مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1290|ئىنكاس: 41

ئاي ھەمرا ماڭا...(بىر قانچە شئىرلار) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 11:32:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



1. ئاي ھەمرا ماڭا

پەقەت بولار ئاي ھەمرا ماڭا،
سىرداش بولار ھەر-بىر ئاخشامدا.
يۈرىكىدىن تىڭشاپ مۇڭلىنار،
ئېيتسام سىرىم قەلىب ناخشامدا.

پەقەت بولار ئاي ھەمرا ماڭا،
غەمكىن باقار دەرتلىك كۆزۈمگە.
مۇڭلىرىمغا مۇڭداش بولار ھەم،
قۇلاق سېلىپ يۈرەك سۆزۈمگە.

پەقەت بولار ئاي ھەمرا ماڭا،
يار ئىسمىغا تولغان كېچىلەر.
ئاي بىلەنلا، قۇياشسىز ئۆتسەم،
سۆيگۈ گۈلى قانداق ئېچىلار؟




2. سېغىنىش

دەرت بىرگە يېيىلدىم شۇ تۈن قوينىغا،
تۇراركەن يۇلتۇزلار بىر ئاسمان بولۇپ.
يىغلىتىپ يۈرەكنى، بولدۇقمۇ ئاخىر،
سۆيگۈنى دارلارغا تەڭ ئاسقان بولۇپ.

ئۆتەرندى يۈرۈكۈم، سېنى سېغىنىپ،
تۆكۈلدى مىسراغا دەردىم بوغۇلۇپ.
بوپ قالدىم كەلگەندەك دەرتلەر تارتىشقا،
كەلگەندەك دۇنياغا سەنچۈن تۇغۇلۇپ.

چۆمۈمەن شاتلىققا، كىرسەڭ چۈشۈمگە،
قالىمەن ئازابتا ، كەتسەم ئويغۇنۇپ.
چىن سۆيگۈ بولدىمۇ بىراقلا بەربات،
كۆيدۈممەن ئوتۇڭدا قىلدەك تولغۇنۇپ.

ئۆتمەكتە كۈنلۈرۈم ھىجران -ئازابتا ،
ياشلىنار كۆزلۈرۈم كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ.
ئاھ ئۇرار دەرتلىرىم، ھارغىن پىنھاندا،
قالغاچ كۈتۈشلۈرۈم يولدا سوزۇلۇپ.



3. كۈتۈش

گۈلخان يۈرەك توختاۋسىز كۆيەر،
پەسىل ئارا كۈتۈشتە سېنى.
چۆللەر كېزىپ قالدىممەن تەنھا،
سەنمۇ مەندەك كۈتەمسەن مېنى.

گەر بولسىمۇ ئارىلىق يىراق،
يوقالمىدى سېغىنىش بىراق.
يۈردۈم سەنسىز تىنەپ-تەمتىرەپ،
كەلمەمسەن بوپ يولۇمغا چىراق.

كەتتىڭ يىراق بېشىم قاشلايمەن،
سەنسىز ھايات، نەدىن باشلايمەن.
ھىجران ئازاپ قىينىدى جاننى،
چېكىپ ھەسرەت كۆزنى ياشلايمەن.

مېنى باردەپ ئويلىغىن سەن،
مەن تىرىكمەن تېخى ئۆلمىدىم.
ۋىسال كۈتتۈم ئۇمىتتە تېخى،
سەنسىز پەقەت قېنىپ كۈلمىدىم.

باشقا بىرگە ئېتىلماس يۈرەك،
ئەتراپىمدا پايخان بولسىمۇ.
سېنى كۈتۈش مۆھرى بېسىلدى،
كۈتەر يۈرەك ھىجران تولسىمۇ.

ھىچ ئارمانسىز كېتەي دۇنيادىن،
ياشاپ بىرگە خىيال بولسىمۇ.
كۆندى يۈرەك سېنى كۈتۈشكە،
كۈتەي ئەبەت چىراي سولسىمۇ.




4.شاماللاردىن ئاڭلا سىرىم

مەيىن شامال چىققان كۈنلىرى،
شاماللاردىن مېنى ھىدلاپ ئال،
ئورناپ كەتتىڭ مەھكەم يۈرەككە،
يۈرۈكۈمنى شۇندىن بىلىپ ئال.

مەن مۇڭلۇنۇپ ئېيتقان شۇ ناخشا،
شاماللاردىن يەتسۇن يۇرتۇڭغا.
ئاڭلاپ قالساڭ قۇچىقىڭ ئاچقىن،
سىڭىپ كېتەي يۈرەك قېتىڭغا.

