"يىپەك يولى" نىڭ قايتا ئېچىلىشى ۋە "تۆگە قۇشى" روھى
ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن
«ئويغاتماق-ئەڭ مۇشكۈل ئىش،چۈنكى،ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنىبىئارام قىلىدۇ»
«نىجادىيەتنامە»دىن
يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تارىختىكى شۆھرەتلىك مەدىنيەتگۈلزارىنى سۇغىرىپ كەلگەن خەلقئارا ئالاقە يولى-"يىپەك يولى" قايتائېچىلدى! مىلادىدىن ئىلگىرىكى زامانلاردىن تاكى يېقىنقى زامان دېڭىز ئوكيانقاتنىشىغىچە داۋام قىلغان يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ سىمۋولى بولغان"تۆگە" يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن "قاناتلىق تۆگە" ئوبرازىداقايتا نامايەن قىلىندى. بىزنى تەقەززا قىلغان كەلگۈسى بىزنى كۈتۈپ تورغانكەلگۈسىگە ئايلانماقتا!
"تۆگە" سىمۋول قىلىنغان يىپەك يولىزامانىلىرىدا ئەجدادلىرىمىز شەھەر قەلئەلەرنى ھالقا قىلغان ئاۋات بوستان مەدەنىيىتىنىياراتقان، ھۆنەرپەز ۋە خەلقئارا سودىگەر خەلق سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلغان، پەلسەپەۋە تەبىئەت پەنلىرىدە قامۇسى ئالىملارنى يىتىلدۈرگەن، مۇشۇ ئاساستا سەنئەتتە داڭقازانغان ئىدى. ئۇ چاغدا تەكلىمىكان چۆللۈكى ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان بولماستىن،ئەكسىچە ساياھەتنامە مۇئەللىپلىرىگە ئالتۇن ئىلھام بېغىشلىغان مەدىنيەت دەھلىزىئىدى.
"تۆگە" سىمۋول قىلىنغان ئاۋات ئەسىرلەرخارابىلىرىنى ئوغۇت قىلىپمۇ باياشاتلىققا ئىگە بولالمىدۇق. ئەمدى "قاناتلىقتۆگە" سىيما قىلىنغان يېڭى ئەسىرلەر تىزمىسى ئالدىدا تۇرىمىز. بۇ غايەت كاتتاھادىسىنى يىتەرلىك مەنىسى بىلەن ھېس قىلدىغان كىشلەر ئاز بولسىمۇ، ئۇنى كەلگۈسىتارىخچىلىرى ئىپتىخارلىنىپ تىلغا ئالىدۇ.
ئويلاپ قالدىم. "تۆگە" بىلەن "قاناتلىقتۆگە" نىشانلانغان تارىخىي دەۋرلەر ئارىسىدا ئۆتكەن زۇلمەتلىك ئەسىرلەرگە نىمىنىسىمۋول قىلىش لازىم؟ بۇ بىر سىمۋولنىڭ ئىخچاملاش ۋە ھېس قىلدۇرۇپ تەربىيەلەش كۈچىناھايىتى چوڭغۇ! مىنىڭچە"تۆگە قۇشى" نى سىمۋول قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە!
شۇنداق، بىز بۇ جاھالەتلىك ئەسىرلەردە ئىلىم ۋەھېكمەتتىن ئايرىلىپ ئىشانلىق ۋە مەزھەپ مۇرتۋازلىقى لاتقىسىغا پاتتۇق. "ئاقتاغ"،"قارا تاغ" بۇلۋېلىپ، قان تۆكتۈك، ئويغاتقۇچى مەشرەپ، زەلەلى،خاراباتى، مەختۇم ئەزەم، يۈسۈپ چاڭموزىخانلارنى ئەۋلىيا ئەزەم قىلىپ، پاساللاممازارلارنى تاۋاپ قىلىپ ياتتۇق. قولىمىزدىن كەلگىنى داپ داراڭلىتىپ ئۇسۇل ئويناشبىلەن مەدداھلىق ۋە ھاپىزلىق بولدى! ئاخىر بىر تال قەنىت، بىر تال مىخ، بىر تالسەرەڭگىنىمۇ چەتتىن ئالدىغان كۈنگە قالدۇق!
يىپەك يولىنىڭ خارابىلىشىشى خەلقئارا تارىخىيخاراكتىرلىك ھادىسە ئىدى. بىز بۇ تاشقى مۇھىت ئىچىدە بارغانسىرى بىكىنمىچىلىكبىلەن شۇغۇللاندۇق. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر قانچە ۋىلايەت-ناھىيىلەربۇيىچە قاماپ تاشلاپ، بىر-بىرىدىن ئۇركۈيدىغان، بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدىغان"يۇرتۋازلىق پىسىخولوگىيىسى" تەييارلىۋالدۇق. بىر زامانلاردا ۋاڭ يەندى،يىللۇچۇسەي، ماركوپولو ۋە بىر توپ ئەرەپ سەياھەتچىلىرى قەلىمىدە ئىزچىل"ئۇيغۇر" دەپ تىلغا ئېلىندىغان ئىبارە كىيىنچە رادلوۋ، مالۇۋ،روبوۋىسكى، ۋەلىخانوۋ قاتارلىقلار قەلىمىدە "قۇمۇللۇقلار"، "تۇرپانلىقلار"،"تارانچىلار"، "دولانلىقلار"،«قەشقەرلىكلەر"، "ماچىنلىقلار" دەپ يېزىلدىغان بولدى. ئۇيغۇر ئىبارىسى پەقەت"سېرىق ئۇيغۇر" لارنىڭ نامىدىلا قالدى. گەرچە بۇ ئەسىردە يېڭى مەدىنيەتمەشئەلچىلىرى تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇر مەدىنيەت-مائارىپىنىڭ ئىلھامىدا"ئۇيغۇر" ئىبارىسىنى ھەممىمىز ئېغىزدا، قەغەزدە، ۋىۋىسكا ۋە تامغىلاردائېتراپ قىلغان بولساقمۇ، لىكىن روھىيەتتە، ئاستىنقى ئاڭدا تېخى قوبۇل قىلىپكېتەلمىدۇق. مۇھەببەت-نەپرەت سىزىقىدا،ھالاۋەت تەقسىم قىلىش چۆمۈچىدە، مەسىلە ھەلقىلىش تەستىقىدا، دوستلىشىش ۋە مۇراسىم داستىخانلىرىدا، باھا-تەقرىز زۇۋانلىرىدا،ئۆرلەش-چۈشۈش تاناپلىرىدا، كىرىم-چىقىم سېتكىلىرىدا تېخى"ئۆز يۇرتبالىسى"، "ئۆزگە يۇرت كالىسى" ئالاڭلىقى ئېغىر! مىللى مەدىنيەتئارغامچىلىرىنىڭ بەيگىسىگە قۇيۇلغان توساق شادىلىرى ھەر بىر يۇرت بۇيىچە بىردەكئەمەس! بۇ بولمىغۇر، ھالەك قىلغۇچى ئاپەتنى جىن-شەيتانلار ئەمەس،"ئۆزيۇرت" ئەزىمەتلىرى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. تاماقخانىلارغا كىرىشتىمۇ"ئۆز يۇرت" خىزمەت تەقسىماتىدىمۇ "ئۆز يۇرت" ماقالە-كىتاپنەشىر قىلىشتىمۇ "ئۆز يۇرت"، ساداقەت بىلدۈرۈشتىمۇ "ئۆز يۇرت"،ئۈلۈم-يىتىمدىمۇ "ئۆز يۇرت"! پەقەت "توتىم" پاسونىدا بەدەنگەگۈل چېكىش بىلەن "شامان" قىياپىتىدە گىرىم قىلىشىلا قالدى!
سىرىتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش شامىلىدا ھەر بىرناھىيەلەرگىچە كۆپلىگەن كىتاپ-ژۇرنال يايمىلىرى كەڭ تارقالدى. ئۇنىڭدا مەملىكەتنىڭھەممە يىرىدىن،ھەتتا تەيۋەن،شىياڭگاڭلاردىن كەلتۈرۈلگەن خەنزۇچە كىتاپ-ژۇرناللارئەركىن سېتىلماقتا، مەن پات-پاتلا يىراق ئۆلكە_شەھەرلەردە چىقىدىغان ژۇرناللارنىڭئەسەر ئەۋەتىش تەكلىپلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن، بۇ گۈللەش مۇھىتى بىلەن گۈللەشروھىيىتى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزدەك بىرلەشكەن مەنزىرىنىڭ ئىپادىسى، بىزدىچۇ؟بىر ۋىلايەتنىڭ ژۇرنىلىنى باشقا ۋىلايەتلەردە، ھەتتا ئۈرۈمچىدە كۆرۈش مۇمكىنئەمەس. بىزدە خېلى كۆپ ژۇرنال نەشىر قىلىندۇ. ئەمما، ئۇ خۇددى مەھبۇس تامىقىدەكئۆز-ئۆزىنى قامال قىلغان روھىيەت سېپىلى-ئۆز يۇرت دائىرىسىدىلا ھەزىم قىلىندۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر ۋىلايەت ژۇرناللىرى ئۆز يۇرت كىشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلانقىلىپ، ئۆز يۇرت كىشلىرىگە ئەۋەتىلىدۇ.
يېقىندى بېرى، يەرلىك شىۋىلەرنى يەرلىك ئالاھىدەمەھسۇلات سۈپىتىدە ماختاپ كېڭەيتىدىغان، يەنى ئىسىم-فامىلىلەر ئاخىرىغا"ئارتۇشى" ،"كەلپىنى" ،"دولانى"،"لەمجىنى" دېگەنلەرنى ھەتتا تېخىمۇ كىچىك كەنىت ناملىرىنى قوشۇپئاتايدىغان باشلامچىلار چىقىپ قالدى! يىراق ئەللەردە مۇساپىرەتتە قوللىنىلغان بۇيۇرت ناملىرىنى ئۆز يۇرتىغا "توتىم" ئۇرۇقداشلىقى تامغىسى قىلۋېلىشقايسى روھىيەتتىن ئېتىلىپ چىققاندۇ-ھە؟! يېڭى يىپەك يولى ئېچىلدى! ئەمما"تۆگە قۇشى" بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىشتىن خالاس بولغىنى يوق! بۇ ھالداۋاملىشىدىكەن،قەدىمقى يىپەك يولى ئەزمەتلىرى بولغان ئۇيغۇرلار خۇددىكۇكۇم-تالقان بولغان پوتۇلكا سۇنۇقلىرىدەك بىر زاماندىكى شېشىلىك ھالىدىن قالغانكىرىستاللارىنى ئاپتاپ نۇرىدا يالتىرىتىپ ماختىنىشتىن باشقا، يېڭى شەربەتكە مۇيەسسەربولالمايدۇ. بۇ يېڭى يىپەك يولى ھېكمەتلىرىدىن داۋاملىق چەتتە قېلىشقا ئېلىپبارماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
ھەي، ئەيتاڭ!لۇشۈن ئەپەندى"ئاكىيۇ" روھىنىسىزىپ بەرگەندەك، "تۆگە قۇشى" ئەرۋاھىنى تەسۋىرلەپ بىرەلەيدىغان ئەقىلۋە قول قاچان قەلەم تۇتاركى........
مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان "جەزبىدارگۈلدەستىلەر"نىڭ 10-سانىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akbar0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 12:23 PM