ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، يىمەكلىككە ئائىت مەسىلىلەر ھەممىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان مەسىلە ، بۇ ھەقتىكى تېمىلارمۇ مۇنبەردە ئاۋۇپ قالدى، شۇ تېمىلارغا قارىسام كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدىكەن.شۇڭا ئۆزۈم قۇربىتىم يەتكەن دائىرىدە، نەق مەيداندا كۆرگەنلىرىم، ئاڭلىغانلىرىمھەم ئىزدىنىشىم ئاساسىدا كۆپچىلىككە بىزنىڭ زادى نىمىلەرنى يەۋاتقانلىقىمىزنى بىر بىلدرۈپ بېقىش نىيىتىدە ئۈشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. پېقىرنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى چەكلىك، پىكىر بولسا قوبۇل قىلىمەن. تېمىنىڭ سىلەرگە ئاز تولا مەنپەئەتى تەگسە دۇئالىرىڭلاردا ئەسلەپ قويارسىلەر!
ھازىر بىزدىكى يىمەكلىككە ئائىت مەسىلىلەرنى ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلىساق بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم، يەنى ھالال-ھاراملىق مەسىلىسى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى. ھالال-ھاراملىق مەسىلىسى كۆپىنچە گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىرىمىز بىلەن سۆڭەك يىلىمى قوشۇلغان يىمەكلەردە كۆرۈلىۋاتىدۇ. بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولسا ھەممە تۈردە ئومۇمىي مەۋجۇت، يەنى يىمەكلىككە قوشۇلىدىغان ھەرخىل خۇرۇچلار، مىسالەن چىرىشتىن ساقلىغۇچ، تەم تەڭشىگۈچ دىگەندەك. ئادەم ھازىر بىر كۈندە نورمال ئىستىمال پائالىيىتىدە كەم دىگەندە ئاتمىش خىل يىمەكلىك خۇرۇچىنى يەۋىتەرمىش، ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىز ھەر ئىككى تەرەپتىن خېلى تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ ، بەزىلىرى يەنىلا بەزى نەرسىلەرنى ئامالسىزلىقتىن ، ياكى بىلمەي قوشۇپ ئىشلەۋىرىدۇ. شۇڭا يەنىلا ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆزى دىققەت قىلىشى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنداقتا كۆرۈپ باقىلى، بىز يەيدىغان يىمەكلىكلەرگە نىمىلەر قوشۇلىدىكىن. بۇلارنى مەن تەخمىنەن بىر قانچە چوڭ تۈر بويىچە يىغىپ تەھلىل ئېپ بېرىۋاتىمەن، داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ.
1. ئۇن ۋە ئۇن مەھسۇلاتلىرى
ئۇن - كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ ھە!!! ئۇننىڭ ئۆزىدە كۆپ مەسىلە بولمايدۇ. ئاساسلىقى مەسىلە، بۇغدايدىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى، ئۇن تارتىلغاندىن كىيىن قوشىدىغان ئاقارتقۇچ(增白剂)، ئاندىن خېمىرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدىغان بىر خىل خۇرۇچ (拉面剂) مۇشۇ ئۇچ خىل تەركىب. دىھقانچىلىق دورىسىغا ئامال يوق. ئاقارتقۇچقا كەلسەك، ئاقارتقۇچنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى قوش ئوكسىگىنلىق بېنزول (过氧化苯甲酰(BPO)) ، ئاساسلىق قوش ئوكسىدلىق سۇ، ناترىي ئوكسىدى، بېنزو خىلورىد قاتارلىقلارنى رىئاكسىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇلار ھارام تەركىپ ئەمەس، لىكىن بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ياتىدۇ. شۇڭا 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلىگەن. ئەمما، ئاقارتقۇچنىڭ تۈرى يالغۇز بۇلا ئەمەس بولغاچقا بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسى ئىشلەپ كىتىپ، سانائەت، خېمىيە، دورىگەرلىك دىگەندەك باشقا يەرلەردە ئىشلىتىدىغان ئاقارتقۇچلارنى ئىشلىتىۋىرىدۇ، ئەمما باشقۇرغۇچى ئورگانلار ئۇنغا ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارايدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك تەركىبكە قارىتالا تەكشۈرۈش ئېپ بارىدۇ. بۇئاقارتقۇچلار ئىشقار تۈرىدىكى ماددىلار بولغاچقا ، نەپەس سېستىمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، تېرىگە رىئاكسىيە قىلىدۇ،بەزىلىرى راك پەيدا قىلىدىغانلىرى بار. ئىشقىلىپ پايدىسى يوق. ئۇننىڭ ئىچىگە ئاقارتقۇچ قوشقان قوشمىغىنى ئايرىيدىغان ئاددىي ئۇسۇل بولسا تەڭ بەھرلەنسەك بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر نورمال ئۇن ئاپئاق ئەمەس سۈت رەڭگە مايىل بولىدۇ دەيدىكەن. لىكىن مەن بىلەلمىدىم.
خوش، ئەمدى ئېلاستىكلىقنى ئاشۇرىدىغان خۇرۇچقا كېلەيلى.
بۇ خىل خۇرۇچنى كالا گۆشى ئۈگرىسىنى ياقتۇرىدىغانلار بەكرەك بىلىشى مۇمكىن، بۇ بولمىسا داڭلىق لەنجۇ كالا گۆشى ئۈگرىسى نەدىمۇ ئۇنداق ئىنچىكە تارتىلسۇن!!! ھەرقانداق ئۇستا ئاشپەزمۇ بۇنى قوشمىسا تەمبۇرنىڭ تارىدەك ئەمەس ئىشتان باغدەك چىقىرىپ قويىدۇ. بەزى ئاشىخانىلاردا لەغمەن چۆپىگىمۇ ئاز تولا ئىشلىتەرمىش، كۆپىنچىسى ئىشلەتمەيدىغاندۇ دەپ ئويلايمەن.
بۇنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى كالىي كاربۇنات ، كالىي كاربونات نىڭ بىرەر ئەكىس تەسىرىنىڭ بارلىقىنى تاپالمىدىم، لېكىن ئىچىدە راك پەيدا قىلغۇچى سىماپ، قوغۇشۇن قاتارلىق ئېغىر مىتاللار بايقالغانمىش.
ئەمدى ، ئۇن مەھسۇلاتلىرىغا كېلەمدۇق!
بۇغداي ئۇن بولغىچە پەقەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولغان بىلەن، پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ، يىگۈدەك بولغاندا ئوبدان قارىمىساق بولمايدۇ.
باشتا تەييار چۆپنىڭ پارىڭىنى قىپ بىرەي ھە، تەييار چۆپ مۇنداق بولىدۇ قاراڭلار! بىرىنچى قەدەمدە ، ئۇن، سۇ،تۇز ۋە باشقا خۇرۇچلار ماشىنىدا خېمىر بولىدۇ، ئاندىن سوزىدىغان ماشىنىغا كىرىدۇ، چاچتەك چىققان چۆپلەر بىر ئۈسىكىنىدىن ئۆتكىچە پىشىپ مايدا چالا داغلىنىپ، شۇ قىزىق پىتى بۈدۈر بولۇپ ئاندىن سوۋۇيدۇ. ئاندىن كېسىلىپ خالتىغا قاچىلىنىدۇ. مېنىڭچە، تەييار چۆپتە تۈرلۈك مەسىلىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ:يەنى 1، دەسلەپكى خىۇرۇچلىرى، بۇنىڭ ئىچىدە لامىيەنجى دىن باشقا ، چىرىشتىن ساقلىغۇچ، ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىغۇچ، تەكشىلىگۈچ، رەڭ تەڭشەيدىغان، تەم تەڭشەيدىغان، پۇراق چىقىرىدىغان دىگەندەك بىر مۇنچە خۇرۇچلار قوشۇلىدۇ.بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خېمىيىلىك ماددىلاردىن تەركىب تاپقان، ئۆزىنىڭ ھارام بولۇش نىسبىتى تۆۋەن، ئەمما بۇ خىل خۇرۇچلارنىڭ ھەممىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ، بۇخىل يىمەكلىك خۇرۇچى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلاردا ھەممە خىل خۇرۇچلار ئىشلىنىدۇ، مەسىلەن، تەم خۇرۇچلىرى ئىشلىنىدىغان زاۋۇتتا، ئالما تەم قوغۇن، توخۇ تەم، چوشقا گۆشىنىڭ تەمىگىچە ھەممىسىنىڭ تەمىنى چىقىرىپ بىرەلەيدۇ. ئىشەنمىسەڭلا شىنخۇا جەنۇبىي يولىدىكى يىمەكلىك خۇرۇچى ساتىدىغان دۇكانلارنى ئايلىنىپ بېقىڭلار....... ئاندىن بۇ خېمىيىلىك نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ. كۆپىنچىسى ئاز ئىستىمال قىلسا ھىچگەپ يوق، لىكىن بەدەندە يىغىلىپ-يىغىلىپ ئاخىرى باشقا چىقىدىغان گەپ. 2،چۆپنى پىشۇرغاندا ئازراق داغلايدۇ، مۇشۇ چاغدا ئىشلىتىدىغان ياغ، بۇ خىل ياغقا ئەلۋەتتە كىلوسى 18 كويلۇق قىچا يېغى ئىشلەتمەيدۇ، قانداق ياغ ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەسرەك. 3، تازىلىق مەسىلىسى، مەن كۆرگەن ئۈرۈمچىدىكى بىر زاۋۇتنىڭ ھالىنى ئويلىسام، كۇلىدا ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ھالى قانچىلىكتۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. ھازىر ئامىنە شېركىتى مىللىتىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ، قەشقەردە تەييار چۆپ زاۋۇتىدىن بىرنى قۇردى، مەنغۇ بېرىپ كۆرمىدىم، لېكىن بىرىنچى نۇقتىدا ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلىرىنى ئوخشاش دەپ قارىساقمۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نۇقتىدا خاتىرجەم بولغىلى بولار دەپ ئويلايمەن؛
ئەمدى نىمىگە كەلدۇق؟ كەسمە چۆپ.....
