىمەن ، چىرايىم سارغىيىپ ، ئىشتىھارىم كاملاپ كىتىۋاتىدۇ، سەۋەپسىزلا چېچىلىمەن ، يالغۇز قىلىشتىن قورققانسىرى يالغۇز قالغۇم كېلىدۇ، ئادەم خالىمايمەن ، باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشسەم كالام ھېلىدىن ھېلىغا باشقا يەرگە كېتىپ قېلىپ سۆھبەتدىشىمنىڭ نېمىلەرنى داۋاتقىنىنى ئىلغا قىلالمايمەن.  ئۇنىڭ مىدىراۋاتقان ئاغزىغا كۆزلىرىمنى يۇغان ئىچىپ قارىغىنىم قارىغان ، ئۇنىڭ توختىماي ھەركەتلىنىۋاتقان ئىڭىكى ،قۇلىقىنىڭ سەل ئاستىغا ئورۇنلاشقان لىپ- لىپ قىلىپ سەكراۋاتقان ئانا قان تومۇرى مىنىڭ كۆزىتىش ئوبىكتىمغا ئايلىنىدۇ ، چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى ، خۇددى مەلۇم بىر غايىپ مەينەت نەرسە مېنى باشلاۋاتقاندەكلا ، چوڭ مىڭەمگە ئورۇنلىشىۋىلىپ ماڭا ئەپسۇن ئوقۇۋاتقاندەكلا. ھېلىقى ئۇستىرىنى كۈندە نەچچە قولۇمغا ئالىمەن ،تۈرۈپ بوينىمغا ئاستا سۈركەپ باقىمەن ،
ھېلىقى قان تومۇرغا شارتتىدە سۈرسەم ،قانلار قايسى دەرىجىدە ئىتىلىپ چىقاركىن ؟
بوينۇمنى بويلاپ ئاستا مەيدىلىرىمگە ئاقارمۇ ،يا ئالدىمدىكى ئەينەككە فونتاندەك چاچرارمۇ ؟
نەچچە سىناپ باققىم كەلدى ، لېكىن ئويلىسام  ئۇنداق بولغاندا مەن تىزلا قانسىراپ ئۆلۈپ قىلىشىم مۇمكىن ، ئۇ چاغدا قاننىڭ قانداق چىققىنىنى تاماشا قىلىشىم مۇمكىن ئەمەسكەن. چۈشۈمدىكى مەنزىرە، باشسىز تەن ، لىكىن ئۇ مەن ئەمەس ،
توغرا ئۇ چوقۇم مەلۇم بىرى، ئەگەر بۇ مەنزىرە ئەمىلىيەتتە ئورۇندالسا قانداق بۇلار-ھە!
چوقۇم بەك قورقۇنۇشلىق ئىچىنىشلىق بۇلىدۇ ، تۇرۇپلا سىناپ باققىم كىلىپ قالدى .
خىيال بىلەن ئۇستۇرىنى ئۇيناپ ئولتۇراتتىم ، ئالدىمغا  ئىككى ئايدىن بۇيان بىقىۋاتقان ئەرمەك مۈشىگىم ئەركىلەپ ئاياقلىرىمغا سۈركىشىپ كىلىۋالدى ، ئۇنى ئاستا نېرى ئىتەردىم.  ئۇ بولسا تېخمۇ كىرىشىپ ئاياقلىرىمنى پاشىنىسىنى مورلاپ ئەركىلگىلى تۇردى ،
ئۇنى گەجگىسىدىن قاماللاپ ئىگىز كۇتەردىم ، تېرىلىرى تارتىشىپ كۆزلىرىنىڭ ئىققى چىقىپ قالغان مۈشۈك تىپىرلاپ مىياڭشىپلا كەتتى.

ئۇنىڭ سارغۇچ يۇمىلاق كۆزلىرى مېنىڭ قىزىرىپ قانغا تولغا كۆزلىرىم بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچىراشتى ، يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ كىتىۋاتاتتى ، نەپىسىم تىزلىشىپ كاللام قايغاندەك بۇلدى .قانداق بولغىنىنى بىلمەيمەن؛ ئوڭ قولۇمدىكى ئۇستۇرىنى ئۇنىڭ بۇينىغا شۇنداق چاققان كۈچ بىلەن سۈردۈمكى ،،، يۈزىمگە چاچىرىغان ئىسسىق قاندىن ئەندىكىپ كەتتىم  .توۋا بىردەمچىلىكلا ئىشكەنغۇ ، سول قولۇمدا ئازىراقلابېشى بىلەن تېنى ئارىسىدا تېرىسى تۇتۇشۇپ قالغان مۈشۈك تېنى جىممىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى.
ئۇنڭغا قاراپ شۇنداق ئۈچلىكىم كەلدى ،يىرگەنگىنىمچە چىرايلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۇنى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋەتتىم.ئەينەككە قارىسام يۈزىمدە نۇرغۇنلىغان قان دانچىلىرى ئۇيۇپ قاپتۇ .
  شۇنچىلىكلا ئىشكەنغۇ ، لېكىنزە تازا خۇماردىن چىقمىدىم ، مۈشۈكنىڭ قېنى ھەم ئاز ھەم يىرگىنىچلىكەن ، يۈزۈمنى يۇغىچە قاتتىق ھۆ تۇتۇپ ياندۇرۇپ كەتتىم.
ئەمدى يۈزۈمنى يۇيۇپ تازلىق ئۈيىدىن چىقىشىمغا تېلفۇن ئەنسىز سايراپ چۆچىتىۋەتتى .پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى ، تىتىرەپ تۇرغان ھالدا تورۇپكىنى ئىلىپ قۇلىقىمغا يىقىن ئەكەلدىم .قارشى تەرەپتىن يىگىتىمنىڭ يىقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى .
-ھەي بارمۇ سەن ، تاماق يىدىڭما ؟
(تاماق)سۆزىنى ئاڭلاپلا يەنە كۆڭلىم ئاينىغاندەك بولدى ،
-ھۆ
تۇرۇپكىنى قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تازلىق ئۈيىگە چاپتىم ، شۇنچىلىك قاتتىق ياندۇردىمكى ئىچ-باغرىم تاس قالدى ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكىلى.
ئۆزەمنى ئاران تەستە بېسىۋىلىپ چىقىپلا ساڭگىلاپ تۇرغان تۇرۇپكىغا قاراپ چۆچۇپ كەتتىم .
ئىلىپ تىڭشىسام ئاۋاز يوق ، دەرھال قايتۇرۇپ ئۇردۇم ، تېلفۇ ن شۇنداق تىز ئۇلاندى ، ئۇ يولدىكەن ، ئەنسىزلىك چىقىپ تۇرغان ئاۋازىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك جىددىلەشكىنىنى ھىس قىلدىم.
-مىجەزىڭ يۇقمۇ ؟ مەن ھازىرلا بارىمەن ، تاماقنى ۋاختىدا يىمەي ئاشقازىنىڭدىن چاتاق چىقتىمۇ ئەمدى!- دىگەندە تەنبىھ ئارلاش كۈيۈنۈشلىرىدىن يۈرىكىم ئىرىپلا كەتتى ،
ئۇنى قانداق خاتىرجەم قىلىشىمنى بىلمىدىم ، پەقەت
-ھە، كەلمىسىڭىزمۇ بۇلاتتى، چۇڭ ئىش يوقتى ، دىيەلىدىم .لىكىن ئۇ ئۆيگە ئاز قاپـتۇ.
تۇرۇپكىنى قويۇپ قارىسام كىرىسلونىڭ يېنىدا بايا مۈشۈكتىن چىققان قان قاپ -قارا بېغىردەك ئۇيۇپ قاپتۇ ،
دەرھال بىر داس سۇ چوتكىلانى ئەكىلىپ ئالمان -تالمان تازلاشقا باشلىدىم ، شۇنداق تىز كۈچەپ چوتكىلاپ ئاران يىغۇشتۇرۇپ بولدۇم ، ئەڭ ئاخىرقى قىتىم سىنچىلاپ قاراۋاتاتتىم، قالغان قان ئىزى بارمۇ يۇقمۇ دەپ ، ئىشىك قوڭغىرىقى جىرىڭلىدى. دېمەك ئۇ كەلگەنىدى .
ئەينەكتىكى سارغايغان چىرايىمغا قارىۋىتىپ ئىشىكنى ئاچتىم .
ئۇ ئالدىراش كىرىپ قولىنى پىشانەمگە قويدى ،
-قىزىمىغانسەن ، زادى نىمە بولدۇڭ ، دوختۇرغا بارايلى !
مەن ئىنكاسسىز ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇراتتىم ،
ئۇنىڭ تولا قىرىلىپ كۆكرىپ قالغان ئىڭەكلىرى ، تىنماي لىپىلداۋاتقان بۇغدىيىكى، يەنە ھىلىقى مەن ئەڭ قىزىقىدىغان جاي، كۆزلىرىم ئۇ جايغا چۈشكەندە يۈرەكلىرىم ئويناقشىپ كەتتى ،
بايا چالا قالغان خۇمارىم يەنە تۇتىۋاتقاندەك قىلاتتى ، مەن نىمە خىيالدا ئۇ نىمە كويدا ،
مېنىڭ جىممىدە تۇرۇشىم ئۇنىڭدا تېخمۇ ھىسداشلىق تۇيغۇسىنى ئويغىتىۋەتتى بولغاي ،
ئاغزى تىنماي سۆزلەيتتى ، لىكىن نىمىلەنى داۋاتقىنىنى پەققەت ئاڭقىرالمىدىم ،
كۆزلىرىم ئۇنىڭ ئاشۇ جان تومۇرىدىن پەققەت ئۈزۈلمەيتتى ،
ئۇ سۆزلىگەچ مېنى يۇلەپ مېھمانخانا ئويگە ئەكىردى ، ئاندىن چاي قاينىتىپ چاي دەملىدى ، قىزىق چاي شۇنداق خۇشياقتى ، ئارقا -ئارقىدىن 3 پىيالە ئىچىۋىتىپتىمەن ، چىكەمدىن پۇرقىراپ تەر چىقىپ كەتتى ، سەل ئۆزەمگە كەلگەندەك بولدۇم ،باياتتىن ھەيكەلدەك قىتىپ ئولتۇرۇپ ئاغزىم گەپكىمۇ كەلمىگەن، ئەمدى ئۇنىڭغا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،
-رەخمەت .-دىدىم ،
-ۋاي، ماڭا يوق گەپنى قىلما !
ئۇ كۆزلىرىمگە مېېھرى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ مېنى ئۆزىگە تارتتى ......
تۈن كېچە ، يەنە شۇ چۈشنى كۆرۈپ قارا تەرگە چۆمۈلۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ،يىنىمدا ئۇ تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى .ئۇنىڭ كۈچلىك بىلەكلىرىنى، ئاستا پەم بىلەن قايرىپ قويۇپ پەسكە چۈشتۈم ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ ۋانىغا سۇ ئىچىۋەتتىم ، يۈز يۇيۇش سۇپىسىدىكى ھىلىقى ئۇستۇرا يەنە شۇنداق سوغاق يالتىراپ تۇراتتى.
شالدىرلىغان سۇنىڭ ئاۋازىدىن ئويغانغان يىگىتىم ئارقىمدىن كىرىپ كەلدى، ئۇيقىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى چىراق نۇرىدا تەستە ئىچىپ ماڭا قاراپ كۆلۈپ كەتتى ،
- ھەي بۇ كىچىدە نىمە قىلىۋاتىسەن ، ماڭا سۇ تەييارلاپ بالدۇرلا يولغا سالاي دىگەنما ؟
ئۇنچە ئاسان ئىش يوق ،
ئۇ ماڭا يەنە چاپلاشتى ،شۇنچە ئۆزەمنى تارتساممۇ مەڭزىم ئۇنىڭ كۈچلىك سوقىۋاتقان قان تومۇرىغا تىگىپ كەتتى ، شۇنچە ئىنىق ھېس قىلدىم ،زەرىب بىلەن تىپچەكلەپ سوقىۋاتقان يۈرەكتىن ،ئايلىنىپ چىقىۋاتقان قان بىسىمىدا ،بۇ تومۇر مېنى ئۇزىگە شۇنداق جەلىپ قىلدىكىن ،قانداق قىلىپ ھىلىقى ئۇستۇرىنى ئالغىنىمنى بىلمەيلا قالدىم .
شۇنچە سىللىق، شۇنچە سالماق ،شۇنچە تەبىئى.
ئۇ نىمە بولغىنىنى سەزمەيلا قالدى ، ئاخىرى يۈزلىرىمگە شىددەت بىلەن ئوتتەك قىزىق قانلار چاچىرىدى ،ھەتتا ئاغزىمغا لىققىدە توشۇپ كەتتى ،تۇزلۇق بۇ سۇيۇقلۇق ئاجايىپ بولىدىكىنا؟ ئۇنىڭ ھالسىزلىنىپ كەتكەن يېرىم يالىڭاچ گەۋدىسىنى ئاستا ئىتەردىم . ئۇ ھەيرانلىقتا چەكچەيگەن نۇرى ئۆچىۋاتقان كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە ۋاننىغا يىقىلدى، مەن ئاغزىمدىكى قاننى تۈكىرىۋىتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم ، بوينىدىن ئاققان قان كەڭ كۆكرەكلىرىنى بىر كەلتۇرۇپ ۋانىدىكى سۇنى قىزىل رەڭگە بوياۋاتاتتى ، ئۇ شۇنچە زەئىپ ئىغىر تىنماقتا. تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى .سۆيۈملىكىم قانچە قىينىۋاتقاندۇ، ئۇنى بۇ ئازاپتىن بىراقلا خالاس قىلاي، دەرھال ئاشخانا ئويدىكى تارتمىدىن ئۈتكۈر بىر پىچاقنى ئەپ چىقتىم.ئۇنى ۋانىغا رۇسلاپ ياتقۇزۇپ خارىكىگە ئۇدۇللاپ پىچاقنى سۈرۈشكە باشلىدىم .ئۇ شۇنچە ئىچىنىشلىق چىقىراپ تىپچەكلەپ كەتتى ، ئۇ تىركەشكەنسىرى مەن شۇنچە كۈچۈمگە كېلىۋاتاتىم ، ئاخىر ئۇ جىم بولدى ، مەنمۇ شۇنداق چارچىدىم. قولۇمدا ئۇنىڭ بۇدىرا چاچلىرى چىڭ سىقىمداقلىق ، چالا ئۈزۈلگەن خارەكتىن ئاجايىپ بىر خىل خاقىرىغان ئاۋاز كىلەتتى ،
قانسىراپ تولىمۇ تەستە سوقىۋاتقان يۈرەك ئاخىرى جىمىقتى.
ۋانا ئەتىراپى غىچىدە قان ،،، ۋاننىدىمۇ لىققىدە قان ، قولۇمدا كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغان ، نۇرى ئۆچكەن ، سارغايغان كاللا، تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغىرىقى ئارقا ئارقىدىن جىرىڭشىپ ئەنسىز دوپىرلىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى .
ئاھ خودا ،،،، خومادىن چىققاندەك بولدۇم. باشنىڭ ئۈزۈلمەي قالغان قىسمىغا كۈچەپ تۇرۇپ بىر پىچاق ئۇرۇپلا ئۇزىۋالدىم دە ، پىچاقنى ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئۇدۇللاپ زەرىب بىلەن سانجىپ ئۈزۈلگەن باشنى تەننىڭ مەيدىسىگە ئاۋايلاپ قويۇپ قويۇپ ئىشىكنى ئاچقىلى تەييارلاندىم ...



2009.8-ئۈرۈمچى

مەنبە:
شورۇق مۇنبىرى

مىللەت قىزلىرىنىڭ ھاياسى شۇ مىللەت يىگىتلىرىنىڭ قولىدا!  ئۆزەڭ بۇزۇپ، ئۆزگىنى بۇزۇق دىيىشكە نىمە ھەققىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22601
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7198
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 08:39:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايېم   ئېشېڭېز نې  ئاسان  قېلا  .يامان  چۇش  شەيتان  .تەرەپتېن  بولدۇ  .

سۆزلىرىم ئاشكارە
سىرلىرىم پىنھان
قەلبىمنى چۇشەنمەس
ھىچقانداق ئىنسان

شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4395 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 08:47:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇپسېرېق ساراڭنىڭ تەلۋىلىكى ئىكەن بۇ،،،، بولسا چەتئەللەرنىڭكىدەك قىلىپ ۋەقەلىكنى يەنە ئۇزراتىپ قورقۇنۇچلۇق  فىلىم قىلىپ ئىشلىسىمۇ بولغۇدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64343
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4294
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 08:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نىمىداق غەلىتە ئادەمنىڭ قوققىسى كىلىدىكەن  يىرگىنىشلىك

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 08:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
这个杀手不太冷   دىگەن كىنو يادىمغا يەتتى .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئۆزەڭنى سۆي!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50331
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 09:03:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى قورقۇتۇپ نېمانداق نەرسىنى يوللايدۇ ؟ كېچىدە ئەمدى مىنىمۇ قارا باسىدىغان بولدى، يۇركىم ئاجىزلاپ قالدىغان بولدى دىسە.............

پەقەت ئۆزەڭنى سۆي ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيشىگە ئىرشەلەيسەن.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11430
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 09:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇيغۇر يازغان ئەسەرما ؟

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1700 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 09:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سول تەرەپكە ئۈچ قېتىم تۇكۇرۋىتىپ بۇنداق چۈشنى ھېچكىمگە دىمىسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 819 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 09:35:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئادەمنى زەھەرلەيدىغان نەرسىنىمۇ تەستىقلامدۇ دەيمە باشقۇرغۇچىلار؟؟؟ئىنىق شەيتان.ئىگەللىۋالغان قىزكەن بۇ قەلبىنى . چاكىنا ،تىتىقسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80914
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2012-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 09:37:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق ۋەھشىي قىزبالا_بۇ.........................نېرۋىسىدىن ئادىشىپتۇ_ئۇ

تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش