ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مۆھتىرەم مىسرانىم ئەھلى ، قانداق ئەھۋالىڭلا ؟
ھەممىمىزگە مەلۇم ئۆلكىلىك ،رايونلۇق تېلۋىزىيە ئىستانىسسىلىرى شۇ ئۆلگە رايۇننىڭ ئەڭ نوپۇسلۇق ،تەشۋىقات ،ئاخبارات ،مەدەنىيەت مەركىزى . شۇڭلاشقا ھەر جايلىق ھۆكۈمەت شۇ رايوننىڭ تېلۋىزىيەلىرىگىمۇ بەلگىلىك سالماقتا كۆڭۈل بۆلىدۇ .لىكىن شۇ رايۇندا ياشاۋاتقان خەلقمۇ ئۆز يېرىنىڭ تېلۋىزىيەسىگىمۇ تۈرتكلىك نەزەر سىلىپ ،كۆڭۈل بۈلۈپ تۇرىدۇ .
ئۆزۈم ئىچكىرىدە بولغانلىقىم ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا تېلۋىزور كۆرەلمەيمەن ،كۆرگەن تەقدىردىمۇ شىنجاڭ تېلۋىزىيەسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىم بەكلا ئاز ھەتتا يوق دىيەرلىك ،پەقەت بەزى مىھمانخانىلاردا ھازىرقى سىگنال قۇبۇللىغۇچ بولسا كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولىدۇ . يىقىنىدا بىر ئاغىنەمنىڭ چىشىنى داۋالاتقىلى بىر چىش دوختۇرخانىسىغا كىردىم . دوختۇر ئۇنىڭ چىشىنى داۋالاۋاتاتتى ،مەن سىرتتا ئۇنى ساقلاپ تۇراتتىم . كاسسىر قىزچاق مىنى زىرىكىپ قالمىسۇن دىدىمۇ ،
- خالىساڭ تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇر ،بىزدە شىنجاڭنىڭ قاناللىرى بار دىدى . مەن ماقۇل دەپ تېزگىنەكنى ئىلىپ قانال يۆتكەپ ئاخىرى XJTV-2 نى تاپتىم قارىسام تېلىۋىيە تېياتىرى بىرىۋىتىپتۇ . شۇنداقتىمۇ يوقتىن ياخشىدە كۆرۈپ ئولتۇردۇم . بىر چاغدا ئىلان باشلاندى . زىرىكىپ ئولتۇرۇپ توساتتىنلا تېلۋىزىيە بەلگىسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . چۈنكى بەلگە يەنە ئۆزگەرگەن ئىدى . ھەرقانچە ئويلاپمۇ بۇ بەلگىنىڭ شىنجاڭ بىلەن ھىچقانچە مۇناسىۋىتى يوقتەك ھىس قىلدىم . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مىكرو بلوگدا مۇشۇ بەلگە توغىرىسدا ئۇچۇر يوللىنىپتۇ ، بەزىلەر مەن بىلەن ئوخشاش قاراشتىكەن ،بەزىلەر:
- قارىماققا ئىشلىتىپ تاشلىۋەتكەن تازىلىق قەغىزىگە ئوخشاپ قالىدىكەن - دەپتۇ.
مىنىڭ شۇ بەلگىنى لاھىيىلىگۈچىدىن ، تەستىقلىغۇچىدىن سورىغۇم بار
بۇ بەلگە نىمىگە سىمول قىلىنغان ؟
ئەمدى شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى بەلگىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى :
مانا بۇ مەن كىچىك چاغدا بار بەلگە ئىدى . دائىم پروگرامما باشلانغاندا بۇ بەلگە چىقاتتى ، ۋە ئاۋۇ تاغ سىگنال تارقاتقاندەك يۇمىلاق چەمبەرلەر توختىمال كىچىكتىن كىڭىيىپ خۇددى سو دولقۇنلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى .
كىيىنچە بۇ بەلگىگە ئالماشتى . بۇ بەلگە خىلى چىرايلىق لاھىيەلەنگەن بەلگە .XJ ھەرىپلىرى ئۆز ئارا جىپسىلاشقان ، قارىماقتا دىيارىمىزدىكى تاغ دەريا ، ئەتلەس قاتارلىق ۋەكىلىك نەرسىلەرگە سىمول قىلىنغاندەك قىلاتتى .
ئاندىن بۇ بەلگىگە ئالماشتى . قارىماقتا بۇ شىنجاڭ دىگەن ئىسىمنىڭ XJ ھەرپلىرىنى بىر - بىرىگە باش ئەگدۈرۈپ لاھىيەلەنگەندەك تۇرىدۇ . بۇنىڭمۇ نىمىگە سىمول قىلىنغانلىقىنى بىلەلمىدىم .
ئەمدى ماۋۇ چىقىپتۇ .
مىنىڭ يەنە بىر سوئالىم :
تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدىكى رەھبەر نىمىشقا شىنجاڭ خەلىقىگە ۋەكىلىك قىلىدىغان تېلۋىزىيە ئىستانىسىسنىڭ بەلگىسىنى ئۆز مەيلىڭلارچە ئۆزگەرتىسىلەر . ئەگەر ئۆزگەرتىش لازىم بولسا تېلۋىزىيە ياكى تور ياكى مىكرو بلوگ ئارقىلىق خەلق رايىنى سىناپ ، بولسا كەڭ ئاۋامغا لاھىيەلىتىپ ئاندىن ئاۋازغا قۇيۇپ تەستىقلىمايسىلەر ؟
مەنبە : ئۆزۈم ۋە ئىنتېرنىت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا k.k.k تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-6 09:03 PM