پىچىرلىدىم شامالغا سىرىم،
يەتكۈزسىكەن يارغا سۆيگۈم دەپ.
تىلەپ قالدىم يۇلتۇزلارغىمۇ،
قىلغىن يارنى ھەرچاغ ئامان دەپ.





5.سەن قەلبىمدە يېقىلغان چىراق

چىن سۆيگۈمىز بولمىسۇن خازان،
يۈرەكلەردە قالمىسۇن ئارمان.
كېتىپ قالساڭ بەرگىن ئۇچۇرۇڭ،
بىلىپ تۇراي تۇردۇڭمۇ ئامان.

چىن سۆيگۈگە تىكلەپ ئابىدە،
ياڭرىتاي سەن ئۈچۈن ناخشامنى.
ئەسلەپ تۇرغىن يارىم ھەر دائىم،
مۇڭداشقان بىز ھەر بىر ئاخشامنى.

ئۇنۇتمايمەن مەڭگۈگە سېنى،
سەن قەلبىمدە يېقىلغان چىراق.
ئۆچۈپ قالماس سالغان ئوتلۇرۇڭ،
كەتسەڭمۇ سەن قانچىلىك يىراق.

يوللىرىڭغا بولايمەن چىراق،
كېچىلىرى تىنەپ قالمىغىن.
ئاشىقلىقنىڭ داۋانلىرى كۆپ،
بوشاشمىغىن، بەلنى باغلىغىن.

مەڭگۈ مەندىن يىراق بولمىغىن،
ئارمانلارغا پېتىپ قالمىغىن.
ئاڭلا يۈرەك سىرىم، تىڭشىغىن،
يەنە كېتىپ ئازاپ سالمىغىن.

قەيەردە بول، ئۇنتۇپ قالمىغىن،
بوغۇلمىسۇن ئارزۇ-ئارمانلار.
كەلگىن بىركۈن ھىچ كەتمەس بولۇپ،
يىراق كەتسۇن بىزدىن ھىجرانلار.

كېچەلمەيمەن ئارزۇ-تىلەكتىن،
سۇ ئىچمەس كۆڭۈل بۆلەكتىن.
مۇڭدىشايلى كەل يار سۆز ئېچىپ،
كەلگۈسىدىن، بەخت-كېلەچەكتىن.

مەڭگۈلۈككە ۋىسال تاپايلى،
قالمىسۇن بۇ قەلبتە دەرت-پىراق.
تىلەي تىلەك بەختىمىز كۈلسۇن،
بول قەلبىمدە يېقىلغان چىراق.




6. يۈرۈكۈم كۈتىدۇ سېنىلا پەقەت

يۈرمەكتىمەن ھىجران ئىچرە تىپىرلاپ،
كەتتىڭغۇسەن ئۇچۇپ-ئۇچۇپ يىراققا.
سېغىندىم يۈرەكتىن، ۋىسالىڭ ئىزلەپ،
كۆيدۈمغۇ پاراسلاپ ئوتلۇق پىراقتا.

يۈردۈممەن گۈل ھىدىڭ كەلگەن باغلاردا،
قالدىممەن ئوتۇڭدا گۈلخان بوپ كۆيۈپ،
كەلگىنچۇ قۇتقۇزغىن ئازاپتىن مېنى،
كۈتۈشتە ھىجراندا قالماي مەن ئۆلۈپ.

كۈتۈشلەر ياتىدۇ يولدا تەلمۈرۈپ،
ئۆتەرمۇ ياشلىقىم كۈتۈشتە سېنى.
كەلگىنچۇ تاتلىقىم، كەلگىن قېشىمغا،
ۋىسالسىز ئازاپقا يار قىلما مېنى.

يۈرەكنى ئەزدىغۇ ۋىسالسىز ئازاپ،
ئاڭلامسەن چاقىرسام يىراققا قاراپ.
تارىخىم بېتىگە يېزىپلا كۈتۈش،
تۇرارمۇ ھىجرانلار يۈرەكنى غاجاپ.

چىدارمۇ بۇ دەرتكە ئالمىدەك يۈرەك،
سېغىندىڭمۇ مەندەك، بەرمىدىڭ دېرەك.
كۈتەرمەن بىر ئۆمۈر ئۈمۈتتە سېنى،
بولسىمۇ قان-يارا تىلىنىپ يۈرەك.

بولسىمۇ كۈتۈش بەك ئازاپ، ۋە لېكىن،
كۈتۈشتىن ئىزلەيمەن تەسەللى ئەبەد.
كەتسەڭمۇ يىراققا كېلەرسەن بىركۈن،
يۈرۈكۈم كۈتىدۇ سېنىلا پەقەت.

ئىستەك يوق روھىمدا كۈتۈشتىن بۆلەك،
بىلگىنسەن بىر ساڭا تەسەددۇق يۈرەك.
ئارمىنىم  سەن مېنىڭ، تەڭ سوقسۇن يۈرەك،
بولغىن سەن ھەم ماڭا بىردىن-بىر يۆلەك.






7.  تىلەك

پەرۋازقىلار كۆكتە ئەرىشتە،
بەختلىك قۇشلار توپ-توپى بىلەن.
يارىتىپتۇ بىزنىمۇ شۇنداق،
ياشىسۇن دەپ جۈپ-جۈپى بىلەن.

سۆيگۈ تىلەپ يۈرەر قاتىراپ،
چىن سۆيگۈگە تەلپۈنگەن يۈرەك.
چىن سۆيگۈسى، تاپسا ۋىسالنى،
تەڭ سوقسىكەن، يۈرەكلەر بىردەك.

ئۇرغۇپ ئاقسۇن تومۇردا سۆيگۈ،
مەڭگۈ كۈلسۇن چىن بەخت تاپقانلار.
بولدى بەس ھەم تارتىۋەرمىسۇن،
سۆيگۈ دەردىن بەك كۆپ تارتقانلار.

مۇھەببەتنى بىلسەڭ ھايات دەپ،
بەرمە كۆڭۈل ياردىن ئۆزگىگە .
تىلىڭ ،دىلىڭ بىر بولسۇن مەڭگۈ،
ئۆتكىن شۇ بىر بىلەن مەڭگۈگە.

بولسۇن بىردەك ساداقەت -ۋاپا،
چىڭ باغلاپ بەل، تۈرۈلسۇن بىلەك،
چىن سۆيگۈدىن بەخت تاپسۇن بارچە،
ھەم ئارمانغا يەتكۈزسۇن  تىلەك.


مەنبە: بۇرۇن يازغان ئىنكاستىكى شېئىرلىرىمنى تولۇقلاپ يېزىپ يوللىغىنىم.

2012-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-3 11:36 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kakkuk11 + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 02:00:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 02:06:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80412
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 07:29:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 07:59:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gittarqi يوللىغان ۋاقتى  2012-6-4 07:29 AM
مۇشۇ شىئېرلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز يازغانمۇ````ئەگەر خالىسىڭى ...

سىز مۇزۇكانت ئوخشىمامسىز قارىغاندا جاسىمۇيا

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 09:29:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


شېئرلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،بېزەشنىمۇ بەك چىرايلىق بېزەپسىز

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79246
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 10:00:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەق تاخشى يىزىپسىز

بۇدۇنيا غەپلەپ ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، بەلكى ئويغۇنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 12:07:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aㄒamaη يوللىغان ۋاقتى  2012-6-4 02:06 AM
كەچۈرۈڭ تېما ئىگىسى ، تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز بىر نىمى ...

ھىچقىسى يوق، ھىچقىسى يوق، ئىنكاسنى قانداق يېزىش توغرىسىدا بەك جىق سۆزلەپ كەتتىڭىز ئەمەسمۇ،
شۇ موللامنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما دەيدىغان ئىشمۇ بار تۇرسا،

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 12:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gittarqi يوللىغان ۋاقتى  2012-6-4 07:29 AM
مۇشۇ شىئېرلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز يازغانمۇ````ئەگەر خالىسىڭى ...

خالايمەنغۇ، لېكىن شەرتىم، ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىلا ئېيتمايسىز، تاماشىبىنى بار سەھنىلەردە ئېيتىسىز جۇمۇڭ، سەھنە كىچىك بولسا مەيلى، لېكىن تاماشىبىنسىز قالمىسۇن

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 12:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaliptax يوللىغان ۋاقتى  2012-6-4 07:59 AM
سىز مۇزۇكانت ئوخشىمامسىز قارىغاندا جاسىمۇيا

گىتتار كۆتۈرىۋالغىنىغا قارىغاندا، ئەمدى مۇشۇ يولنى تاللىغان ئوخشايدۇ، بارا-بارا جىڭلىشىدۇ بەلكىم...

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش