تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش مەقسىتىڭىز ئېنىق بولسۇن
ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە ساياھەتچىلەر تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. ساياھەت پىلانى تۈزۈشتە ھەمىشە تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشقا سەل قارىلىدۇ، شۇڭا ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشى، تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە قۇتقۇزۇش ۋە ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
ئۆمەك تەركىبىدە ساياھەتكە چىققاندا قىسقا مۇددەتلىك تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىڭ
ئۆمەك تەركىبىدە ساياھەتكە چىقىش سىزنى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكتىن خالاس قىلىدۇ، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، مۇنتىزىم ساياھەت كوپىراتىپلىرى چوقۇم ساياھەت كوپىراتىپى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ساياھەت كوپىراتىپى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۆزىنى زىياندىن ساقلاش ئۈچۈن سېتىۋالغان سۇغۇرتا تۈرى بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى بىلەن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىق ئايرىشنى مەقسەت قىلغان، بۇنداق سۇغۇرتىنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغىنى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىياندىن ئىبارەت بولۇپ، مەنزىرە رايونى سەۋەنلىكى، قاتناش قورالى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خەتەر دېگەندەك ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بولمىغان تاسادىپىي ھادىسىلەر بىردەك بۇنداق سۇغۇرتىنىڭ تۆلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ساياھەتچىلەر ئۆمەك تەركىبىدە ياكى ئۆزى ساياھەتكە چىقسۇن، پەقەت ساياھەت مەزگىلىدىكى قىسقا مۇددەتلىك تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالسىلا بولىدۇ، تاسادىپىي داۋالىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بۇ سۇغۇرتىنىڭ ئەۋزەللىكى .
ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەتكە چىققاندا بالون ئېتىلىش سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىڭ
ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققاندا خەتەر كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئادەم ۋە ئاپتوموبىلنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ زۆرۈر.
بەزى سۇغۇرتا شىركەتلىرى دۆلەت ئىچى ساياھىتى، قىسقا مۇساپىلىك يەككە ساياھەتتە «دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسال جىددىي قۇتقۇزۇش ياردىمى سۇغۇرتىسى»نى يولغا قويدى، بۇنداق سۇغۇرتا تۈرىدە سۇغۇرتىلانغۇچى يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەنلىك تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتا كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. جۇڭگو ئامانلىق سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تولۇق سوممىلىق جىسمانىي تاسادىپىي سۇغۇرتىسىدىن باشقا، يەنە ئاپتوموبىل بالونى ئېتىلىپ كېتىش سۇغۇرتىسى، ئەينەك چېقىلىپ كېتىش سۇغۇرتىسى، ئوغرىلىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق سەپەر جەريانىدىكى تۈرلۈك كېلىشمەسلىكلەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا ياردىمى بولىدىغان سۇغۇرتا تۈرلىرىنى ۋاقىتلىق كۆپەيتىشكە بولىدۇ.
چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تاللاش جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مۇلازىمەتنى سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن خەلقئارا جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى بىرلىكتە تەمىنلەيدۇ، ساياھەتچىلەر ھەر ۋاقىت تېلېفون ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
http://uyghur.people.com.cn/157596/15230247.html