كۆنمىدى يۈرىكىم،سەنسىز بۇ باققا؛ قاغجىراپ مىھرىممۇ تويمىدى دىلغا. ئىزدەپ مەن سىمايىڭ كۆزلەر قىزاردى، بۇ كۆنگەن يۈرىكىم كەلمىدى تىلغا.
باغلىرىم سەن ئۈچۈن مىھىرگە لىقتى، دىللىرىم سەن بىلەن سۆيگۈگە توقتى. ئەمدىلىك بۇ كۆزلەر ياشقا لىق تولدى، دەيدىغان سۆزلۈرۈم ساڭا بەك جىقتى.
تۈن كېچە ئۇيقۇدىن بىدارمەن جېنىم، ئاڭلىماي مەن سېنىڭ مىھىرلىك سۆزۈڭ. بۇ كۆنگەن دىلىمغا قوندۇردۇڭ قاغا، غاقىلداپ ئۇچمىدى قوغلىغىن ئۆزۈڭ. .
ئاي ماراپ روجەكتىن مېنى بەزلىدى، ۋە لېكىن توختىماس كۆزۈمدىن قىيان. بىر دەرت بار باغرىمدا بەكلا چىڭقالدىم، ئېيتايمەن كىملەرگە بۇ دەرتتىن بايان.
تاملاردىن كەلمىدى ۋە ياكى سادا، سەرسانمەن قىينىدى بۇ ئاچچىق پىراق. ئېيتقىنە ئەزىزىم سەن ئۇخلىدىڭمۇ؟ كەتتىمۇ سېنىڭدىن سۆيگۈ بەك يىراق.
بوغۇلۇپ قىينالدىم ئۈنلۈرۈم پۈتۈپ، بىر دەريا بولسىدى، كەلسەم ۋاقىراپ. مىھىرلەر ئۆچسىچۇ ۋاپا بېغىمدىن، باغرىمدىن يانسىمۇ قانلار شاقىراپ.
باغرىڭغا كۆنگەن بىر، گۈلۈڭتىم سېنىڭ؛ قۇزغۇنلار ھەجەپمۇ قەس قىلدى بىزگە. كېچىككەن ئەقلىڭگە مىڭلارچە لەنەت، ئۆلتۈردۇڭ جىسمىڭنى، مېنىمۇ بىرگە.
خوش دىدىم ئۇزاتتىم،دىلىم بەك كۆيدى؛ كۆزلۈرۈڭ بىلەن سەن ئۇزاتقان دەمدە. ۋە لېكىن ئېپ كەتتىڭ يەنىلا كۆڭلۈم، ئاداشقان قەلبىڭگە ھەمرا ھەر يەردە.
ساڭا مەن ئېۋەتتىم قۇشلاردىن سۆيگۈ، ئېپ بارسۇن يېنىڭغا سېغىنىشىمنى. ئېيتىپ قوي ئۇلارغا تېز قايتىپ كەلسۇن، بىللە ئېپ پاك قەلبىڭ بېقىشلىرىنى.
كۆنمىدى بۇ يۈرەك سەنسىز بىر دەقق، دىل خانەم سېنىڭسىز كۈلكىدىن خالى. ۋاپانى قۇچاغلاپ يىتەي مەھشەرگە، كۆنمىدى بۇ يۈرەك، سېنىڭكى بارى.
2012-يىلى6-ئاينىڭ4-كۈنى قاراماي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 07:13 AM
|