1.ئۇيغۇر بىز....
تارىخ بەتكە ئىز سالغان كۆك تۈرۈك بىز ئۇيغۇر بىز،
تەڭرى تاغنىڭ باغرىدا قارغايلاردەك ئۇيغۇر بىز.
تەكلىماكان غوجىسى توغراقلاردەك ئۇيغۇر بىز.
ئۇيۇشقاق دەپ نام ئالغان كۆك بۆرىدەك ئۇيغۇر بىز،
مېھمان دوست بوپ ھىد چاچقان گىياھلاردەك ئۇيغۇر بىز.
ئەسىر ئۆتتى يىل ئۆتتى ئۆزگەرمەيدۇ قەلبىمىز،
مەھمۇد،يۈسۈپ،ئۆتكۈردەك باردۇر يەنە پەخرىمىز.
بىر تىزىق شۇ مارجاندەك ئۈزۈلمەيدۇ رىشتىمىز،
ئۇيغۇر دېگەن نامغا خاس ياشايلى بىز ھەممىمىز.
ئەجدادلارنىڭ ئىزىغا قەدەم سالغان ئۇيغۇر بىز.
تاما- تاما كۆل بولار بولايلى بىز بىر نىيەت،
قورال بولسۇن بىزلەرگە ئىلىم-ئېرپان مەرىپەت.
بىلىمى بار مىڭ يېڭەر بۇ دېگەن بىر ھەقىقەت،
يوقالمىسۇن ئۇيغۇردىن مىراس قالغان مەدەنيەت،
كەلسە توپان بالاسى ئامان قالغان ئۇيغۇر بىز.
بۇھاياتنىڭ يوللىرى ئۇزۇن قىسقا ئېگىز- پەس،
دىلدا ئىمان بار تۇرسا بولمايلى بىز ئەمدى مەس.
يۈرۈۋەرسەك كەيىپتە بولۇپ قالمىز تېگى پەس،
شۇ پاكلىققا داغ سالساق يۇيۇپ تاشلاش بەكمۇ تەس.
ئەجدادلارنىڭ ئىزىدا ئازماي ماڭغان ئۇيغۇر بىز.
بۇ دۇنيانىڭ سىرىنى ئاستا-ئاستا يەشكەنتۇق ،
شۇنچە يوغان دۇنيانى كىچىكلىتىپ سىزغانتۇق.
غالىپ كېلىپ جەڭلەردە ھەربىي قامۇس يازغانتۇق،
ئېقىپ تۇرسا ئىسسىق قان يەنە ئالغا ماڭغانتۇق.
بولايلى بىز ئىز باسار نام قازانغان ئۇيغۇر بىز.
تۇرسا پەقەت بىر ئاللاھ چېچىلمىسۇن دىنىمىز،
رەببىمىزدىن باشقىغا ئېگىلمىسۇن بېشىمىز.
ھىممىتىدە ئاللاھنىڭ كېلىمىز ھەم كېتىمىز،
ئىسلام دىنىم يولىغا چاپسۇن دەيمەن ئېتىمىز.
ئىسلام بىلەن دىللارغا نۇر تاراتقان ئۇيغۇر بىز.
خوشامەتنى تاشلىغىن بوپ قالما ئىگەرلىك ئات،
ئۆزگىگە قىلىپ تازىم قېرىنداشقا بولما يات .
نەدە باركەن ئۇيغۇردا تۆت تەڭگىگەتەننى سات،
پۇشايمان يۇيالماس قالسا دىلدا قارا دات ،
خۇددى ئوغۇز سۈتتەك پاك يارالغان ئۇيغۇر بىز.....
2.بۇدۇنيا
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
تەقدىرگە قوشۇلسۇن توغرابىر تەدبىر.
ئىزلىگىن ئىنتىلگىن ھاياتتىن قىممەت،
بىر ئۆلۈم بىر كۆرۈم دېمە بەرىبىر.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
ھاياتلىق سەپرىدە كۆيىدۇ يۈرەك .
ئەل بىزگە بولغۇسى ئادىل تارازا ،
غېزى غاز ئۆردىكى بولۇر سەم ئۆردەك.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
بەزىلەر گۆش يېسە بەزى يەيدۇ مۇش.
بەزىلەر بولسا ھەم ئۆيدىكى كەپتەر ،
بەزىلەر بولىدۇ كۆكتە ئۇچقان قۇش.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
كۈلىمىز يىغلايمىز ئاخىر كېتىمىز.
دۇنيادىن ئىزلەيمىز ئىنسانلىق قىممەت،
بىز كەتسەك قالىدۇ نەۋرە ئەۋرىمىز.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
يوللىرى مۇرەككەپ گويا تىك قىيا .
كېتىمىز ھەممىمىز بالدۇر ۋە كېيىن،
ئەس قاتماس ئۇنىڭغا تۈگمەس مال-دۇنيا.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
بىزدىكى بەش بارماق بولمىغاندەك تەڭ.
بىر نىشان بىر غايە بولسا قەدەمدە،
بۇ دۇنيا شۇندىلا گۈزەل بولۇر ئەڭ.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
بىر ئاكام دېگەنتى تالاش دۇنيانى .
تالىشاي دېگەندە بىر ئاكام دېدى ،
كىملەردىن قالمىغان تالاشما ئۇنى.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
تەقدىرۋە تەدبىرى ئۆزنىڭ قولىدا.
يىغلامدۇ كۈلەمدۇ بەلگىلەر ئۆزى ،
ھاياتقا باسقان شۇ ھەربىر يولىدا.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
يوللىرى مۇرەككەپ ئەگرى ھەم توقاي.
گاھىدا تالىشىپ گاھى تالاشماي ،
ئەجدادلار ئىزىدا بىر مېڭىپ باقاي.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
مۆجىزە سىرلىرى كۆپتۇر كارامەت.
گەر توغرا بولمىسا باسقان قەدەملەر ،
بۇدۇنيا قىلمايدۇ ساڭا ساخاۋەت .
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
توغرىمۇ ئېيتىلغان كاككۇك سۆزلىرى.
مۇھىمى ئۇيغۇرغا ھەر بىر ئىنسانغا،
ئاللاھدىن تىلەيمەن بەخىت كۈنلىرى.
3.ئۇيغۇر گۈللىرى
4.كاككۇك
يىراقتىن پەرۋاز قىپ كەلگەن كاككۇكنىڭ،
پەيلىرى ئارسىدىن كۆرۈندى يۈرەك.
يۈركىگە سەپ سېلىپ قاراپ باقسام مەن،
كۆرۈندى ئۇنىڭدىن ئارزۇلۇق - تىلەك.
كاككۇكنىڭ قەلبىدە بولغاچ بىر نىشان ،
ئىنتىلىپ سۆيگۈگە قىلماقتا پەرۋاز.
ئىزلىگەن سۆيگۈگە ئېرىشىش ئۈچۈن،
ئۇچىدۇ ھەر دائىم دېمەيدۇ قىش ياز.
ئىرادە بولغاچقا كاككۇك قەلبىدە ،
كەزدىغۇ دېڭىزنى چوڭ چوڭ ئوكياننى.
ئىنتىلگەچ ھەر زامان نىشانى ئۈچۈن،
كەزدىغۇ دەريانى قۇيۇق ئورماننى.
قايىلمەن كاككۇكنىڭ غەيرىتى باركەن ،
چوغلاردەك ئۇچقۇنلۇق سۆيگۈسى باركەن.
گەر ۋسسال تاپالماي يۈرسىمۇ كاككۇك،
ئۈمۈدنى ئۈزمەپتۇ ئۈمۈدى باركەن.
باغراش كاككۇكى.....