ھەرخىل ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىشى شۇ ئاساستا يېزىقچىلىق چۈشەنچىسى ۋە يېزىقچىلىق قابىليىتىنى ئۆستۈرۈپ ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇشبۇ مەسلىھەت بېرىش شەكلىنى لايىق تاپتۇق. مۇشۇ شەكلىدىكى ئوقۇتۇش-مەسلىھەت بېرىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق شەكىلدە ئۆزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ.شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىكلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى سورايمىز.
بۇ ماقالە قېلىپلىرىمىز ۋە ئۆلگىلىرىمىز نوقۇل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىلا ماس كېلىپ قالماستىن ماقالە يازىدىغان بارلىق ئىمتىھانلارغا ماس كېلىدۇ، يەنى تېگاڭ(ئالاھىدە ئىش ئورنى)ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى بېرىدىغانلارغا ياكى ھەر خىل كەسپتىن ئالىدىغان ئىمتىھانلارغا ماس كېلىدۇ، شۇڭا بۇلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزدە جانلىق ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆپ ئىقتىدارلىق ماقالە قېلىپى
1-قېلىپ: مەسلە ھەل قىلىش (تىپىدىكى ماقالە)
يېقىنقى كۈنلەردە ***(ماقالىدىكى مەركىزى مەسلە)نۇرغۇن دۆلەتلەردە بىر ئېغىر مەسلىگە ئايلىنىشقا باشلىدى.بۇ مەسلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغرىسىدىكى قاراشلار دېگەندەك بىردەك بولمىسىمۇ، بەزى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە- - - (مەسلىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى)، نەتىجىدە - - -، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇ مەسلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇنداق سەۋەپلەر بار. بۇنىڭ بىرىنىچى سەۋەبى بولسا ـ ـ ـ (بىرىنىچى سەۋەپ)، ئۇنىڭدىن باشقا ـ ـ ـ (ئىككىنچى سەۋەپ)نىڭمۇ بۇ مەسلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بەلگىلىك مەسئولىيىتى بار.يەنە ـ ـ ـ (ئۈچىنچى سەۋەپ)كىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
مېنىڭچە، بىز بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز كېرەك. يەنى بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنى ـ ـ ـ (1-ھەل قىلىش ئۇسۇلى)دىن باشلىشىمىز كېرەك.يەنە ـ ـ ـ (2-ھەل قىلىش ئۇسۇلى)كېرەك.
دېمەك، ناھايىتى ئېنىقكى،***(مەركىزى مەسلە)جەمئىيتىمىزدە نۇرغۇن مەسلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا، شۇڭا، مەن بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشنى ـ ـ ـ (چارە)دىن باشلاپ بېقىشنى تەكلىپ قىلىمەن، مەن ئىشنىمەنكى، خەلقىمىز ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىدىغانلا بولسا، تېخىمۇ ياخشى چارە-ئۇسۇللار بىلەن بۇ مەسلە پات ئارىدا كۆڭۈلدىكىدەك ھەل بولغۇسى.
(بۇ ماقالە قېلىپى ئۈچۈن مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسلىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشى، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تور مەستانىلىق كېسىلى قاتارلىق مەسلىلەرنى تېما قىلىپ ماقالە يېزىپ مەشىق قىلسا بولىدۇ).
بوش ئورۇنلارنى جايىدا تولدۇرساڭلارلا بۇ قېلىپ ئاقىلىق ياخشى ماقالىنى يېزىپ چىقالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىمىز كامىل.***بەلگىسى ئۈچۈن ماقالىدە بېرىلگەن ماۋزىدىكى مەسىلىنىلا يېزىپ قويىمىز، ـ ـ ـ بەلگىسى ئۈچۈن ئىجادى پىكىر قىلىپ بوش ئورۇننى تولدۇرىمىز.
ماقالە قېلىپىنى چۈشىنەلمىگەنلەر ئۈچۈن بوش ئورۇنلىرىنى تولدۇرۇپ، تۆۋەندىكى ماقالە ئۆلگىسىنى پايدىلىنىش ئۈچۈن بەردۇق. تولدۇرۇلغان بوش ئورۇنلارنىڭ تېگى سىزىلغان.
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى
(مەسىلە ھەل قىلىش تىپىدىكى)ماقالە ئۆلگىسى:
يېقىنقى كۈنلەردە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بىر ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىشقا باشلىدى، بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغرىسىدىكى قاراشلار دىگەندەك بىردەك بولمىسىمۇ، بەزى جەمىيئەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچەزاۋۇت-كارخانىلاردىن چىققان كىرەكسىز بۇلغانمىلار موھىتنى بۇلغاۋاتقان ئاساسلىق سەۋەپ ئىكەن،نەتىجىدە بۇ بۇلغانغان گازلار ئاتموسفىرانى بۇلغاپ، پانىڭ ئېففىكتى ھاسىل قىلسا، بۇلغانغان سۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە، بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇنداق سەۋەپلەر بار.
بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى بولسا ھەر بىر شەخسنىڭ موھىت ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولىشى، ئۇنىڭدىن باشقا كىرەكسىز بۇلغانمىلارنى قويۇپ بېرىۋاتقان زاۋۇت-كارخانىلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار، يەنە تەرەققىياتنىڭ تەكشىسىزلىكى تۈپەيلىدىن بايلىقلاردىن قارىغۇلارچە ئېچىپ پايدىلىنىشكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
مېنىڭچە بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، چوقۇم تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز كېرەك.يەنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ موھىت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىن باشلىشىمىز كېرەك.يەنە زاۋۇت-كارخانىلارغا ۋە بايلىقلاردىن قارىغۇلارچە ئېچىپ پايدىلىنىشكىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدەچەك قويۇش كېرەك.
دىمەك، ناھايىتى ئېنىقكى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا.شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشنى ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ موھىت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىن باشلاپ بېقىشنى تەكلىپ قىلىمەن.مەن ئىشىنىمەنكى خەلقىمىز ۋە پارتىيە ھۆكۈمەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىدىغانلا بولسا، بۇ مەسىلە تېز ئارىدا كۆڭۈلدىكىدەك ھەل بولغۇسى.
داۋامى بار
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە يېزىشتىكى قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ماقالە يېزىقچىلىق قېلىپىنى لايىھىلەپ، دىققىتىڭلارغا سۇندۇق، داۋاملىق يېڭى ماقالىلارنى، ئىمتىھانىدا چىقىش ئىمكانىيىتى يۇقىرى بولغان تېمىلار كوكنۇر تورىدا ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
قالغان ئۇچۇرلارنى بۇ بەتتىن كۆرۈڭ:
http://www.koknur.net/list.asp?unid=2178