ئورۇقلاشتا ئالتىگە سەل قارىماڭ
نۇرغۇن كىشى «ماي ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ» دەپ قارايدۇ، بىراق ئامېرىكا ياخۇ تور بېكىتىنىڭ ساغلاملىق پىروگراممىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنى سەمرىتىدىغان ھەقىقىي سەۋەب تۆۋەندىكىلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن:
1. «ياغسىز يېمەكلىك»لەرنىلا ئىستېمال قىلىش
ئادەتتىكى يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەنرەك بولغاچقا، قورساق تېز ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىستېمال مىقدارى كۆپىيىدۇ. شۇڭا نورمال مېتابولىزمنى ساقلىماقچى بولسىڭىز كۈندىلىك ئوزۇقىڭىزدا بەلگىلىك مىقداردا ماي بولۇشى كېرەككەن.
2. كۈندە بىر ۋاقلىق تاماق كەم بولۇش
ئارىلاپ ئاچ قالىدىغان تەن ئۆزلۈكىدىن ماي ساقلاش ھالىتىگە ئۆتۈۋالىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىملىق تاماقتا بىر قىسىم ماي زاپاس ساقلىنىپ قېلىپ، بەدەننىڭ ھەسسىلەپ سەمرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدىكەن.
3. تاماق يېيىش ۋاقتى 20 مىنۇتقا بارماسلىق
ئادەتتە ئاشقازاننىڭ تويغانلىق ئۇچۇرىنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈشىگە 20 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن، شۇڭا تاماقنى بەك تېز يېگەندە چوڭ مېڭە تويۇنۇش ئۇچۇرىغا ئېرىشكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئادەم بىلىپ - بىلمەيلا كۆپ يېۋىلىپ، سېمىزلىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
4. چوڭ قاچىدا تاماق يېيىش
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %98.6 سەمرىپ كەتكۈچى چوڭ قاچىلاردا تاماق يەيدىغانلاردىن ئىكەن.
5. سۇنى بەك ئاز ئىچىش
تاماقتىن بۇرۇن ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچىدىغان كىشىلەر، سۇ ئىچمەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا 30 كالورىيە ئىسسىقلىقنى ئاز قوبۇل قىلىدىكەن.
6. دائىم كەيپىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئوزۇقلىنىش
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا كەيپىياتى ناچار چاغلاردا بولۇشىغا يەپ - ئىچىدىغانلارنىڭ سەمرىپ كېتىش نىسبىتى نورمال كىشىلەردىن ئون نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا خاپا بولغان چاغلىرىڭىزدا بىرنەرسە يېگۈڭىز كەلسە، سېغىز چاينىغىنىڭىز ياكى سەيلە قىلغىنىڭىز پايدىلىقكەن.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-5 09:15 PM