مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 33190|ئىنكاس: 217

ئىپپىتىنى ساتمىغان قىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20454
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8239 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 05:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز


ــ زەيتۇنە ساڭا تېلېفۇن كەپتۇ .ـ دېدى، ماھىرە سىنىپقا كىرە- كىرمەي زەيتۇنەگە قاراپ . زەيتۇنە چاچراپ،ئورنىدىن تۇرۇپ تېز – تېز قەدەم ئېلىپ كارىدۇردىكى تېلىفنغا قاراپ ماڭدى .

ــ ۋەي.........! - زەيتۇنەنىڭ تېلېفۇن  تۇتقان قوللىرى بۇشۇشۇپ كەتتى. بېشى قېيىپ پۇت قوللىرىدا جان قالمىدى. ئۇ ئاستا مېڭىپ ئاران دېگەندە سىنىپقا كىرىپ ئۇرۇندۇققا ئۇلتۇردى – دە شىرەگە يۆلىنىپ قالدى.ئۇنىڭ قاش تېشىدەك سۈزۈك چىرايى بىردىنلا سارغىيىپ كەتتى.  

   ــ نىمەئىش بوپتۇ ؟ كىمكەن ؟ - دېدى ماھىرە زەيتۇنەنىڭ روھى ھالىتىنى كۆرىپ تىت-تىت بولغان ھالدا . بىراق زەيتۇنە « ھېچ ئىش يوق »دېدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا گەپ قىلغۇدەك ھالىمۇ يوق ئىدى .

   زەيتۇنە ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچۈنجى يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقان قىز بۇلۇپ مۇشۇ ماۋسۇم ئاياقلاسا تۆتىنچى يىللىققا چىقاتتى.  دادىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن ئانىسى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقىدىن كىسەلچان بۇلۇپ قالغان، يەنە بىر ئىنىسى بولسا تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقۇۋاتاتتى . بىچارە ئانا باللىرىنى ياخشى كۈن كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇقۇمايمىز دېگىنىگە قارماي جاپا تارسىمۇ ئىككى بالىسىنى بىرنىمىلەرنى قىلىپ ئۇقۇتۇۋاتاتتتى. مانا بۈگۈن زەيتۇنەنىڭ ئانىسىنىڭ كېسلى ئېغىرلىشىپ قېلىپ زەيتۇنەنى چاقىرتىپ تېلىفۇن ئۇرغان ئىدى. زەيتۇنە ئائىلىسىنىڭ تۈۋرىكى بولغان ئانىسىنىڭ كىسلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتتى. دېمىسىمۇ بۇبىر جۇپ قېرىنداشنىڭ شۇ بىر ئانىسىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئىدى. بۇلار ئۆز تۇرمۇشىنى ئانىسى بولمىغان ئەھۋالدا تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

  زەيتۇنە بىر ئاز ئىسىنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاققا ماڭدى . ماھىرە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى .

ــ زادى نىمەئىش بولدى بىر دېگىنە ئۈتۈنەي – دېدى ماھىرە ئۇنىڭغا سۇڭدىشىپ مېڭىپ .

ــ ئانامنىڭ كېسلى ئېغىرلىشىپ قاپتۇ، شۇڭا مېنى چاقىرتىپتۇ . – دېدى زەيتۇنە سۇلغۇن سالدا .

  ــ خۇدايىم شىپالىق بېرەر ئۇنچە جىددىلىپ كەتمە ئۆزىڭنى ئالدۇرۇپ قۇيسەن. – دېدى ماھىرە ئۇنىڭغا تەسەلى بېرىپ . ئۇلار ئۈن تىنسىز ياتاققا كىرىشتى.

ئەزمەت بىلەن كۈرشۈپ ماڭمامسەن ؟ - دېدى ماھىرە زەيتۇنەگە قاراپ

ــ بولدى قىلە ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىدەك نە ھالىم بار مېنىڭ.-دېدى زەيتۇنە.

ــ بېرىپلا خەۋىرىنى بېرۋەت ئەنسىرەپ قالىمىز .-دېدى ماھىرە زەيتۇنەنى ئۇزۇتۇپ چىقىپ .

  زەيتۇنە ئۆيگە كەلگەندە ئۆيىنىڭ ئالدى پاكىز تازلانغان كونىراپ كەتكەن ھويلا تاملىرىنىڭ بىر نەچچە يېرى زەيلەپ ئۇۋۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ زەي تۇپىسى پاكىز سۈپۈرۈپ ئېلىۋېتىلگەن،  ئاددىغانە دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنى زەيدىن ئۇلداپ كەتكەن بۇلۇپ يېڭىدىن سۇۋاپ قۇيۇلغان ئىدى. ئۆينىڭ قىيا ئۇچۇق ئىشكىدىن ئۆيدىكى بىرمۇنچە ئادەمنىڭ كۆرىپ زەيتۇنەنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ كەتتى-دە ئۆيگە ئۆزىنى ئاتتى.   ئۇنىڭ ئانىسى ھەسەلخان ئاچا ئاساسەن ئادەم تۇنۇمۇغۇدەك بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ بىرنەچچە يۇرۇت چوڭلىرى ئۇنىڭ بېشىدا ئۇلتۇراتتى .بۇنى كۆرىپ زەيتۇنەنىڭ يۈرۈكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالدى .  زەيتۇنە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئانىسىنىڭ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان نىمجان تېنى ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي  بۇقۇلداپ يىغلاپ يۈزلىرىنى ئانىسىنىڭ گۆشسىز يۈزلىرىگە يېقىپ ئۇنىڭ قارىيىپ كەتكەن يۈزلىرىگە سۆيدى. زەيتۇنەنىڭ  كۆزىدىن ئاققان ياشلار ئانا بالا ئىككىسىنىڭ يۈزلىرىنى يۇيۇپ ھۆل قىلىۋەتتى. بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ئىنىسى مۇھەممەتمۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ ئاچىسىغا ئېسىلدى. زەينەپ شۇندىلا ئىنىسىنى ئىسىگە ئېلىپ ئۇنى باغرىغا بېسىپ ئۈن قۇيۇپ يىغلاپ كەتتى ئۆيدىكى باشقىلارمۇ بىر ئاز كۆز يېشى قىلىشقاندىن كىيىن زەيتۇنە گە تەسەللى بىرىپ يىغىدىن توختاتتى.

ــ  دوختۇرغا ئاپىرايلى – دېدى ، زەيتۇنە كەچتە ئىنىسىگە قاراپ قەتئىلىك بىلەن .

ــ يېزلىق دوىتۇرخانىدىن تېخى ئاخشام قايتۇرۇپ كەلدۇق ، ئۇلا «ئۆيگە ئەكىتىپ ياخشى قاراڭلار ياكى بولمىسا ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ چوڭراق دوختۇرخانىلارغا كۆرسىتىپ بېقىڭلار»  دەيدۇ. بىراق پۇلنىڭ ئىشىنى بىرنىمە قىلالماي سېنى چاقىرىتتم بولمىسا سېنىڭ ئۇقۇشۇڭغا تەسىر يەتكۈزگۈم يوق ئىدى . – دېدى ئىنىسى ئىسەدەپ تۇرۇپ .

  ــ ۋاي مېنىڭ باغرىم مېنى چاقىرىتماي قانداق قىلاتتىڭ ئەمسە جېنىم ئۇكام ـ زەيتۇنە ئىنىسىنى باغرىغا بېسىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ . ئۇنىڭ بەدەنلىرى پىغانلىرىنى سىغدۇرالمىغاندەك سىلكىنىپ- سىلكىنىپ كۆز ياشلىرى كۆز چانىقىغا پاتمايتتى.

ــ مەن كەنىت باشلىقىدىن سوراپ باقاي  ھەرقانچە بۇلۇپ كەتسىمۇ بېرىپ تۇرار – دېدى زەيتۇنە ئىسەدەپ تۇرۇپ.

ــ ئۇ ئادەم بېرەمۇ ؟ - دېدى مۇھەممەت خۇددى ئۆزىگە – ئۆزى سۆزلەۋاقاندەك .

ــ بېرە بەرمىسە باشقا بىر يولىنى قىلارمىز لېكىن قانداقلا بولمىسۇن . ئانامنى چۇقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىشىمىز كېرەك.- دېدى زەيتۇنە ۋە  ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ كەتتى.

زەيتۇنە كەنىت باشلىقىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بۇلۇپ كەنىت باشلىقى ئىككى بالىسى بىلەن تېلىۋۇزۇر كۆرىپ ئولتۇراتتى.

ــ ۋوي....ۋوي.... ! كېلىڭ زەيتۇنە كېلىڭ!  قوپە مەدى ئاچاڭغا كۆرپە سال – دېدى كەنىت باشلىقى ھەم جىددىلىشىپ ھەم تەمتىرەپ ئۇنىڭ نىمىگە مۇنداق ھۇدۇقىدىغانلىقىنى زەيتۇنەمۇ بىلەلمەي قالدى.

ــ ئۆيدە بالىلارنىڭ ئانىسى يوق . سەل قالايمىقان كۆڭۇلىڭىزگە ئالماڭ خېنىم – دېدى كەنىت باشقىلىقى ئۆزىگە ياراشمىغان ياسالمىلىق بىلەن.

ــ ھېچقىسى يوق غالىپكا  بىر ئوبدان تۇرمامدۇ مانا- دېدى، زەيتۇنە ئۆزرە قۇيۇپ .

ــ باللىرىم قۇپۇپ تاپشۇرۇقۇڭلارنى ئىشلەڭلارـ دېدى كەنىت باشلىقى غالىپ زەيتۇنەنىڭ كېلىش مەخسىدىنى ئاللىقاچان پەملەپ .

ــ غالىپكا- دېدى زەيتۇنە ئۆيدە كەنىت باشلىقى بىلەن يالغۇز قالغان زەيتۇنە سەل جىددىلىشىپ. ـ بىلىسىز ئانامنىڭ كېسىلى ئېغىرشىپ قالغاچقا مەن كەلدىم بىراق ئۆيدە دەمالىلققا پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە بولمىغاچقا ...ئۆزلىرىنى

ــ بولدى بولدى سىڭلىم مەن ھەممىنى چۈشەندىم .- دېدى غالىپ زەيتۇنەنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ گېپىنى بۈلۈپ . ھازىر سېرىقتال مەزگىل كەنىتتە ھەممەيلەننىڭ ھالى ياخشى ئەمەس ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىڭىزنى يۇقۇرى دەرجىلىك دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بارسا نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ . بۇنى ھەل قىلىشمۇ بىر گەپ – غالىپ زەيتۇنەنىڭ غېمىگە غەم قۇشۇپ ئۇنىڭغا نەلەردىن قىيىن تاقاقنى سېلىۋاتاتتتى.

ــ دوختۇرخانىدىن كەلگەندىن كىيىن ھۆكۈمەت ئات چوت قىلىدىغۇ كەملەپ قالغىنىغا يېرىمىزنى سېتىپ بولسىمۇ تۆلەيتۇق. بىر ئامال قىلىپ بەرگەن بولسىلا ئانامنى شۇنداقلا قۇيۇشقا پەقەت كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ. ـ قىزنىڭ يىغلامسىراپ يالۋۇرۇشلىرى كەنىت باشلىقىنىڭ يۈرەكلىرىنى سۈيۈندۈرۋەتتى .

ــ ئەمسە مۇنداق قىلايلى ـ ئۇ قۇپال قوللىرىنى زەيتۇنەنىڭ يىمىش جىگدىنىڭ نوتىسىدەك يۇمران قوللىرىغا ئۇزاتتى. زەيتۇنە قوللىرىنى ئىتتىك تارتىپ ئورنىدىن قوزغۇلۇپ سەل سۈرۈۈلۈپ ئولتۇردى .

ــ ھە...ھە... ـ دېدى ئىشنىڭ تېخى بالدۇرلىقىنى سەزگەن كەنىت باشلىقى تۇخۇ چۆجىسىنى كۆرگەن قېرى ئىتتەك شالىسىنى غۇرتتىدە يۇتۇپ – مۇنداق بولسۇن ھەسەلخان ئاچىمىزمۇ جاھاندا تېپىلغۇسىز ياخشى ئايال . بۇ ئايال ئاغرىپ قالسا بىزمۇ قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. شۇڭا ئەتە كىشلەر بامداتتىن يانغاندا مەن بىر نەچچەيلەن بىلەن كۆرشىپ ھېچ بولمىغاندا 10000 كوي راسلاپ بېرەي سىلەر تەييارلىقىڭلارنى قىلغاچ تۇرۇڭلار .

ــ مۇنچۇلا جىق بولمىسىمۇ بولىدۇ. غالىپكا

ــ ئاھاي نىمە دەيدىغانسىز چوڭ شەھەردە پۇل بولمىسا بولمايدۇ. قاراڭ بۇ پۇللارنى مەن باشقىلاردىن  ئۆز نامىمدا قەرىز  ئالىمەن . سىزگە لازىمكەن دېسەم بەلكىم بەرمەسلىكى مۇمكىن شۇڭا مەن ئۆزىمنىڭ نامىدا ئېلىپ سىزگە بېرمەن پەقەت بولمىغاندا ئەتە پىشىمگە قۇلىڭىزغا تەككۈزىمەن . ئەسلى ئەتىگەندىلا تەييارلاپ بەرسەممۇ بولاتتى، بىراق ھازىر كىشلەر يېنىدا نەخ پۇل ساقلىمايدىغان بۇلۇپ كەتتى. ھەممەيلەن بانكىدا قۇيۇشىدۇ شۇڭا بانكىدىن ئاجىرتىپ كەلگۈچە سەل ۋاقىت كېتىدۇ ـ دېدى غالىپ قىزنىڭ مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىپ گەپنى ئىمكان بار ئۇزارتىپ

ــ بۇلىدۇ ئەمسە غالىپكا بىزگە يامان ۋاختا ئەسقاتتىڭىز مەن سىزگە چۇقۇم ياخشى رەھمەت ئېيتىمەن . ـ دېدى زەيتۇنە غالىپقا قاراپ تۈۋەنچىلىك بىلەن تەلمۈرۈپ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ غالىپنىڭ شۆلگەيلىرى يەنە بىر قېتىم ئاقتى .

خۇداغا شۈكرى  غالىپكام ھەرنىمە بولسا ياخشى ئادەم جۇمۇ كەنىت باشلىقى باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ .قانداقمۇ قىلاتتىم بولمىسا زەيتۇنە شۇ خىياللارنى قىلىپ كۆڭلى تىنغان ھالدا ئۆيىگە قايتتى.

ــ قانداق بولدى ئاچا؟ دېدى تەقەززالىق ئىچىدە ساقلاپ ئولتۇرغان مۇھەممەت ئاچىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ .

ــ غالىپكام ئەتە تەييارلاپ بېرمەن كىچىككەندىمۇ پىشىم بىلەن تەييار بولىدۇ ، سىلەر تەييارلىقنى قىلىۋېرىڭلار دەيدۇ.-دېدى زەيتۇنە ئىنىسىگە قاراپ.

ــ بەك ياخشى بوپتۇ ئاچا ـ دېدى مۇھەممەت ئاچىسىنى قۇچاقلاپ ئاچىسىمۇ بۇ سۈيۈملىك چىرايلىق ئىنىسىنى مېھرى بىلەن قۇچاقلىدى كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشكەندەك بۇلۇپ .

ئۇ «ئۇكام ئۇچاقنىڭ ئۇتىنى كۈچايتىپ قويغىن»دەپ سۇپۇرنۇ يېيپ ئاش تاختا نوغۇچنى ئېلىپ بايا يۇغۇرۇپ قۇيۇپ كەتكەن خېمىزنى ئاشتاختىغا ئېلىپ ئەيلەشكە باشلىدى.

زەيتۇنە چاشتەك كەسكەن ئۈگرىنى قازانغا سېلىۋاتقاندا مۇھەممەت ئىككى تال تۇخۇمنى كۆتىرىپ قازان بېشىدا پەيدا بولدى.  تۇنۇگۈن ئايشەمخان ھاممام بىر نەچچە تۇخۇمنى كۆتىرىپ ئانامنى يوقلاپ كىرىپتىكەن . بۇنى ئاشقا چېقىۋاتكىن بۈگۈن سەن بەك چارچاپ كەتتىڭ ئۆيىمىزدە مۇشۇنىڭدىن باشقا بىرنىمە يوقكەن . زەيتۇنەنىڭ كۆزىگە ئاچچىق ياش كەلدى ئۇ ئىنىسىگە قاراپ چوڭقۇرمېھرى بىلەن :

ـ نىمە دەيدىغانسەن ئۇكام بۇ ئۆي سىنىڭ ئۈيۈڭمىدى ھەممىمىزنىڭ ئۆيى بولسا ھەممىمىزگە بولمىسىمۇ شۇ . ھەرگىز مۇنداق ئويلىما دەپ تۇخۇمنى ئۇنىڭ قۇلىدىن ئالدى.

ئۇلار ئانىسىنىڭ يېنىغا داستىخان سېلىپ تاماقنى قاچىللىرىغا ئۇسۇپ ئانىسىنىڭ بېشىغا كېلىشتى . زەيتۇنە ئانىسىنىڭ يۈزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ « ئانا ئۈگرە ئەتتىم ئازراق ئىچىپ باقامسىز؟» دېدى بوش ئاۋازدا سىلىق قىلىپ . ئانا ئاستا كۆزىنى ئېچىپ بېشىنى سىلىق بىلىنەر بىلىنمەس لىڭشىتتى . زەيتۇنە دەرھال قاچىدىكى ئاشنى پىيالىگە بۇلۇپ قۇشۇققا ئېلىپ سۇۋۇتۇپ ئانىنىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى . ئانا سەل مىدىرلاپ قۇيۇپ:

ــ زەيتۇنە- دېدى بىلىنەر بىلىم،ەس ئاۋازدا.

ــ مانا مەن ئانا، مانامەن- دېدى زەيتۇنە مەڭزىنى ئانىسىنىڭ مەڭزىگە يېقىپ تۇرۇپ. - مۇھەممەتمۇ بار ئانا قانداق گېپىڭىز بولسا دەڭ بىز يېنىڭىزدا- دېدى . ئانا گەپ سۆز قىلىمىدى ئاشنىمۇ ئىچمىدى . بالىلارقاچىللىرىدىكى ئاشنى  خۇددى بىركىم گېلىدىن قۇيغاندەك تەستە ئىچىپ بايا ئېلپ قويغان بىر چىنە ئاشنى پىيالىگە بۈلۈپ يەنە ئانىسىنىڭ بېشىغا كېلىشتى بۇ چاغدا ئانا بىر نەچچە قۇشۇق ئۈگرىنىڭ سۈينى ئىچتى بىر ئازدىن كىيىن يەنە بىر نەچچە قۇشۇپ چۈپىنى يىدى. شۇنداق قىلىپ تۇرۇپ- تۇرۇپ دېمىنى ئېلىۋېلىپ بىر پىيالە تاماق يىدى. بالىلار بىر بىرىدىن خۇشال بۇلۇشتى . بالىلار چىراق يۇرىقىدا ئانىسىغا قاراپ ئولتۇرۇشتى . زەيتۇنە بىر چاغدا مۈگۈدەپ قېلىۋاتقان مۇھەممەتكەن قاراپ « ئۇكام سەن بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغىن ئەتەن يەنە سەپەرگە چىقىمىز» دېدى مۇھەممەت خۇددى مۇگۈدەپ قالغانلىقىدىن خىجىل بولغاندەك ئاچىسىغا قاراپ «بولدى ئاچا سەن بىر دەم ئاراما ئېلىۋالغىن مېنىڭ ئۇقۇم كەلمىدى» دەپ تۇرۋالدى. ئۇلار يەنە تالاش تارتىش قىلماي جىمىپ قېلىشتى. زەيتۇنە چىراق يۇرىقىدا ئىنىسىگە سەپ سېلىپ قارىدى بىچارە ئىنىسىمۇ ئۇرۇقلاپ ياداپ كەتكلەن بۇلۇپ ياداڭغۇ چىرايىدا بىر جۇپ كۆزى قىزىرىپ كەتكەن بۇلۇپ خۇددى ئاھۇ كىيىكنىڭ كۆزىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. قاپ قارا ئەگىم قاشلىرى خۇددى قاش قەلىمىدە ئۇستا گىرىمچى سىزىپ قويغاندەك شۇنداق چىرايلىق ، ئىلىپتەك ساقىپ چۈشكەن قاڭشىرى بىلىنەر بىلىنمەس خەت تارتىپ قالغان بۇرتى بۇ بالىنى شۇنداق چىرايلىق خۇددى رىۋايەتلەردىكى شاھزادىلەردەك كۆرسىتەتتى. زەيتۇنە شۇنداق چىرايلىق ئىنىسى بولغانلىقىدىن پەخىرلەنسە ئۇنىڭ شۇنداق نامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئېچىناتتى.

  ئەتىسى چۈش پىشىم مەزگىلىدە كەنىت باشلىقى غالىپ كىرىپ كەلدى ئۇ بىر توقماق پۇلنى زەيتۇنە گە تۇتقۇزۇپ ئۇنىڭغا مەنىلىك قاراپ قۇيۇپ:  ــ بۇ پۇلنى بىر نەچچەيلەندىن قەرىز قىلىپ ئالدىم سىڭلىم ئەسلىدە مەن سىلەر بىلەن بىللە بارسام بولاتتى بىراق ...........

ــ ھىلىمۇ رەھمەت غالىپكا بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭىز قىلغىنىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز – دېدى زەيتۇنە غالىپنىڭ گېپىنى ئارلاپ.

شۇنداق قىلىپ ئاچا- ئىنى ئىككىسى ئىككى قۇيى ۋە بىر ئىشىكىنى خوشنىسى مەنىساخاننىڭ ئۆيىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ ئانىسىنى ئېلىپ شەھەرگە قاراپ يولغا چىقىشتى.

ئۇلار ئۈرۈمچىدە 15كۈن تۇرۇپ قايتىپ كېلىشتى . بۇ ئون بەش كۈن ئىچىدە زەيتۇنەنىڭ ساۋاقداشلىرى ھەر كۈنى كىرىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن ھىلىقى ئونمىڭ كوي بىر دەمدىلا تۈگدى .پۇل بولمىسا دوختۇرلارغىمۇ ئامال يوقدە دوختۇرلار بىمارنى كاۋاتتىن چۈشۈرمەي ياخشى پەرۋىش قىلىشنى تاپىلاپ ، ئۈزۈلدۈرمەي بېرىدىغان دورىدىن بىر نەچچە باسقۇچلۇق بىرىپ «مۇشۇ دورىنى ئۈزۈلدۈرمەي بېرىپ ياخشى قاراڭلار» دەپ تاپىلاپ يولغا سالدى.

بالىلار دوختۇرخانىدىن شۇنداق چۈشكۈن قايتىشتى. ئۇلار كەلگەن كۈنى پۈتۈن خوشنا- خۇلۇملار بۇلارنى يوقلاپ كىرىشتى. ھەممەيلەن ياخشى تىلەكلەر بىلەن بالىلارغا تەسەللى بىرىشىپ ، ھەسەلخان ئاچىنىڭ بۇرۇنراق ساقىيىپ باللىرىنى قۇلىغا ئېلىشىنى تىلىشىپ چىقىپ كېتىشتى .

كەچتە بالىلار ئۆيلەرنى بىر ئاز تۈزەشتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ، مۇھەممەت ماللارنى ئەكىرىش ئۈچۈن خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى . زەيتۇنە خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغاندا كەنىت باشلىقى غالىپ كىرىپ كەلدى . بۇ ئادەمنىڭ كەچتە يۇچۇنلا كىرىپ كېلىشى زەيتۇنەنى بىر قىسمىلا قىلىپ قۇويدى. لېكىن زەيتۇنە چاندۇرمدي ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى ئاستىغا كۆرپە سېلىپ چاي سۇندى. غالىپ بولسا بۇ ئىلتىپاتلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. ئۇنىڭ پولتىيىپ تۇرغان ئۇينىڭكىدەك كۆزلىرى ھىلىدىن- ھىلىغا زەيتۇنە گە تىكىلەتتى . بېشىدىكى شاپاق دوپپىسى مايلىشىپ كەتكەن شىلەپىسىدىن چىقىپ قالغان بۇلۇپ، سىمىزلىكتىن ياغ ئېتىپ كەتكەن بوينى قۇتازنىڭكىدەك پولتىيىپ چىققان، سىمىزلىكتىن لىغىلداپ تۇرغان يۈزلىرى مايلىشىپ خۇددى قازان نان سالىدىغان تاۋدەك پاقىراپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇ كىلەڭسىز گەۋدىسىنى ھىلى ئۇيان تولغاپ ھىلى بۇيان تولغان قىتىڭشىپ قىلغىلى قىلىق سۆزلىگىلى گەپ تاپالمايقېلىۋاتاتتى. ھىلىدىن- ھىلىغا زەيتۇنەگە خۇشامەت قىلىپ ھەسلخان ئانىنىڭ كېسلىنى ياخشى داۋالىتىشنى پۇل پۈچۈك كەملىك قىلسا ئۆزىنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دەيتتى. ھىلىدىن- ھىلىغا كەنىتتىن بۇلارغا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر قاتاردا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دەپ كۈچۈكلىناتتى. ئىشقىلىپ زەيتۇنەگە بار ئىمكانىيەت بىلەن يېقىنلىشىشقا تىرىشۋاتاتتى. زەيتۇنە بولسا چوشقا قۇتۇنىغا كىرىپ قالغان كىيىك بالىدەك سىقىلىپ ئولتۇرالماي قېلىۋاتاتتى . مۇھەممەتنىڭ تېزراق كىرمەيۋاتقىنىغا ئىچىسىقىلىپ پات-پات سىرىتقا قاراپ ئولتۇرالمايۋاتاتتى. غالىپ بىرمۇنچە ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ خۇشامەت قىلىپ يامان ئاقىۋاتلەرنى سۆزلەپ زەيتۇنەنى قورقۇتۇپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشاتتى. گەپكە ئۇستا بۇ قېرى تۈلكە ئۇنى دەپ – بۇنى دەپ زەيتۇنەنى ئېغىز ئاچالماس قىلىۋەتتى. ئۇ بولقىدەك توم قوللىرىنى زەيتۇنەنىڭ قۇللىرىغا ئۇزۇتۇشىغا سىرىتتا قويلارنى مەرىشىپ كىرگەن شەپىسى كەلدى. زەيتۇنە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مەن ئۇلاغلارغا قارىشاي دەپ سىرىتقا ئۆزىنى ئاتتى.

ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگمىدى. قېرى ئوغرى ھە دسە زەيتۇنەنى ماراپ كېتەلمەيتتى. زەيتۇنە ئۇنىڭدىن ئالغان 10000 يۈئەن قەرىزنىڭ ئاران 3500 كوينى قايتۇرالىدى . ئۈرۈمچىگە بېرىپ كىلىش كىرا، تاماق ، يامىنى ھەسەلخان ئاچىنى ياتاققا ئالماي تۇرۇپ بىر مۇنچە تەكشۈرۈشلەرنى قىلغان بۇلۇپ بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ پۇلىنىڭ بىر سىنىتىنىمۇ ئات چوت قىلالمىدى. ئۇنىڭ ياتاقتا يېتىپ داۋالانغان پۇلىدىن ئاران 3500 كوي قايىتقان بۇلۇپ زەيتۇنە بۇ پۇلنى مىڭ بىر تەڭقىسلىقتا غالىپقا قايتۇرۇپ بەردى ۋە قالغان پۇلنى كۈزدە كىۋەز پىششىقىدا قايتۇرۇشنى ئۈتۈنۈپ قايتىپ كەلدى. لېكىن غالىپ شۇنى بانا قىلىپ زەيتۇنەنى قىيىن قىستاققا ئالاتتى. ھىلىدىن ھىلىغا ئۆيىگە ھەسەلخان ئانىنىڭ كېسلىنى يوقلىغان بۇلۇپ كىرىپ كېلەتتى – دە مۇھەممەت بىلەن ھسەلخان ئانىغا خۇشامەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ ئۆيگە كېلىشكە يول ئاچاتتى. ھەسلخان ئانىمۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەلگەندىن بىرى خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ كارۋاتتى چۈشمىگىنى بىلەن ھەممىنى بىلىپ تۇرۇۋاتاتتى . زەيتۇنە بولسا ئۇقۇشنى ۋاقىتلىق توختۇتۇشنى ئىلتىماس قىلىپ ئائىلىدە ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى . مۇھەممەت بولسا ئۇقۇشتا ئىدى.« يېتىپ يىسە تاغمۇ توشىمايدۇ» دېگەندەك ھېچبىر كىرىمى يوق بۇ ئائىلە ئەمدى تۇرمۇشتىن قىينىلىپ قېلىۋاتاتتى. نىمە قىلىشنى بىلمەي قالغان زەيتۇنە بەكمۇ تەڭلىكتەقالدى. ئۇ كەنىت باشلىقىنى ئىزدەشنى توغرا تاپمىغان بولسىمۇ لېكىن شۇنى ئىزدەشكە مەجبۇر بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى.ئۇنىڭغا بىرەر يەردىن بىر ئىش چىققان بولسا ئىشلىسە ناھايىتى ياخشى بولاتتى. ئۇ نىمە قىلارنى بىلمەي بېشى قېتىپ ئولتۇرغاندا ئىنىسنىڭ بىر ساۋاقدىشى ئىنىسىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى. بىچارە زەيتۇنەنىڭ بېشىدىن كىرگەن تىترەك ئايىقىدىن چىقىپ كەتتى . ئورنىدىن چاچراپ قۇپۇپ يەنە قۇپقان يېرىدە ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئىنىسىنىڭ ئاغرىقتىن تولغۇنۇپ ياتقان تۇرقى كېلىپ ئۆزىنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالدى . ئۇنىڭ ئىنىسى تولىمۇ مۇلايىم كىلىشكەن چىرايلىق بالا بولسىمۇ لېكىن نۇرغۇن بالىلار بەھرىمىن بۇلۇدىغان بەخىتتىن ئۇ بەھرىمان بۇلالمايتتى. ئائىلىدىكى نامراتلىق كېسەلچان ئانىسى ئۇقۇۋاتقان ئاچىسى بۇ بالىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭتۈش نۇرغۇن بالىلارغا ئىشاش توقلىقتىن شوخلىق چىقىرىپ ئويناپ كۈلىشىگە يول قويمايتى. زەيتۇنەنى سۈيۈندۈردىغان ئەڭ مۇھىم ئىش مۇھەممەت رېئاللىقتىكى نۇرغۇن بالىلارغا ئوخشاش تۇرمۇش قىيىنچىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىدىغان . نامراتلىققا، جەميەتكە، جەڭ ئېلان قىلىدىغان مەكتەپنى تاشلاپ يامان ئىشلار بىلەن ئۆزىدىن ۋە جەمياتتىن ئۆچ ئالىدىغان يامان يولغا مېڭىپ قالمىغان، ئەكسىچە ئانىسىنىڭ ئايىغىدا ئانىسىنىڭ يىتەكلىشىگە بوي سۇنۇپ پۇتىغا پۇت قولىغا قول بۇلۇپ ئۆيگە كەلسە ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىپ مەكتەپكە بارسدا ئۈگۈنىشىنى قىلىپ ئۈگۈنۈشتە مەكتەپ بۇيچە بىرىنجىلىكنى بەرمەي كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن بالىلار يېگەننى يىمەيتتى. كىيگەننى كىيمەيتتى. ئۇلار پۇل خەجلىسە تالىشىپ تۇرۇپ ئۇيۇن ئوينىسا ھەتتەكى مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىنىڭ يېنىدىكى لەڭپۇ خانىدىن ھەر كۈنى چۈشلىك تاماقتا بەش مۇ ياكى بىر يۈئەندىن لەڭپو يەيدىغانلارنىڭ سانى ئۈزۈلمەيتتى. ئەممە مۇھەممەت مۇنداق ئىشلاردا خۇددى ئۆزىنىڭ ھەققى يوقتەك  مۇنداق ئىشلار ئۆزلىرىگە ئەزەلدىن مۇناسىپ ئەمەستەك خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى. ھەتتتا بىرەر قېتىم بولسىمۇ يەپ بېقىشنى ئويلاپمۇ باقمايتتى. ئۆزىگە پەقەت ئالمايتتى. زەيتۇنە شۇلارنى ئويلاپ ئىنىسىنىڭ پۇتىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىگە ئىچى سىرىلىپ كېتىپ باراتتى. قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇنىڭ كاللىسىدا ھېچنىمە يوق ئويلاشقۇدەك مادارىمۇ قالمىغان ئىدى. بۇنى ئانىسى ئۇقىدىغان بولسا تېخىمۇ بولمايتتى. ئۇنىمە قىلىشىنى بىلمەتتى. ئۇ بېشىنى سېلىپلا يەنە شۇ كەنىت باشلىقىنىڭ ئۆيىگە باردى نىمە چارە ئىنىسى ئۈچۈن ئۇ نىمە قىلىشقا تەييار ئىدى.

  ھويلىدا بىرنىمىلەرنى قىلىپ يۈرگەن كەنىت باشلىقى زەيتۇنەنى كۆرىپ شۆلگەيلىرى ئېقىشقا باشلىدى . ئۇ زەيتۇنەنى ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ماس كەلمىگەن تەكەللۇپ بىلەن ئۆيگە باشلىدى. ئۇنىڭ ئالدىغا چاي دەملەپ كەلمەكچى بۇلۇۋېدى، زەيتۇنە ئۇنىڭغا ئۇنىمىدى ۋە بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتنى يىغلاپ تۇرۇپ كەنىت باشلكىقىغا دەپ ئۆزىگە ياردەم قىلىپ تۇرۇشنى ئۆتىندى خۇشامەت قىلدى . بۇنىڭدىن تەن – تېنى ئىرىپ كەتكەن كەنىت باشلىقى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، زەيتۇنە كەنىت باشلىقىدىن ئالەمچە خۇشال بولدى  ۋە كۆڭلىدە نەچچە كۈندىن بىرى كەنىت باشلىقىدىن رەنجىپ يۈرگەنلىكىدىن خىجىل بۇلۇپ كەتتى. كەنىت باشلىقى بىر تۇتام پۇلنى كۈتۈرۈپ چىقىپ ، زەيتۇنەنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى. بىراق زەيتۇنە مۇنچە كۆپ پۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى پەقەت 300 كوي بولسا بولىدىغانلىقىن دەپ تۇرۋالدى. بىراق كەنىت باشلىقى پۇلنى زەيتۇنە گە زورلاپ تۇتقۇزغاچ ئۇنىڭغا ھەدەپ يېقىنلاپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا يېپىشىپ دېگۈدەك يالۋۇرغىلى تۇردى. زەيتۇنەنىڭ تېنى شۈركۈنىپ كەتتتى ۋە ئۇنى ئىتتىرۋەتمەكچى بۇلۇۋېدى كەنىت باشلىقى ئۇنى قۇچاقلىۋالدى- دە سۇپىدىلا قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزىۋالدى.زەيتۇنە ھەرقانچە كۈچەپمۇ ئۇنىڭ قۇلىدىن چىقىپ كېتەلمىدى.زەيتۇنە ناھىيىتى جىددىلىشىپ كەتتى ئۇ شۇنداق بىر يۇلقۇنۇپ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇۋېدى، قېرى ئوغرى قولىنى شۇنداقلا قىلىپ ئۇنىڭ چاتىرقىغا ئۇزۇتۇپ ئۇنىڭ نازۇك يېرىنى تۇتۇۋالدى . زەيتۇنەنىڭ يۈركى سېلىپ پۇت قۇلىدا جان قالمىدى. ئۇ بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تېزلىكتە ئىسىنى يىغىپ ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈدى -دە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى ئىتتىرۋەتتى. پۇللار يەرگە چېچىلىپ كەتتى.

ــ زەيتۇنە ئۇنداق قىلماڭ، زەيتۇنە ئۇنداق قىلمەڭ دەيمەن.مەن..مەن... سىزنى ھېچقانداق ...- ئۇ ھەدەپ زەيتۇنە گە ئېسلاتتى. زەيتۇنە بولسا خۇددى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان بۆرە بالىسىدەك پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ ئۈلۈپ كېتىشى بىلەن كارى يوق بۇ ھايۋاندىن قۇتۇلۇشقا تىرشىۋاتاتتى. شۇ ئارلىقتا كەنىت باشلىقىنى ئايالى كىرىپ كەلدى. زەيتۇنە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ ئايالىغائېسلىۋالدى. نىمە بولغىنى دەمالى ئاڭقىرالماي قالغان كەنىت باشلىقىنىڭ، ئايالىنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ئۇنىڭ سېرىقلىقىغا باقماي چېپىۋالغان مايلىرى ئۇنىڭ خۇددى يۈزدىكى تۈكلىرىنى قىرىۋېتىپ بۇغداي ئۇنىنى سۇۋاپ قويغان ئۇرۇق مايمۇندەك تاتىرىپ تۇرغان يۈزلىرى تاتىشىپ ئۇچلۇق ئىڭەكلىرى تېخىمۇ ئۇچلۇنۇپ مۈشۈكنىڭكىدەك كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ئۇ يالۋۇرۇپ كەلگەن زەيتۇنەنى ئىتتىرۋېتىپ ئېرىگە قاراپ :

ــ بۇنىمەئىش- دېدى . قوقۇپ كەتكەن زەيتۇنە ئۆزىنى سىرىتقا ئاتتى. ئۇ ئوقتەك چىقىپ بىر ھازا يۈگۈرگەندىن كىيىن يول ياقىسىدىكى ئېرىقنىڭ بۇيدا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ بىر مۇنچە قۇسىۋەتتى. پۇت قولىدا جان يوق ئولتۇرۇپ قالدى . شۇ چاغدا ئېتىزدىن يانغان ھىلىمخان ئانا بۇقىزنى كۆرىپ قۇلىدىن تۇتۇپ يىتىلىگەنچە ئېلىپ ماڭدى. ئايال ئۆزنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە زەيتۇنەنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ بىرئاز ئارام ئالدۇرۇپ يولغاسېلىپ قويماقچى بۇلۇۋېدى بىراق زەيتۇنە ئۇنىمىدى. ۋە ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۆيىگە كەتتى.

ئۇ ئۆيىگە كىرىپ دالاندا يېتىپ يىنىك ئۇيقۇغا كەتكەن ئانىسىغا قاراپ قۇيۇپ ئىچكلىركى ئۆيگە كىرىپ كېتىپ ئۆينىڭ سۇپىسىغا ئۆزىنى تاشلىغانچە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ يىغىسى باشتا ئاستا- ئاستا ئىسىدەشتىن باشلانغان بولسا كىيىن بۇغۇلۇپ بۇغۇلۇپ ئىچ – ئىچىدىن چىقىپ ئاخىرىدا ئۈن قۇيۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ شۇنچىلىك قاتتىق يىغلىدىكى پۈتۈن بەدىنى سىلكىنىپ دىمىنى ئالالماي قالدى. ئۇ خېلى يىغلىغاندىن كىيىن ھالسىز لىنىپ يېتىپ قالدى . ئۇ ئۇخلاپ قالدىمۇ ياكى ھۇشىدىن كەتتىمۇ  جىمىپ كېتىپ بىر ئازدىن كىيىن ئىسىگە كەلدى بولغاي يەنە جىددىلىشىپ كەتتى. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئىنىسىنى قۇتقۇزۇشى ئۇنىڭ ئازاۋىنى يىنىكلىتىشى كېرەك ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك ئۇ خۇدادىن ئۆزىنى بىر يولغا سېلىشىنى تىلەپ ھەدەپ بىرنىمىلەرنى ئۇقۇيتى ئۆزىنىڭ بىلىدىغان سۈرۈللىرىمۇ ئاز بۇلۇپ خۇداغا نىمە دەپ يالۋۇرۇشنىمۇ بىلمەي قەلدى. ئۇ كۆزلىرى بىر نوختىغا تىكىلگەنچە خېلى جىمىپ كېتىپ دەرھال كۆزىنى چىمىقلاتتى -دە. ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا قاراپ ماڭدى.

ئۇ شۇ ماڭغانچە مەھەللە چېتىدىكى ھاشىم چەكەدىنى ئىزدەپ باردى بەختىگە ئۇ ئادەم ئۆيىدە باركەن . زەيتۇنە بۇ ئادەمدىن 300 كوي قەرەز سوراپ ئالدى. ھاشىم چەكەدە كەنىتتىكى خېلى ھاللىق ئائىلىدىن بۇلۇپ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى مەھەللە چېتىدىكى بوز يەرنى ئېچىپ تېرىۋاتقان خۇجايىنلارغا ئەمگەك كۈچۈ تەشكىللەپ ئاپىرىپ سېتىپ شۇ جەرياندا ئۆزىمۇ بىر نەچچە ئون مۇ يەر قىلىۋالغان بۇلۇپ مانا ھازىردىن باشلاپ زەيتۇنەدەك ھاجەتمەنلەرگە قەزىر بېرىپ تۇرۇپ بۇ پۇل بەدىلىگە كىۋەز ئېچىلغاندا ئېتىزىدا كىۋەز تەردۈرەتتى، ئېشىنىپ قالسا ھىلىقى خۇجايىنلارغا ئەمگەكنى ساتاتتى. بۇ يىل كېۋەزلەر بەك ئوخشىغان بۇلۇپ خۇجايىنلار ھىلىتىنلا ھاشىم چەكەدىنى ئىزدەپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى. شۇڭا ھاشىم چەكەدى نېرى بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا زەيتۇنە گە 300 كوي پۇلنى يانچۇقىدىن چىقىرىپلا بەردى. زەيتۇنە پۇلنى ئېلىپ ھاشىم چەكەدىگە خوش دېگىنىچە سىرىتقا ماڭدى . ئۇ ھويلىغا چىقىپلا ھاشىم چەكەدىنىڭ ئوغلى ھەبىبۇللاغا ئۇچراپ قالدى. كىچىكىدە دائىم دېگۈدەك بۇرنىدىن كۆپ- كۈك ماڭقا ساڭگىلاپ تۇردىغان بۇ بالا ھازىر قارسا ئادەمنىڭ مەسلىگى كەلگۈدەك سالاپەتلىك چىرايلىق بالا بولغان ئىدى. زەيتۇنە بۇ بالىنى چالا بۇلا تۇنۇغاندەك قىلدى- دە بېشىنى لىڭشىتىپ شۇنداقلا سالام قىلىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. ئەممە ھەبىبۇللا بۇقىزغا قاراپلا قالدى. ئۆيدىن ئلدىراپ چىققان ھاشىم چەكەدە بالىسىنىڭ چەكچىيىپ تۇرۇپ كەلكەنلىكىگە قاراپ:

ــ  ھەي نىمىگە چەكچىيىپ قاراپ تۇرسەن ھە ھىلىقى شىۋېرنىڭ ئۆيىگە باردىڭمۇ- دەپ سوردى. ھەبىبۇللا شۇ چاغدىلا ئىسىگە كېلىپ :

ــ  دادا بۇھىلىقى ھەسەلخان ئاچاچامنىڭ قىزى زەيتۇنەمۇ نىمە ؟ نىمىگە كەپتۇ بۇقىز - دەپ سوردى.

  ــ بەز ماراپ قالغان ئوخشىمامسەن ماڭ ئىشىڭنى قىل ئىنىسى مۇھەممەتنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپتىكەن پۇل سوراپ كەپتۇ .

  ــ بەردىڭمۇ ؟

  ــ نىمە قىلاتتىڭ ماڭە ئىشىڭنى قىلە، ئادەم ئۆلەۋاتسا قاراپ تۇرسام بولامتى بىېرىپ تۇردۇم ھېچ بولمىغاندا كىۋەز تېرىپ بولسىمۇ قايتۇرا بىچارە تەس كۈندە قاپتۇ، ئانىسىمۇ ياخشى بۇلۇپ كېتەلمىدى بۇقىزنىڭ . ئوقۇشتىنمۇ كەچكەن ئوخشايدۇ.

  ھەبىبۇللا گەپ سۆز قىلماي سىرىتقا ماڭدى كۆڭلىدە بولسا دادىسىنىڭ بۇ قىز بىلەن يول ئېچىپ قويغىنىدىن مىڭ مەرتە خۇشال بولدى ئۇنىڭ ئۇقۇشىدىن ۋاز كەچكەنلىكى بولسا ئۇنى تېخىمۇ خۇش قىلغان ئىدى.

  پۇلنى ئېلىپ ئۆيىگە كەلگەندە ھىلىمىخان ئانا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇراتتى. زەيتۇنە ئانىسىغا ئۇقتۇرماي ھىلىمىخان ئانىنى ئاستا شەرەتلەپ ياندىكى ئۆيگە كىردى. نىمىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تىتىلداپ ئولتۇرغان ھىلىمىخان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ياندىكى ئۆيگە كىردى ۋە زەيتۇنەگە قاراپ:

ــ نىمەئىش بولدى قىزىم تېزراق دېسەڭچۇ ئادەمنى جىددىلەشتۈرمەي ــ دېدى.

ــ ھىلىمىخان ئانا سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ئانامغا قاراپ تۇرغان بولسىڭىز ئىنىمنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپتۇ مەن دەرھال شەھەرگە كىرىپ ئىنىمنىڭ پۇتىنى دوختۇرغا كۆرسەتمىسەم بولمايدۇ – دېدى جىددىلىك بىلەن .

  ــ ۋاي ئاللا ۋاي ئاللا نىمە كىلىشمەسلىكتۇ بۇ، بارغىن بالام بارغىن قانداق ئېغىرمىكىن – دېدى

  ــ بىلمىدىم بىر ساۋاقدىشى خەۋەر ئېلىپ كەپتۇ، بارسام بىلىمەن ھىلىمىخان ئانا سىزگە جاپا بۇلىدىغان بولدى بەلكىم دوختۇردا قۇنۇپ قېلىشىم مۇمكىن شۇڭا ....

  ــ بولدى بولدى تېز ماڭغىن قىزىم ـ گەپنى بۆلدى ھىلىمىخان ئانا . زەيتۇنە ھىلىمىخان ئانىغا رەھمەت ئېيىتقاچ بىر نەرسىللىرىنى رەتلەپ ئۆيدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتى. چىقىپ كېتىپلا شۇزامان ئارقىغا بۇرۇلۇپ كىردى –دە ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزدا « بۇ ئىشنى ئانام ئۇقمىسۇن ھىلىمىخان ئانا »دېدى. ھىلىمىخان ئانا زەيتۇنەگە بىر قارىۋېتىپ ئىچ ئەغرىتقان تەلەپپۇزدا

ــ ۋاي بىلىمەن بالام بىلىمەن مېنى شۇنچىلىك دۆت كۈرۈپ قالدىڭمۇ ؟ مەن يەر تېگىدە يىلان كۆشىگەننى بىلىمەن – دېدى. زەيتۇنە ئوقتەك مېڭىپ چىقىپ كەتتى. زەيتۇنەنىڭ ئۆيى شەھەرگە يېقىن يېزدا بۇلۇپ ئارلىقى 10 نەچچە كىلومېتىر كېلەتتى. زەيتۇنە يولغاچىقىپ تۇرشىغا كىرا قىلىدىغان ئۈچ چاقلىق مۇتۇسېكلىتتىن بىرى كەپ قالدى. ئۇ موتۇسېكلىتقا چىقىپ تېزلىكلتە مەكتەپكە كەلدى. مۇھەممەت مەكتەپ دوختۇرخانىسىدا بۇلۇپ بىر نەچچە ساۋاقدىشى ۋە سىنىپ مەسئۇلى . زەيتۇنەنى ساقلاپ، ئۇ  كىلىپ بۇلالمىغانچە ئۇنى شەھەرلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا يۆتكەيلى دەپ تۇراتتى. زەيتۇنە كىلىپ ئىنىسىنىڭ سارغىيىپ ھالسىز لىنىپ كەتكەن چىرايىغا قارپ ئۇنى قۇچاقالاپ يىغلاپ كەتتى.« نىمىگە يىغلايسەن مەن يىغلىمايۋاتسام» دېدى مۇھەمەت ئاچىسىغا تەسەللى بىرىپ ھالسىز ئاۋازدا ئىنجىقلاپ تۇرۇپ. ئەممە ئۇنىڭ كۆزىدىنمۇ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ياش ئاچىسىنىڭ بۇيۇنلىرىغا ساقىۋاتاتتى. ئاچىسى بۇنى سىزىپ تەستە ئۆزىنى تۇۇتۋېلىپ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئىنىسىنىڭ كۆڭلىنى ياسىغاچ ئۇنىڭ دوختۇرغا ئېلىپ مېڭىشتى. بالىلار ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇرۇنلارشتۇرشى بىلەن بىر تاكسى ماشىنى تەييار قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇلار شۇ ماشىنا بىلەن دوختۇرخانىغامېڭىپ كېتىشتى .

  دوختۇرلار بالىنىڭ پۇتىنى رەسىمگە تارتىپ كۆرىپ « قىڭراق سۈڭىكى ئۈزلىپ كېتىپتۇ . ئاپراتسىيە قىلىپ قاماق سالمىساق بولمايدۇ» دىيىشتى.

  ــ  نىمە گەپ بۇ! بۇرۇنلاردا خېلى ئېغىر سۇنۇقلارنىمۇ يەرلىك ئۇسۇلدا تېڭىپ ساقايتقىلى بۇلاتتىغۇ؟ ئەمدى نىمىشقا ئاپراتسىيە قىلىمىز دەيسىلە ، مەن ئاپراتسىيە قىلدۇرمايمەن ـ دېدى بۇ گەپتىن ئاغرىقنىمۇ ئۇنتۇپ كەكەن مۇھەممەت  .

  ــ نىمە دەۋاتسەن ئېغىر بولسا ئاپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ جېنىم ئۇكام ـ دېدى زەيتۇنە بېشى قېتىپ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى يۇشۇرۇپ .

  ــ ياق مەن ئۈلۈپ كەتسەممۇ ئاپوراتسىيە قىلدۇرمايمەن – دېدى مۇھەممەت جاھىللىق قىلىپ ئۇنىڭ ئاپراتسىيە قىلدۇرمايمەن دېيىشى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. ئانىسىنىڭ دەردىنى تارتىپ بۇلالمايۋاتقان بۇ ئائىلە بۇ ئاپراتسىيەنە كۈتىرەلمەيتتى. زەيتۇنەمۇ ئىنىسىنىڭ نىمىشقا قۇشۇلمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلەتتى. شۇڭا بۇ قىزمۇ ئىنسىدىن بەكرەك ئازاپلىنىۋاتاتتى. كۆز ياشلىرى سەلدەك قۇيۇلاتتى. ھەممەتنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭىل بۆلىدىغان ئوقۇغۇچىللىرىنى ئۆز باللىرىدەك كۆرىدىغان كۆيىمچان،تەلەپچان ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ ئۇ مۇھەممەتنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلگەچكە دوختۇرنى ياندىكى ئىشخانىغا تارتىپ ئەھۋالنى بىر قۇر تۇنۇشتۇردى ۋە بالىغا ئەڭ ئاز بولغاندا قانچىلكىك پۇل كېتىدىغانلىقىنى سوردى . دوختۇرمۇ ئىنساپنى بىلىدىغان ياخشى دوختۇر ئىكەن ئۇ قولىدىن كېلىدىغان نۇرغۇن ھەقلەرنى كۆتىرۋەتكەندىمۇ 20 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى دېدى. مۇئەللىمنىڭ بېشى قېتىپ كەتتى ۋە دوختۇرغا يەنە يالۋۇرۇپ باشقىچىرەك ئۇسۇلنىڭ بار يوقلىقىنى سوردى . دوختۇر چۈشەندۈرۈپ :

ــ مېنىڭچە دوختۇرخانىمىزدىن پىنسىيگە چىقىپ كەتكەن بىر دوختۇر بار شۇ قۇشۇلسا شۇ ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ كەلسەك ئۇ ئادەم بەك ئۇستا شۇ بىر تېڭىپ قويسا ئاندىن بىر نەچچا كۈن دوختۇرخانىمىزدا ئۇكۇل سالساق قانداق بۇلار- دېدى .

ــ ئۇ ئاەم كەلگىلى ئۇنارمۇ ـ دېدى مۇئەللىم سەل ئىككىلىنىپ

ــ ئۇ ياخشى ئەدەم كېلىدۇ مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرمەن - دېدى دوختۇر.

بىر مۇنچە تالاش تارتىشتىن كىيىن بالىنىڭ پۇتىنى ھىلىقى پىنسىيگە چۈشۈپ كەتكەن دوختۇر كېلىپ تېڭىپ قويدى، ئەممە دوختۇرخانىدا ئاز بولغاندىمۇ 15 كۈن ياتمىسا بولمەيدىغانلىقى شەرەت قىلىپ  تۇرۋالدى.

ــ بولىدۇ ! ـ دېدى مۇئەللىم ــ ياتىدۇ بۇنىڭغا كىپىللىك قىلىمىز . بالىنىڭ پۇتىنى رەسىمگە تارتىپ تېڭىپ قويغۇچە 300 كوي پۇلنىڭ قۇيرۇقى تۇزۇپ بولدى . زەيتۇنەنىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا ، مۇھەممەتنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بىلەن دوختۇر ئۇنىڭ دوختۇر ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ بالىنىڭ 15 كۈلىك داۋاللىنىش چىقىمىنى مۇزاكىرە قىلىشتى دوختۇر مۇشۇ دوختۇر خانىنىڭ بۈلۈم باشلىقى بۇلۇپ دوختۇرخانىدا خېلى ئابرۇيى بار ئادەم ئىكەن ئۇ ئەھۋالنى دوختۇرخانى مەسئۇلللىرىغا ئېيتىپ ياتاق چىقىمىنى كۆتىرىپ بېردىغانلىقىنى، پەقەت بولمىغاندا بالىنى ئۆزىنىڭ ئىشخانىساغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۇكۇلىنى ئۆزى ئېسىپ بولسىمۇ داۋالايدىغانلىقى دۇرا ئۇكۇل چىقىمىنى مۇھەممەتنىڭ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ داۋالىنىش كىنىشكىدىن چىقىم قىلىپ تۇردىغانلىقىن بىر لىككە كېلىشتى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ زەيتۇنە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ نىمىمۇ دىيەلەيتتى. بايقى كەنىت باشلىقىنىڭ قىلمىشى ھىلىدىن ھىلىغا كالللىسىدا پەيدە بۇلۇپ ئۇنىڭ قۇرقۇتۇپ يۈرىكىنى زىدە قىلىپ تۇرۋاتاسا . شۇنداق قىلىپ زەيتۇنە بىر كېچە كىرپىك قاماي ئىنىسىنىڭ ۋايساشلىرىغا ھەمرا بۇلۇپ چىقتى . ئەتىسى ئەتىگەندە مۇھەممەتنىڭ سىنىپ مەسئۇلى چىرايلىق بىر بالا بىلەن بىر قاچا گۆشلىك پولونى كۈتۈرگىنىچە ياتاققا كىرىپ كەلدى .

ــ ناشتا قىلىڭلار – دېدى مۇئەللىم خۇشچىراي بىلەن . پولو خېلىلا كۆپ بۇلۇپ زەيتۇنە بىلەن مۇھەممەت بۇنى ئاران يەپ تۈگەتتى.

زەيتۇنە سىز ئاۋال ئۆيگە قايتىڭ مۇھەممەتتىن ئەنسىرىمەڭ سىنىپىمىزدىكى ئوغول بالىلار نۆۋەتلىشىپ ھەر بىرى يېرىم كۈندىن قارايدۇ . شۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ دەرسىگىمۇ ئانچە تەسىرى بولمايدۇ . ئۈتۈلگەن دەرىسلىرىنى مەن تۇلۇقلاپ بېرمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بويغا يەتكەن ئوغول بالىغا قىز بالىنىڭ قارىمىقىمۇ بىر ئاز بىئەپ بۇلۇپ قالىدۇ – دېدى .

  ــ ئۇنداقتا قانداق بۇلىدۇ مۇئەللىم – دېدى زەيتۇنە نىمە دىيىشىنى بىلمەي دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.  

  ــ شۇنداق قىل ئاچا- دېدى مۇھەممەت ئاچىسىغا قاراپ .

ــ شۇنداق قىلىڭ زەيتۇنە مەن ئاخشام ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە دېدىم . سىز مۇ شۇ بىزنىڭ مەكتىۋىمىزنىڭ ئۇقۇغۇچىسى مەكتىۋىمىزگە چوڭ شان شەرەپ كەلتۇرگەن نەمۇنىلىك ئۇقۇغۇچسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەت باشقىلارغا ياردەم قىلىمەن دەپ يىقىلىپ چۈشۈپ بۇ كىلىشمەسلىك بولدى. بۇ ئىشتا مەكتىۋىمىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىبار.- دېدى

  ــ بولىدۇ مۇئەللىم ئەمسە مەن پات – پات كېلىپ يوقلاپ تۇراي – دېدى زەيتۇنە كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ.

  زەيتۇنە ئۆيىگە كېلىپ ھىلىمىخان ئانىنىڭ باللىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ 2 مو يېرىدىكى بۇغدىيىنى ئۇرۇپ يىغىپ خامان قىلىپ تۇرىشىغا كەنىت باشلىقىنىڭ ئايالى ئوڭ سۇلى يوق خامانلىققا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ سېرىق يۈزىلىرى تۇمۇزنىڭ تەپتىدىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ كەلگەنچە كېلىپ چىرايىنىمۇ ئاچماي تۇرۇپ زەيتۇنەدىن ئېرى بىرىپ تۇرغان پۇلنى قايتۇرۇشنى ئېيىتتى. بىچارە قىز تۇرۇپلا قالدى نىمە دىيىشىنىمۇ بىلمىدى. ھىلىقى خۇتۇن ھەر سۆزلىگندە يۈزىدىكى قىزىلىلىققا قىزىلچىلىق قۇشۇلۇپ بۇيۇن تۇمۇرلىرى كۆپۈپ چىقىپ ئادەمنىڭ قورۇققىسىنى كەلتۈرەتتى. كەنىت بالىقىنىڭ ئايالىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپكە زەيتۇنە ھىلىمىخان ئانىنىڭ باللىرى ئالدىدا  بىرەر تۈشۈك بولسا كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كېتىپ باراتتى . ئۇ بۇ پۇلنى بىر ئىككى كۈن ئىچىدە قايتۇرۇشنى . ئۈتۈنۈپ بۇ خۇتۇننى تەستە يولغا سالدى .

ــ  نەچچە كۈندىن بىرى كۆكىرىپ يالاڭ تۆشىنى كۆرسىتىپ تۇرسا ئامال يوقكەن مۇسۇلمادارچىلىقتا دەپ گەپ قىلمىدىم مانا ئەمدى بۇغدايمۇ پىشىپ خامان بوپتۇ دېنى دان سامىنى سامان بوپتۇ . پەقەت ئىككى كۈنلا مۆھلەت بار چىرايلىق چە قايتۇرۋەتسىلە -دېدى ئۇ ماڭىدىغان چاغدا .

ــ بۇلۇدۇ ئاچا ئىككى كۈندە چۇقۇپ ئاپىرىپ بېرمەن – دېدى زەيتۇنە تىترەپ تۇرۇپ .

  ــ ئاپىرىپ بېرمەن نەگە ئاپىرىپ بەرمەكچى بەز يىگۈللىرى كەپ قالمىغاندۇ . ئىككى كۈندىن كىيىن ئۆزىم كىلىپ ئېلىپ كېتىمەن .- دېدى كەنىت باشلىقىنىڭ ئايالى زەھەر خەندىلىك بىلەن . بۇ گەپ بىلەن بىچارە زەيتۇنەنىڭ پۇت قولىدا جان قالمىدى . ئۇ بۇ ھاقارەتكە چىدىماي ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەن ئۆيىگە قاراپ ماڭدى .

  ھىلىمىخان ئانا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىرىپ قىزغا تەسەللى بەردى . مۇزدەك كۈپنىڭ سۈيىدىن قۇيۇپ بېرىپ خوشنىلاردىن ئازراق قېتىق سۇراپ كىرىپ كۆك دوغ قىلىپ قىزغا ئىچكۈزدى . قىزنىڭ غېمى بۇ ئەمەس ئىدى. قانداق قىلىپ ھىلىقى كەنىت باشلىقى ھايۋاننىڭ 6500 كوي پۇلىنى قايتۇرۇش ئىدى. بۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ ھاسا تايىقىنى سۆرىگنچە مەكتەپتىن شىڭچى قىلىپ چىقىپ كەلدى . زەيتۇنە ئەسلىدە ئىنىسىنىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرتۇپ چۆپ  ئىتىپ بېرىشنى ئويلاپ ، خوشنىسىنڭ ئۆيىدىن بىر پىيالە قەيماق سۇراپ قويغان كىۋەزلىكنىڭ قېشىغا تېرىپ قۇيغان چامغۇرلىرىمۇ تۇخمدەك باش ئالغان بۇلۇپ بۇنىڭدىنمۇ جىقلا ئەكىرىپ يۇيۇپ تەييارلاپ قويغان ئىدى . بىراق خاماندا كۈتۈلمىگەن مېھماننىڭ كېلىپ ئازار بىرىشى بىلەن . زەيتۇنەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ يەنە بېسىپ كەلگەن پۇلنىڭ غېمى ئۇنى ھالسىرىتىپ چۆپ ئەتكۈدەك ھالىنى قويمىغان ئىدى. مۇھەممەت ئاچىسىنىڭ سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ باشقا گەپ قىلمىدى. ئۇ ئاچىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تاماققا تەييارلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ ئاچىسىدىن گەپ سورمايلا پاكىز يۇيۇپ كۆمتۈرۈپ قۇيۇلغان داسقا تۆشۈكتىكى خالتىدىن ىبر پىيالە ئۇننى ئېلىپ باستى، ئاندىن تۇزلۇق قاپاقتىن بىر نۇگۇي تۇز ئېلىپ تۇرىشىغا ئاچىسى كېلىپ ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇزلۇق نوگۇينى ئالدى ۋە :

ــ  بولدى ئۇكام سەن ئارام ئالغىن پۇتۇڭنى سۆرەپ نىمىشقىلىسەن تۆشۈككە ئۈتۈپ – دېدى

  ــ ھېچقىسى يوق پۇتۇم ياخشى بوپ كەتتى، سەن بۇ گۈن بەك ھېرىپ كېتىپسەن خامان ئالماق ئاسان ئەمەس كونىلار « خامان ئالماق شەھەر ئالماق» دەيدىكەن ئاچا، پۇتۇممۇ تازا چاغدا سۇنۇپتىكەن ، ئومىنى قانداق ئورغادۇ دەپ غېمىم سەندە قالدى . بۈگۈن مەن ساڭا تاماق ئېتىپ بېرەي سەن ئارام ئال - دېدى . زەيتۇنە بۇ گەپتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى ۋە ئۇكىسىنى باغرىغا بېسىپ :

ــ  جېنىپ ئۇكام، ھېچنىمىنىڭ خوۋلىقىنى كۆرمەي جاپادىلا كىتىپ بارسەن - دېدى .

ــ  نىمە دەيسەن جېنىم ئاچا بار جاپانى سەن تارتىۋاتسەن مەن ئوغول بالا تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيۋاتىمەن، ئۇقۇشۇڭمۇ قېلىۋاتىدۇ، بولدى بۈگۈن تاماقنى مەن ئېتەي سەن يوق چاغلاردا ئانام بىلەن نۆۋەتلىشىپ تاماق ئىتىپ تاماققىمۇ ئۇستا بوپ كەتتىم – دېدى .

  ــ  بولدى-  دېدى زەيتۇنە تۆشۈكنى قۇلىغا ئېلىپ ئۇ ئىنىسىنىڭ سۆزلىرىدىن ھەممىنى ئۇنتۇپ باشقىچە كۈچلىنىپ قالغاندەك دۇنيادا مۇشۇ ئىنىسى بولسىلا ھەممەنەرسىللرى بولىدىغاندەك تۇيغۇدا بۇلۇپ قالغان ئىدى.

  ئۇلار خۇشال- خورام تامىقىنى يىيىشتى ھەسەلخان ئانىمۇ مۇشۇ كۈنلەردە خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ داستىخانغا كىلىپ باللىرى بىلەن سىلە قاچا تاماق يەيدىغان بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ، بالىلار بۇنىڭدىن تۇلىمۇ خۇشال ئىدى. بۈگۈن بىر ئائىلە كىشىللىرىنىڭ جەم بۇلىشىدىن ھەممەيلەن بەك خۇشال ئىدى. بۇلۇپمۇ ھەسەلخان ئانا باللىرىغا قاراپ بىر تەرەپتىن باللىرىنىڭ ھالىغا قاراپ،خۇشال بولسا يەنە بىر تەرەەپتىن كۆڭلى يېرىم بۇلاتتى.

   ئازاپ ھەم تەڭلىكتە مۇھىمى قاتتىق ھاقارەتتە قالغان زەيتۇنە كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتى. ئۇ ھىلىقى خۇتۇنغا بىرىدىغان 6500 كوينى قانداق راسلاشنى راستىنلا بىلەلمەي قالغان ئىدى. ئۇ تۇلا ئويلاپ ئامال تاپالماي يەنىلا ھىلىقى ھاشىم چەكەدىنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ 4 مو كىۋىزىنىڭ ھىساۋىغا ھاشىم چەكەدىدىن 6000 كوي قەرىز ئالدى. ھاشىم چەكەدە  كىۋىزى چىشقىشماي قالسا كېۋەز تىرىپ بېردىغانغا زەيتۇنەدىن ھۆججەت ئېلىۋالدى. زەيتۇنە ئۆيگە كىلىپ ئېغىلدىكى قويندىن بىرنى مەھەلىدىكى بىدىككە 1000كويغا سېتىپ ھىقىلارنىڭ پۇلىنى بىرىپ ئاشقان پۇلنى ئائىلىسىگە خراجەت قىلىش ئۈچۈن يېنىدا قۇيۇپ قويدى.

ھەي ھاياتلىق! ھەي تۇرمۇش! سەن قانداق كىشىلەرگە خۇشال بېقىپ قانداق كىشىلەرگە سۈرۈن قارايدىغانسەن ھە! خۇشاللىققا ئېرىشىشنىڭ شەرتلىرى زادى نىمە ؟ بۇ ئىش بۇلۇپ تېخى بىر ھەپتە ئۆتە ئۆتمەي ھاشىم چەكەدە زەيتۇنەنى ئوغلى ھەبىبۇللاغا سورتۇپ ئەلچى كىرگۈزدى. ھەسەلخان ئاچا قۇشۇلمىۋىدى ھاشىم چەكەدىنىڭ ئەلچىللىرى ھىلىقى قەرىزنى تىلغا ئېلىپ ھەسەلخان ئاچىنى قىستىدى. بۇنىڭ بىلەن ھەسەلخان ئاچىنىڭ كېسلى قايتىدىن ئېغىرلىشىپ قالدى. زەينەپ بولسا يامغۇردا قالغان ئۆردەك چۆجىسىدەك دىر دىر تىتىرىگىنىچە تۇرمۇشنىڭ يامغۇرىدا تىترىمەكتە.......

  بۇ ئىش بىلەن كۆڭلى پەرىشان ساق بىلەن دەلتۈشنىڭ ئارلىقىدا بۇلۇپ قالغان زەيتۇنە كىۋەزلىكىنى ئارلاپ قويلىرىغا ئازراق ئوت ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن ئەمدى ئېتىزغا كىرىپ تۇرشىغا، ھەبىبۇللا يەردىن ئۈنگەندەكلا زەيتۇنەنىڭ يېنىدا پەيدە بولدى- دە زەيتۇنەگە خۇشامەن قىلىشقا باشلىدى.ئۇنىڭغا يولسىز تەلەپلەرنى قويغىلى تۇردى. زەيتۇنە خۇددى بۆرە تۇپىنى كۆرگەن سەزگۈر كىيىكتەك ئۆزىنى ئېتىزدىن سىرىتقا ئاتتى . ۋە ئۇدۇل ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . ھەبىبۇللا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىرمۇنچە يالۋۇرغان بولسىمۇ گېپىنىڭ تو يىمىگەنلىكىنى كۆرىپ زەيتۇنە گە:

ــ ھەي نىمانچە چوڭچىلىق قىلىسەن« يىتىمكەن قىينىلىپ قاپتۇ» دەپ ساڭا ئىچىم ئاغرىپ شۇنداق قىلىۋاتىمەن . نىمە بۇلاتتى بىرەر قېتىم ماقۇل دېگەنگە ئەگەر شۇنداق قىلساڭ گەدىنىڭدىكى قەرىزلىرىڭنى كۆتىرۋېتىمەن . يەنە قۇلۇڭغا قانچىلىك دېسەڭ شۇنچىلىك پۇل بېرىمەن، بىلدىڭمۇ بۇ پۇل بىلەن ئاناڭنى داۋالىتىسەن تۇرمۇشىڭمۇ ياخشىلىنىپ قالىدۇ ـ زەيتۇنە بۇ گەپلەردىن شۇنچىلىك ھاقارەت ھېس قىلىۋاتاتتىكى خۇددى ھازىرلا يېرلىپ كېتىدىغاندەك پۈتۈن بەدىنى غەزەپتىن ئىسىلىپ نىمە دىيىشنى بىلمەيۋاتاتتى. –نىمە بولىدۇ؟ بىر قېتىملىقا نىمانچە قىلىسەن كەنىت باشلىقى بىلەن بىر گە بولغاندا قانچىلىك بەرگەنتى . ھىلىقى خۇتۇنى تۇتۇۋالغاندا دەيمەن. مەن ساڭا بىر ھەسسە قۇشۇپ بېرمەن- دېدى . زەيتۇنە بۇگەپلەرنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىدى . ئۇ شۇ يەردىلا ھۇشىدىن كىتىپ يىقىلىپ قالدى. قوقۇپ كەتكەن ھەبىبۇللا نىمە قىلىشىنى بىلمەي تۆت تەرەپكە تازا بىر قارىۋېتىپ ئېتىزلىقنىڭ قارشىسىغا قاراپ تىكىۋەتتى.زەيتۇنە بىر چاغدا ھۇشىغا كېلىپ ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكە ئۆيىگە كەلدى . ئۇ ئۆيگە كەلسە ئانىسى ئۆزگىرىپ قالغان بۇلۇپ ئۇ ئاران ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئۇ قۇلىدىكى ئېشىپ قالغان ئازغىنە پۇلى بىلەن ئانىسىنى دوختۇرغا ئېلىپ كىردى. دوختۇرلار بىر ئىكككى كۈن داۋالاپ دورىللىرىنى تۇلۇقلاپ بېرىپ « ئاناڭلارنىڭ كاللىسىغا  بىر نەرسە ئېغىر تەسىر قىلمىسۇن» دەپ قايتۇردى.

  بۇ چاغدا يازلىق تەتىل كېلىپ ئالى مەكتەپ باللىرىنى ئارقا- ئارقىدىن تەتىل قۇيۇپ بەرگەن ئىدى.زەيتۇنە شەھەردىن چىقىۋېتىپ يولدا ئەزمەتنى ئۇچۇرتىپ قالدى. ئەزمەت زەيتۇنەنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپتىكلى ساۋاقدىشى بۇلۇپ زەيتۇنەگە ئەزەلدىن ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن قارايتى ۋە قانداقتۇر بىر شىرىن خىياللاربىلەن ئۇنى ھەر مىنۇت ھەر سىكونىت ئەسلەييتى بۈگۈنكى بۇ تاسادىپىي ئۇچۇرشىپ قېلىشتىن ھەر ئىككىسى ناھايىتى خۇشال بۇلۇشتى .

  ـــ نىمىداق يۇقاپلا كېتىسە خەت يازسام جاۋاپمۇ بەرمىدىڭ تېلىفۇن قىلاي دېسەم يا تېلىفۇنىڭ يوق راس گەپنى قىلسام سېنى بەك سېغىندىم – دېدى ئەزمەت ھاياجان بىلەن

ــ مەنمۇ شۇ- دېدى ، زەيتۇنە تارتىنىپراق- بىراق قانداق قىلىمەن مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن كۈنلەر سېنىڭ بېشىڭغا كەلمىسۇن قارىغاندا ئۇقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرالامدىم بىلمەيمەن .

ئۇلار ئۇزۇن پاراڭلاشتى . زەيتۇنە ئانىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشى بۇلۇپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى . ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئىنىسنىڭ ئۇقۇش ئىشلىرىنى دىيىشتى. زەيتۇنەمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن بىرسىگە كۆڭلىدىكى دەرتلىرىنى تۆكۈپ ئىچىنى بۇشاتمىغىنى بۈگۈن خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك بۇلۇپ ئۆيىگە قايىتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەزمەتنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى . ئۇنىڭ دادىسى ئەمگەك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇلۇپ مۇشۇ كۈنلەردە پۈتۈن شىنجاڭ بۇيچە ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى يۈرگۈزىلىۋاتقان بۇلۇپ بۇ شەھەردىمۇ تۈرلىك يوللار بىلەن ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرلىۋاتاتتى. ئەزمەت دادىسىغا زەيتۇنەنىڭ قىيىچىلىق ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۇنىڭغا بىرەر ئىش ئورنى تېپىپ بېرىشنى ئۈتۈندى. ئەزمەتنىڭ دادىسى ئۆزىنىڭ ئىدارىسىغا قاراشلىق تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تارقىتىدىغان بىر ئىشنى تىزىملاشقا ئادەم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى شۇ ئىشنى ۋاختىنچە قىلىپ تۇرسا ئەگەر ئۇقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي قالسا كىيىنچە سۇغۇرتائىشلىرىنى تۇلۇقلاپ بۇ يەردە ئىشلىتىدىغانلىقىنى دەپ بالىسىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى . ئەتىسى ئەزمەت ۋەلسىپىتىنى مىنىپ زەيتۇنەنىڭ ئۆيىگە باردى ۋەبۇ خۇش- خەۋىرىنى زەيتۇنەگە  يەتكۈزدى. زەيتۇنە بەك خۇش بولدى. بۇ خىزمەتتە ھەر ئايغا كەم بلغاندا 800 يۈئەن مۇئاش ئالغىلى بولاتتى.

  زەيتۇنە ئىشقا چۈشتى . ئەزمەتنىڭ دادىسى قول ئاستىدىكىلەرگە دەپ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىدارىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغان بۇلۇپ تېخىچە كۆرىپ باقمىغان ئىدى. زەيتۇنە ئىشقا چۈشۈپ بىر ھەپتىدىن كىيىن يىغىندا تۇيۇقسىز زەيتۇنەگە كۆزى چۈشۈپ قالدى . ئاھۇنىڭكىدەك بىر جۇپ كۆز تۈكۈلۈپ تۇرغان تال تال كىرپىكلەر سۇس كۈلۈمسىرەشتىن پەيدا بولغان بۇلاقنىڭ قاينىمىدەك زىناق دانە دانە پارقىراپ تۇرغان ئالماستەك چىشلا ياپىرىم بۇ پەرىشتىمۇ ياكى ئادەممۇ . توۋا توۋا ماۋۇ قىز ئەجەپ بىر چىرايلىق قىزكىنە . ئەزمەتنىڭ «ئۇ كەلگۈسىدە سىزنىڭ كېلىنىڭىز بۇلۇپ قالىدۇ» دېگىنى ھەقىقەت ئىكەن. ھەي .......

ئەزمەتنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئىسمائىل بۇلۇپ كىشىلەر ئۇنى كۆپىنچە« ئىس جۇجاڭ»، «ئىس جۇجاڭ» دىيىشەتتى. بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا قۇلاققا ئانچە ياخشى ئاڭلانمايتتى. شۇڭا بۇ جۇجاڭ ئىسمىنى تۇلۇق ئاتاشنى كۆپرەك تەكىتلەيتتى. بۈگۈن ئۇ زەيتۇنەنى چاقىرتىپ ئەھۋالكىنى قىزنىڭ ئاغزىدىن بىر قۇر ئاڭلىدى.

  ئائىلەڭلاغا تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى بېرىدىغان دۇ ؟- دېدى ئىسجۇجاڭ زەيتۇنەگە قاراپ

  ــ ياق بېرىلمەيدۇ .

  ـ نىمە راسلا بېرىلمەمدۇ ؟

ــ ياق

  بۇقىسقىغىنە سۆھبەتتىن كىيىن ئىس جۇجاڭ ئادەم ئەۋەتىپ بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاتتى . نەتىجىدە بۇلارنىڭ ئائىلىگە تۈۋەن تۇرمۇش

كاپالىتى بېرلىدىغان ھەتتە قىزىغا ئۇقۇش ياردەم پۇلىمۇ برلىدىغان بۇلۇپ چىقتى . « ياپ ياش تۇرۇپ يالغان سۆزلىگىنىنى !» دېدى ئىس جۇجاڭ زەيتۇنەگە غەزەپلىنىپ ،

   ــ كەنىتنىڭ دەپتىرىدە «بېرلىدۇ » دېگەن بىلەن قۇلىغا تەگمەيدىغان ئىشلارمۇ بولىدىكەن ئاۋال بىر ئېنىقلاپ بېقىڭ بىكادىن بىكار خەخىنى ئەيىپلىمەي- دېدى ئىسجۇجانىڭ ئايالى ئىس جۇجاڭنى سەگىتىپ. ئىس جۇڭجاڭ ئادەم سېلىپ مەخپى تەكشۈرۈپ بېقىۋېدى، بۇ پۇلنىڭ راستىنلا بۇ ئائىلىنىڭ قۇلىغا تەگمەيدىغانلىقىنى ئاشكارلاندى .شۇنىڭ بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىدىن بۇ ئىشنى قاتتىق تەكشۈردى. كەنىت باشلىقى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىتتەك كىلىپ زەيتۇنەگە يالۋۇرۇپ بۇ پۇلنى ئالدىم دىيىشنى نەچچە يىلدىن بىرى بىرىلمىگەن پۇلنى چۇقۇم قايتۇرغىغانلىقىنى ھەتتا ھۆججەت يېزىپ بېرىدىغانلىقىنى  دەپ يالۋۇردى . لېكىن زەيتۇنە « نىمە دەپ بۇنداق نائەھلىگە ياردەم قىلاتتىم» دەپ تەكشۈرۈش گۈرەپپىسىدىكەلەرگە ئەينى ئەھۋالنى دېدى. مۇنداق ئائىلىدىن يەنە بىر بەچچىسى چىقتى شۇنىڭ بىلەن كەنىت باشلىقىنى تۇتۇپ كېتىشتى بۇلارنىڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۇلۇقلاپ بىرىلدى. ئەسلىدە ھەر ئائىلىدە كۆپ بولغاندا 2 ئادەم بۇ پۇلدىن بەھرىمان بۇلاتتى لېكىن ئىس جۇقاڭ بۇلارغا 3 جان ئادەمگە ھەل قىلىپ بەردى .

  زەيتۇنە بۇ پۇل بىلەن ھاشىم چەكەدىدىن ئالغان پۇلنى قايتۇردى . يىتىشمەي قېلىپ قالغان ئازغىنا بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ مۇئاشى بىلەن قايتۇردىغانلىقىنى دەپ ھاشىم چەكەدىدىنمۇ قۇتۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ تۇرمۇشى خېلى تەرتىپكە چۈشۈپ قالدى. بىر ئائىلە كىشىللىرى خۇش بولدى.

  زەيتۇنە بۇيەردە بىر نەچچە ئاي ئىشلەپ قالدى . ئارلىق ئانچە يىراق بولمىغاچقا زەيتۇنە باشتا ئۆيىدىكى ئىنىسىنىڭ كونا ۋەلسىپىتىنى مىنىپ باردى بىر ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىن يېڭى ۋېلىسپىتتىن بىرنى سېتىۋېلىپ شۇنىڭ بىلەن بېرىپ كىلىپ ئىشلىدى. شۇنداقتىمۇ  بىر قىزبالا ئۈچۈن ئاسان ئەمەس ئىدى. قىش كىرىشكە باشلىدى. ئەتىگەن ئاخشامنىڭ سوغىقىدا مېڭىش ئۇنچىلىك ئاسانغا چۈشمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق چۈشۈش بىلەن ھەسەلخان ئانا بۇرۇنقىدەك ئۆزىنىڭ دەردىنى ئۆزى تارتىپ بىردەم يېرىم دەم سىرىتلارغا چىقىدىغان خوشنىلار بىلەن ھال مۇڭ بۇىدىغان ئىشلاردىن قالدى . ھە دېسە قېقىلىپ يۈتىلىپ بۇلالماي قېلىۋاتاتتى. كۈنمۇ قىسقىراشقا باشلىدى. زەيتۇنە كەچتە كېلىپ ئانىسىغا تاماق قىلىپ بېرىشكىمۇ بەك كەچ بۇلۇپ كېتىپ باراتتى . شۇڭا بۇلار شەھەردىن بىرەر ئۆي ئىجارە ئالالىغان بولسا ئانىسىنى شۇيەرگە ئېلىپ كىرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ ئىشلىسە ئاچا- ئىنى ھەر ئىككىلىسى خاتىرجەم بولغان بۇلاتتى. نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان زەيتۇنە ئەزمەتكە تېلېفۇن قىلدى. ئەزمەت بۇ ئىشنى دادىسىغا دەپ بۇلارغا بىرەر ئېغىزلىق بولسىمۇ بىر ئۆي ئۇقۇشۇپ بېرىشنى ئۈتۈندى . دادىسىمۇ بۇنىڭغا ماقۇل بولدى. ۋە ئاستىرىتتىن زەيتۇنە گە يېقىنلىشىشقا باشلىدى. بىر شەنبە كۈنى ئىس جۇجاڭ زەيتۇنەنى ئەگەشتۈرۈپ يېزلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى چىقتى. بۇ كۈنى بۇلار خېلى كەچ قېلىشقان بۇلۇپ، شەھەرگە كىرگەندىن كىيىن ئىس جۇجاڭ شوپۇرنى يولغا سېلىۋېتىپ ماشىنىنى ئېپ قالدى. ئاندىن زەيتۇنەنى ماشىنىسىغا چىقىرىپ شەھەرنى ئايلاندۇرغاچ چەترەك بىر خۇيزۇنىڭ رېستۇرانىغا كىرىپ ئايرىم خانىدىن ئۇرۇن ئالدى . ھە دېسە زەيتۇنە گە تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا شرىن ۋەدىلەرنى بېرىپ زەيتۇنەنىڭ مەيلىنى تارتىشقا باشلىدى. بۇلار ئايرىم خانىدا ئالاھىدە تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ خېلى ئولتۇرۇپ قېلىشتى. زەيتۇنە بولسا ئانىسىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايلا قالدى. ئۇ نەچچە قېتىم ئىس جۇجاڭغا ئانىسىنىڭ يالغۇزلىقىنى بۇرۇنراق قايتمىسا بولمايدىغانلىقىن دەپ يالۋۇردى . ئىس جۇجاڭ بولسا گەپنى ھىلى زەيتۇنەنىڭ ئانىسىنى شەھەرگە ياندۇرۇپ كېلىپ ياخشى يەرگە ئۇرۇنلاشتۇردىغانلىقىغا يۆتكىسە، ھىلى زەيتۇنەنىڭ خىزمەت ئىشىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى بىر ئىككى يىلغا قالماي رەسمى كادىر قىلىدىغانلىقىنى غا يۆتكەيتى، يەنە تۇرۇپ زەيتۇنەنىڭ ئىنسىنىڭ پۈتۈن ئۇقۇش چىقىمنى ئۆزى كۆتىرىدغانلىقىنى دەيتتى . شۇنىڭ بىلەن بىچارە زەيتۇنە بۇ يەردە تىكەندە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇۋاتاتتى. بىر چاغدا خېلى قىزىپ قالغان ئىس جۇجاڭ بىر رۇمكا قىزىل ھاراقنى زەيتۇنەگە تەڭلەپ تۇرۋالدى. زەيتۇنە تەڭلىكتىن تىرەپ كەتتى نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي لاغىلداپ تىترەيتتى. تەستە زۇۋانغا كېلىپ «ئىس جۇجاڭ مەن ئىچمەيمەن راسلا ئىچمەيمەن مېنى كەچۈرۈڭ» دەپ كالپۇكلىرىنى ئۆمچەيتىپ يىغلىغۇدەك بۇلۇپ كەتتى . قىزنىڭ بۇ تۇرقى ئىس جۇجاڭغا شۇنداق ئۇماق ھەم جەلىپكار تۇيۇلدىكى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قىزنى ئالدىغا تارتىپلا قۇچاقلىۋالدى –دە ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە قالايمىقان سۆيگىلى تۇردى .قىز قاتىق قورقۇپ چىقىراپ كەتتى. بىراق ئىس جۇجاڭ بۇقىزنىڭ ئاغزىنى چىڭ تۇتۇۋالدى ۋە نۇرغۇن تاتلىق ۋەدىلەرنى بىرىپ ئۇنى ئۆزىگە ماقۇل كەلتۈرمەكچى بولدى. بىراق قىز بۇنىڭغا زادى كۆنمىدى . ئىس جۇجاڭ ئۇنىڭغا قورقاق سېلىپ ئۇنى خىزمەتتىن ھەيدىۋەتمەكچىمۇ بولدى .لېكىن قىز زادىلا كۆنمىدى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى لاغالداپ تىترەيتتى. ئىس جۇجاڭ ئۇنىڭغا زورلۇق ئىشلەتمەكچى بولىۋېدى قىز قولىغا چىقىپ قالغان تەخسە بىلەن ئىس جۇجاڭنىڭ بېشىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇردى –دە ئۇنىڭ قۇلىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ بۆرىدىن قاچقان كىيىكتەك سىرىتقا ئۆزىنى ئاتتى. سىرىتتا ئاللىقاچان سائەت 12 دىن ئاشقان بۇلۇپ كەچ كۈزنىڭ سوغىقى جاندىن ئۆتەتتى. ئېرىقلاردىكى سۇلار ئەينەكتەك مۇز تۇتقان بۇلۇپ سوغوق يېلىڭ كىيىنىۋالغان قىزغا رەھىمسىزلەرچە نەشتىرىنى سانجىيتتى. بىراق ھازىر قىزنىڭ تۇيغۇللىرىدا سوغوق قورقۇش دېگەنلەرگە ئۇرۇن  يوق ئىدى. ھەتتا پىچاق بىلەن تىلسا قان چىقمايدىغان ھالەتكەبېرىپ قالغان ئىدى .ئۇ شۇ مېڭىشىسدا يېرىم كېچىدىكى قوقۇش سوغۇق كەمسىتىش ئازاپنى يېڭىپ 10 نەچچە كىلومېتىر يولنى  پىيادە مېڭىپ ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئۇ ئۆگە كىرگەندە ئانىسى قىزىدىن ئەنسىرەپ ئۇيقۇسىز ئۇنىڭ يولىغا قاراپ ياتقان ئىدى. كىيىن ئانىسىنىڭ ئالدىدا ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالامىدى. ئانىسىغا ئېسىلىپ مىڭ يېرىدىن تۆكىلىپ زار – زار يىغلىدى . ئۇ يىغىدىن ھەر يۇلقۇنغاندا پۈتۈن بەدىنى سىلكىنەتتى. زەيتۇنە ئەتىسى ئورنىدىن تۇرالمىدى. پۈتۈن بەدىنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئەغرىپ قىزىتىپ مىدىرلاشقىمۇ مادارى قالمىغان ئىدى. كېچىچە ئاچىسىنىڭ ئازاۋىنى كۆرىپ ئۇخلىيالمىغان مۇھەممەت قولتۇق تايىقىغا تاينىپ پۇتىنى ساڭگىلىتىپ كەنىت دوختۇرخانىسىدىن ئاچىسىغا قىزىتما قايتۇردىغان زۇكامغا قارشى تۇردىغا دورىلارنى ئېلىپ كەلدى. قىزىق چاي قاينىتىپ ئاچىسىغا دورا ئىچكۈزدى. ئۆيدىكى كىچىككىنە گۈرۈچتە شوۋا گۈرۈچ قىلىپ ئىچكۈزدى. كەچقۇرۇن زەيتۇنە سەل ئىسىگە كەلدى ۋە بېشىنى كۆتىرىپ ئانىسىنىڭ يېنىغاكىلىپ ياتتى. ئۇ ئىنىسىگە قاراپ «جېنىم ئۇكام ساڭا ياخشى قاريالمايۋاتىمەن» دېدى كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ .

  ئەتىسى مۇھەممەت مەكتىۋىگە كەتتى. زەيتۇنە ئانىسىغا قاراپ قالدى ۋە شۇ پېتى خىزمەتكىمۇ بارمىدى. قېپ قالغان مۇئاشىنىمۇ سۈرۈشتەقىلمىدى. كىيىن بۇلارنىڭ 3 كىشلىك تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئىككى كىشلىككە چۈشۈپ قالدى زەيتۇنەگە بېرىلىدىغىنى توختۇتۇلدى.

  « تۇۋا» دەيتتى زەيتۇنە ئۆزىگە ئۆزى ئېچىنىپ قانداق جاھان بۇ ھە! ھەي ئادەملەر سىلەرگە زادى نىمىش بولدى دۇنيادا پەقەتلا ياخشى ئادەملەر قالمىدىمۇ زادى . ؟

  ھەسەلخان ئانىنىڭ كېسلىمۇ قىشنىڭ كۈچۈيىشىگە ئەگىشىپ كۈچۈيۈپ بېرىپ يىل ئۆرىلىپ 2ئايغا 12 بولغان بىر پەيشەنبە كۈنى ئەسىر مەزگىلىدە بۇ پانى دۇنيانىڭ ئازاپلىرىدىن بىراقلا خالس بۇلۇپ باقىيغا سەپەر قىلدى.  ئاچا- ئىنى ئىككەيلەن پۈتمەس- تۈگۈمەس ھەسرەت نەدامەت بىلەن زار-زار يىغلىشىپ قالدى . مەھەلە كويدىكىلەر بىر بىرلەپ كىرىپ مەرھۇم ئۈچۈن ھازا ئاچتى ئاياللار توپ- توپى بىلەن كىرىپ ناتىۋانلارنىڭ نالىسىگە چىدىماي ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. بالىلارنى بېشىنى سىلاپ ھىسداشلىق قىلىشتى بالىلار بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالمىدى. موي سىپىتلەر كىرىپ يېڭى كەنىت باشلىقى ۋە ئىماماخۇنىڭ باشچىلىقىدا ئەتىكى ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇردى. يۇرىت دېگەننىڭ ئىتى كەڭ باغرى يۇمشاق بىرمۇ ياخشى ئادەم قالمىغاندەك تۇرغا بۇ مەھەلىدە يەنىلا ياخشى ئادەملەر كۆپ ئىدى. بۇلار مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدەك بىر قوللۇق قىلىپ مەرھۇمنى چىرايلىق ئۇزاتتى. ئەتىگەندە جامائەت سەھەر سائەت بەش بىلەن يىغىلىپ ياش بالىلارنى يىغىپ بىر بىردىن يىراق يېقىندىكى مەسچىتلەرگە خەۋەر قىلىشقا ماڭدۇردى . بىر قىسىملارنى يىغىپ ، قەبرە سالىدىغان، قەبرىگە لاي تۇشۇيدىغان ،خىش تۇشۇيدىغان . ھەتتا كەلگەنلەرنى باشلايدىغان تەرەتكە سۇ بىرىدىغان ئىشلاردىن تارتىپ ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇرۇنلاشتۇردى. مەرھۇمنىڭ نامىزىغىمۇ نۇرغۇن ئادەم كېلىشكەن بۇلۇپ ناھايىتى چوڭ بىر ھازا بولدى . كەچتە زەيتۇنە بىلەن مۇھەممەت مۇڭلىنىپ نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئولتۇرۇپ كېتىشتى . ئەتراپىدىكى ئاياللار بالىلارغا تەسەللى بىرىشەتتىى، ھىسداشلىق قىلىشاتتى . مەھەللە ئاياللىرى بالىلارنى يالغۇز قالسا مۇدا چىققان ئۆيدىن قورقىدۇ دەپ بىربىرىدىن نۆۋەتلىشىپ نەزىرە كۈنىگىچە بۇلارغا ھەرا بۇلۇشتى ئاش تاماقنىمۇ نۆۋەتلىشىپ ئىتىپ كىرىپ بۇلارغا قىزىق- قىزىق ئىچكۈزۈپ مەدەت بېرىپ تۇردى. نەزىرە ئاخىرلاشقان كۈنى مۇھەممەتنىڭ سىنىپ مەسئۇلى، ساۋاقداشلىرى كېلىپ مۇھەممەتنى مەكتىۋىگە يۆتكەپ ئېلىپ كىتىشتى رەڭگى سارغايغان روھى چۈشكەن ئەممە كۆكتىكى يۇلتۇزدە تۇرغان ئىنىسىگە قاراپ زەيتۇنەنىڭ ئىچى سىرىلدى، ئۆزىنى تۇتۇۋالاماي مۇھەممەتكە ئېسىلىپ  ئۇن قۇيۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.مۇھەممەتمۇ ئاچىسىغا ئېسىلىپ ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئەزگۈدەك نالە قىلىپ يىغلىدى. بۇنى كۆرىپ ساۋاقداشلىرىمۇ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلىشىپ كەتتى . ئەممە يىغلىغان بىلەن ئىش پۈتەمدۇ بۇيىل مۇھەممەت ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېردۇ، مۇنداق يىغلىسا بولمايدۇ، ئۈگۈنىشىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك ھىلىمۇ مۇھىم ۋاقىتتا بىر ھەپتە دەرىس تاشلىدى مۇئەللىم بالىلارغا تەسەللى بىرىپ مۇھەممەتنى ئېلىپ ماڭدى مەھەلىدىكىلەرمۇ بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەدەمگەرچىلىكىدىن تەسىرلىنىشتى ۋە زەيتۇنەگە تەسەللى بىرىپ ئەپ قېلىشتى .

  كەچتە يالغۇز قالغان زەيتۇنەنىڭ كۆڭلى يەنە يېرىم بولدى . ئۇ يالغۇز تۆت تامغا قاراپ ئىچ – ئىچىدىن ئۆرتىنىپ قېقىلىپ قېقلىپ يىغلىدى. ئۆزىنىڭ ئىنىسىنىڭ كىچىك تۇرۇپ شۇنچىلىك دەرت تارتقىنىغا ئۆكۈندى . ئانىسىنىڭ شۇنچە كېسەل تارتىپ ياخشى بۇلالماي كېتىپ قالغانلىقىغا ئېچىندى. دوختۇرلار ھەسەلخان ئاچىنىڭ ياخشى بۇلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق دېگەن بولسىمۇ لېكىن بالىلارنىڭ ئانىسى بىلەن كۆپرەك بىرگە بولغۇسى . ئۇزاقراق بىللە ياشىغىۇسى بار ئىدى بىراق تەقدىرگە نەچارە . ئۇ ئادەملەرنىڭ ئىراىدىسىگە باقمايدىغان گەپكەن .

  نۇرغۇن ئادەملەر ھاياتنى سەھنىگە ئوخشىتىدۇ مېنىڭچە بۇ ئوخشۇتۇش نوخسانسىز  توغرائوخشۇتۇلغان . مانا قاراڭ تېخى تۈنۈگۈنلا زەيتۇنە ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆككەن ئادەملەر مانا بۇگۈن سابىق كەنىت باشلىقىنىڭ ئايالى سانىخان سېرىقنىڭ دېپىغا ئۇسۇپ ئوينىماقتا . ئېرىنىڭ يامان ئىشلىرى ئاشكارىلىنىپ ، سۇغا چۈشكەن مۇشۇكتەك بۇلۇپ كەتكەن سانىخانغا ھېچكىمۇ نەزىرىنى سېلىپ كەتمەيدۇ بىراق ئۇنىڭ ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ چىقىۋاتقان « چىرايلىق» گەپلىرى ئادەملەرنى قىزىقتۇراتتى. بەزىللىرى ياقىسىنى تۇتۇپ « توۋا» دىيىشسە بەزىللىرى بۇ يامان خۇتۇننىڭ قۇڭىغا ئۇرۇپلا گەپ تاپىدىغان مىجەزىگە قاراپ ئۇنى يۈزدىن يۈزىگە تىللايتتى. مەيلى تىللىغۇچىلار بولسۇن ياكى ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ « توۋا » دېگۈچىلەر بولسۇن ئوخشاشلا بۇ خۇتۇننىڭ گېپىگە قىزىقاتتى. بۇ خۇتۇن قىرمۇ- قىر ئېتىزمۇ- ئېتىز مېڭىپ زەيتۇنەنىڭ « قىلمىشلىرى»نى ياياتتى. ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئېرىنى قانداق ئازدۇرغانلىقىنى كىيىن ھاشىم چەكەدىنىڭ بالىسى بىلەن نىمىشلارنى قىلغانلىقى ئاندىن ناھىدىكى باشلىقلاربىلەن قىلغان« بۇزۇقچىلق»لىرىنى سۈكەتتى. مۇنداق يامان خۇتۇنلانى كەنىتتىن ھەيدەپ چىقارمىسا كەنىتتىن ئامەت قاچىدىغانلىقىنى ئېرىنىڭمۇ بۇنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى دەپ جارسالاتتى. بەزەلەر بۇنىڭ زەھەرخەندىلىكىگە ھەيران بولسا بەزىلەر يۈزدىن يۈزىگە تىللىدى. كۆپىنچە خۇتۇنلار بۇ گەپكە ئىشىنىپ «توۋا» دىيىشتى. زەيتۇنە گە بولسا كەينى كەينىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپلەر خۇددى ئوغا زەھەر بۇلۇپ بۇ يۇرىتتا تۇرۇشنى ھارام قىلىۋاتاتتى. بۇلۇپمۇ قىشلىق تەتىلى ئاخىرلىشىپ مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ساۋاقداشلىرىنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قېلىشىنى پەقەت خالىمايتتى.  بىچارە زەيتۇنە ئازاپ يالغۇزلۇق ، تۇرمۇش قىيىنچىلقى تۈپەيلىدىن ئەقلىدىن ئازغاندەك بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. كېچە كېچىلەپ ئۇخلىماي چىقىۋاتقان ئىنىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ياداپ كېتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ ئىچى سىرىلاتتى. ئۇ مىڭ تەسلىكتە ئانىسىنىڭ قىرىق نەزىرىسىنى تۈگۈتۈپ ، يېڭى كەنىت باشلقىنى ئىزدەپ باردى ۋە ئانىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا كەتكەن چىقىملىرىنى ھىساپلاشتى. يېڭى كەنىت باشلىقى خېلى ئىنساب دىيانىتى بار ئادەم بۇلۇپ ئىشلارنى ناھايىتى تىجەشلىك بىلەن ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىدى. زەيتۇنە ئىنىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ  ئۆزلىرىنىڭ 2 مو يىرىنى سېتىپ بۇ قەرىزلىرىنى تۈلەپ يۇرىتنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتمەكچى بولدى . چۈنكى قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتلەر دەستىدىن ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇرغۇدەك ھالى قلمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئۇقۇشنى ۋاقىتلىق توختاتقان قەرەلىمۇ تۇشۇپ قالغان ئىدى . ئىنىسى ئىمتىھان بىرىپ ئۈتۈپ قالسىمۇ بۇنىڭغا لايىق پۇل بولمىسا بولمايتتى . شۇڭا ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ بىللە ئۇقۇغان ساۋاقدىشى زۆھرە بىلەن كۆرىشىپ ئىش تېپىپ ئىشلىمىسە بولمايتتى. زۆھرەنىڭ گېپىچە بولغاندا ئۈرۈمچى دېگە ن  چوڭ شەھەر بىر كىم بىلەن بىركىمنىڭ كارى يوق نىمىش قىلسا ئەركىن قىلىدۇ ئارقىسىدىن گەپ تاپىدىغان كۆزىگە كىرىۋالىدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. زۆھرە ئۆزىمۇ بىر تەرەپتى ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ خۇددى . باي سودىگەرلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى.

  شۇنداق قىلىپ زەيتۇنە ئىنىسىگە ئالاقىلىشىدىغانغا بىر دانە تېلىفۇن ئېلىپ بىرىپ باشقا ئىشلىرىنى مۇۋاقىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ . ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇ بۇ قېتىم ئۆيىدىن خېلى خاتىرجەم كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئىنىسىنىڭ تۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ئالىدىغان مۇئاش كارتىسى بۇلۇپ ئىنىسىنىڭ ئىشلىرىدىن خاتىرجەم ئىدى. يەرلەرىنى چىشىنى چىشلەپ يەنە شۇ ھاشىم چەكەدىگە ھۆددىگە بېرىۋەتكەن ئىدى . ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ زۆھرە بىلەن كۈرۈشتى . زۆھرە زەيتۇنەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارماي ئەزمەتنى چاقىرىپ چىقتى ئەمەلىيەتتىمۇ زەيتۇنەنىڭ مۇشۇ ئىككىلا يېقىنى بارئىدى. بىر يىلدىن بىرى كېلىۋاتقان ئۇڭۇشسىزلىقلار زەيتۇنەنى ئادەملەردىن يىراقلاشتۇرغان بۇلۇپ ئادەم خالىمايدىغان قىلىپ قويغان ئىدى. بۇلۇپمۇ ئەزىمەتنىڭ دادىسىنىڭ قىلمىش ئۇنىڭ سەۋەبىدىن تارتقان دەرت ئەلەملىرى ئانىسىنىڭ ۋاقىتسىز كېتىشلىرىنى ئويلىسا ئەزىمەتكە قارايدىغان كۆزى يوق ئىدى. ئەممە ئەزمەت نەھايىتى ياخشى تەربىي كۆرگەن بالا بۇلۇپ مەكتەپ بۇيىچىمۇ ياخشىلىقتا نامى بار بالا ئىدى . ئۇ كۆيىنىشنى ئاسراشنى نىمىنىڭ ئادىمىيلىك نىمىنىڭ تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدىغان بالابۇلۇپ زەيتۇنەنىڭ تۇرمۇشىغاھەممىدىن بەك كۆڭىل بۆلەتتى ۋە ئۇنى ھاياتىدىكى بىرىدىن- بىر ئادىمى دەپ قارايتى . لېكىن زەيتۇنەنىڭ بۇ كۆڭىلسىز ھالىتىدە بۇنى ئۇنىڭغا ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتىمىغۇ بۇنى دىيىشنىڭ زۈرۈرۈيىتىمۇ يوق ئىدى. چۈنكى بۇنى زەيتۇنە ئۆتكەن يىلىلا بىلەتتى ۋە ئەزمەتنى ئىتىراپ قلىپمۇ قالغان ئىدى. بىراق بىر يىلدىن بىرى زەيتۇنەدە  قانداق ئۆزگىرىشلەر  بۇلىۋاتىدۇ بۇ ئەزمەتكە قاراڭغۇ ئىدى . ئەمما ئەزمەت نىمەلا بولمىسۇن زەيتۇنەنى جېنىدىنمۇ ئەزىزى كۆرەتتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازى ئىدى. بىراق بۇقېتىمقى زەيتۇنەنىڭ ئۆزىگە بىر تەرەپلىم قاراشلىرىدىن ، نىمە قىلىشنى بىلمەي تىتلداپ  قويغان تۇتقىنىنى بىلمەيلا قالدى.

زۆھرە زەيتۇنەنى بىر رېستۇرانغا تۇنۇشتۇردى ، ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئاسان پۇل تاپقىلى بۇلىدىغان ئىش مۇشۇ ئىش ئىدى. پۇلىمۇ يامان ئەمەس ئىدى. زەيتۇنە باشتا رېستۇراننىڭ تاماق بۆلىمىدە قاچا قۇچا يۇدى ، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن خۇجايىن بۇقىزنىڭ تاغ گۈلىدەك پاكىز ساپ ھۆسنى جامالىنى كۆرىپ ئۇنى خېرىدارلارنى كۈتۈش بۆلىمىگە يۆتكىدى. زەيتۇنەنىڭ جاپا تارتسىمۇ ئەشۇ خاتىرجەم ئادەم ئاز قاچا قۇچا يۇيىدىغان ئىشنى قىلغۇسى بارئىدى ، لېكىن خۇجايىن بۇنىڭغا ئۇنىمىدى. زەيتۇنە بۇيەردە ئىشلەپ بىر ئاي  15كۈن بۇلا بولماي بىر كۈنى خۇجايىنى ئۇنى بىر ئىشلار بىلەن رېستۇراندا ئاۋارە قىلىپ ئاخىرىدا ئۇنى بىر ئايرىم خانىگە  باشلاپ كىرىپ ئۇىڭغا يېقىنچىلق قىلىش تەلىۋىنى قويۇپ تۇرۋالدى . زەيتۇنەنىڭ شۇ كۈنلەردە ئەركىش دېگەنگە شۇنداق نەپرەتلىنىپ كەكەنكى ئۇ خۇجايىنىنىڭ قىلمىشىدىن كۆرە ئۇنىڭ ئەركىشى بولغانلىقىدىن ئۇنىڭغا شۇنداق ئۆچلىك قىلدىكى قلىغا چىققانلكى نەرسىنى ئېتىپ خۇددى ئانا شىردەك ئۇنىڭغا ئېتىلىپ رېستۇران خۇجايىنىنىڭ ئانا مانىسىنى كۆزىگە كۆرسەتتى . ئۇنىڭ شۇ ئاچچىقىدا خوجايىننى ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىغۇدەك ئەلپازى بار ئىدى. شۇڭا رېستۇران خۇجايىنى ئۇنىڭدىن

قورقۇپ قالدى . زەيتۇنە بولسا بۇيەردىكى ئىش ھەققىنىمۇ ئالماي شۇ چىقىپ  كەتكەنچە ئىككىنچى بۇتەرەپكاقارىمىدى.ئۇ زۆھرەنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى . زۆھرە باشقىچە بىر پىلان تۈزۈپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ئۇنىڭغا ياخشى تائاملارنى ئېلىپ ياخشى گەپلەرنى قىلدى . كونىلارنىڭ قىز بالا دېگەن ئۆچكا يېغىغا ئوخشايدۇ دېگىنى راس بولسا كېرەك زەيتۇنەمۇ بىر يىلدىن بىرىقى ئىچ پۇشقى تەسىرىدىنمۇ ياكى زۆھرەنىڭ بۇ يېقىنچىلىقىدىن بەك تەسىرلەندىمۇ قانداق زۆھرەگە ئىچ قارنىنى تۈكۈپلا ۋەتتى. زۆھرەنىڭمۇ بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ئىچى ئېچىشىپ كەتى . شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە كۈن ئۆتتى بىر كۈنى زۆھرە زەيتۇنەنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئاددى ئەممە بەك يارىشىملىق چىرايلىق بىر قۇر كىيىم ئالدى. زەيتۇنە بۇنداق قىلىشقا قۇشۇلمىغان بولسىمۇ زۆھرە ئۇنىغا چۈشەندۈرۈپ شەھەردە مۇنداق قىلمىسا بومايدىغانلىقىنى بۇ كىيىمنىڭ پۇلىنى قەرىز بەرگەن بۇلاي دەپ تۇرۇۋالدى . زەيتۇنەمۇ نىمە دىيىشىنى بىلمەي زۆھرەگە ئەگەشتى. چۈنكى ئۇ شۇنچە قىلىۋاتقان يەردە ئۇنىڭ گېپىنى يىرىشقىمۇ بولمايتتى. بۇنى كۆرگەن ئەزمەت زەيتۇنەگە زۆھرەنىڭ ئارقىسىدىن ماڭماسلىقنى بۇقىزنىڭ يامان يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى بىر ئىككى قېتىم ئەسكەرتتى بىراق زەيتۇنە بۇ گەپكە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىدى.

مانا بۈگۈن شەنبە زۆھرە زەيتۇنەنى ئەگەشتۈرۈپ بىر ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا كەلدى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ زۆھرە بىلەن تۇنۇشلۇقى بولسا كېرەك بۇ قىزغا بەك قىزغىن مۇئامىلە قىلدى ۋە زەيتۇنەنىمۇ ئۆزىگە خاس ياساپ تۇنۇغۇسىز قىلىۋەتتى. يارىشىملىق گىرىمدىن زەيتۇنە خۇددى جەننەتتىكى ھۆرلەرگە ئوخشاپ قلغان ئىدى. بۇلار بىر يەرئاستى كۆڭىل ئېچىش ئورنىغا كېلىشتى ۋەبىر ئايرىم خانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ بىردەم دىمىنى ئېلىپ تۇرۇشىغا بۇ يەرگە يەنە ئىككەيلەن كىرپ كېلىشتى زەيتۇنە بۇنىڭ نىمىشلىقىنى بىمەي مەڭدەپ قالدى .

  ــ خاتىرجەم بول ئۆزىمىزنىڭ ئاكىللىرى . بۇياق نىڭ ئىسمى ئارىسلان . بۇياقنىڭ بولسا يولۋاس ھا..ھا.. خۇددى تاغدىكى بىرجۇپ يىرىتقۇچ قېرىنداشلار ـ دېدى زۆھرە زەيتۇنەدىكى ئۆزگىرىشنى ھېس قىلىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىپ . ئەمما زەيتۇنەنىڭ قۇلىقى تۈۋىدە ئەزمەتنىڭ گېپى جاراڭلاپ ئۆزىنىڭ سەزگۈرلىكىنى ئاشۇردى. قورۇمىلار قىچىشقا باشلىدى ئاندىن تانسا ئۇسۇللار باشلاندى. زۆھرە ھىلىقى يولۋاس دېگەن بىلەن شۇنداق ئىرماش چىرماش بۇلۇپ كەتتىكى بۇنى كۆرىپ زەيتۇنەنىڭ تەنلىرى شۈركۈنىپ كەتتى.  بىراق زەيتۇنە بىر ئولتۇرغانچە مىدىرلىغىنى ئۇنىمىدى . ئۇنىڭ بۇقىلمىشىدىن زۆھرەنىڭ ئاچچىقى كېلىپ يېرىلغۇدەك بولدى . بىراق ئارسلانغا بۇ قىز خۇددى ساماۋى چۆچەكلەردىكى مەلىكىلەردەك بىلىنىپ ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركىتى مىدىرلىشى خۇيلىنىشى ھەتتا مۇشۇنداق ئولتۇرۇشىمۇ شۇنداق يېقىملىق شۇنداق نازاكەتلىك بىلىندى. شۇڭا زۆھرەگە بۇقىز بىلەن ئېيتىشماي . ئۇيۇنىنى ئۇيناشنى دەپ بۇ قىزغاھەمرا بۇلۇپ ئولتۇردى . بىر چاغدا زۆھرە قۇپۇپ ئۇسۇل ئوينىغىلى تۇرىدى . ھىلىقى يولۋاس بولسا بۇ قىزنىڭ بېشىدىن 100 كويلۇق پۇللارنى ئايىماي ئۆرىگىلى تۇردى. زۆھرە بولسا زەينەپنى ھەدەپ ئۇسۇل ئويناشقا قىستايتتى. بىر چاغدا مۇزىكىنىڭ تۈگىشىگە زۆھرە كىلىپ ئولتۇراي دىيىشىگە يولۋاس ئۇنى تارتىپلا قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزۇۋالدى . بۇ ئىشلارنى كۆرىپ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتكەن زەيتۇنە بۇ سورۇندىن غەزەپ بىلەن سۇغۇرلۇپ چىقىپ كەتتى. شۇ ھامان ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئارسىلان يۈگۈرۈپ چىقتى ئەممە زەيتۇنە بۇنىڭغا شۇنداق سەت بىر ئالايدىكى ئارسىلان مەڭدەپ قالدى، زەيتۇنە غەزەپ بىلەن:

ــ ھۇ نۇمۇس قىلمايدىغان ھايۋانلار سەنلەرنىڭ خۇتۇن قىزلىرىڭ يوقمۇ ؟يوقال ئەگەر كەينىمەگە كىرىۋاكىدىغان بولساڭ ساڭا دەپ قۇياي مەن جاندىن تويدۇم تاتىشىدىغان ھېچنىمەم قالمىدى. سېنى چىشلەپمۇ بولسا ئۆلتۈرۈۋېتىمەن ئۇقتۇڭمۇ- دېدى . قىزنىڭ بۇ ياۋايى تۇرقىغا قاراپ ئارسلان دېگەننىڭ تېنى شۈركۈنىپ كەتتى. زەيتۇنە قاتتىق ئازاپ ۋەھاقارەت ھېس قىلىپ ، بۇ جاھانغا ئىچ ئىچىدىن لەنەت ئۇقۇدى. ياخشى ئادەملەرنىڭ يوقلىقىغا لەنەت ئوقۇدى . دەلدەڭشىگىنچە نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى بىلمىدى. ئۇ بۈگۈن زۆھرەنىڭ كەينىگە كىرىپ ئەخماقلىق قىلىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ نەس باسقان شۇدە، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئازغىنە پۇلىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئۇ يرىم كېچىدىن ئاشقاندا 9 كىلومىتىر يولنى پىيادە بېسىپ مەكتەپنىڭ ئالدىغاكەلدى.ئۇ بۇيەرگە نىمىشقا قانداق كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالدى. قانداق قىلىشىنى بىلماي خېلى ئۇزۇن تۇرغاندىن كىيىن ئىلاجىسىز ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئويغۇتۇپ ئۇنىڭ تېلېفۇنىدا ئەزمەتكە تېلېفۇن قىلدى. بەختىگە ئەزمەت بەلكىم زەيتۇنەنىڭ بۈگۈن زۆھرە بىلەن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن خاتىرجام بۇلالماي ئۇخلىماي ياتقان بولسا كېرەك تېلېفننى شۇ ئان ئالدى . ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولدى. زەينەپ بۇ كېچىنىڭ يېرىمىنى ئامالسىز ئەزمەت بىلەن مەكتەپنىڭ دەرۋازىغا يېقىن چىملىقىدا ئۆتكۈزدى ۋە ئەتىسى سەھەردە ھەممىدىن راھى يانغان ھالدا يۇرتىغا قايىتتى.

  ــ نىمانچە قىلىسەن زەيتۇنە ئۇلار ئادەم يىمەيدۇ تۇنۇشۇپ قويساڭ سېنى پۇل دېگەنگە كۆمىۋېتەتتىى . مەنمۇ شۇ سېنى ئويلاپ شۇنداق قىلغان ئويلاپ باقمامسەن سېنىڭ تايانغۇدەك نىمەڭ بار؟ ھازىر ئىنىڭ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ . سەنمۇ ئۇقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرمىساڭ بولمايدۇ . بۇنىڭغا پۇل بولمىسا بولمايدۇ . قانداق قىلىسەن ھاياتلىق دېگەن شۇ سېنىڭ تارتمىغان جاپايىڭ قالمىدى. بارغۇدەك يېرىڭمۇ يوق . شۇنداق بولغاندىكىن بىر ھە دەپ قويغانغا ئۈلۈپ قالامتىڭ ئارسلان دېگەننىپ پۇلىنىڭ سانى يوق بىرنىمە ساڭا شەھەردىن بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپمۇ بېرەتتى. سەن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن دېدى سەنلا ماقۇل بولساڭ ئۇ ساڭا ئاسمەندىكى ئاينى ئېلىپ بېرىشكە رازىكەن سەن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۇچراتقان قىزلارنىڭ ئىچىدىكى بىردىن بىرىكەنسەن سېنى بىر كۆرىپلا شۇنداق يارتىپ قاپتۇ ماقۇل كۆرسەڭ سېنى ئۇقۇتۇپ سەن بىلەن تويقىلىشقا رازىكەن بىلەمسەن ئىنىڭنىڭمۇ سىنىڭمۇ بەختىڭ ئېچىلىدۇ دېگەن گەپ – دېدى زۆھرە زەتۇنە ماڭىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇتۇپ قالماقچى بۇلۇپ.

  ــ بولدى بەس – دېدى زەيتۇنە زۆھرەنىڭ بۇ گەپلىرىدىن غەزەپلىنىپ ۋە زۆھرەگە« خوش» مۇ دىمەي كېتىپ قالدى.

  ئەزمەت زۆھرەگە قاتتىق خاپا بولدى ئۇ زەيتۇنەنىڭ بىچارە ھالىتىگە ئىچى ئاغرىدىمۇ ياكى . زۆھرەنىڭ ئۇنى يامان يولغا باشلىغانلىقىغا ئاچچىقى كەلدىمۇ ئىش قىلىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ئىدى ئۇنىڭ بۇ ۋاقىراشلىرىدىن ھاقارەت ھېس قىلغان زۆھرە ئەزمەتكە قاراپ:

ــ  سەن بەلكىم زەيتۇنەنى تاما قىلىپ قالغانسەن بۇ سېنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ . زەيتۇنە سەن بىلەن ئۆلگەندىن كىيىن ئۆلىكىمۇ بىللە بوبولمايدۇ سەن زەيتۇنەنى چۈشەنمەيدىكەنسە - دېدى ۋە ئاچچىقىدا زەيتۇنەنىڭ قانداق كەچمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى شەرمى ھاياسىنى ئىززىتىنى قوغداش يولىدا قانداق قۇربانلارنى بەرگگنلىكىنى شۇنداقلا ئەزمەتنىڭ  دادىسىنىڭ زەيتۇنە گە قانداق قىلغانلىقىنى دەۋەتتى. ئاخىرىدا:

ــ بىلىپ قوي زەيتۇنە ئەنە شۇنداق بىر قىزكى داداڭنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن سېنىڭ يەتتە ئەۋلادىڭدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇكى سېنى ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلمايدۇ-دېدى

ئەزمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇ يەردىلا ئولتۇرۇپ قالدى. زۆھرە بولسا ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى . ئەزمەت ئولتۇرغان جايىدا قانچىلىك ئولتۇرغىنى بىلمىدى بىر چاغدا ئىسىگە كېلىپ ئاغىنىسى ئەزھەرگە تېلىفۇن قىلىپ ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ياتاققا كىرىپ كەتتى. شۇ ياتقانچە بىر نەچچە كۈن دەرىسكىمۇ چىقمىدى. ئۇنىڭ نىمە بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمىدى. ھېچنىمىدىن قورىقمايدىغان زۆھرەمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ھېچكىمە دىمىدى ئەگەر بۇنىڭ سەۋەبىنى دەيدىغان بولسا ئۆزىنىڭ قىلمىشى بىللا چۇۋۇلۇپ چىقاتتى.

  ئەزمەت بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن  ئىسىگە كېلىپ دادىسىغا خەت يازدى .

  « دادا بۇگۇن يامان خەۋەردىن بىرنى ئاڭلاپ كۆڭلىم شۇنداق يېرىم بولدى . سىزنى شۇنداق چوڭ بىلىپ سىزدىن پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم بۈگۈن سىزدەك دادىنىڭ بالىسى بولغانلىقىمدىن قاتتىق نۇمۇس قىلدىم.... زەيتۇنە گە قىلغانلىرىڭىزنى زۆھرەدىن ئاڭلاپ نىمىشقىمۇ بۇدۇنياغا يارلىپ قالغاندىمەن . نىمىشقىمۇ شۇنداق دادىدىن تۆرىلىپ قالغاندىمەن دەپ كەتتىم .... دادا سىزمۇ ئادەممۇ سىزنىمۇ ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟..... مەن سىزگە زەيتۇنەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كەلگۈسىدە ئۇ سىزنىڭ كېلىنىڭىز بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ بىلدۈرگەن  ئىدىمغۇ ..... ئۇ تەرەپىنى دىمىگەندىمۇ ئۇ سىزنىڭ قىزىڭىزغا ئوخشاشقۇ !.... ئۇ مۇھتاجلىقتىن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئىش ئىزدەپ بارغانلىقى ئۈچۈن ئۇ سىزنىڭ شەخسى مۇلكىڭىز بۇلۇپ كېتىشى كېرەكمۇ؟..... نىمە دىسىڭىز ماقۇل دىيىشى كېرەكمۇ ؟.... بۇسىزنىڭ ئىمتىيازىڭىزمۇ ؟.... باشلىق بولغانلىقىڭزنىڭ بەلگىسىمۇ؟......ئۇ كىيىن تۇرمۇش قۇرمامدۇ ؟ئۇ چاغدا قانداق قىلىدۇ؟... ئۆزىنىڭ مەگۈلىك ھالاللاپ تاللىغان جۇپتىغا ئاللاھ تاللا ئاتا قىلغان پاكلىقنىڭ ساداقەىتنىڭ ئىشەنچنىڭ پاكىتى بولغان قىزلىقىنى ئېلىپ بارالمىسا مۇنداق قىزنىڭ تۇرمۇشتا بەختى كېلەمدۇ ؟.... بەخىتلىك بۇلالامدۇ ؟ مەڭگۈسىزنىڭ ئاشنىڭىز بۇلۇپ ئۈتەلەمدۇ؟.... سىز نۇمۇس قىلمىدىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ قىزىدەك قىزغا شۇنداق قىلىپ قايسى ئەرشى ئالاغا چىقارسىز دادا!.... خەخنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇش دېگەن قانداق گەپ بىلەمسىز دادا لەنەت سىزگە لەنەت سىزگە! نۇمۇس قىلمىدىڭىز، كىچىككىنە بىر قىزغا شۇنداق قىلىپ..... سىزنىڭمۇ بىر قىزىڭىز بارغۇ ئۇنىڭغا يېنىپ قېلىشىنى ئويلىمىدىڭىزمۇ سىز شۇ ئەمەل تاجىنى مەڭگۈ كىيىمەن دەپ ئويلامسىز . سىزدەك چىرىكلەشكەن ئائىلىسىنى باللىرىنى ئۇنۇتقان ئادەم بۇ ئەمەل سۇپىسىدا قانچىلىك ئولتۇرار !.....  ئانامچۇ دادا!..... ئانام ئەمدى سىزگە يارىمايدىغان بۇلۇپ قالدىمۇ ؟ ئەينى چاغدا ئانام سىز ئۈچۈن شۇنچىلىك قۇربانلارنى بىرىپتىكەنغۇ؟! ھەتتا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى، ئاتا ئانىسىنى تاشلاپ سىزنى دەپ بىزنى دەپ مۇشۇ ئىللىق ئائىلىنى دەپ ئستىقبالىدىن ۋاز كېچىپ سىزگە ئىشىنىپ سىزئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن ۋاز كېچىپ ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى بەختىنى ئىشەنچىسىنى سىزگە باغلىغان تۇرسا ئەمدى ئۇنىڭ ئىرىشكىنى شۇ بولدىمۇ  دادا ؟....... مەن سىزدىن قاتتىق رەنجىدىم رەنجىدىملا ئەمەس قاتتىق نەپرەتلەندىم..... سىزنىڭ مېنىڭ دادام بۇلۇپ قالغانلىقىڭىزدىن شۇنداق نۇمۇس قىلدىم...... مەن ئەمدى قايسى يۈزۈم بىلەن زەيتۇنەگە قارايمەن قايسى يۈزۈم بىلەن بۇ دۇنيادا ياشايمەن... . ئەشۇ ئاجىز بىر قىز ئۈچۈن  ئۆزىمنىڭ بىر ياردەم قىلىش يولىنى تاپالمايۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىزنىڭ كۆسرەتكەن شاپائىتىڭىز شو بولدى دادا.... سىز قىلغان ئىشنى ھايۋانمۇ قىلىمايدۇ ھەرقانداق بىر ھايۋان توپى ئۆز توپىدىكى ھايۋانلارنى بۇزەك قىلمايدۇ . مەن سىزگە ماڭا پۇل ئەۋەتىپ بېرىدىغان پۇل كارتامنى بۇ خەتكە قۇشۇپ ئەۋەتىپ بەردىم. نەچچە يىللاردىن بىرى قىلغانلىرىڭىزنى ماڭا ئەۋەتكەن پۇللىرىڭىزنى بىر كۈنى ياندۇرمەن. مەن بۇگۈندىن باشلاپ سىزگە مۇھتاج ئەمەس ھەم سىزنىڭ بالىڭىزمۇ ئەمەس!.... ئۇقۇشمنى ئۆز كۈچۈمگە تاينىپ داۋاملاشتۇرمەن داۋاملاشتۇرالمىسام قارا ئىشچى بۇلۇپ جېنىمنى جان ئىتىمەنكى سىزنىڭ ھەرقانداق شاپائىتىڭىزگە مۇھتاج بولمايمە بۇگۈندىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ ئاتا بالىلىقىمىز ئاياقلاشتى.....  ئانام بىلەن سىڭلىمنى سىزگە تاپشۇردۇم دىيەلمەيمەن لېكىن ياخشى راق قاراپ گۇناھىڭىزنى يەگىللىتىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئۆزىنىڭ قىزىدەك نارېسىدە قىزنىڭ مۆتاجلىقتا يامغۇردا قالغان ئۆردەك چۆجىسىدەك تىترەپ تۇرغان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ نۇمۇس قىلماي  ئۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەمنىڭ يەنە باشقا گۇناھلىرى ئاز بولمايدۇ . خوش.»

   ئىس جۇجاڭ خەتنى كۆرىپ ھەم ئازاپلاندى ھەم غەزەپلەندى غەزەپلىنىشىنىڭ ئازاپلىنىشىنىڭ نىمىدىن بۇلۇۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.

ئەزمەت خەتنى سېلىۋېتىپ سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك قىلغان بولسىمۇ لېكىن زەيتۇنەنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي بەك ئازاپلاندى. بۇ دۇنيانىڭ شۇنچىلىك تارلىقىغا ئانا سۈتىدەك پاك مەسۇم بىرقىزنىڭ ئۆزىنىڭ قىزلىق ئىپپىتىنى غۇرۇرىنى ۋىجدانىنى پاكلىقىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك يەرنىڭ چىقمىغانلىقىغا ئېچىنىپ بەك ئازاپلاندى. شۇ كۈنلەردە مەكتەپتە ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيچە ئەڭ كاتتا بىر مەشرەپ پائالىيىتى تەييارلىنىۋاتقان بۇلۇپ ۋاختى يېقىنلىشىپ قالغان بۇلۇپ ئەزمەتكە بۇ پائالىيەتكە بىر نۇمۇر تەييارلاش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن ئىدى . ئۇ بۇ نۇمۇرنىمۇ تەييارلىيالمىدى. كاللىسىدا ھېچنىمە يوق قۇرۇقلا ئىدى. ئىددىيسىدە ھىلىدىن ھىلىغا زەددىيەتلىك تۇقۇنۇشلار ھۆكۈم سۈرەتتى زەيتۇنەنىڭ نەدىلىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش ئىدى. لېكىن ئۇيۇن تەييارلاش گۇرۇپپىسىدىلىكەر ئەزمەتنى بۇنىڭغا قاراتا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ چۇقۇم ئۆزگىچە بىر نۇمۇرى بار دەپ قاراپ ئۇنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى . ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ مەكتەپتە ئەدەبىيات سەنئەت جەھەتتە ئەزمەتنىڭ داڭقى بار بۇلۇپ مەكتەپتە ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىدىغان بالا يوق ئىدى. يۇمۇر چاقچاق ئىپىزوت بۇلامدۇ، ناخشى تىكىستى ياكى مۇزىكا بۇلامدۇ، ئىش قىلىپ ھەممىدە كەسپى سەنئەتكارلارنىڭكىدەك بولمىسىمۇ مەكتەپتە يېتەرلىك تالانتى بارئىدى . ئۇقۇتقۇچىلار ھە دېسە ئۇنى كەسىپنى خاتا تاللىۋالغان ئەسلىدە بۇ سەنئەت ئىنىستىتوغا لايىق ئىدى دىيىشەتتى. مانا بۈگۈن پائالىيەت باشلىنىپلا نەچچە مىڭ ئادەم ئولتۇرغان سورۇندا رىياسەتچىلەر ئەزمەتنى سەھنەگە تەكلىپ قىلىشتى.

ئەزمەت نىمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالدى قانداق قىلىشى كېرەك بۇ كىچىك سورۇن بولمىسا ئو باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگىنىدىن بەك خۇشال بولغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن بىر قىسما ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن بەك يېرىم ئىدى. تۈۋەندە كۆتىرىلگەن قىقاس چۇقانلار كەينى كەينىدىن چاقىرىشلار ئۇنى ئاخىرى سەھنەگە چىقاردى.

   ئەزمەت نەچچە مىڭ ئادەم تۇپلاشقان مەيدانغا ھاياجان بىلەن بىر كۆزيۈگۈرتىپ چىقتى مەيداندا . دەۋرىمىزنىڭ ئالىملىرى ،ساخاۋەتچىللىرى، زىيالىلىرى، نۇپۇزلۇق ئەربابلىرى ئىش قىلىپ ئەڭ سەۋىيىلىك ئەدەملەر ئولتۇراتتى.

   ــ مەن تۆۋەندە سىلەرگە بىر قىزنىڭ يەنى ئەتراپىمىزدا يۇرۇقلۇق ئىزدەپ يۈرگەن ، مۇشۇ بەخىتلىك زاماندا بەخىتىنى تاپالماي دىر- دىر تىترەۋاتقان، ھاياتلىق يولىدا ئازاپ ۋە يوقسۇزلىقنىڭ يالغۇزلۇقنىڭ پاتقىقىغا چۈكۈپ كىتىۋاتقان بىر ناتىۋاننىڭ كەچۈرمىشىنى ئېيىتماقچىمەن . ئۇ بىر ناتىۋان قىز ئۇنىڭ ئايدەك جامالى يوقسىزلىقتىن سارغايغان، ئىلىپتەك قەددى نامراتلىقتىن پۈكۈلگەن، سۈپ- سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك قەلبى نۇمۇسسىز ياۋۇزلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىدىن دەھشەت سېلىپ  چايقالغان ، ھاياتتا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى، قىزلىقىنى، پاكلىقىنى، ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنياغا پاتمايۋاتقان،  بىر قىزنىڭ قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىنى سۇنىماقچىمەن .- ئۇنىڭ ئاۋازى باشتاتىترەپرەك چىققان بولسىمۇ بارا بارا ھاياجانلىنىپ پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن يۈرىكىدىن چىقىشقا باشلىدى-  ئۇنىڭ ئانىسى يامان كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ ئۈلۈپ كەتتى . ئۇ ئانىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەنىت باشلىقىدىن ياردەم سورغان ئىدى، يۇغان قۇساك كىر گەدەن كەنىت باشلىقى ئۇنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا يولسىزلارچە تەلەپنى قويدى . ئۇ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ۋاز كەچسە كەچتىكى ئۇ چوشقىغا ئاياق ئاستى بولمىدى. ئۇ بىر ئىدارىدە بىر تۇنىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ ئىدارىنىڭ باشلىقى ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلماقچى بولدى، ئۇ ماقۇل دېسىلا ئۇنىڭ ئانىسى ياخشى دوختۇرخانىدا داۋالىناتتى، شەھەر ئىچىدە ئۆيى بۇلاتتتى، ھەتتا مۇقىم خىزمىتىمۇ بۇلاتتى، ئەمما ئۇ، بۇ بەخىت بۇ تەلەيگە ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى تىگىشمىدى. ئانىسى قەھرىتان قىش كۈنىدە قازا قىلدى ئۇ ئەمدىلا 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىنىسى بىلەن قان يامغۇر يىغلاپ ئانىسىنى ئۇزاتتى. كەنىتتىكى بىر چەكەدە بۇلارغا ياخشىلىق قىلماقچى بولدى، ئۇنىڭ ئىنىسىنى ئۇقۇتۇپ بۇ قىزنى بۇ بەخىتسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولدى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە بۇ قىزنى ئۆز ئوغلىغا خۇتۇنلۇققا ئالماقچى بولدى . بىچارە قىز بۇ بەخىتتىن خۇددى تۇمۇزدىكى سېسىق تاپتىن يىرگەنگەندەك يىرگىنىپ تۇرۇپ ۋاز كەچتى . ئۇ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى، ئىپپىتىنى، ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بۇ بىپايان كەنىتكە پاتمىدى. قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەت دەستىدىن پۇت تىقققۇدەك يېرى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر يىللىق توختىتىپ قويغان ئۇقۇشىنى داۋامنلاشتۇرۇشنى مەخسەت قىلىپ ئېتىكى كەڭرى ھېچكىم بىلەن ھېچكىنىڭ كارى بولمايدىغان بۇ چوڭ شەھەرگە كەلدى. بۇ يەردىن بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلەش شۇنچىلىك ئاسان ئىدى . ئۇ ئىش تاپتى بىر نۇمۇسسىز خۇجايىننىڭ يېنىدا ئىشلىدى . بۇيەردىمۇئوخشاشلا نۇمۇسسىز بىر تۇرمۇش، دىيانەت ئادالەت خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ تالاپمىدى . ئۇ بۇ دۇنيادىن نەپرەتلەندى . ھاياتتىن پاكلىقتىنى بەخىتتىن گۇمانلاندى . شۇ چاغدا بىر تۇنىشى ئۇنىڭ بىر يەرگە باشلاپ باردى. بۇ بىر بەزمە خانا ئىدى. بۇيەردە پۇلنىڭ قىممىتى يوق ئىدى . قالايمىقان چېچىلىۋاتقان پۇللار مەئىشەت بەخىت دېگەن بۇيەردى ئىدى . پەقەت بۇقىز ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىدىن ، باشقىلارنىڭ بىردەمچىلىك ھۇزۇرلىنىشغا يول قويسىلا . ئۆزىنىڭ پاكلقىنى ئىپپىتىنى ئايمىسالاپۇل دېگەنگە كۆمىلىپ كېتەتتى . ئۇنىڭ ھېچنىمىسى كەم بولمايتتى.لېكىن بۇ قىز ئەشۇ ھۇزۇر ھالاۋەتنى ئۆزىنىڭ بىر تال مويىغا تەڭ قىلماي يېرىم كېچىدە لاغ- لاغ تىترەپ يانچۇقىدا سېرىق سىنىت يوق  9 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ ئانا مەكتىۋىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بۇ يەردە تاڭنى ئاتقۇزۇپ . ئەتىسى بۇ قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن بارچە ھاياتلىقتا خۇشاللىق ھۆكۈم سۈرىدىغان بۇ گۈزەل شەھەردىن ۋاز كېچىپ ئۈن تىنسىز غايىپ بولدى . ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن نەقەدەر ئۇلۇغ غايىلللىرى ئارزۇ- ئارمانلىرى بار ئىدى.... بىراق ئۇ بۇ ئارمانلارغا يېتىدىغان يول تاپالمىدى... ئۇنىڭ نەزەرىدە بۇ دۇنيادا بىرمۇ ياخشى ئادەم قالمىغان بىرمۇ ئادەمدىن ئۈمۈت كۈتۈش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى، پاكلىقىنى، ئىپپىتىنى، ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ راھەت پاراغەتلىرىنى كۆرەلمىدى . ھېس قىلالمىدى...،،

ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى، پاكلىقىنى، ئىپپىتىنى، ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىم ئۇنى ئارىغا ئالمىدى....

ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى، پاكلىقىنى، ئىپپىتىنى، ساقلىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز قالدى. ئىزدىنىدىغان يول تاپالمىدى.... ئۇ ھەدېسە مەيدىسىگە گۈل تاقاپ ئاخپارات ساھەسەدىكىلەرنى ئەتراپىغا ئەگەشتۇرۈپ گېزىت ژورناللارنىڭ باش بېتىدىن ئۇرۇن ئالىدىغان بەرگىنىنى ھەممە ئەدەمگە داغۇ دۇغا بىلەم داملىتىدىغان خەيرى ساخاۋاتچىلەرگە مىھرىبان ئانىلارغا يولۇقالمىدى. ئۇلارنىڭ قۇلىدىن تۇتام تۇتام پۇللارنى ئېلىپ گېزىتلەرنىڭ باش بېتىگە چىقمىدى. بىراق ئۇ ئادىمىيلىكنىڭ ئۇلۇغلۇقنىڭ پاكلىقنىڭ ئاياللىق ئىززەت ھۆرمەتنىڭ باشبېتىگە چىقتى. مەن بۇگۈن بۇقىزنىڭ زادى قەيەرگە يوقالغانلىقىنى بىلمەيمەن .... بۇ قىز ئۆزىنى ھالاك قىلىش يولىنى تاللىمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتا بىر يۈرەك پارىسى ئىنىس بار. ئۇ بۇنى ئۇقۇتۇدۇ . بۇ دۇنيا بىلەن ھاياتلىقتىكى رەزىللىك بىلەن كۆرەش قىلىدۇ. ئۇ بۇنى يېڭىشكە تىرىشىدۇ . مېنىڭچە مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغانلار زامانىمىزنىڭ زىيالىلىرى مۆتىۋەرلىرى خەيرى ساخاۋەتچىللىرى ئۇمۇمەن قىلغاندا جەمىيىتىمىزنىڭ يۇقۇرى قاتلامدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلىرى .بىلىمەن  ھەممىڭلارنىڭ شۇ تاپتا بۇقىزغا بەك ياردەم قىلغۇڭلار كىلىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇ تاپتا بۇياردەمنى كىم ئاشتى قىلىدىغان بولسا نەچچە مىليۇن يۈەنگە چىقىدۇ. بىراق مۇنداق غۇرۇرلۇق بۇلۇپمۇ ئۇنىڭدەك تۇرمۇشقا جەميەتكە ھاياتقا ئۆچەكىشىپ كەتكەن قىزلار مۇنداق ياردەمنى يەنىلا قۇبۇل قىلمايدۇ. شۇڭا يارەم قولىنى سۇنىدىغان سېخەۋەتچى ئەزىزىلىرىمىزنىڭ بۇقىزنى تۇرمۇشنىڭ بۇ رەھمىسىز پاتقىقىدىن تارتىۋېلىشىنى، ھەرقانداق ياردەمنى، ئۈن- تىنسىز داغۇ- دۇغاسىز بېرىشىنى ياردەمگە ئېرىشكۈچىنى تەڭلىكتە قويماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

  ئۇنىڭ گېپى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ھاياجاندا ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ئەزمەي ھاياجاندىن دىيىشكە تىگىشكلىك بولمىغان گەپلەرنى دەپ قۇيۇپ تىمىدىن چەتنەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ گېپىنى مۇشۇ يەردە توختۇتۇپ سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى.  

  سورۇندىكىلەر بۇ بالىنىڭ نۇتۇقىدىن باشتا ھەممەيلەن كۆز يېشى قىلىشتى كىين بولسا بۇ يوللۇق تەكلىپكە قايىل بۇلۇپ باشلىرىنى لىڭشىتتى.كۈچلىك چاۋاك ئالقىش سادالار ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلمىدى.

  بۇ ئىشتىن كىيىن نۇرغۇن مۆتىۋەرلەرلەر زىيالىلار مۇخپىرلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئەزمەتنى ئىزدەپ كېلىشتى. لېكىن ئەزمەت بۇلارنىڭ ھېچقايسسى بىلەن كۈرۈشمىدى. ئۇلار مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرشىپلا بەزى گەپلەرنى دىيىشىپ يېنىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ مەسئۇللىرى ئەزمەتنى چاقىرتەىپ كىلىپ بۇقىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ۋە بۇقىزغا قانداق ياردەم قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. ئەزمەت بۇ قىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە بىرمۇ بىر دەپ زەيتۇنەگە مەكتەپ نەمىدىن ياردەم بىرىشنى شەخسىنىڭ نامىدىكى ياردەمنى قۇبۇل قىلمايدىغانكىقىنى چۈشەندۈردى . رەھبەرلەر بىردەك بۇ پىكىرگە قۇشۇلدى ھەم ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۇقۇش پۇلىنىمۇ قايسى مەكتەپكە ئۈتۈپ قالسا شۇ مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆتىردىغانلىقىنى بىرلىككە كېلىشتى. خەيرى ساخاۋەتچىلەرمۇ ئۆزلىرىنى يۇشۇرۇپ ئاشكارىلىمىدى.

ــ ھازىر مۇھىم ئىش زەيتۇنەنى تېپىش – دېدى مەكتەپ مۇدىرى كۆپچىلىككە قاراپ،- بۇ ئىشتا يەنىلا ئەزمەتكە تايىنايلى، سىز ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىن بىر ئادەمنى تاللاپ ئېلىۋېلىپ ئەزمەتنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاۋال زەيتۇنەنىڭ يۇرتىغا بېرىڭ  مېنىڭچە زەيتۇنە يۇرتىغا قايتىدۇ تاپالمىساڭلار ئۇنىڭ ئىنىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئۇچۇرنى ئېلىپ مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىڭ-دېدى ئۇ زەيتۇنەنىڭ سىنىپ مەسئۇلىغا قاراپ.

  ماي ئايلىرىدىكى سەھرا ھەقىقەتەن بەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ . مانا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بۇ زىيالىلار بۇ سەھرانىڭ گۈزەللىكىگە زوقلىنىپ تويماي قاراپ زەيتۇنەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلىشمەي قېلىشتى. زەيتۇنەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆينىڭ ئالدىدا يىغىلىپ كەتكەن ئادەملەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئويناۋاتقان ئۇششاق بالىلار بۇ ئۆيدە توي بۇلۇۋاتقانلىقىنى مانا مەن دەپ بېرۋاتاتتى. ئەزمەتنىڭ يۈرىكى پىچاق تىققاندە بۇلۇپ كەتتى. ئو ھۇشىنى يۇقۇتىپ قويغاندەكلا بۇلۇپ ماشىنىدىنمۇ چۈشمىدى. قالغانلار ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر قۇر ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كىيىن ھەقىقەتەن زەيتۇنەنىڭ تۇيى بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدى . تۇرمۇشتا چىقىش يولى تاپالمىغان زەيتۇنە ئاخىرى تەقدىرگە تەن بېرىپ ھاشىم چەكەدىنىڭ بالىسى بىلەن تويلاشقان بۇلۇپ ئۇ بۇ توي ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەختى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنىسىنى بولسىمۇ ئۇقۇتۇپ قالماقچى بولغان ئىدى . زەيتۇنەنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئەزمەتنىڭ يالۋۇرۇشى بىلەن كەنىتنىڭ ۋە يېزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ بۇ توينى توختىتىپ قويدى. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك يەرلىك رەھبەرلەر بىلەن باش قۇشۇپ زەيتتۇنەنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بۇ توينى بىكار قىلىپ زەيتۇنەنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتتى.

زەيتۇنە بىر يىل قايتىلاپ ئالى مەكتەپنىڭ 4 يىللىقىغا كىرىپ ئۇقۇدى . ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بەشىنچى يىللىققا چىققان ئىدى . زەيتۇنە  ئانا مەكتىۋىنىڭ قوينىغا قايتىپ كىلىپ بىر يىلغىچە كۆڭلىگە قۇش قانىتىنىڭ سايىسىچىلىك يېرىمچىلىق سالماي ئۇقۇدى. ئۇ ئۆزىنى قاتتىق سوردى ساۋاقداشلىرىنى ھۆرمەتلىدى ساۋاىقداشلىرىمۇ بۇقىزنى بەك ياخشى كۆردى. لېكىن كونا ساۋاقداشلىرى ئۇقۇش پۈتتۈردىغان چادىكى ئىشلار ئۇنى شۇنچىلىك بىئارام قىلدىكى ئۇ نەچچە كېچە ئۇخلىيالمىدى.

ئەزمەت ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن پىدايىلار قاتاردا شىزاڭنىڭ ئالى رايۇنىدا ئىشلەشكە تىزىملىتىپ شىنجاڭدىن چىقىپ كەتتى . زەيتۇنە بۇنىڭ زادى نىمىشلىقىنى بىلمەي ئۇنىڭ نىمىشقا شۇنچە يامان رايۇننى تاللايدقغانلىقىنى بىلەلمەي چىۋىن يىگەندەك بۇلۇپ قالدى. بىر يىلدىن بىرى ئۇ ئەزمەت بىلەن ئانچە كۆپ كۈرۈشمىگەن بولسىمۇ لېكىن ھەر قېتىم ئەزمەتنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندە ئۆزىنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ ئوڭايسىزلىنىدىغانلىقنى ئۆزىگە ھەمىشە ئوغۇرلۇقچە قاراپ يۈرۈيدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن سالدا ئەزمەتنىڭ نىمىشقا مۇنداق قىلغانلىقىغا كۆڭلى يرىم بۇلۇپ تۇرغان چاغدا، زۆھرە كېلىپ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشتە مەكتەپ بۇيچە 37 بالىنىڭ ئەيدىز ۋېروسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بۇنىڭ 13 نەپىرى قىز بۇلۇپ شۇ قىزلارنىڭ ئىچىدە يۇقۇملقنىشى ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئۆزى ئىكەنلىكىنى دەپ زار- زار يىغلىشىدىن زەيتۇنەنىڭ ئىچى يىلان چېقىۋالغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. بۇقىز ئۈچۈن شۈنچىلىك ئېچىندىكى نەچچە كېچە ئۇخلىيالمىدى

ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئىس جۇجاڭ ئايالىنى ئېلىپ شىزاڭنىڭ ئالىغا باردى. تەستە سۈرۈشتۈرۈپ بالىسىنى تاپتى . ئانا بالىسىغا ئېسلىپ يۈرەكنى ئەزگۈدەك نالە قىلىپ يىغلىدى. ئاھ ئۇردى . ئېرىنى ئەيىپلەپ تىللىدى.ۋە ئەزمەتنىڭ ئۆزلىرى بىلەن كېتىشىنى ئۆتىندى بىراق ئەزمەت بۇيەردىن كەتمەيدىغانلىقى ئېيتىپ چىڭ تۇرۋالدى .

ــ مېنى كەچۈر ئوغلۇم ـ دېدى ئىس جۇجاڭ بالىغا قاراپ يالۋۇرغاندەك .

ــ  بولدى، بولدى قىلىڭ دادا! مېنىڭ سىزنى دادا دېگىنىممۇ چوڭ ئىش مەن كەتمەيمەن نەگەە كېتىمەن يەنە شۇ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېتەمدىمەن .

  ــ بولدى قىل شۇ كىچىككىنە سەۋەللىككە نىمانچە ئېسلىۋالسەن! مەن شۇ چاغدا مەست بوپ قاپتىمەن . خۇدۇمنى يۇقۇتۇپ قۇيۇپتىمەن! بولمىسا مەن شۇنداق قىلاتتىمۇ . ھىلىمۇ ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىدىغۇ ؟سەندىن كەچۈرۈم سوردۇم يەنە مىنى نىمەئىش قىلسۇن دەيسىەن ؟

ــ ھىھ ! شۇ كىچىككىنە سەۋەنلكىكمۇ دادا....! سىزنىڭ قىزىڭ شۇنداق بولغان بولسا كىچىككىنە سەۋەنلىك دەپ قارمتىڭىز ؟ بوپتۇ دەپ ئۆتكۈزىۋېتەمتىڭىز ......؟ شۇ چاغدا مەست بوپ قاپسىزمۇ ئۇنداق بولسا ئۇ قىز سىزگە قاراپ مۆلدۈرلەپ تۇرۇپ خۇداغا يالۋۇرغاندەك يالۋۇرۇپ ئۆيىگە كېتىشنى تەلەپ قىلغاندا سىزمەسمىدىڭىز ؟  ئەجىبا سىز شۇ شىڭچىدە يېزغا چىقىپ تېخى تاماقمۇ يىمەي تۇرۇپ مەس بوپ قالغانمىدىڭىز ؟ تاماق دېگەننى باشقا يەردە يىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ ؟ ئەجىبا ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز يىمىسىڭىز ئۇ تاماق گېلىڭىزدىن ئۆتمەمتى . ئۆيدە ئانام تاماق ئىتىپ يۇلىڭىزغا قاراپ تۇرسا بۇ يادىڭىزغا يەتمەپتا ئەجەپ! شۇ بىچارە ئاجىزەنى تېپىپ تاماق يىمىسىڭىز ئانامنىڭ ئىتىپ بەرگەن تامىقى ئۆتمەمتى گېلىڭىزدىن ؟ توغرا ئۇ قىزغا ھېچ ئىش بولمىدى ئەگەر بىرەر ئىش بولغان بولسا سىز قانداق قىلاتتىڭىز ئانام بىلەن ئاجرىشىپ قىزىڭىزدەك بۇ قىزنى ئالامتىڭىز ياكى لالما ئىتنى ھەيدىگەندەك ھەيدەپ چىقىرامتىڭىز؟ دەپ بېقىڭە بىرەر ئىش بولغان بولسا زادى قانداق قىلاتتىڭ؟ سىزنىڭمۇ بىر قىزىڭىزبارغۇ ئەجىبا بۇ قىزىڭىزنى جېنىڭىزدىن ئەزىز كۆرىسىز خەخ قىزىنى ئەزىزى كۆرمەمدىكەن ؟ سىزنىڭ قىزىڭىز باشقىلار تەرپىدىن شۇنداق ئىشقا ئۇچرىسا قانداق قىلاتتىڭىز؟

ــ بولدى بولدى سۆزلىمە ؟- دېدى ئىس جۇجاڭ بالىنىڭ گېپىدىن تەسىرلىنىپ، بۇلۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئۇماق قىزىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئوغلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمىدى.

ــ بولدى قىلاي، بولدى قىلاي ! سىزنى كەچۈرەي شۇنداقمۇ سىزنى كەچۈرەمدىم . بىز شۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىساق ئاغزىمىز تالغۇچە سۆزلەپ تىللايمىز... ئۆزىمىز شۇ ئىشنى قىلىپ قۇمۇشقا سۇ يۇقمىغاندەك يۈرىۋېرمىز شۇنداقمۇ ؟ مەن سىزنى كەچۈرىمەن كەگۈسىدە بالاممۇ مېنى كەچۈرىدۇ شۇنداقمۇ ؟ كىيىنچۇ ؟ بۇ ئىشلار شۇنداق داۋاملاشسا كىيىن قانداق بولىدۇ ؟ مىللەتنىڭ تەقدىرى كەلگۈسى قانداق بۇلىدۇ . دۆلىتىمىز مۇشۇنداق نان قېپى ھارەمزادە لەرنى باقامدۇ ؟ ئىسىت ئىسىت ! مەن زادى نىمىشقىمۇ يارلىپ قالغاندىمەن دەيمەن.- ئەزمەت بېشىنى ئىككى قۇلىنىڭ ئارسىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ قالدى ئىچ ئىچىدىن بىر خىل ھاياجان ئېتىلىپ چىقىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالمايۋاتاتتى. كۆزلىرىدىن تاملاپ ياش تۆكىلەتتى . ئۇنىڭ ئانىسى بۇنى كۆرىپ لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى .

  ــ ئانىسى. ئانىسى – دېدې ئىس جۇجاڭ چۈچۈپ . ئەزمەت دەرھال بېشىنى كۆتىرىپ ئانىسىغا تاشلاندى. ئاندىن بىر كۈرشىكىغا سۇ ئەكىلىپ ئانىسىنىڭ يۈزىگە چېچىپ ھۇشىغا كەلتۈردى. ئانا ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن ئۆي ئىچىنى ئۇزاق سۈكۈت باستى ھېچكىم ھېچنىمە دېمىدى. ئىس جۇجاڭ بولسا شۇ چاغدىلا ئىسىگە كەلگەندەك يامان چۈشتىن ئويغانغاندەك بولدى. ئۆز ھاياتىغا قاتتىق ئېچىندى ۋە بۇ يامان چۈشتىن ئويغاتقان بالىسىغا يۈرەك پارىسىگە رەھمەت دېدى. ئۇ بالىسىغا قاراپ يۈرىكى ئېچىشتى بالىسىنى باغرىغا بېسىپ رەھمەت بالام سەن مېنى يامان چۈشتىن ئويغاتتىڭ دەپ بالىسىنى قۇچاقلاپ بارىغا باسقۇسى كەلدى. لېكىن ھازىر بالا دادىسىنى يېنىغا يولىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. دادا بالىنىڭ ئالدىدا گەپ قىلىشقىمۇ يۈزىنىڭ يۇقلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى ۋە ئانا بالىنىڭ ئالدىدا يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ  كەتتى. ئۇنىڭمۇ شۇتاپتا پۈتۈن بەدىنى بۇشۇشۇپ ئورنىدىن تۇرغۇدەك ھالى قالمىغان ئىدى. ئۇ بالىسىغا تىكىلىپ تۇرۇپ « مېنى كەچۈر ئوغلۇم ، مېنى كەچۈر ئوغلۇم» دەپ ئۈن قۇيۇپ يىغلاپ كەتتى. بۇ ئازاپقا چىدىمىغا بالا بېشىنى سېلىپلا سىرىتقا چىقىپ كەتتى.ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە بىرەر سائەتتەك يۈگۈرۈپ، چىلىق چىلىق تەرگە چۈمۈلۈپ كەتتى. ئۇ تاققا چىقىپ بار ئاۋازى بىلەن نىمىشقا زادى نىمىشقا دەپ ئىچ ئىچىدىن ئۆپكىدەپ ئۈن قۇيۇپ يىغلاپ كەتتى.  

ئەتىسى ھەممەيلەن ئۈنسىز ھالدا بىر بىرىگە قاراشتى .

ــ بىز ماڭايلى ئوغلۇم سەن كەتكىنى ئۇنىمىساڭ بىر مەزگىل تۇرغىن ئەمما بىز سېنى بەك سېغىنىمىز مەن بىلەن كۈرۈشمىسەڭمۇ ئاناڭ بىلەن بولسىمۇ كۆرىشىپ تۇرغىن – دېدى ئىس جۇجاڭ بالىسىغا قاراپ خۇددى گۇناھكارلاردەك . شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن بۇلار خوشلاشتى . ئانا يول بۇيى ئاتىغا بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي كەلدى ئۆيگە كەلگەندىن كىيىنمۇ ئېرىگە گەپ قىلمىدى .

ــ ئۆزىڭنى قىيىنىما! بالىمىز شۇ زەيتۇنە نىڭ ئۇتىدا قىينىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ، مەن بۇ قىزنى تېپىپ ئەپۇ سورايمەن تىزلىنىپ تۇرۇپ يالۋۇرىمەن بۇقىز مېنى كەچۈرمىسىمۇ ئەزمەتنى چۇقۇم كەچۈردۇ – دېدى ئايالىغا يالۋۇرغاندەك.

  ــ كىمنى تاپىسىز ئۇ قىز ئامرىكىغا ئۇقۇشقا چىقىپ كېتىپتۇ ئۇ ئامرىكىدىن كېلەمدۇ كەلمەمدۇ كىم بىلىدۇ. بۇ يەردىن ئۇنىڭ دىلى قاتتىق رەنجىدى، ئۇنىڭ كىلىشى ناتايىن يامان بولسىڭىز ئامرىكىغا بېرىپ تېپىپ كېلىڭ . يامان بولسىڭز «قىزىم سىز بۇيەردە جەننەتتتە ياشىغاندەك ياشاۋېتىپسىز سىزنىڭ تارتىدىغان ئازاپلىرىڭىز تېخى تۈگمىدى يۈرۈڭ مەن بىلەن كېتىپ شۇ يەردە چالا قالغان ئازابلىرىڭىزنى تارتىڭ» دەپ ئېلىپ كېلەمسىز؟- دېدى ئايال ئېرىگە زەردە بىلەن.

ئەر – ئايال بىر ئۆيدە خۇددى قۇقاسقا دەسسىگەندەك بىر بىرىگە گەپ قىلىشماي ماي تارتىشىپ يۈردى. بۇ ئىش تاكى ئىس جۇجاڭ بەزى بىر خاتالىقلار تۈپەيلى رەھبەرلىك ئورنىدىن قالدۇرۇلۇپ ئادەتتىكى كادىر لىققا چۈشۈرۈلگەنگىچە داۋاملاشتى . ئىس جۇجاڭ چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئايالى قىزىنىڭ زورى بىلەن ئېرىنىڭ ئېچىشقان يرىگە تۇز سەپمەي ئۇنىڭغا ئانچە مۇنچە تەسەللى بىرىپ تۇرىدىغان بولدى .ئائىلىدە قازان ئېسىپ تاماق قىلىدىغان بولدى.

زىل سايرىغان ئۈستەل سائىتىنىڭ ئاۋازى شىرىن ئۇيقىدا ئۇخلاۋاتقان زەيتۇنەنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزدى. ئۇ ئۇيقۇلۇق قوللىرنى سائەتكە سۇزۇپ قۇيۇپ يەنە ئۇخلاپ قالدى بىردەمدىن كىيىن سائەت يەنە سايراپ كەتتى. زەيتۇنە بىر ئۆرىلىپ قۇيۇپ يەنە بىردەم ياتتى دە بىرنىمىدىن چۈچىگەندەك قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۇ سائەتنى قۇلىغا ئېلىپ قارىۋېدى سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى ئەتىگەن سەئەت 5 تىن 50 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. زەيتۇنە ئاستا بېشىنى كۆتىرىپ ئورنىدا ئولتۇردى –دە ئىرىنچەكلىك بىلەن كىيىملىرىنى كىيىشكە باشلىدى.

  زەيتۇنە ئامرىكىدىكى ئۇقۇشىنى تۈگۈتۈپ بىر نەچچە دۆلەتنىڭ يۇقۇرى تەمىناتتىكى تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپ ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشىدىن ساۋاقداشلىرى ئۇقۇتقۇچىللىرى شۇنداق خۇشال بۇلۇشقان ۋە ئۇنى نۆۋەت بىلەن بىر نەچچە كۈنگىچە مېھمان قىلىشقان ئىدى . مانا تۈنۈگۈن ئۇنىڭ مەملىكەت بۇيچە ئەڭ ياش شۇنداقلا رايۇنىمىز بۇيچە  تۇنجى ئايال ئاكادىمىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىشىپ يېرىم كېچە بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. تەبرىكلەشكە ئاپتۇنۇ رايۇن رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان بۇلۇپ ئولتۇرۇش شۇنچىلىك كۆڭىللىك بولدىكى زەيتۇنەنىڭ ھاياجىنى تېخچە بېسىلمايۋاتاتتى. ئۇ سۇغاق سۇدا يۇيۇنۇپ چاچلىرىنى قۇرتۇپ ، ئالدىرماي توك ئۇچاقتا ئۆزىگە لايىق تاماق قىلىپ ناشتا قىلدى . ئۇ ئاخشامقى ياخشى ئولتۇرۇشنى خىيالقىلغاچ كۆڭلىنىڭ بىر يېرىنىڭ كىمدۇ بىرىگە تارتىشىۋاتقانلىقىنى نىمىدۇ بىر نەرسىسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلغاندەك بولدى. ئۇ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگىنى ئىككى يىلغا يېقىب بولغان بۇلۇپ ئۇ بۇ جەرياندا تۇرۇپلا شۇنداق بۇلۇپ قالاتتى. ئۇ بىردەم خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ئىشقا ماڭاي دەپ ئىشىك ئالدىغا كىلىشىگە ئىشىك يىنىك چىكىلدى. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ  ئاق ئارلاشقان يىرىك ساقال بۇرۇتكلىرى ئۈسۈپ كەتكەن ياداڭغۇ بىر گەۋدىنىڭ ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . بۇ ئادەم زەيتۇنەگە قاراپ ھىلى يىغلىۋېتىدىغان ئۆمچۈيۈپ تۇراتتى.ئۇنىڭ شۇ تۇرقى شۇقەدەر بىچارە ئىدىكى   خۇددى ئانىسىدىن ئايرىلىپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يىغلىيالماي قورقۇپ ئۆمچىيىپ تۇرغان كىچىك بالىغىلا ئوخشايتتى. زەيتۇنە بۇ ئادەمگە قاراپ نىمە دىيىشنى بىلمەي سەل تىنەپ قادى – دە دەرھال ئۆيگە باشلىدى.

ــ قىزىم – دېدى بۇ ئادەم بۇسۇغىدىلا زەيتۇنەگە قاراپ خۇددى گۇناھكارلادەك . زەيتۇنە بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ بۇ ئادەمنى بىر يەردە كۆرگەندەك ئاۋازىنى بىر يەرلەردە ئاڭلىغاندەك بولدىيۇ لېكىن ئىسىگە ئالالمىدى.

ــ قىزىم – دېدى بۇ ئادەم گېپىنى تەكرارلاپ – مەن بۈگۈن ئالدىڭىزغا ئۆز گۇناھىمنى تىلەپ كەلدىم مېنى كەچۈرۈڭ قىزىم ،مەن ئادەم ئەمەس مەن ئادەم ئەمەس! – بۇ ئادەم ئۆزىنى كاچاتلىغىلى تۇردى .

ــ بولدى قىلىڭ ئاكا مۇنداق قىلماڭ مەندە نىمە ئىشىڭىز بولسا دەۋېرىڭ ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ – دېدى زەيتۇنە ۋە شۇئان بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك يۈرىكى شىددەت بىلەن سۇقۇپ كەتتى.« شۇمىدۇ ؟» دېدى ئۇ ئۆز ئۇزىگە پۈتۈن بەدىنى قىزىپ ھاياجىنى يۈزىگە تېپىپ چىقتى.

– مەن ئەزمەتنىڭ دادسى قىزىم - دېدى ھىلىقى ئادەم . زەيتۇنە بۇ ئادەمنى تۇلۇق ئىسىگە ئالدى ئۇنىڭ قىلغان ئىپلاسلىقلىرى ئۆزىنڭ كەچ كۈزنىڭ سوغىقىدا بىر كېچە ھادلىدىن كەتكىنى ئەتىسى زۇكام بۇلۇپ قېلىپ ئىنىسىنى قانچىلىك بىئارام قىلغانلقىنى ئىنىسىنىڭ ئاچىسىغا ئېسلىپ تۇرۇپ «ئاچا سەن ئاغرىپ قالساڭ بولمايدۇ سەن ئاغرىپ قالساڭ بولمايدۇ» دەپ قورقۇپ يالۋۇرۇپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتكىنى زەيتۇنەنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتتى

ــ يۇقال – دېدى زەيتۇنە كەينىگە بۇرۇلۇپ  بۇ ئادەمگە  نەپرەت بىلەن قاراپ- ھۇ ھايۋان قايسى يۈزۈڭ بىلەن مېنى ئىزدەپ كەلدىڭ . يۇقال دەيمەن .

ــ مەن گۇناھكا قىزىم مەن ھەقىقەتەن گۈناھكارمەن سىزدىن ئۆتىنىپ قالاي بۇ ئالام ئۆتنە ئالامكەن، مەن قىساسىڭىزنى تارتتىم يەتكۈچە تارتتىم ئاللاھ ماڭا كۆرسەتتى. جېنىم قىزىم مېنىڭ ھالىم شۇ تاپتا ئەينى چاغدىكى سىزنىڭ ھالىڭىزدىن بەتتىر جېنىم قىزىم مېنىڭ قېرى جېنىمنى نىمە قىلسىڭىز مەيلى لېكىن مېنىڭ ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇپ قېلىڭ ئەزمەتنى قۇتقۇزۇپ قېلىڭ . ئۇ ئەينى چاغدا مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم سەۋەبىدىن سىزگە يۈز كېلەلمەي ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ شىزاڭنىڭ ئالى رايۇنىغا كېتىپ تېخىچە قايتىپ كەلمىدى . بىزدىنمۇ ئادا- جۇدا بۇلۇپ كەتتى. يا بىر بېشىنى ئوڭشىۋالمىدى . قىزىم مېنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلىش سالاھىتممۇ يوق لېكىن دېمىسەم بولمايدۇ . ئۇسىزنى شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ ھىلىمۇ شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ قىزىم . مەن ئۇنىڭ بەختىگە ئولتۇردۇم مەن ئۇنى بەخىتىسىز قىلىپ قويدۇم ئاخىرىدا ئۆزەمگە قىلدىم قىزىم. مانا مەن شۇندىن بىرى يىگانە تىكەندەك قالدىم . قىلغانلىرىم مېنى تۇتتى چاچلىرىم ئاقاردى، كۆزلىرىم تورلاشتى، لېكىن سىزنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. مەن ئوغلۇمدىن ئايرىلغاندىن بىرى ئىزچىل سىزنى ئىزدەپ تېپىپ گۈناھىمنى تىلىمەكچى بولدۇم. لېكىن تاپالماي يۈردۈم ئىزدەپ سوراپ بۈگۈن سىزنى تەستە تاپتىم قىزىم . دۇنيادا ئازمايدىغان بەندە يوق لېكىن مەن شۇ ئاغان بەندىلەرنىڭ ئىچىدە گۇناھى ھەممىدىن ئېغىرى مەن قىزىم. ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ ھاياتىمنىڭ بەدىلىگە سىزدىن ئۆتىنەي مېنىڭ ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ كېلىڭ ئانىسىمۇ كېسەلچان بۇلۇپ كەتتى . بالىنىڭ ئوتى بەك يامانكەن مەن سىزدىن ئۆتىنەي، ئوغلۇمنى بىزگە بىر كۆرسىتىڭ ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا سىزدىن رازى بولاي . ئەگەر ماقۇل كۆرمىسىڭىز مېنىڭ بۇ سېسىق تېنىمنى دەسسەپ ئۆتىپ كېتىڭ مەن ئايىقىڭىزدا جان بەرگۈچە مۇشۇ يەردە ياتاي .- بۇ ئادەم خۇددى كىچىك بالىدەك ئىسەدەپ مىڭ يېرىدىن تۈكۈلۈپ گەپ قىلىۋاتاتتى . قېرى ئادەمنىڭ يىغىسى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرىيدۇ .ئۇنىڭسىزمۇ زەيتۇنە بۇ ئادەمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ  بۇلۇپمۇ ئەزمەتنىڭ نىمىشقا ئالىغا كەتكەنلىكىنى شۇنچە يىللاردىن بىرى ئويلاپ يېتەلمىگەن ئىدى، ئەمدى بىلىپ ھەيران قالدى. ئەسلىدە ئۆزىنىڭ يىللاردىن بىرى سېغىنىۋاتقان ئادىمىنىڭ شۇ ياۋۇز ھايۋاانىڭ بالىسى ئەزمەت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدى. ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئازاپ تارتقانلىقىغا ھاۋاسى ناچا يات مۇھىتتا دادىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىۋاتقانلىقىغا، مۇھىمى ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن ئازاپ تارتىۋاتقانلىقىغا قاتتاق ئازاپلاندى، يۈرىكى ئۆرتەندى . ئۇ شۇتاپتا نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى . كۆز ئالدىلكى قېرىنىڭ خۇددى كىچىك بالىدەك ئۆپىكەپ يىغلىشى زەيتۇنەنى قاتتىق بىئارام قىلسا ئۆزى ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقان ئەزمەتنىڭ مۇشۇ ئادەمنىڭ بالىسى بۇلۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ ئۆرتىمەكتە ئىدى. ئۇ ئاستا ئارقىسىغا قايرىلىپ بۇۋايغا قاراپ :

  ــ سىز كېتىڭ بۇيەردىن كېتىڭ – دېدى.

ــ ياق مەن كەتمەيمەن قىزىم سىزدىن جاۋاپ چىقمىسا مەن كەتمەيمەن ـ دېدى بۇۋاي يەنە تىترەپ تۇرۇپ

ــ كىتىڭ سىز كېتىڭ مەن بىردەم يالغۇز قالاي – دېدى زەيتۇنە ھازىر ئۇنىڭدا ئۇنى - بۇنى ئويلىغۇدەك مادار قالمىغان ئىدى. ئۇ بىردەم يالغۇز قېلىشنى خالايتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋاي خۇددى گۇناھكاردەك ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەن سىرىتقا ماڭدى.

زەيتۇنە ئىشىكنى تاقاپ كارۋىتىغا ئۆزىنى ئېتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى« نىمىشقا؟ نىمىشقا مۇنداق بولىدۇ زادى»- دەيتتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە . ئۇ تۇرۇسقا قاراپ ئۇزۇن ياتتى ھېچنىمىنى ئويلىمىدى. ئۇ خېلى ئۇزۇن ياتقاندىن كىيىن بايا كىرگەن ئادەمنىڭ ئەينى چاغدىكى بەھەيۋەت سالاپەتلىك ئىس جۇجاڭ ئىكەنلىكىگە ئىشىنمەي قالدى . بۇ ئادەم مۇشۇ بىر قانچە يىلدا ۋىجدان ئازاۋى تارتىپ خۇددى 80 ياشلىق ئادەمدەك بۇلۇپ قالغان ئىدى. ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ ئۇنى ھەممىدىن بەك قىينىغىنى بۇ ۋىجدان ئازاۋى ، بالىسىنىڭ يېنىغا كەلمىگەنلىكى ئىدى.

زەيتۇنە ئورنىدىن تۇرۇپ مۇزدەك سۇ بىلەن يۈزىنى يۇدى ئاندىن تېلېفننى ئېلىپ ئايرۇپىلان بېلىتى ساتىدىغان ئۇرۇنغا تېلېپۇن قىلىپ شىزاڭ ئالىنىڭ بېلىتىدىن بىرتال بۇيرۇتتى.

خاتىمە.

ــ  ۋاي بۇلىڭە ھىلى كىچىكىپ قالىمىز – دېدى ئەزمەت زەيتۇنەنى ئالدىرتىپ .

ــ دادا نەگە مەنمۇ بارمەن - دېدى 5ياشلار چاممىدىكى تاتلىققىنا بىر ئوغول بالا

ــ نەگە باراتتۇق مۇھەممەت ئاكاڭ ئامرىكىدىن كېلىدۇ بۇگۇن شۇنى ئالغىلى بارمىز سەن ئۆيدە ئۇكاڭغا قارىشىپ تۇرۇپ تۇرغىن تاتلىقىم – دېدى زەيتۇنە بالىنىڭ مەڭزىگە سۈيۈپ .

مۇھەممەت ئاكام كېلەمدىكەن ئۇنداق بولسا مەنمۇ بارمەن مەن تېلېفۇندا دېگەن مۇھەممەت ئاكامنى ئالغىنى ئۆزەم بارمەن دەپ شۇڭا مەن بارمىسام بولمايدۇ ، ئۇكامغا ئاچاش قارايدىغۇ.

قانداق قىلارمان تاتلىقلىقىنى سەن بارمىساڭ ئاكاڭنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ كېتەرمۇ؟ - دېدى زەۇيتۇنە بالىغا ئىچى كۆيۈپ.

ــ بوپتۇ ئېلىۋالايلى ئاكىسىنىڭمۇ ئۇنى بەك كۆرگىسى كەپتۇ . – دېدى ئەزمەن.

ئۇلار كىچىك ماشىنىغا چىقىشىپ ئۇچقاندەك مېڭىپ كېتىشتى.

ــ ئاپا ئاكام يەنە كىتەمدۇ كەتمەمدۇ ؟-دېدى بالا تاتلىققىنا

ــ سېنىڭچە قانداق قىلسۇن – دېدى ئانا بالىغا ئىچى كۈيۈپ.

ــ كەتمەيدۇ كەتمىسۇن

ــ ھە بولىدۇ ئەمدى كەتمەيدۇ . ئەمدى كەتمەيدۇ ئاكاڭ ئەمدى دوكتۇر بۇلۇپ كەلدى .

ــ دوكتۇر دېگەن نىمە گەپ ؟

ــ مسەن چوڭ بولغاندا بىلىسە بۇ دېگەن ئىلمى ئىنۋاننىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى.

ــ ئوھھو ئەجەپ ياخشى ئەمدى بىز بىلەن بىللە تۇرامدۇ

ــ ياق بۇنىڭغا بولمايدۇ . بىز بىلەن بىللە تۇرمايدۇ ئاكاڭ ئەمدى ئۇقۇش پۈتتۈردى ئىشلەيدۇ، خىزمەت قىلىدۇ.

ــ بىزدىن يەنە ئايرىلىپ كېتەمدۇ بەك يىراقتا ئىشلەمدۇ؟

ــ ياق يېقىن بىز ئەمدى دائىم كۆرشىپ تۇرمىز .

ـ ئو  ئەجەپ ياخشى مەن ئەمدى تازا ئوينىۋالمەن. باغچىلارغا بارمەن ئىش قىلىپ ھەممە يەرگە بېرىپ ئوينايمەن.

ــ مۇھەممەت ئامرىكىدا قالغان بولسا ياكى دۈبەيگە چىقىپ ئىشلىسىمۇ بولاتتى . بۇ يەردىن مىڭ ياخشى تەمىناتىمۇ ياخشىتى – دېدى ئەزمەت زەيتۇنە گە قاراپ.

ــ نىمە دەيدىغانسىز «كىشنىڭ يۇرتڭدا سۇلتان بولغۇچە ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول» دەيدىغان گەپ بار .ئۇنى ۋەتەن خەلىق تەربىيلەپ ئۆستۈردى ئۇ ۋەتىنىگە قايتىشى كېرەك بىز گە مۇھىمى پۇل ئەمەس بىلەمسىز؟- دېدى زەيتۇنە ئېرىگە قاراپ ئالىيىپ تۇرۇپ

ــ ۋاي قورقۇپ كەتتىم، ماشىنىدىن سەكرىۋالايمۇ يا! چاقچاق قىپ قويدۇم، مەنمۇ بىلىمەن – دېدى ئەزمەت.

بۇلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.


تۈگىدى.



2012-5-23


مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-6 07:43 PM  


ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aklala220 + 126 تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ك.
شاھلالە + 108
amanturk + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
مارشال + 416 ماختاشقا تېگىشلىك
anamihri + 500 تەشەككۇر .ئىسىل يازمى.
دەتمەن + 100 ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ئىپ.
pinhan5 + 39 بەك ئىسىل چىقىپتۇ.
XERHAN + 222 ماختاشقا تېگىشلىك
sazguri + 10 باكەنمىز ھە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1531   باھا خاتىرىسى

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4929
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 07:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
WRUS يوللىغان ۋاقتى  2012-6-6 07:49 PM


تۇۋۋا نىمانداق تىز ئۇقىدىڭىز يېرمىغا كىلىپ يەنە ئاخىرى يوق .ارسىغا ئېلان قىستۇرۇلغان ھىكايە بۇپ قالمىسۇن دەپ ئاستىغا قارسام بىردەمدە ئىنكاس يېزىپ بۇپ سىزغۇ قول قويدۇم جۇمۇ ،سۇر ئىتىڭىز ھەقىيقەتەن تىزۆكەن

تېيمىڭىزغا ئۇقۇپ بۇلۇپ ئىنكاس يازاي ھە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-6 08:00 PM  


ئادەمنىڭ كۆزى قارا ،يۇرىكى قىزىل بۇلدۇ،لىكىن ھازىر ئادەملەرنىڭ كۆزى  قىزىل يۇرىكى قارا .............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77868
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 08:38:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇنجى ئوقىغان ئوخشايمەن. بەكلا تەسىرلىك چىقىپتۇ نەچچە قېتىم يىغلاپ تاشلىدىم......بەزى ھايۋاندىنمۇ ئۆتە ئادەملەرگە ئاشۇ.......ھەي!!!

مۇھەببەت=ئازاپ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42984
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4975
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1477 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 08:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ جىقكەنغۇ، ئىنكاستىن كىيىن ئوقۇي جۇمۇ

يالقۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 08:52:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن . تېما ئىگىسىگە رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80115
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 08:54:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز    . قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن . لېكىن ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن  . ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى  دوستلار  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6452
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3331 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 09:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلەن ئاخىرلىشىپتۇ ھەنىم بولسا

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8435
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 09:11:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭىمۇ مۇشۇنداق بىر قىز ئۇچراپ قالسا....~!~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3544
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 09:14:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى ئۇقۇپ بولدۇم      ياخشى ھىكايىكەن   

ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3097
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8734
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 09:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن ۋەقەلىك  ، رىياللىققا  يېقىن  ئىشلار   يېزىلىپتۇ  .ئاخىرىنى  مەن  پەرەز  قىلغاندەك   چۈشۈرۈپسىز  ....

http://funy520.blogbus.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش