مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2482|ئىنكاس: 40

ئوقۇغۇچى خورلۇق سەۋەبىدىن ياتاقداشلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاپتاپ+جەڭگاھ= ھاياتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16010
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7083 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 12:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوقۇغۇچى خورلۇق سەۋەبىدىن ياتاقداشلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن (خۇجىنتاۋمۇ ئۇ بايانىنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتكەن)


ماجاجۆنىڭ ئاتا-ئانىسى.

      ياتاقداشلىرىنى ئۆلتۈرگەن ئۇنىڭ خېتىنى كۆرۈپ باش شۇجى خۇجىنتاۋمۇ يىغلاپ كەتتى.ماجاجۆ ئۆلۈم جازاسىغا بېرىش يولىدا.ماجاجۆنىڭ ئاتا-ئانىسى.
كۆپچىلىكىنىڭ ئەستايدىلىق بىلەن ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،ھەمدە مۇنۇ مەزمۇنلار توغرسىدا ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىز.
  1.ماجاجۆ مەملىكەتلىك ئولىمپىك فىزىكا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2.ماجاجۆنىڭ ياتاقداشلىرى ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا ئۇنىڭ يۈزىگە كىچىك تەرەت قىلىۋەتكەن.
3.قىش پەسلىنىڭ سوغاق بولغان كۈنىدە ياتاقداشلىرى ئۇنىڭغا بىر يۈەندىن ئىككى يۈەنگىچە پۇل بېرىپ كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيدۇرغان،ئۇنىڭ پۇلى بولمىغاچقا ئامالسىز يۇيۇشقا مەجبۇرى بۇلغان.
4.ئۇنىڭ تۈرمىدە كەيىگەن تۈرمە كىيىمى بولسا ئۇنىڭ بۇ ئۆمىرىدە كىيىگەن ئەڭ ياخشى كىيىمى.ئۇنىڭ دېيىشچە:《بۇ مەن ھاياتىمدا كىيگەن ئەڭ ياخشى كىيىم》.ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنى ياللاپ ماڭغان ساقچىلارمۇ يىغلاپ كەتكەن.
5.ئۇنىڭ كيىدىغانغا كىيىم-كېچىكى يوق،ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلمىغان بىر نەچچە كۈندە ئۇ يالاڭ ئاياغ يۈرگەن،دەرسكە كىرمەسلىككە مەجبۇرى بولغان.
6.ئۇنىڭ ئائىلىسدىكىلەر باشقىلارنى كىيىم-كېچەكلىرىنى تىكىپ ياماش ئارقىلىق كۈن كەچۈرىدۇ.ئۇنىڭ ئاپسى 100 يۈەن تېپىش ئۈچۈن 200 كىيىم كېچەكنى تىكىپ يامىشى كېرەك.
7.ئۇنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 5000 يۈەن،ئۇ بۇنى يىراق جايدىكى يۇرتىدىن قەرز ئالغان.
8.ئۇ ئەرز قىلىشىنى رەت قىلدى،ۋە تۆت نەپەر ھەقسىز تەكلىپ قىلىنغان ئادۋوكاتلارنى رەت قىلدى،ۋە باشتىن ئاخىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
9.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئۇ ئاللىقاچان 10 مىڭ يۈەن قەرزگە بوغۇلغان ئىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قۇرۇلۇش ئىشلەش ئارقىلىق قامدايتتى.
ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىدا يازغان خېتى:
چۈنچېىڭ شەھىرىنىڭ كۆز پەسلىدە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ،ۋە دائىم قاتتىق سوغۇق شامال چىقىدۇ،مەن دائىم داتلىشىپ كەتكەن دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئاتا-ئانامنى ئەسلەيمەن.ئۇ ئىككىسى ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ قايتىپ ئېتىزلىقتا جاپالىق ئىشلەيدۇ،ۋە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شام يېقىپ قۇيۇپ بىر كىيىمنى 0.5 يۈەنگە تىكىدۇ...........
ئۇ چاغدا مەن ئانام بەرگەن 100 يۈەن پۇلىنى قەتئىي ئالمىدىم،مەن ناھايىتى بىئارام بولغان ھالدا ئانامغا دېدىم:《بۇ پۇل سەن 200 كىيىمنى تىكىپ تاپقان پۇل تۇرسا》 مەن ئانامنىڭ كۆزىگە قارىدىم،ھەمدە ئۇنىڭ جاپا مۇشەققەت ئىچىدە تاپقان يۈز يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردىم،ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىملىق كۈلۈمسىرىدىم.مەن ئانامنىڭ مەكتەپتە تارتقان جاپايىمنى بىلىشىنى قەتئىي خالىمايتتىم،ھەمدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر نەچچە يىل جەريانىدا ئۆيدىن بىرەر سىنىتمۇ پۇل ئېلىپ باقمىدىم،مەن ئاتا-ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن جاپا مۇشەققەت تارتىشىنى خالىمايتتىم.
  ئۇلار ياشقا چوڭ بولۇپ قالدى،بىر ئۆمۈر جاپا مۇشەققەت تارتتى،قانداق قىلىپ يەنە ئۇلارغا جاپا سالاي،ئەمما ئوقۇش پۇلى بەكمۇ يۇقىرى،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم بېرىپ كۈچ چىقىرىپ تېپىشىم كېرەك،بۇنىڭ ئۈچۈن دەرسكە دەخلى يېتىشىنىڭ كارايىتى چاغلىق.مەن بىر ئۆزۈم ناھايىتى جاپالىق قۇرۇلۇش ئىشلىدىم،ھەمدە ئوغرىلىقچە كۈنۈمگە ئىككى دانە موما يېدىم.قىش پەسلى مەن ھەقىقەتەن سوغۇقتىن قورقاتتىم،چۈنكى مەن ئۆزۈم جەنۇبلۇق،شۇنداق بولسىمۇ مەن پۈتۈن قىش پەسلى ئىسسىق سۇ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پۇلىنى تېجەپ،سوغۇق قىش پەسلى سوغۇق سۇدا يۇيۇندۇم،مەن سوغۇقتىن تىترەپ كەتكىنىمدىن ساۋاقداشلىرىمغا كۈلۈپ قاراپ بىز دېگەن ياش ھېچنېمە بولمايدۇ دەپلا قۇتۇلدۇم.
     ئۇ كۈنى مېنىڭ كىيگۈدەك ئايىغىم يوق ئىدى،مەن ئامالسىزلىقتىن دەرسكە بارالمىدىم،ھەتتا مەكتەپ تارقىتىپ بېرىدىغان قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىلگەنگە قەدەر مەن ئامالسىز قالدىم.مېنىڭ ئائىلەم ئەزەلدىن ناھايىتى نامرات،مەن ناھايىتى نامراتلىق يوقسۇزلۇق ئىچىدە چوڭ بولدۇم،مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ جاپانىڭ قەدىرنى تېتىپ يەتكەنلىكىم ئۈچۈن،كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا-ئانامغا جاپا سالمايمەن دېگەن بىر قەيسەر روھ ئىچىدە چوڭ بولدۇم،دائىم ئويلايدىغىنىم بولسا ئاتا-ئانامنىڭ ئازراق بولسىمۇ يۈكىنى يەڭگىللىتىش بولدى،مەن ئۆز-ئۆزۈمگە دائىم:《ئاپا دادا سىلەر جاپا تارتىڭلار،مەن تاماق ئەتتىم،تىز كېلىپ يەڭلار!》دېگۈم كېلەتتى.مەن باشتىن-ئاخىر تىرىشىپ ئۆگەندىم،يېزىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ مېنىڭ ناھايىتى جاپادا چوڭ بولغانلىقىمنى،ناھايىتى ياۋاش ئىكەنلىكىمنى بىلەتتى.مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە مەملىكەتلىك ئولىمپىك فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم،ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ دائىم باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغاچقىمۇ بىر خىل ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاپ كەلدىم.ئەمما ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا بىر ئاي يېقىن قالغان ۋاقىتتا مېنىڭ ھەر تەرەپتىكى بېسىمىم داۋاملىق ئېشىپ ماڭدى،يەنى مەندەك بىر نامرات بىر ئوقۇغۇچى ناھايىتى ئەلا بولغان نەتىجىگە ئېرىشتىم،مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نەتىجەم پۈتۈن گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى ئوخشاش يىلدىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇردىن 50 نومۇر يۇقىرى بولدى.مېنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنى تاللاپ ئوقۇغۇم بار ئىدى،يەنى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى،خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا مېنىڭ نىشانىم ئىدى،ئەمما ئۇ جاي مېنىڭ ئائىلەمگە ناھايىتى يىراق شۇنداقلا ئوقۇش پۇلىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى،شۇنىڭ ئۈچۈن،مەن ئوقۇش پۇلى بىر قەدەر تۆۋەن ئۆيۈمگە يېقىن بولغان يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتنى تاللاشقا مەجبۇرى بولدۇم.لېكىن بۇ چاغدا مەن ناھايىتى ئۈمىدكە تولغان ئىدىم،بىر ئاددىي نامرات دېھقاننىڭ بالىسى يۈننەن ئۈنۋېرسىتېتىگە كىرىپ ئوقۇيالىدى.مەن ھەر دائىم رەئىس ماۋزېدۇڭ يېزىپ بەرگەن 《يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى》 دېگەن خەتنى كۆرگەندە ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كېتەتتىم.
     تىرىشىپ ئۈزلۈكسىز ياخشى ئوقۇش،ئۆز كەسپىمنى ياخشى پۈتتۈرۈش،ياخشى خىزمەت تېپىپ ئاتا-ئانامغا جاۋاب قايتۇرۇش،نامراتلىق تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش،جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش،ئۈزۈمىنى ھۆرمەت قىلغان ئادەمنى چوقۇم ھۆرمەت قىلىش،تۆھپە قوشۇش بولسا مېنىڭ كىشىلىك ئۆگىنىش نىشانىم ئىدى.ئەمما مەن ئالىي مەكتەپكە كىرىپ نۇرغۇن ئىشلارنى بايقاپ قالدىم،كۆپ قىسىم كىشىلەر بولسا ئۆگىنىش قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيتتى،ھەر كۈنى كەچتە قىزلارنىڭ پاراڭلىرىنى قىلاتتى،قايسى قىز ناھايىتى چىرايلىق،قايسى قىز جەزبىدار قاتارلىق تېمىلار بولسا ئۇلارنىڭ قىلىشىدىغان ئاساسى تېمىسى بولۇپ قالاتتى.
   بىر قىسىم پۇلى بار ئوقۇغۇچىلار ھېچ تەپ تارتماستىنلا قىز دوستلىرىنى تەكلىپ قىلىپ مەكتەپ ئەتراپىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇراتتى،كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئويۇن ئويناتتى،ھەتتا مېنى سەھرالىق نامرات دەپ پەس كۆرۈشى بولسا ئۇلارنىڭ ئاساسى ئويۇنلىرىنىڭ بىرسى ئىدى.
ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ،ئەڭ ئاخىرى مەنمۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناشنى ئۆگەندىم،ھەتتا ئويناش جەھەتتە ئۇلارنى خېلىلا بېسىپ چۈشتۈم،ھەمدە ئۆزۈم قۇرۇلۇش ئىشلەپ تاپقان ئازغىنە پۇلۇمغا بىر دانە كونا كومپيۇتېر سېتىۋالدىم.مەن ناھايىتى مەرد،شۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاقداشلىرىم خالىغانچە كېلىپ مېنىڭ كومپىيۇتىرىمىنى ئوينايتتى،مەن ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،ۋاقىتمۇ ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كەتتى.مەن ھەر قايسى يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللەردىمۇ ئۆيۈمگە قايتمىدىم،ھەمدە كۈنمىڭدە قېلىپ پۇل يىغدىم.مەن ھەر قېتىم ئاتا-ئانامغا خەت يازغاندا ئۇلارغا مۇنداق تەسەللى بېرەتتىم:《ئاپا دادا مەن يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن،مۇئەللىمىم مېنى ھەر دائىم ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ》 دېگەندەك يالغان گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بەزلەيتتىم.مەن بەزدى چاغلاردا پەقەت پۇلۇم قالمىغان چاغدا بىر قاچا تاماقنى ئىككى كۈن يېدىم،ھەر دائىم كۈندە ئىككى موما يەيتتىم.شۇنداق بولسىمۇ مەن ناھايىتى ئىرادىلىك ئىدىم،ھەتتا ئۆز-ئۆزۈمگە:《مەن ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىمەن،مەن ئاتا-ئانامغا يۈز كېلەلەيمەن،مەن ئۆز-ئۆزۈمگە يۈز كېلەلەيمەن》 دەپ رىغبەتلەندۈرەتتىم.
ئەمما ھەر دائىم ئۇ بىر قىسىم ساۋاقداشلار ھېچ مەقسەتسىزلا مېنى مازاق قىلاتتى،بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى ئىچ-ئىچىمدىن ئۆتۈپ كېتەتتى.ئۇلارنىڭ قارىشىچە مېنىڭ كىيىنىشىم ناھايىتى غەلىتە بولغاچقىمۇ ئۇلار مېنى كۆزگە ئىلمايتتى.مەن قۇرۇلۇش ئىشلىگىلى ماڭغان چاغدا باشقىلارنىڭ مېنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتىم،بەزى چاغلاردا بىر نەچچە يۇرتداشلىرىم ۋە ياخشى ساۋاقداشلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلاتتىم،بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەن بىر قىسىم ساۋاقداشلارنىڭ مېنى خورلىشىدىن ۋە غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتىم.
   ئالىي مەكتەپتە نۇرغۇنلىغان بالىلار يۈرەكلىك ھالدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى قوغلىشىدۇ،نۇرغۇن ئوغۇل بالىلار مۇھەببەتلىشىدۇ،مەن مانا شۇنداق مۇھىت ئاستىدا،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ئوت قۇيرۇقلۇق بالىلارنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا،يۈرەكلىك ھالدا بىر پارچە خەت يازدىم،ۋە ئۇنى مەن ئۇزۇندىن بېرى ياخشى كۆرۈپ يۈرگەن قىزغا بەردىم.مېنىڭ تۇرقۇمنىڭ ياخشى بولمىغىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل يوق بولۇش ۋە ئىچ مىجەز،ياۋاش بولغانلىق سەۋەبلىك ئۇ قىز مېنىڭ خېتىمنى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئالدىدىلا پارچە-پارچە قىلىپ يۈزۈمگە ئاتتى.مەن بۇ چاغدا ناھايىتى ئازابلانغان بولساممۇ مەن زادى كىمدىن ئاغرىنىمەن،شۇنىڭ بىلەن مەن ئاخىرى مېنىڭ شارائىتىم ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدۇ دەپ ئويلىدىم ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.مەن ئاتا-ئانامغا ھەر دائىم 《ھەممە ئىش ماڭغان ئايان،مەن مۇھەببەتلەشمەيمەن،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئەڭ مۇھىم》 دەيتتىم.
   ۋاقىت ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كەتتى،ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان چاغمۇ كېلىپ قالدى.پەقەت بىر مەۋسۇمدىن كېيىنلا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن.ھالا مۇشۇ كۈندىمۇ مەن ئۆيگە قايتمىدىم،ھەمدە يەنىلا كۈنمىڭدە تۇرۇپ قۇرۇلۇش ئىشلىدىم.بۇ چاغدا بىر قىسىم ساۋاقداشلار مەكتەپكە بالدۇر كەلدى،مەن بۇلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتىم،چۈنكى بىر قىشلىق تەتىل يالغۇز ئۆتكەندىنمۇ،جاپادىن قىلچە قورقمىساممۇ،لېكىن يالغۇزلۇقتىن قورقاتتىم.مەن ساۋاقداشلارنىڭ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قەرىت ئوينىغىنىنى كۆرگەندە ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتىم،ئۇلار ئادەم ۋە ۋاقىتنى دەپ مېنى قارت ئويناشقا تەكلىپ قىلدى،مەن بۇ تەكلىپنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم.ئەمەلىيەتتە مەن يۇرتتا ئاندا-ساندا ئويناپ قۇياتتىم،ئەمما قىزىق يېرى شۇكى مەن ئۇلارغا قارىغاندا ئەقىللىق بولغاچقىمۇ دائىم ئۇلارنى يېڭىۋالاتتىم،بىر قىسىم ساۋاقداشلار مېنىڭ يەڭگىنىمدىن گۇمان قىلىپ،ئۇتقۇنىمىنى بىكار قىلاتتى،ئەمما مەن ئۇلارغا قىلچىمۇ جاۋاب قايتۇرمايتتىم،كىم بىلسۇن ئۇ ئۈچ كىشىنىڭ ئىچىدە باشتىن ئاخىرى بىرسى ماڭا ئوخشاش قارايتتى،مېنى مازاق قىلمايتتى. دەرۋەقە شۇ كۈنى ئۇ پاسكىنا سۆزلەر بىلەن مېنى ھاقارەتلىدى،كىشىلىك غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلدى.نەتىجىدە بۇ ئىشلار مېنىڭ ئىلگىرىكى يارامنى ئېچىپ تاشلىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى قىزنىڭ خەتنى يىرتىپ تاشلىغان ئىشلارنى تىلغا ئېلىش............قانداق قىيىنچىلىق،قانداق جاپا مۇشەققەت بولسا مەن چىداپ كېتەتتىم،باشقا كىشىلەر مېنى مازاق قىلدى مەن چىدىدىم،ئەمما بىر نەچچە بىر ئاز ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەرمۇ شەپقەتسىزلەرچە ماڭغان ھاقارەت سۆزىنى ياغدۇردى.
     ئەسلىدە بۇنداق ئۇزاق مەزگىلدىن بېرى بولۇپ كېلىۋاتقان خورلۇق،شەپقەتسىزلەرچە مازاق قىلىش ..........مەن ناھايىتى ئازابلاندىم،مېنىڭ يېشىم ئاستا-ئاستا سىرغىپ چۈشۈشىگە باشلىدى.مەن ناھايىتى قەيسەر ئىرادىلىك،مەن ئەزەلدىن قىيىنچىلىق تۈپەيلى يېڭىلىپ باقمىغان.ھەتتا بۇرۇن مېنىڭ غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلغان قىلمىشلار،شەپقەتسىزلەرچە مازاق قىلىشلار،مېنىڭ يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەي دېدى،بولۇپمۇ مەن ئەڭ ياخشى ئارىلىشىدىغان ياخشى بىلىدىغان ساۋاقداشلىرىمۇ مېنى مازاق قىلدى.مەن بۇنداق مۇھىتقا بەك تويدۇم،بەك زېرىكتىم،ئۇلار مېنى خورلىدى،ماڭا چىقىش يولى بەرمىدى،ھەمدە ئارقا قايتىشقىمۇ پەقەت يول قالدۇرمىدى.
     ئۇلار مېنى ھاقارەتلىگەندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى مېنىڭكىدىن كۆپ ياخشى،ئۇلار ھەتتا پۇل خەجلەپ قىزلارنى ئوينايدۇ،مېنىڭ ئازابلانغان قەلبىمنى قۇيىدىغان جايىممۇ يوق!مېنىڭ ئارقامغا قايتىش يولۇم يوق،مەن ئاخىرى ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم،ھەمدە ئۇلاردەك شەپقەتسىز كىشىلەردىن نامراتلارنىڭ ئۆز ئابرۇينى قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىدىغانلىقىنى تونۇتۇپ قويغۇم كەلدى.
    مەن ئەسلىدە بۇ خىل ھاقارەتلەرگە كۆنگەن،ئەمما بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ئۇلار ماڭغان قىلغان ھاقارىتى ناھايىتى ئېغىر كەلدى،ئەڭ ئاخىرى مەن ئاخىرقى قارارىمنى تەستىقلىدىم دە بازاردىن بىر پالتا سېتىۋالدىم ھەمدە ئۇ بىر قانچە كىشىلەرنىڭ جېنىنى ئالدىم،ۋە قېچىپ كېتىپ ھاقارەت قىلىنمايدىغان يەرگە بارماقچىمۇ بولدۇم لېكىن مەن ئۆلۈم جازاسى يولىنى تاللىدىم.
   قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر،بۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن،باشقا ساۋاقداشلارغىمۇ ئەۋەتىڭلار،بىز ئۆزىمىزنىڭ توردىكى پىكرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلايلى،مەيلى باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسىمۇ ئۇلار دېگەن ئادەم.ھەممە ئادەم باپباراۋەر!

مەنبەسى : تىڭشۈن تورى

ئىنكاسىمنى قەتئى نەقىل ئالماڭ ، نەقىل ئالغان ئادەم چوقۇم ئادەم ئەمەس ، چۈنكى ئەسكەرتىشنى كۆردىڭىز ئەمەسمۇ ...

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23061
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 2942 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 04:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرەلمەي ، ئازاپلىق دۇنياغا سەپەر قىپتۇدە بۇ بالا .

ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .

گۇناھ ئوغول بالى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5508
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2364 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 04:53:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34634
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 04:59:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى كىم بولسۇن، شارايىتى، تۇرۋاتقان ئورنى قانداق بولسۇن، ئىنسانغا ئىنساننىڭ ھۆرمەت قىلىش ئىنسانى بۇرچى.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2809
تۆھپە نۇمۇرى: 1937
توردا: 3193 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 05:04:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3483
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1268 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 05:48:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
..............ئىست دەپلا قالدىم  ئىچىمدە.................

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9731
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4753 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 06:06:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ئېست دىگۈدەك ئىش بوپتۇ، بىچارە بالا...................

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20454
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8239 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 06:15:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ئادەم قاتاردا كۆرمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ قۇربانى بوپ كېتىپتۇ بۇ بالا.

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ۋاقىت ھەممىنى ئى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14787
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9569
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 5258 سائەت
تىزىم: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 06:16:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نېمە دېيىشىمنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلەر ئىكەن. بۇ بالا تېخى مەندىن ئىرادىلىككەن. ھېلىمۇ شۇنچە خورلاشلىرىغا چىداپ، خېلى ئۇزۇن بەرداشلىق بېرىپتۇ. مەن بولغان بولسام، ئىشەنچ، ئىرادەمنى ئاللا بۇرۇن يوقۇتۇپقويغان بولاتتىم. بۇ قارىغاندا 2004-يىلى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۇ ئالەمگە كىتىپتىكەن. دېمەك 8 يىل ئاۋالقى گەپكەندە......
باي بولسۇن نامىرات بولسۇن ھەممىسى باراۋەر.
نامىراتلار بولمىسا بايلار بولمايدۇ.
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن. كۆزۈمدىن تاسلا قاپتۇ ....چىكەتكىلى
بىز ئۇيغۇرلاردا مۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى ھازىرغىچە ئاڭلىمىدىم. بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن ئەمدى...ئىشقىلىپ بەك ئىناق.  باي-نامرات دەپ ئارىپ ئولتۇرمايمىز...

ئاناتىلىم-يۇ،ئاناتىلىم، سەن ئۈچۈن ھەرۋاخ يوراردىلىم. يوقتۇرسەندەك چۈرۈك،تاتلىق تىل، باشقاتىلغاكۆنمەيدۇگېلىم. ئاپتورى:مەن  ---خەتەرلىك كۆچۈرمەڭ.

گەپ قىلىشنى بىلم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3565
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9548
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 06:31:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامراتلار مانا مۇشۇنداق نامرات، بىر كىتىمنىڭ يامىقىنى 0.5يۇەنگە تىكىدۇ، 200كىيىم تىلكسە ئاران 100يۇەن...شۇ 100يۇەن بۇلار ئۈچۈن ئالەمچە چوڭ پۇل...
كۈنىگە 2موما...ئىسسىق سۇغا كىتىدىغان پۇلنى تىجەپ قىشتا مۇزدەك سۇدا يۇيۇنۇش...

خۇش، ئەمدى ئۆزىمىزگە كىلەيلى، بايلار قاتارىدىن بولالمىساقمۇ خۇداغا شۈكىرى، كۆپىنچىمىزنىڭ يەيدىغانغا قۇرۇق بولسىمۇ نان،ئاددىي،كىچىك بولسىمۇ پۇت تىققۇدەك ئۆي بار، بولمىغان تەغدىردىمۇ ئىجارىگە ئۆي ئالغۇدەك ئازغىنە بولسىمۇ پۇلىمىز بار...

پاھ...بىزدىكى يانچۇققا قارىماي تۇرۇپ قىلىدىغان ھەشەمەتلەر...

ئىشىپ قالغان تاماقنى قايتا ئىسستىپ يىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەخلەت ساندۇقىغا كۆرمىدىم دەپ تۆكۈشلەر...

100يۇەن پۇلنى ھاجەتخانىغا كىرىپ كۆتىمىزنى سۈرۈتكەندەك تىنماي تۇرۇپ ۋاق-ۋاق خەجلىشىمىز...

يەنىلا ئاتا-ئانىمىزدىن ئۆگىنەيلى، ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا يەنىلا ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىلىمى ئەڭ ياخشى...
كىچىككىنە نەرسىنىڭ ئىسراپ بولىشىغىمۇ قاراپ تۇرمايدۇ، بىھۇدە پۇل بۇزۇپ- چاچمايدۇ...

بىزگە كىم قۇيۇپتۇ تاماقنى ئاشۇرۇپ تۆكۈشنى؟
بىزگە كىم قۇيۇپتۇ كىبىر بىلەن پۇل خەجلەشنى؟
بىزگە كىم قۇيۇپتۇ ئامرىكىنىڭ زوڭتۇڭىدەك ھەشەمنى؟
بىزگە كىم قۇيۇپتۇ يىرتىلمىغان كىيىملەرنى تاشلاشنى؟
.........................................................................

ئۆزىمىزدىن باشلايلى، ھەممە نەرسىنىڭ سورىقى بار...
ئاللاھ دىلىمىزغا مۆمىنلىكنى سالغايسەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ~dana~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-6 06:32 PM  


بىراۋ سىنى ناھەق ئەيىبلىسە، ساڭا تىل تەككۈزسە سەن ئۇنىڭغا ئۆزى قىلغاننىڭ 10ھەسسىىچىلىك قايتۇرۇپ بەر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش