ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بەدەن تۈزۈلۈش ئىلمى، ھازىرىقى زامان ئاناتومىسىيىسى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم يېزىلمىدى. ئەمما ئۇيغۇر تېبابەتچىلگى فىزىئولوگىيىسىنىڭ ھازىرقى زامان تېبابىتى فىزىئولوگىيىسىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقى، بولۇپمۇ ئادەم ئورگانىزىمىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ۋە ئونىڭ رولىنى تەرىپلەشتە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە پەرقلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكىچە ئىزاھلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى، ئىنسان بەدىنىدىكى ئەزالارنى باشقۇرغۇچى ئەزا ( رەئىس ئەزا) ۋە باشقۇرۇلغۇچى ئەزا ( مەرئۇسە ئەزا) لار دەپ ئىككىگە بۆلىدۇ.
باشقۇرغۇچى ئەزالار
باشقۇرغۇچى ئەزا ( رەئىس ئەزا )لار، روھىي ۋە ھاياتى قۇۋۋەتلەرنى ساقلايدىغان ئورۇنلار بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇلارنىڭ باشلىنىش مەنبەئەسىدۇر. ئۇ ھەربىر ھايات ئىگىسىنىڭ تىرىكچىلىگى ۋە ئۇنىڭ نەسلى ( نەۋىئى) نى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەقلى، جىسمانى پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپلا قالماي بەلكى خادىم ئەزالارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق پۈتۈن ئورگانىزىمدىكى بارلىق ھاياتى پائالىيەتلەرنى ئومۇمىي دائىرىدە تەڭشەپ، تولۇقلاپ ھەم تېزگىنلەپ، بەدەننىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلايدۇ.
مېڭە
مېڭە، تەپەككۇر، سەزگۈ ۋە جىسمانىي ھەرىكەت يەنى روھىي نەپسانىنىڭ مەركىزى بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ ئىسسىق ۋە سۇغۇق سەزگۈلىرى تۇغما ھالدا تولۇق بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكەت سەزگۈلىرى نىسپىي تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئەقلىي تەپەككۇر ۋە روھىي ھالەتلەر، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىت تەسىرى ئاستىدا بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا تەرەققىي قىلىدۇ. مېڭە ئادەتتە روھىي تەبئىي بىلەن ئۇزۇقلىنىپ ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى ئادا قىلسىمۇ، لېكىن روھىي ھايۋانىنىڭ خىزىتى توختاش بىلەنلا ئۆز ھەرىكىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
مېڭە ئومۇمىي ئاتالغۇ بولۇپ، باش مېڭە، ئارىلىق مېڭە، ئۇزۇنچاق مېڭە ۋە ئارقا مېڭىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مېڭىنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىگە قارىتا ئېيتقاندا، باش مېڭىنىڭ پوستى قىسمى باشقۇرغۇچى (رەئىس) ئورۇندا تۇرۇپ، مېڭە ھەرىكىتىنىڭ بارلىق ئورۇنلىرىنى باشقۇرىدۇ. مېڭىنىڭ باشقا بۆلۈملىرى بويسۇنغۇچى يەنى باشقۇرۇلغۇچى ئورگان ( مەرئۇسە ) سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
مېڭىنىڭ باشقا بۆلۈملىرى، ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىيتتىكى سانسىزلىغان خەۋەرلەرنى باش مېڭە پوستى قىسمىغا يەتكۈزۈش ۋە باش مېڭە پوستى قىسمىنىڭ تاپشۇرغىنى بەدەننىڭ ئەڭ ئىنچىكە قىسىملىرىغا يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا ئۇلار باشقۇرۇلغۇچى ئەزا دەپ تونۇلىدۇ.
مېڭىنىڭ تەپەككۇر، سەزگۈ ھەرىكەت ( قۇۋۋەئى نەفسانى) نىڭ مەركىزى ئىكەنلىگىنى تۆۋەندىكىچە ئىسپاتلاش مۇمكىن.
ئەگەر باش مېڭە ھەرىكەت مەركىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قان چۈشسە ياكى زەخمىلەنسە، بەدەننىڭ سول تەرىپى؛ ئەگەر سول تەرىپىگە قان چۈشسە ياكى زەخمىلەنسە، بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپى ھەرىكەتتىن قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەزگۈ ھالىتى يوقىلىدۇ.
ئەگەر مېڭىدە ئىككىلەمچى بەلگىلەر ( ئاسارەت ) قالدۇرىدىغان ( مەسىلەن: مېڭە سىلىگە ئوخشاش ) كېسەللىكلەر يۈز بېرىپ قالسا ئاسارەت قالسا، گەرچە ئۇنىڭدا ھەرىكەت ئىسسىق ۋە سوغۇق سىزىمى ساقلىنىپ قالسىمۇ، لېكىن تەپەككۇرى سۇسلىشىدۇ ياكى ئالاھىدە بۇزۇلىدۇ.
ئومۇمەن مېڭە تەپەككۇر، سەزگۈ ۋە ھەرىكەت مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىگە ئالاقىدار خىزمەتلىرى توغرىسىدا كېيىنكى قۇۋۋەتلەر قىسمىدا ئايرىم سۆزلىنىدۇ.
يۈرەك
تىرىكلىك ( روھىي ھايۋانى ) نىڭ باشلىنىش مەنبەئى بولۇپ، بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ بۇرۇنراق تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ھەرىكىتىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ كېڭىيىپ، تارىيىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۈزۈلىشىمۇ كېڭىيىپ، تارىيىپ ھەرىكەت قىلىشقا مۇۋاپىق تۈزۈلگەن بولىدۇ.
ئادەم ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر يۈرەك ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى توختاتمايدۇ. يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ توختىشى، ھاياتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە تىرىكلىكنىڭ توختىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. يۈرەك ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى داۋامىدا ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاساسىي ماددىلار ۋە ساپ ھاۋا ( ھاۋايى نەسىمى) نى قان تومۇرلار ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىپ، بۇلغانغان ھاۋا ( ھاۋايى دۇخايى) نى تۇتقان قاننى ئۆپكىگە ئەۋەتىپ تازىلاپ تۇرىدۇ.
يۈرەكنىڭ باشقا بارلىق ئەزالارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ بەدەندىكى ھەر قانداق ئەزاغا بويسۇنمىغان ھالدا ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل ھەرىكەت قىلىشتىن تاشقىرى ئىنساندىكى خۇشاللىق ۋە قايغۇ ھېسسىياتنىڭ قۇۋۋىتى ساقلانغان بولىدۇ. شۇڭا يۈرەكمۇ رەئىس ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جىگەر
ئىنسان ھاياتىدىكى ماددى مۇۋۋەت ( روھىي تەبئى) نىڭ مەركىزى ئورنى بولۇپ، كونا بىلەن يېڭىنىڭ ئالمىشىشى جەريانىدا ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتى ئارقىلىق قان، بەلغەم سەپرا، سەۋدا خىلىتلىرىنى سان ۋە سۈپەتكە لايىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا ۋە تېگىشلىك ئورۇنلىرىغا يۈرەكنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەۋەتىپ، پۈتۈن بەدەننى ئۇزۇقلەندۇرىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ. ھەزىم قىلىش يوللىرىدىن كەلگەن ھايات ئۈچۈن خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئوفۇنەتلەر ۋە باشقا زەھەرلىك نەرسىلەرنى پارچىلاپ زەھەرسىزلەندۈرۈپ، ئىنسان بەدىنى ۋە ھاياتىنى كۈچلۈك ھىمايە قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا جىگەر رەئىس ئەزا دەپ تونۇلىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق بېزى ۋە ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانى، ئىنسانلار نەسلىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ماددىي ئاساس بولغانلىقى ئۈچۈن گەرچە رەئىسە ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ باشقۇرىدىغان ئەزاسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن رەئىس ئەزا دەپ تونۇلمايدۇ.
باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار
باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار، ئۆزىنىڭ جايلىشىش ئورنى، خىزمىتىنىڭ خاراكتىرىگە قاراپ خادىمى ئەزا ۋە غەيرى خادىمى ئەزالاردىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
خادىمى ئەزلار ( مەرئۇسە)
رەئىس ئەزالارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا باشقا ئەزالارغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان، باشقا خادىمى ئەزالارنى ۋاستە قىلىپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەزا، خادىمى ئەزالار دەپ ئاتىلىدۇ.
جىگەر: گەرچە رەئىس ئەزا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددا ۋە سۇ قاتارلىقلارنى ئاشقازان، ئۈچەي، چوڭ چاۋا تومۇرلار ( ماسارىقا تومۇرى ) ئارقىلىق ئۆزىگە قوبۇل قىلىدۇ. ئۆزىدە ئىشلەپچىقارغان سان - سۈپەتكە لايىق قان، بەلغەم، سەپرا، سەۋدا خىلىتلىرىنى يۈرەكنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بەدەننىڭ تېگىشلىك قىسىملىرىغا ئەۋەتىپ، پۈتۈن بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. يۈرەكتىن تىرىكلىك قۇۋۋىتىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق خىزمىتىنى ئادا قىلىدۇ. شۇڭا جىگەر رەئىس ئەزا خادىمى ئەزاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۈرەك: ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل ھەرىكەت قىلىدىغان ھەمدە ئۆزىنى تىرىكلىك قۇۋۋىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئالاھىدە مۇستەقىل رەئىس ئەزا بولۇشتىن تاشقىرى، شىرىيان تومۇرلىرى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننى ئۇزۇقلاندۇرىدۇ. كونا بىلەن يېڭىنى ئالماشتۇرىدۇ. كېرەكسىز ماددىلارنى ۋەرىد ( ۋىنا ) لەر ۋاستىسى بىلەن شۈمۈرۈپ، ئۇنى يەنە ئۆپكىگە ئەۋەتىپ ئۆپكىنىمۇ خىزمەتكە سالىدۇ. شۇڭا ئۇ رەئىسە ئەزا دەپ تونۇلسىمۇ، لېكىن باش مېڭىنىڭ باشقۇرۇشىنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن نىسپى مۇستەقىللىككە ئىگە ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن يۈرەك ھەم خادىمى ئەزا دەپ تونۇلىدۇ.
ئۆپكە: ئۆزىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولىدىن قارىغاندا ئالاھىدە مۇھىم ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىگە قان ئېلىپ كەلگۈچى ۋە ئۆزىدىن يۈرەككە قان ئېلىپ بارغۇچى تومۇرلار ۋاستىسى بىلەن قاندا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ قاننى تازىلايدۇ. ئۆپكە ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىكىدىن رەئىس ئەزا قاتارىدا تۇرسىمۇ، لېكىن يۈرەكنىڭ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقۇرۇلغۇچى ئەزا بولغاچقا يەنىلا خادىمى ئەزا دەپ تونۇلىدۇ.
نېرۋىلار: مېڭە ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەدەنگە تارقاتقان نېرۋا شاخچىلىرى ئارقىلق ئىچكى ۋە تاشقى ئەزالارنى كونتىرول قىلىدۇ. مېڭە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ نېرۋا شاخچىلىرى مېڭىنىڭ خادىمى ئەزالىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۆرەك: بۆرەك تەركىبىدە ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكسىز بولغان ئېقىندىلارنى ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتى ئارقىلىق سۈيدۈك سۈپىتىدە ئاجرىتىپ سۈيدۈك يوللىرى ھەم سۈيدۈك خالتىسى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىشنى باشقۇرىدىغان رولى بولغانلىقى ئۈچۈن رەئىس ئەزا دەپ تونۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ لېكىن يۈرەكتىن كېلىدىغان روھىي قۇۋۋەتتىن ئوزۇقلىنىپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا باشقۇرۇلغۇچى ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاشقازان- ئۈچەيلەر: ئېغىز ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇق غىزالارنى پارچىلاپ ۋە پىششىقلاپ بەدەننىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىقلاشتۇرۇپ، جىگەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خادىمى ئەزا دەپ تونىلىدۇ.
ئۆت خالتىسى: زاپاس ئۆتنى ساقلاپ جىگەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. لازىم تېپىلغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئۈچەيگە ئۆتكۈزۈپ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەملىشىدۇ. شۇڭا ئۆت خالتىسىمۇ خادىمى ئەزا دەپ تونىلىدۇ.
تال: سەۋدانىڭ ئورنى بولۇپ، قان ئېقىمىدىكى سەۋدا خىلىتىنى تەڭشەيدۇ. قاننىڭ قان تومۇرلاردىن سىرتقا سىرغىپ چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. تال ئۆزىدىن جىگەر دەرۋازىسىغا بارىدىغان ۋەرىد تومۇردىن باشقا ھېچقانداق ئەزانى ئۆزىگە ۋاستە قىلمايدۇ. شۇڭا خادىمى ئەزا دەپ تونىلىدۇ.
غەيرى خادىمى ئەزالار ( غەيرى مەرئۇسە )
گەرچە روھى ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلانسىمۇ، ماھىيەت ۋە سۈپەت جەھەتتە مۇستەقىل ئەزا بولۇش لاياقىتى بولمىغان ۋە باشقا ئەزالارنىمۇ باشقۇرالمايدىغان ئەزالار، غەيرى خادىمى ئەزا دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەزالار، ئادەم ئورگانىزىمىنى ئۆزئارا بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ شەكىل جەھەتتە ئورگاننىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى ساقلاش بىلەن بىرگە تىرىكلىكتىكى جىسمانىي ھەرىكەتلەرگە ۋاستە سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: سۆڭەك، پەي، چاندىر ۋە گۆش قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىگىدە ئەزالارنى ئەنە شۇنداق ئايرىپ تونۇشتۇرۇش، شۇ ئەزالارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىك دەرىجىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا بولۇپ قالماي بەلكى، داۋالاشتا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەزلارنىمۇ نەزەردە تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلىگىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. مەسىلەن: بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى مەلۇم بىر ئەزا قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندە گەرچە بۇ كېسەللىك، ئاساسەن مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ ئۇنىڭ ئاغرىش سىزىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى ( نىزامى ئەسەبى) دا قوزغۇلۇش ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا رەئىس ئەزانىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوشۇمچە تېنىچلاندۇرغۇچى دورىلار بېرىش لازىم.
تېببىي جەۋھەر تور بېكىتىگە تەييارلانغان.
http://tibbiyjawhar.com
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.