ئۇنتۇش
ئۇنتۇش ئۈچۈن تىرىشتىم شۇنچە
مىنى ئالدىغان ۋاپاسىز قىزنى،
لىكىن ئۇنتۇش ئاسان ئەمەسكەن
سۆيىمەن دەپ ئېيتىلغان سۆزنى.
ئۇنۇتساممۇ سىنى ئەي قىزچاق
كۆز ئالدىمغا كىلۋالار ئەسلىڭ،
ھىجرانلاردا پۇچۇلنۇپ يەنە
رىئاللىققا بۇلىمەن تەسلىم.
سەن كەتكىلى بولدى نەچچە يىل
لىكىن يەنە ئۇنۇتالمىدىم،
يۈرۈگۈمدە قالغاچ سۈرىتىڭ
قەلىپ خانەمدىن ئۈچۈرەلمىدىم.
يىراقلارغا كىتىپ ئەي قىزچاق
بەلكىم مىنى ئۇنتۇپ كەتكەنسەن،
سۈيۈپ يەنە پۇلدار يىگىتنى
مۇرادىڭغا سەن قېنىپ يەتكەنسەن.
خىتاپ قىلاي ئەي قىزچاق ساڭا
پۇل ،مال ،بىلەن مەڭگۈ كۈلۈپ قال،
كۈن چۇشسە بېشىڭغا ئەگەر بىر كۈنى
مەن ئاشىقىڭنى يەنە ئەسكە ئال.
كەلسەڭ ئەگەر يېنىمغا بىر كۈن
قەلبىمدىن يەنە ئورۇن بىرىمەن،
بىرەلمىسەممۇ ساڭا مال دۇنيا
چىن مۇھەببەت سۆيگۈ بىرىمەن.
..........دىلىم..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا soygu7654321 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 04:12 AM