مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2757|ئىنكاس: 14

تۇرمۇش ۋە ئايال(دەرتمەن119) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12778
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 04:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                           تۇرمۇش ۋە ئايال


     مەھەللىمىزدە مۇلايىم بىر ئايال بولىدىغان، ھۆكۈمەت تارقاتقان ياردەم پۇلىغا قاراپ ئولتۇرماي
قورۇ تازىلاپ، باشقىلارنى كىرقاتلىرىنى يۇيۇپ بىرىپ،ئۇشاق ئېشلارنى قىلىپ ئاز-تولا پۇل تاپاتتى.
ئۇنىڭغا قاراپ ياشىنىپ قالغاندا بەرگەن پۇلغا شۈكرى قىلىپ ئولتۇرسا بولمامدىغاندۇ، دەپ ئويلاتتىم. يېقىندا مەھەللىمىزدىكى بىرەيلەن بۇ ئايال توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى، شۇندىلا ئۇنىڭغا ئىچ-ئىچىمدىن قايىل بولدۇم.

بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئايشەم، ئۇ ھالال ئەمگىكى بىلەن پۇل تېپىپ، كېسەلچان ئېرى ئۈچۈن دورا سېتىۋالىدۇ، ئۇ ھېچقانداق بىركىمدىن نەرسە تەلەپ قىلىپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ بىر چاغلاردا ئىللىق ئائىلىسى بار ئىدى، ئېرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن مۇشۇ كۈنگە قالدى. بالىلىرىمۇ ئۇلاردىن چاندى. ئۇ ئېرى بىلەن بۇ قورۇغا كۆچۈپ كەلگىلى بىر يىلدىن ئاشتى، يا بىرەر تۇغقىنىنىڭ، يا بىرەر ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ، يا بىرەر بالىسىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئاڭلىسام، ئۇنىڭ ئېرى ئېزىپ ئائىلىسىنى توزۇتۇپتۇ. يانچۇقىدا بىر تىيىن قالمىغاندا، ئاتالمىش ئاغىنىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپتۇ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ھار كېلىپ دەردىنى ھاراقتىن چىقىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ پالەچ بولۇپ، تەرىتىنىمۇ تۇتالماس بولۇپ قاپتۇ.

ئۇنىڭ بالىلىرى ئانىسىغا ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىشنى، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىقنى ئېيتىپتۇ، لېكىن ئايشەم ئېرىنى كەچۈرۈپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ، شۇ ۋەجىدىن بالىلىرى ئۇنىڭغا قېيداپ
ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئايشەم تۇرمۇشتا قىينىلىپ، قورۇ-جايلىرىنى سېتىۋىتىپ ۋە بۇ يەرگە كەپتۇ...
بۇ گەپلەر بولۇنغاندىن كېيىن، ئايشەم ئاچىنىڭ ئۆيىگەيوقلاپ كىردۇق.

ئۆي ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، پاكىز ھەم رەتلىك ئىدى.
بىز ئايشەم ئاچا بىلەن بىردەم ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېرىنى يوقلىغان ھېسابتا داستىخانغا پۇل قويۇپ قايتىپ چىقتۇق.
ئېرىنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكىنى قاتار چايدا باشقا ئاياللارغا يېيىۋەتكەن، ئېرىدىن ئورۇنسىز گۇمان قىلىپ جىدەللىشىۋاتقان، ئېرى بىلەن بالىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇغان ھالدا كېچە-كېچىلەپ ئويۇن-تاماشىدېن نېرى كېلەلمەيۋاتقان ئاياللار ... ئائىلىسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتقان ئاياللار ... كۆڭلۈمدە ئۇلارنى سېلىشتۇردۇم.

