بىرگە بىرنى قوشالمىساڭمۇ
چۈشكۈنلەشمەي ياشا ئۈمۈدلۈك،
بىرگە بىرنى قوشالمىساڭمۇ .
ئىمان بولسۇن سەندە ئۆمۈرلۈك،
بىرگە بىرنى قوشالمىساڭمۇ .
كۈنلەر ئۆتسۇن ئىزدىنىش بىلەن،
ياخشى ئىشقا ئىنتىلىش بىلەن،
مۈشكۈللەرگە ئاتلىنىش بىلەن،
بىرگە بىرنى قوشالمىساڭمۇ .
ئىمانىڭغا پۇختا قۇلۇپ سال ،
توغرا يولدىن ئازماي تۇرۇپ قال،
گۈزەللىكنىڭ كۈيلىرىنى چال ،
بىرگە بىرنى قوشالمىساڭمۇ .
ئاتىلارنىڭ ئىزلىرىنى باس ،
ئەلگە ئۆملۈك ئۇرۇقىنى چاچ،
سەمىمىيلىك مېدالىنى ئاس ،
بىرگە بىرنى قوشالمىساڭمۇ .
ئازار بەرمە بىراۋ كۆڭلىگە ،
چىداملىق بول چۈشسەڭ بەيگىگە،
قېتىلمىغىن غەيۋەت-پىتنىگە ،
بىرگە بىرنى قوشالمىساڭمۇ .
ياشاش ساڭا تۇيۇلسىمۇ تەس ،
مۈشكۈللەر كۆپ،داۋان ئېگىز-پەس،
ھودۇقماستىن ئال چوڭقۇر نەپەس،
بىرگە بىرنى قوشالمىساڭمۇ .
ئۆگىنىۋال كۈلۈپ ياشاشنى ،
گاھى قاپاق تۈرۈپ ياشاشنى،
تاشقا مۆھۈر ئويۇپ ياشاشنى،
بىرگە بىرنى قوشالمىساڭمۇ .
ئارافات ئابدۇمىجىت ئۇيغۇرى