بۇرۇن گوميەن دەپ يەۋىرىتۇق، ھازىر خېلى ئىلغايدىغان بولدۇق. قۇرۇق خېمىرنى ئاشۇنداق تۇرغۇزۇشمۇ خېلى ھۈنەر، بۇنىڭغىمۇ تەييار چۆپتىن قېلىشمىغۇدەك خۇرۇچلار قوشۇلىدۇ، كەسمە چۆپ، تەييار چۆپ، پىنتوزا دىگەندەكلەرنىڭ شۇنچە ۋاقىت بۇزۇلۇپ قالماي، قۇرۇق ۋاقتىدا سۇنماي، قازاندا ئېزىلمەي-ئۈزۈلمەي تۇرغۇزىدىغانغا سۆكەڭ يىلىمىنى بەك ئىشلىتەمىش، بولمىسا اسان سۇنۇپ ئۈزۈلۈپ تۇرمايدۇ دەيدۇ. كۆز بىلەن كۆرمىدۇق، لېكىن نەزەرىيە جەھەتتىنمۇ شۇنداق، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ خىل ئېھتىياجدىن چىقىدىغان ئوخشاش تۈردىكى خۇرۇچلارنىڭ ئەڭ ئەرزىنى يەنىلا شۇ سۆڭەك يىلىمى بولىدۇ دە ئەلۋەتتە.
كەسمە چۆپنىمۇ ھازىر قەشقەر نۇسرەت ماركىسى دىگەندەك ئۆز زاۋۇتلىرىمىز چىقىرىۋاتىدۇ، بەلكىم ياخشىدۇ.
مۇشۇ يەردە بىر ئاڭلىغان گەپنى قىستۇرۇپ قوياي، ھازىر خام تاماق دۇكانلىرىدىمۇ ئىشەنچ قالماپتۇدەك، بىراۋ بىر خام تاماق دۇكىنىنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ لەغمەن خېمىرىغا قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى (洗洁精) قوشقانلىقىنى بىلىپ قاپتۇمىش، بۇنى قوشسا پىلتە پارقىراق چىرايلىق چىقارمىش، ئاسان چاپلىشىپ قالماسمىش....
پىچىنە-پىرەنىك.
ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ پىشۇرۇقلىرى ۋە پىچىنىلىرى خېلى كۆپ بوپ قالدىغۇ!!! ھەر قانچە بولسىمۇ شۇنى يەيدىغانسىلەر؟ ئەمما بالىلىرىڭىلار دىققەت قىلىڭلار، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا قارىساق، ھەممىسىنىڭ قولىدا بەش موچەنلىكتىن ئەخلەت،پىشىىق خام، ئاچچىق چۈچۈك، سوغۇق سەي دەمدۇ، ئاچچىق سەي دەمدۇ كىچىك كىچىك خالتىدا بىر نىمىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرىشىدۇ. بۇنداق ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۆپ چىقارمىدى، مۇتلەق كۆپىنچىسى خەقلەرنىڭ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھالال-ھارام، زەھەر – پەھەر ھەممە نىمە تېپىلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ تەركىبلىرىنى ئېنىقلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق. باشقا تەرىپىنى قويۇپ، ئىشلەۋاتقان يېرىگە پەۋقۇلئاددە كىرىپ قالماڭ!!! كىرىپ قالسىڭىز، بىر ھەپتە يىگەن نەرسىڭىزنى ياندۇرىۋىتىسىز. تەسەۋۋۇر قىپ بېقىڭ، بىر تەرەپتە بولكا- پىرەنىك پىشۇرىدىغان قىززىق دوخۇپكا، تىنجىق ئۆي، تەرلەپ- پىشىپ ئىشلەۋاتقان، چاچلىرى گەدەندە، تىرناقلىرى بىر سانتا كىلىدىغان قارا باشلار (پىراكتىكا ۋاقتىدا مۇشۇ تۈردە ئىككى ئۈچ زاۋۇتنى كۆرگەنتۇق) ...... ، كۆكتاتنى چالا يۇيۇپ، سەي-كۆكتات توغرايدىغان قاسماق ماشىنىغا تاشلاۋاتقان تەتەي، ئەسكى داستىكى سېسىق لازىغا مىلەپلا قاچىلاۋاتقان شالتاق كىيىملىكلەر...... ھې ھې ھې ... قانداق؟
شۇڭا بالىلار بۇنداق نەرسىلەرنى ھەرگىز يىمىسۇن، يىيىشكە توغرا كەلسە ،ئازراق قىممەت بولسىمۇ مىللىي كارخانلار ئىشلەپچىقارغاننى ئېپ بىرىڭلار، بالىلارنىڭ ئىمانى، قەلبى، ئەقلى بۇلغانمىسۇن!!!
خوش ،،بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت مۇشۇنچىلىق بولسۇن!!!! داۋامىىدىكى گۆش ، سۈت.... توغرۇلۇق گەپلەر ئىنكاش شەكلىدە ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.......