نارىن
خام ماتىريالى: ئۇن ، قوي گۆش ، تۇخۇم ، زەنجىۋىل بىر باش، پىياز ئىككى تال، سەۋزە،چامغۇر.
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز ،قارىمۇچ بىر چىمدىم،زىرە ئازراق،
تەييارلاش ئۇسۇلى:چىڭراق خېمىر يۇغۇرۇپ تەييارلىۋالىمىز.
گۆشنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا پارچىلاپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىىغاندا كوپۇكلىرىنى ئېلۋېتىپ.چامغۇر،سەۋزىلەرنى پۈتۈن سېلىپ، پەس ئوتتابىر سائەت ئەتىراپىدا قاينىتىپ سۇزۋالىمىز.
تىنغان خېمىرنى نېپىز يېيىپ، 15مىنۇت شامالدىتىپ،كىسىمىز (نىپىز كەڭرى، قۇشقاچ تىلى)كېسىپ تەييارلىۋالىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى:قازانغا گوشنىڭ سۇيىنى نارىن چوپى چوككىدەك قۇيۇپ نارىن چوپىنى سېلىپ 5مىنۇت قاينىتىلىدۇ. نارىپ چوپى پىشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ، لېگەنگەبىركىشلىك بولسا قاچىغا ) ئېلىپ قويۇلىدۇ)
شورپىنىڭ ئىشلىتىلمىگەن سۇزۇك شورپىسىغا گوش،چامغۇر،سەۋزە،پىياز ئۇششاق توغۇرۇلۇپ تۇز سېلىپ ئازراق قارمۇچ،زىرە سېلىپ تەمىنى تېتىپ نارىن چوپىنىڭ ئۇستىگە ئازراق قۇيىلىدۇ مۇۋاپىق ئاشكۇكى سالساقمۇ بۇلىدۇ
ئالاھىدىلىكى
گۆش كۆپ، شورپىلىق، تەملىك ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالاھىدە ئېسىل تاماقلاردىن بىرى.
يانداش: نارىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئۇمۇملىشىپ قالماستىن قازاق ،ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئىتىمال قىلىدۇ. ھەم ئوز رايۇنىغا ئاساسەن تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ .مەسلەن ئاتۇش نارىنى
،كۇچار نارىنى،قازاق نارىنى دەپ ھەر بىر خىلىنىڭ ئوز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى ۋە تەمى ئالاھىدىلىكى بار