شۇنداقلا ھازىرقى جەمىيتىمىزدىكى يوقلاڭ باھانىلەربىلەن ئاجىرىشىپ كېتتىپ بارغانلارغا ئەپسۇسلىنىپ قالدىم،شۇنداق قېلىپ ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ بىر پىسخولوگ مۇتەخسسى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ قالدىم.
ئۇ: «تۇرمۇشتا ئاياللار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇلار دىققىتىنى ھەممە ئىشلارغا تەڭ چېچىپ ئۆزىنى ئۆزى چارچىتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلا تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش، جورىسىدىن زېرىكىش، قىسقىسى پىسخىكىسى ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا ھەمما ئىشلارنى زىغىرلاپ كېتىش ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاياللارغا تەۋسىيەم شۇكى، ھەر ۋاقىت، كاللىڭىزدا ئائىلىڭىزنىڭ ناھايىتى گۈزەل ھەم ئىللىق تەرىپىلا مەۋجۇت ئەكىس ئېتىپ تۇرسۇن، مەيلى خىزمەتتە ياكى دوستلار ئارا مۇناسىۋەتتە قانداق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ چاغدىكى كەيپىياتىڭىزنى ئائىلىڭىزنىڭ ئىناقلىقى ئورنىغا دەسسىتىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ، شۇندىلا تۇرمۇش بەخت دېگەن سۆز بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ» دېدى.

ھۆرمەتلىك ئايال، بەلكىم سىز بەخت بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىۋاتقان بولۇشىڭىز ياكى ئېرىڭىزنىڭ
ئورۇنسىز تاپا-تەنىلىرى تۈپەيلىدىن ئاغرىنىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھەر ۋاقىت شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇرمۇشىڭىزدىن ئاغرىنىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھەر ۋاقىت شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇرمۇش ۋە بەختنىڭ ئەسلىي مەنىسى قانداقتۇر خوشال ۋە ھوزۇر سۈرۈشلا بولماستىن، قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدىن بەخت ئىزدەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچېلىق گېزىتى، 2011-يىل6-ئاينىڭ29-كۈندىكى سانىدىن ئېلىندى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-6 04:16 PM  


ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2331 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 04:50:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12778
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 04:54:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hoyuanjia يوللىغان ۋاقتى  2012-6-6 04:50 PM
ئوبدان بۇلاپتۇ

قايىلمەن سىزگە، قانداقلا تېما بولسۇن ئوقۇمسىزكىن ياكى ئوقۇمايلا يازامسىزكىن ئىنكاسىنى ئوخشاشلا يازىدىغىنىڭىز باشقىلارنىڭمۇ تېمىسىغا ‹‹ئوبدان بولاپتۇ››......................

ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2331 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 04:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12778
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 05:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hoyuanjia يوللىغان ۋاقتى  2012-6-6 04:58 PM
سىزچە نىمە دەپ يازسام بۇلاتتى

ئەلۋەتتە ئېنكاس يازغىنىڭىزغا ئاۋارە بولغانغا لايىق ،شۇ تېمىغا خاس ئېنكاس يوللىسڭىزمۇ بولاتتىغۇ....

ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1970 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 05:08:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەھەللىدە بىر ئايال بار چوڭ بالىسى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ كىچىك بالىسى بولسا تۇلۇقسىزدا ئوقۇيدۇ بۇ ئايال بىردەم بىزنىڭ مەھەللىدە باققاللىق قىلسا بىردەم مەھەللىنىڭ تازلىقچىلىقىنى قىلىپ ئىشقىلىپ بىردەممۇ بىكار تۇرماي باللىرى ئۇچۇن باللىرىنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن تىرىشىپ تىرمىشىپ پۇل تېپىپ باللىرىنى ئۇقۇتۋاتقان ئايال . لىكىن ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى بۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۆيدە بىكار يېتىپ ئۇخلاپ يۇرۇيدىغان بىر لامزەللە خالاس. ئاياىغا ئازراقمۇ مىھرىبانلىقى يوق ھە دىسە بىچارە ئايالنى ئۇرۇپ كوچىدا قوغلاپ يۇرۇيدۇ بىچارە ئايالغا نىمە كۇن بۇ؟ نەچچە قېتىم ئاشۇ ئوغرى بىلەن بىر ئۇرۇشاي دەپمۇ ئويلىغان. ئۆتكەندە ئايال ئالى مەكتەپتىكى بالىسىغا پۇل سالاي دەپ ماڭسا ئاۋۇ لىڭتاسما ئوغرى پۇلنى تالىشىپ تۇرۋاپتۇ ئايال يىغلاپ يالۋۇرۇپ ئەگەر بۇ پۇلنى ئەۋەتىپ بەرمىسەك ئوغلىمىز قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ ئۇنداق قىلماڭ دىسىمۇ ئۇرۇپتۇ بىچارە ئايالنى شۇ كۇنى ئەسلى مەنمۇ ئالدىراش شۇ كوچىدىن ئۆتۇپ كىتىپ باراتتىم تۇيۇقسىز بۇ ئايال ئالدىمدىن يۇگۇرۇپ ئۆتۇپ كەتتى قارىسام ئاۋۇ ئوغرى قۇلىدا كالتەك بىچارە ئايالنى قوغلاپ كىتىپ بارىدۇ . ئاچچىقىم نەدىن كەلدى بۇگۇن نىمە كۆرسەم مەيلى دەپ بېرىپلا ئاۋۇ ئوغرىنىڭ قۇلىدىن كالتەكنى ئېلۋېلىپ قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە كىلىشتۇرۇپ ئىككىنى سالدىم. ئاۋۇ ئايال يۇگۇرۇپ كېلىپ جېنىم بالام ئۇنى ئۇرماڭ دەپتى ۋاي جىم تۇرىڭە دەپ ئاۋۇ ئوغرىنى ياقىسىدىن ئېلىپ كاللا بىلەن ئىككىنى قويسام جىم بولدى . ھەي تىگى پەس ئوغرى سەندە ۋىجدان غورور بارمۇ سىنىڭ نەرىڭ ئادەم؟ سەنمۇ ئەركىشىمۇ ؟ جاھاندا مۇشۇنداق ياشامسەن؟ سىنىڭ كاللاڭدا ئايالىڭ باللىرىڭغا مەسئۇل بۇلۇش خاھىشى بارمۇ يوق؟ قاچانغىچە مۇشۇنداق بۇلارغا زۇلۇم سېلىپ ياشايسەن؟ قېنى سەندىكى ئەرلىك بۇرۇچ قېنى سەندىكى مەسئۇليەت ئۇقۇمى؟ شۇ نىجىس ھاراق سىنى نىمە كويلارغا سالمدى؟ سەن ھاراق ئىچىپ تويمىدىڭمۇ؟ سەن باللىرىىڭنىڭ بەختىنىمۇ قۇشۇپ ئىچۋەتمەكچىمۇ؟ ئارىمىزدا سەندەك تەييارتاپ لايغەزەللەر جىق بولغاچقا  ئەيشى ئىشرەتكە بېرىلىپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلۋاتقانلار بولغاچقا كۆرۋاتقان كۇنىمىز مۇشۇ. ئايالىڭغا رەھمەت دە ئايالىڭغا دۇئا قىل ھېلىمۇ سىنىڭ ئېغىرىڭنى كۇتۇرۇپ يەنە سەندەك بىر مۇتەھەم بىلەن بىرگە ياشاۋاتىدۇ .ئۇنىڭمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشتىن ئائىلىنىڭ ئىللىق مىھرىدىن ھۇزۇرئالغۇسى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار . ئۇ يەنە سىنى سەندەك بىر لەنەتگەردى ئىنساننى ھەم كەلگۇسى پارلاق بولغان باللىرىنى ئويلىغاچقا يەنە مۇشۇ تۇرمۇشقا چىداپ ياشاۋاتىدۇ. لىكىن سەن قاباقباشتا مۇشۇنى چۇشەنەۇدەك كاللا بارمۇ؟ ئايالىڭ بولمىسا ئەخلاتخاندىن نان تېرىپ يەيدىغان ئىنسان سەن.   يەنە تېخى قايسى ھالىڭغا ئىشرەت قىلىسەن؟ نىمەڭگە ئىشرەت قىلىسەن؟ تاپقان تەرگىنىڭ تىزىڭدىن ئاشماي يىل بۇيى مۇشۇنداق يۇردۇڭ بىرئىشنىڭ پىشىنى تۇتماي ئېغىرىڭنى ئايالىڭغا ئارتىپ قۇيۇپ يۇردۇڭ.ھە دىسە ئۇنى خورلايسەن . ئىشرەت سورۇنلىرىدا ھاقەم سايىلىرىڭ بىلەن خوشە دەپ رومكا سۇقشتۇرۇپ ئىچۋاتقان ۋاقتىڭدا ئۆيدە ئىسسىق تامىقىڭنى ئىتىپ سىنى كەلگەنمىدۇ نىم بولغاندۇ دەپ يۇلۇڭغا قاراپ سىنى ساقلاۋاتقان بىر ئىنساننىڭ بارلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ قىستا سوغوقتا توڭلاپ جېنىڭ تۇمشۇقۇڭغا كېلىپ قالغان ۋاقىتتا سىنى يۈدۈپ ئۆيگە ئەكىرگەن بىر ئىنساننىڭ بارلىقىنى بىلدىڭمۇ؟ سەن ئۇرۇپ قولىنى سۇندۇرۋەتكەن ۋاقتىڭدا ساڭا بىلدۇرمەي ئاغرىققا چىداپ ساۇا تاماق ئىتىپ بېرىپ ئەڭ ئاخىردا قەتتى چىدىيالماي دوختۇرخانىغا بارغان بىر ئىنساننىڭ بارلىقىنى بىلدىڭمۇ؟ سەن يوغان كالتەك بىلەن كاللىسىغا ئۇرۋەتكەن ۋاقتىڭدا ساڭا كەچۇرۇڭ مەن خاتا قىلدىم دەپ يالۋۇرۇپ ئىش ئورنىغا بارغاندا ھوشىدىن كەتكەن بىر ئىنساننىڭ بارلىقىنى بىلدىڭمۇ؟ نامىزىدا كىچە كۇندۇز ئاللاھتىن سىنىڭ ئىنسابىڭنى تىلەپ زار زار يىغلىغان بىر ئىنساننىڭ بارلىقىنى بىلدىڭمۇ؟   ئۆزىنىڭ كىسەل بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ماڭا ھىچنىمە بولمىدى دەپ كەلگۇسىگە ئىشەنىچ بىلەن قاراۋاتقان بىر ئىنساننىڭ بارلىقىنى بىلدىىڭمۇ؟ سەن مەڭگۇ بىلمەيسەن. بىرمۇنچە سۆزلىگىم ئىسىمدە.................................. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-6 09:45 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sazguri + 10 ھەقىقى ئەركەك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئۇمۇتلىك بول بۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28124
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6381
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 2409 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 05:25:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خانىم قىزلارغا تەربىيۋى قىممەتكە ئىگە ياخشى يازمىكەن ،ئەجىرىڭىزگە رەھمەت!

ئايال بولساڭ دىنايەتلىك ياشا

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23165
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3097 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 06:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايشەم ھەدىمىز  بىلەن ئېرى ئۆز ۋاختىدا بەخىتلىك كۈن كەچۈرگەن بۇلۇشى مۇمكىن ، ئېرىنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ ، ئازماس ئىنسان يوق ، نەچچە يىل بىر ياستۇققا باش قويغان ئەر بولغاندىكىن  تاشلىۋەتكىسى كەلمىگەندۇ . لىكىن باللىرىنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلغىنىغا ئاچچىقىم كەلدى .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77785
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3458
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 242 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 06:20:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hoyuanjia يوللىغان ۋاقتى  2012-6-6 04:50 PM
ئوبدان بۇلاپتۇ

ھا...ھا   .ھەرقېتىم  سىز  يازغان ئىنكاسنى كۆرسەم بەك كۈلۈپ  كېتىمەن .  مېنىڭچە بۇنداق ئىنكاس تېما ئىگىسىگە  قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك. بۇنداق ئىنكاسنى يازغۇچە ،يازمىسىڭىزمۇ  باشقىلار خاپا  بۇلۇپ  قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3544
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 06:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش