بۇ ئافىرقىدا 60 يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇگاندادا ھۆكۇم سۇرگەن بىر ئادەم قىلىپىدىن چىققان ئالۋاستى بولۇپ ، ئۇ ھۆكۇم سۇرگەن قىسقىغىنە 10 نەتچى يىلدا 300مىڭ ئادەمنى ۋەھشى ئۆلتۇرگەن قاتىل جاللات بولۇپ ، ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئادەم گۆشى يەيدىغان ئالۋاستى ... ئۇنىڭ ئىسمى ئىدھى ئامىن بولۇپ بۇ ئىسىمنى ئاشۇ دەۋىرنى باشتىن كەچۇرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ھەرگىز ئۇنتالمايدۇ ....تېىمىدا قىسقارتىلىپ ئامىن دەپ ئىلىندى 阿明
ئافىرقىدىكى غەلتە مەخلۇق- بۇ ئۇنىڭ دۇنيا ۋاقىت ژورنىلىنىڭ باش مۇقاۋىسىغا چىققان سۇرتى ، ئۇ گەرچى بىر ئىسلامغا ئىھتىقات قىلىدىغان ئائىلىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ نامراتلىقتىن كىچىكىدىن ئۆيدىن قىچىپ چىقىپ ،چەتئەل مۇستەملىكچى قوشۇندا يۇندا پۇرۇچلۇق قىلىپ ،ئۇلار ئۇچۇن ھەر قانداق ئەسكى ئىشنى قىلىشقا رازى بولغان ،ئۇ ھەربى قوشۇندا ئىسمى جىسمىغا لايىق قاپ يۇرەك ئالاقانات بولۇپ ، ئۇنىڭغا يا ئائىلە تەربىيەسى دىنى تەربىيەۋە مەكتەپ تەربىيەسى قىلچە يۇقمىغاچقا يۇركى تاشتەك قىتىپ بىر غەلىتە مەخلۇق بولۇپ يىتىلگەن ، ئۇ ئۇگاندا مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن ، مۇستەملىكچى ياللانما قوشۇننىڭ ياردىمىدە ھۆككۇمەتنى ئاغدۇرۇپ تەخىتكە چىقىپ ئۆزى خالغان ئەسكى ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلغان ، ئۆزگە قارشىلارنىڭ سۆزلىسە تىلىنى ،قانۇنسىز كىتاپ كۆرسە كۆزنى ، كالىسىدا قارشىلىق ئىڭى بار دەپ قارالغانلارنىڭ كالىسىنى بازغان بىلەن ئەزگەن ....ئىش ئۇنىڭ بىلەن تۇگمەي ئاشۇنىڭ قارىسىغا كەتكەنلەرنىڭ جەددى جەمەتىمۇ تەڭ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغان .
ئۇنىڭ 13 ئايالى 36 ئوغلى ۋە 14 قىزى بولۇپ( ئۆزى ئىھتىراپ قىلغىنى) ئۇنىڭ باللىرى ياۋۇزلۇقتا ئۇنى بىسىپ چۇشدىكەن ، ئۇنىڭ بىر ئايالى ئۇنى ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ رەنجىتكەچكە ئۇ ئايالىنى ھەممە بالىرىنى يىغىپ كىلىپ ئايالىنى ئۆلتۇرۇپ بالىرىغا ئىبرەت قىلغان . ئۇنىڭ يەنە بىر ئايالى بىر زىياپەتتە باشقا ئەرلەر بىلەن ئىككى ئىغىز گەپنى ئوشۇق قىلغانغا ئۇ ئايالىنىڭ كالپۇكىنىڭ گۆشنى ئويۇۋىلىپ ،ئۇ يەرگە باشقا بىر ئەزاسىنىڭ گۆشنى ئەكىلىپ ئوفراتسىيە قىلىپ چاپلاپ قويغان ، ھىلىقى ئەرنىڭ ئىككى قولىنى ۋە ئىككى پۇتىنى كىسىپ قولنىڭ ئورنىغا پۇتىنى پۇتنىڭ ئورنىغا قولىنى ئۇۋلاپ كىشىلەرگە سازايى قىلغان .... ئۇنىڭ ئايالى ۋە باللىرى كىشىلەرگە قانچە زالىم بولسا ئۇ ئۇلارنى شۇنداق ياخشى كۆرگەن باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلارنى ساتقىن خائىن ھىساپلاپ ئۇلارغا زەھەرلىك قولىنى سۇنغان ..... ئۇنىڭ دەستىدىن ئاشۇ دۆلەتىكى گۇزەل قىزلارمۇ سەت مەينەت ياسىنىپ جان ساخلاشقا مەجبۇر بولغان .....
ئۇ شۇنداق پوچى بولۇپ دۇنيادا ئۆزنى بىر چاغلىغان خەلىقئارالىق يىغىنلاردا تخى ئۆزى ياختۇرمايدىغان باشقا دۆلەت ئەرباپلىرىنى ئوچۇق ئاشكارە مەسخرە قىلىپ چۇشۇرەتتى .....
ئۇ ئادەم ئۆلتۇرگەننى كۆرۇپ كۆڭلىنى ئاچىدىكەن خۇددى بىز قىزىقارلىق تەنتەربىيە نومۇرلىرىنى كۆرگەندەكلا ئىش ئىكەن ، ئۇنىڭ دەستىدىن نۇرغۇن ئادەم خانىۋەيران بولۇپ يۇرۇت ماكانىدىن ئايرىلغان ئىكەن .
ئۇنىڭ بىر يەر ئاستى تۇرمىسى بولۇپ شۇنداق قاراڭغۇ ئىكەنكى ھىچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن ئۇ يەرگە نەتچى مىڭ ئادەم پاتىدىغان بولۇپ ئۇلار ئاشۇ يەر ئاستىدا تاشلىۋىتىلىپ ئۇسۇزلۇق ۋە ئاچلىقتا ئۆلدىكەن ، ئۇ يەر جەسەتلەر بىلەن تولغان بىر مۇدھىش دۇنيا ئىكەن ، بىر كاماردىن تاشلانغان ئەخلەت يىمەكلىك يۇندا سۇ بىلەن بىر نەتچى كۇن ئارتۇق ياشايدىكەن .
ئۇ بىر قىتىم بىر يەسلىگە بىرىپ بالىلار بىلەن بىر كۇن خۇشال خۇرام ئوينىغان بولسىمۇ يەسلىدىكى مۇئەلىملەر بۇ كۇننى قورقۇنۇچ ئىچىدە ئاران ئۆتكۇزگەن ، چۇنكى ئۇ بارغان يەردە قان تۆكۇلمەي قالمايتى ....
ئۇنىڭدىن بىر ئەنگىلىيەلىك مۇخپىر سىز نىمىشقا ئادەم گۆشى يەيسىز دەپ سورىسا ، ئۇ قىلچە تەپ تارىتماي مىنى بىزار قىلغان ئادمنىڭ گۆشىنى يىسەم ئاچىغىم ئاندىن بىسىلىدۇ دەپ ئىيىتقان ...
ئۇنىڭغا نارازى بولغان ئىككى گىنىرالىنىڭ كالىسىنى توڭلاتقۇغا سىلىپ ساخلاپ باشقا قوماندانلارنى شۇ ئارقىلىق كونتۇرۇل قىلغان .
ئۇ كوچىغا چىقسا ماشىنىسى بولۇشىغا ھەيدەپ ئاز دىگەندە 20-30 ئادەمنى ماشىنىسغا باسۇرۇپ ئۆلتۇرۇپ 70 -80 ئادەمنى ياردار قىلىپ ياناتتى .... باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن قورقۇپ قىچىشلىرى ئۇنىڭ ئۇچۇن ئەڭ كۆڭۇلۇك ئىش ئىدى
بۇرۇن ئافىرقىلىق كىشىلەر بالىرىنى قورقۇتۇپ ئەگەر گەپ ئاڭلىمىساڭ سىنى ئامىنغا تاشلاپ بىرىمەن سىنى توڭلاتقۇغا سىلىپ ساخلاپ يىسۇن دەپ قورقۇتاكەندۇق .
ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغانلار
ئۇنىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان خەلق قوزغۇلۇپ ئىنقىلاپ قىلغان1979يىلى ( فىرانسىيەلىك پىدائى ياللانما ئەسكەرلەر ئۇگانداغا سۇقۇنۇپ كىرىپ ئىنقىلاپقا قاتناشقان)شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىچىپ كازافىنىڭ يىنىدا پانالىق تىلىگەن ، پۇتۇن دۇنيا خەلقى ئۇنى تىللاپ خەلقئارا سوتقا تاپشۇرۇشنى ئىيىتقاندا كازافى ئۇنى ئىراققا ئۇزۇتۇپ قويغان ،ئىراقمۇ دۇنيانىڭ بىسىمىغا چىدىماي ئۇنىڭغا پانالىق بەرمىگەن كىيىن سۇئەدى ئەرەبىستان ئۇنىڭغا ھىچ قانداق سىياسىي پالىيەتكە قاتناشماسلىق شەرتى ئاستىدا ئۇنىڭ ئۆز دۆلىتىدە پانالىنىشىغا قوشۇلغان .ئەرەبىستان غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ ئىتىپاقدىشى بولغاچقا بۇ ئىش شۇنۇڭ بىلەن تۆگگەن بولغان ئۇ 24 يىلىنى ئاشۇ دۆلەتتە ئۆتكۇزگەن.
2003 يىلى بۇ مۇستەبىت 80 يىشىدا ئەرەبىستاننىڭ فايسال دوختۇرخانىسىدا ئۆلدى.ئۇنىڭغا نمە ئۇچۇن ئەرەبىستاندا پانالىق بىرىلگەنلىكى توغۇرلۇق بىرەر ئىنىق ماتىريال يوق ....
ئۇنىڭ ئۆلمى ئۆگاندادىكى ئەڭ كاتتا خەۋەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ
ئۇنىڭ ئۆتكۇزگەن جىنايىتى توغۇرلۇق 1991-يىلى بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنغان ، مەن بۇ كىتاپنى ھازىرمۇ ساخلاپ كىلىۋاتىمەن. كۆپىنچى ئىشلار ئاشۇ كىتاپتىن ئىلىندى .
ئامىركىنىڭ 39 -نۆۋەتلىك فىرزىنتى كات مۇنداق دىگەن ، ئامىنىنىڭ ئافىرىقىغا ھۆكمىرانلىق قىلىشى دۇنيا تارىخدىكى بىر قىتملىق ئادەمنى سەسكەندۇردىغان تىراگىدىيەلىك ئىش دىگەن .....
سىللەر بەلكىم ئۇ شۇنچى ئەسكى ئىشلارنى قىلىپتۇ ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ سۇرەتلىك ئىسپاتى يوقمۇدۇ دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن ئۇ ۋاقىتتا تور يوق سىفىرلىق ئاپىرات ياكى دومىتى كا ھەتتا قول تىلفونمۇ يوق بولۇپ ، ئەگەر ھەر قانداق ئادەمدە بىرەر پارچى سۇرەت چىقىپ قالسا ئۇ ئادەمنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلاتتى ، ئاشۇنداق ئىشلاردا كەتكۇزۇپ قويغان ئەسكەرلەرمۇ قىسىمى بىلەن خائىن سانىلىپ قاتتىق جازالىناتى.چۇنكى ئۇ دەۋىر جاھالەت ھۆكۇم سۇرگەن دەۋىر ئىدى.....
مەنبە
http://society.chinaiiss.com/html/20125/31/p6b4b_5.html#pic
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rinatcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-6 09:57 AM