مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4540|ئىنكاس: 36

چىچىنىيەھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 07:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چىچىنىيە ھەققىدە


چىچىنيە كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ،يەرمەيدانى15مىڭ كۇۋادىرات كىلىومىتىر كېلىدۇ، نۇپۇسى بىرمىلىيۇندىن ئارتۇق، پايتەختى گىروزىنى. بۇيەردە مول نىفىت زاپىسى بار.

چىچىنيەخەلىقىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان بۇلۇپ، 19-ئەسىردە چاررۇسىيە يېرىم ئەسىرداۋام قىلغان كاۋكاز ئۇرۇشى ئارقىلىق،1895 -يىلى چىچىنىيەنى بېسىۋالغان.

16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىت

16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 17-ئەسىرگىچە، چاررۇسىيەنىڭ چىچىنىيە رايۇنىغا بولغان مۇستەمىلىكى باشلانغان بۇلۇپ، گەرچە ھەربى كۈچ بىلەن بېسىۋالمىغان بولسىمۇ، ئەمما باشقاجەھەتلەردىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش تەييارلىقى باشلانغان ئىدى، 18-ئەسەرگە كەلگەندە،چاررۇسىيەھەربى ھۇجۇم قوزغىدى.18-ئەسىرنىڭ 80-يىلىرىدىن باشلاپ، چىچنىيەخەلىقى مەنسۇر ئاقساقالنىڭ باشلىشى بىلەن رۇس تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى كۈرەشنى باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن 200يىلدىن ئارتۇق رۇس تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى كۈرەش داۋاملاشتى، مەنسۇر چىچنىيەنى ئۆزئىچىگە ئالغان پۈتۈن كاۋكاز رايۇننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىسلام دۆۋلىتى قۇرغان تۇنجى ئاقساقال ئىدى، ئۇنىڭ ئىىسىمى ھازىرغىچە چىچىنىيەخەلىقى ئىچىدە كەڭ تارقالغان. مەنسۇر تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەشنى 6يىل داۋام قىلغاندىن كىيىن،1791-يىلى  قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى، ئۈچ يىل تۈرمىدە قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۈلۈپ كىتىدۇ، ئەمما شىمالى كاۋكاز رايۇننىڭ كۈرشى توختاپ قالمايدۇ.

19-ئەسىردە سوۋېت ئىتىپاقى تەخىتكە چىقتى

19-ئەسىرگە كەلگەندە، يېرمالوف ئىسىمىلك ھەربى 1861-يىلىدىن باشلاپ جەمى 27يىل رۇسسىيەنىڭ كاۋكاز رايۇنىغا تاجاۋۇز قلىشىنىڭ ھەربى باش قۇماندانى بولدى، ئۇباش قۇماندان بولغان مەزگىلدە، رۇسىيە چىچىنىيەگە بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى،1818-يىلى يېرمالوف چارپادىشاھىغا مەكتۇپ سۇنۇپ:« چىچنىيەلىكتىن پەقەت بىرلا ئادەم ھايات قالغان تەقدىدىمۇ بۇرايۇن تىنجىمايدۇ، چۈنكى چىنىيەلىكنىڭ قارشى كۈچى ۋە ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن،» دەيدۇ.1817-يىلى ئۇرۇش باشلانغان بولسا،   1859-يىلى چىچىنىيە ئۇمۇمىيۈزلۈك چارپادىشاھىنىڭ قۇلىغا ئۆتتى.

چىچىنىيەچارپادىشاھنىڭ مۇستەمىلىككە ئايلانغاندىن كىيىن، چارپادىشاھى چىچىنىيە خەلىقى ئۈستىدىن مىللى زۇلۇم، مىللى يۇقۇتۇش ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى، چىچىنىيە خەلىقىنىڭ نۇپۇسى زوردەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى،1887-يىلى چىچنىيەلىكلەر ئىنگوشلار بىلەن قوزغىلاڭ كۈتۈردى، ئىككى يىل كۈرەش ئارقىلىق، چارپادىشاھى يەنە كۆپلىگەن چىچىن ۋە ئىنگوشلارنى سۈرگۈن قىلدى، بۇلار پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ئۆتتى، 1917-يىلىدىن 1918-يىلىغىچە، بولشىۋىكلار تەختكە چىقتى.

مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسمىلاتسىيەقىلىش

چىچىنىيەلىكلەرگە بولغان مۇستەمىلىك جەريانىدا،  چارپادىشاھى مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئېلىپ باردى، چىچىنىيەدە رۇس تىلى مەكتەپلىرىنى كەڭ قۇرۇپ، بىرتۈركۈم مۇستەملىك ئاستىغا ئىتائەت قىلىشنى خالىغان چىچىنىيەلىكلەرنى يېنىغا تارتىپ، ئۇلارنى ھۈكۈمەتكە كىرگۈزۈپ،  چىچىنىيەلىكلەرنىڭ دىنىنى يۇقۇتۇپ، بۇرايۇندا چاررۇسىيەنىڭ ھۈكمىرانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا ئۇرۇندى.

بولشىۋىكلار تەخىتتىن چۈشكەندىن كىيىن، رۇسىيىە ئىچكى ئىشلىرىنى يىغىشتۇرۇش بىلەن بۇلۇپ كەتكەچكە، چىچىنىيە مۇ ھۈكۈمەتسىزلىك ھالىتىدە بولدى، بۇجەرياندا چىچنىيە ۋە ئىنگوشلار ئاق ۋە قىزىللارنىڭ (يەنى رۇس ئارمىيىسى رۇسلارغا قارشى قۇراللقىلار)  تەڭ قىرغىن قىلىشىغا ئۇچرىدى، گەرچە چىنىيىەلىكلەر قارشىلىقلارنى كۆسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما 1920-يىلى يەنىلا رۇسلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتتى.

خىرىشوۋ دەۋرى

1922-يىلى رۇسىيە چىچنىيەنى "چىچىنىيە ئاپتۇنۇم ئوبلاستى" قىلدى، 1929-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى شىمالى كاۋكاز رايۇنىغا بولغان ئىزىشنى كۈچەيتتى، چىچىنىيەلىكلەر ئىسلاموفنىڭ  رەھبەرلىكىدە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى، ئىككىنجى يىلى سوۋېت ئىتىپاقى ئامالسىز ئەھۋالدا چىچنىيە ۋە ئىنگوشلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەردى، ئەمما1931-يىلى ك گ ب ئىسلاموفنى مەخپى ئۆلتۈرۋەتتى،1936-يىلى بۇرايۇن چىچىنىيە ئىنگوش سوۋېت سوتسىيالستىك جۇمھۇرىيەت قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. 1937-يىلى چىچنىيەلىكلەر يەنە زور زەربىگە ئۇچىرىدى، قىسقىغىنە بىريىل ئىچىدىلا مىڭلىغان چىچىنىيەلىك ئىستالىننىڭ تۈرمىسىگە قامالدى ۋە ئۇلاردىن بىرمۇئادەم تىرىك قالمىدى.

1941-يىلى سوۋېت- گىرمانىيە ئۇرشى پارتىلىدى، سوۋېت چىچىنىيەگە قاراشقا چۇلى تەگمىدى، چىچىنىيەلىكلەرگە ئۆچمەنلىكى كۈچلۈك سىتالىن، 1944-يىلى چىچىنىيەلىكلەر گىرمانىيەلىك بىلەن تىل بىرىكتۈردى دېگەننى باھانە قىلىپ،  500مىڭغا يېقىن چىچنىيەلىكلەرنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، چىچىنىيەلىكلەرنىڭ ئۈزىگە پويىز يۇلى ياسىتىپ، شۇپويىز بىلەن ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيە ۋە سىبىرىيە قاتارلىقلار جايلارغا پالىۋەتتى، بۇ چىچىنىيەخەلىقىگە غايەت زور ئاپەتلەرنى ئىلىپ كەلدى، شۇ قېتىملىق ئاپەتتە چىچىنىيە نۇپۇسنىڭ 40٪ ئاچلىق، ھارغىنلىق، كېسەللىك ۋە روس ئەسكەرلەرنىڭ ئېتىپ تاشلىشى قاتارلىق سەۋەپلەربىلەن ئۈلۈپ كەتكەن، پۈتكۈل چىچنىيە مىللىتى روس چوڭ مىللەتچىلىكىنىڭ ، سوۋېت  دۆۋلەت تىرورچىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن رۇسلار ۋە چىچىنىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلك پەيدا بولغان. 1959-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى خىرىشوۋ چىچىنىيەلىكلەرنى ئۆزيۇرتىغا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلدى ۋە رۇسىيەنىڭ باشقۇرىشدا بولدى. ئەمما چىچىنىيە خەلىقى قايتىپ كېلىپ، يۇرتىدا نۇرغۇن رۇسلارنىڭ كىلىپ ئۇرۇنلاشقانلىقىنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزى سۈركۈلۈشلەر پەيدا بۇلىدۇ. شۇنداقلا چىچىنىيەلىكلەر گۇمانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ، ئىككىنجى دەرىجىلىك مىللەت بۇلۇپ قالدى، دىنى ئىتىقاتى چەكلەندى، مەكتەپ ئۇقۇتىشىدىمۇ پەقەت رۇس تىلىلا قۇللونۇلدى، چىچىنىيە تىلى پەقەت ئائىللەردىلا ئىشلىتىلدى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇقۇتۇشقا دۇچار بولدى، بۇھال تاكى ئاتالمىش كومىنىزىم تەلتۈكۈس تارمار بولغىچە داۋام قىلدى. ۋەھالەنكى، 30يىلغا يېقىن داۋام قىلغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى كۈچلۈك يۇقۇتۇش، چىچىنىيەلىكلەرنى رۇسلارغا ئۆچ قىلىپ قويدى.

1991-يىلىدىن كىيىن، چىچىنيەلىكلەرنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى30٪گە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن چىچىنىيەلىكلەر ئەسەبى كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتىشىگە ئاسانلا ئالدىنپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدى، ئەمما سوۋېت ھۈكۈمىتى چىچىنلەرنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق ئەھۋاللىرىغا قىلچىلىكمۇ كۈڭۈل بۆلمىدى.

چىچنىيەگەرچە كىچىكىنە يەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كاۋكاز رايۇنىغا كىرىدىغان بۇغۇز ئىدى،  يەرئاستىدىمۇ مول نىفىت زاپىسى بارئىدى، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيە ئىنىرگىيە مەھسۇلاتلىرىمۇ بۇيەردىن ئۈتەتتى، بۇيەرنى قولدىن بىرىپ قۇيۇش رۇسىيەگە ئاپەت خەرەكتىرلىك زىيانلارنى ئېلىپ كېلەتتى.

1991-يىلى پىنسىيەگە چىققان "رۇسىيە قەھرىمانى" نامىغا ئىرىشكەن دۇدايېف چىچىنىيە زۇڭتۇڭى بولدى، شۇيىلى 10-ئايدا چىچىنىيەنى مۇستەققىل دەپ جاكارلىدى.

1992-يىلى دۇدايېف بىلەن سوۋېت ھۈكۈمىتى ئوتتۇرسىدا " ئارمىينى چىكىندۈرۈش ۋەچىچىنيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە ھۈكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مال-مۈلۈكنى بۈلۈشۈش كىلىشىمى" ئىمزالىنىپ،  سوۋېتنىڭ بارىلىق ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەربىلىرى چىچنىيەدىن چىكىنىپ چىقتى، بۇئەمەلىيەتتە چىچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىتىراپ قىلغانلىق ئىدى. ئەمما بۇيەردىكى ئىپتىدائى جەمىيەت مۇناسىۋىتى ئاستىدا بۇيەردە ھەقىقى دۆۋلەت قۇرالمىدى،دىن ۋە مىللى ئەسەبى كۈچلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا خۇددى تالىبانلار كونتۇرۇللىقىدىكى ئافىغانىستانغا ئوخشاپ قالدى. مىلتارىسلار بۈلۈنمىچىلىكى ۋە مەزھەپلەر ئۆزئالدىغا بەگ بۇلىۋالدى. ھەرخىل جىنايى ئىشلار يۈزبەردى، 92-يىلىدىن كىيىن رۇسىيە سىياسىنىڭ تەدرىجى مۇقۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەمدە نىفىتنىڭ بارغانسىرى مۇھىم بۇلىشى بىلەن، 1994-يىلى 12-ئايدا رۇسىيە ئىككى يولغا بۈلۈنۈپ چىچىنىيەگە ھۇجۇمغا ئۆتتى.

بىرىنجى قېتىملىق چىچىنىيە ئۇرىشىدا 3826 رۇس ئەسكىرى ئۆلدى ،17892 يارلاندى ۋە1906 ئادەم يۇقاپ كەتتى. يۈزمىڭدىن ئارتۇق چىچىنىيەلىك ئۆلدى.  زورمىقتاردا مۇئەسسەسەلەر ۋەيران بولدى. گەرچە چىچىنىيەلىكلەر ئېغىر قۇربان بەرگەن، دۇدايېف سوۋېت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسلار يەنىلا چىچىنيەدىن يېڭىلىپ قايتىپ چىقتى.1999-يىل8-ئايدا، رۇسلار ئىككىنجى قېتىملىق چىچىنيە ئۇرىشىنى قۇزغىدى،2000-يىل2-ئايغىچە، رۇسلاردىن 1173ئادەم ئۆلدى، چىچىنىيەلىكلەردىن ئونمىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلدى، ھەمدە رۇسلار بۇرايۇننى قايتىدىن قۇلىغا كىرگۈزۋالدى. ئەمما چىچىنىيەلىكلەر تاغلىق رايۇنغا يۇشۇرنىۋېلىپ، قارشىلىقلارنى داۋام قىلدى.

كىيىنكى چاغلاردا رۇسىيەدە يۈزبەرگەن"مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش دىلوسى"،  " يەرئاستى پويىزپارىتىلاش دىلوسى" قاتارلىق زور دىلولارنى  چىچىنىيەلىكلەر سادىرقىلغان دەپ قارالدى.

چىچىنىيە مەسىلىسى رۇسىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان زورمەسىلە بۇلۇپ قالدى.

مەنبە: بەيكې تورىدىن مېغىزلىق تەرجىمە قىلىندى. ئەسلى مەنبە:

http://baike.baidu.com/view/116867.htm

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-5 07:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7899
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 2777 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 12:54:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىچەن مىللىتى ھەقىقەتەن قەيسەر تىز پۇكمەس مىللەت ئىكەن ، روسىيەدىن ئىبارەت شۇنچە كۇشلۇك مىللەتلەرمۇ ئاخىرى چارچاپ قاپتۇ ، مەدەنىتى ۋە ئۆز مۇقەددىساتلېردىن ئايرىلىپ ياشىغان بىلەن لىكىن ئۇلاردىكى ئۆز دۇشمەنملېرگە بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى تېخىچە ئاجىزلاشماپتۇ .

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 12:59:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېىخى  چىچىنىيەنى  ھازىر مۇستەقىل دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 01:00:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىچەن مىللىتى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى -جىسمىغا ماس چىچەن ،ئىرادىلىك مىللەت .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

بۇتخانىدىن ئىبر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61123
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4454
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 01:40:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizgul يوللىغان ۋاقتى  2012-6-6 01:00 AM
چىچەن مىللىتى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى -جىسمىغا ماس چىچەن ،ئى ...

چىچەن  ئـەمـەس، چېچىن.

مۇھەببەت-نۇرلۇق قول بىلەن نۇرلۇق قەغەزگە يېزىلغان نۇرلۇق سۆز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66472
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3426
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2014-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 05:02:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،ئىرادىلىك مىللەت 。。。。。。。。。。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 10:23:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مىللەت ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىرادىلىك مىللەت .

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38227
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4260
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 10:43:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
? ?????? ???????? ????????????????????????

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bilgabag + 10 ئېسل ئىنكاس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

www.harmas.biz

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 11:43:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tahdassira يوللىغان ۋاقتى  2012-6-6 01:40 AM
چىچەن  ئـەمـەس، چېچىن.

چېچىن  ئەمەس   چىچەن  !  بىز  ئۇيغۇرلا  ئۇلارنى  ئەزەلدىن  چىچەنلەر   چىچەن  دەپ  ئاتاپ كەلگەن  ، خاتا تەلىم بەرمەڭ  

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76386
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3508
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 12:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلانى بەك پاكىز مىللەت دەيدىغۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش