مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1313|ئىنكاس: 24

تېڭىرقاش(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25566
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2794
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 12:26:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېڭىرقاش


(ھېكايە)


«ئۆلۈم،ئۆلۈۋېلىش...چىدىماسلىق قىلىش نېمىدىگەن ئوڭاي ھە!...»ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرىگە سىڭىشكەن تامچىلار كېچە ئاسمىنىدىكى سۇس يۇلتۇزدەك پارقىرايتى.ئۇ ئاغزىدىن چىقارغان ھالقا-ھالقا بولۇپ، سوزۇلۇپ، نازغىپ يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتقان كۆكۈش تاماكا ئىسلىرىغا قاراپ باش-ئۇچسىز خىياللارغا غەرق بولغان ئىدى.
-ھەي!
ئۇنىڭ قۇلاق يېنىدىلا تۇيۇقسىز بىرىنى چاقىرغاندەك ئاۋاز ئاڭلاندى.
-شاناس!
ئاستىدىكى كارۋاتتىكى سالى چىمىلدىقنى شارىتتىدە قايرىپ زەردە بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدى.
-نەچچەقېتىم دېدىم، سىرىتقا چىقىلىپ چەككىن دەپ. ئادەمنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭما بۇ؟
ئەگەر باشقاۋاقىت بولغىنىدا، ئۇ بىر ھازا تاكاللاشقانمۇ بولار ئىدى. بىراق بۇ قېتىم ئۇنداق قىلمىدى. تاماكىسىنى يەنىمۇ كۈچلۈك شوراپ، بىر پەس كۆزىنى قىسىپ ئۇنىڭغا مەنسىتمىگەن نەزەردە قاراپ تۇردى-دە، ئاغزىغا لىق تولدۇرغان تاماكا ئىسىنى بىراقلائۇنىڭ يۈزىگە پۈۋلىدى. بۇنىڭغا چىدىمىغان سالى ياندىكى ئورۇندۇقىنى پۇتىغا قويۇپ يۇقىرى ئۆرلىدى. كۈچ بىلەن كېلىشتۈرۈپ ئۇرۇلغان مۇشتنىڭ زەربىسىدىن شاناسنىڭ چېكەتومۇرلىرى كۆپۈپ، يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى. ئۇ جاۋغىيىدىن مارىلاشقائۈلگۈرگەن قان يۇقىنى ئالقىنى بىلەن ئېرتىۋېتىپ يوتقىنىغا چۈشۈپ كەتكەن، كۆيۈپ يېرىملاشقان تاماكا قالدۇقىنى ئالدى. ئۇ سالىغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ تاماكىسىنى ئالدىنقىدىنمۇ كۈچلۈك قىلىپ شورىدى. ئاغزىغا تاماكا ئىسىنى لىق تولدۇرغاندىن كىيىن قىسىلغان كۆزلىرىنى بىراقلا يۇمدى-دە ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ھېچ كىشىنى كۆرمىگەندەك ھوزۇر بىلەن ھاۋاغا پۈۋلەشكە باشلىدى. قىسىلغان كۆزلىرىنى بىراقلا ئېچىپ بىرقىزىرىپ، بىر تاتىرىپ تۇرغان سالىغا قاراپ ھىجايدى. شاناسنىڭ بۇ قىلىقىدىن گاڭگىراپ قالغان سالىنىڭ مۇنداقلا شۈك بولغۇسى كەلمىدى بولغاي، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغىنىچە ئولتۇرۇشقا تەمشەلدى.
-ماۋۇلاۋزىنىڭ قىلىقىنى، نېمە چاغلاپ قالدى دەيمەن ئادەمنى...
شاناس مېيىقىداكۈلۈپ قويۇپ ھچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك چىمىلدىقىنى چۈشۈرىۋەتتى.
-سالى،سەنمۇ بولدى قىل ئەمدى، نېمانچە قىلىسەن.
يان كارۋاتتىكى مۇختەرنىڭ سۆزى بىلەن سالى جىم بولدى.
«ئۆلۈم ھەممىنى تۈگىتىدۇ، ھەممىنىئاخىرلاشتۇرىدۇ...». شاناس ئۆزىنىڭ مېيىتىنى قۇچاغلاپ، يۈزلىرىگە كاچاتلاپ يىغلاۋاتقان سالىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشى بىلەن ئۇنى تېزلا كەچۈرىۋەتتى. «تېزلاپۇشايمان قىلىسەن، سالى، مۇشۇ ئورۇنغا قاراپ شاناس قايسى بىر چاغدا...دەپ كېتىىسەن...». ئۇ شۇ ئوي بىلەن ئاچچىققىنە كۈلۈپ قويۇپ قولياغلىقى بىلەن جاۋغىيىنى قايتا بىر ئېرتىۋېتىپ، قان يۇقلىرىغا قارىدى. «ئادەم ئۆلسە....ئەتلىرى ئىككى-ئۈچ كۈندىلاسېسىپ، تۆكۈلۈپ كېتەر ھە!  قول،پۇت،بۇرۇن...قانداق بوپ كېتەر» ئۇ قۇرۇت قوڭغۇزلار ئولىشىۋالغان، قاراڭغۇ گۆردىكى سېسىپ، تىتىلىپ كەتكەن بەدىنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئاغزى، بۇرنى، قۇلقىنى بارمۇ-يوق دېگەندەك قىلىپ تۇتۇپ باقتى. ئېغىزىغا بىرمۇنچە كىچىك قانغۇر جانىۋارلارتولۇپ كەتكەندەك، بۇرۇن پەررەكلىرىنى يەنە ئاللانىمىلەر غاجىلاۋاتقاندەك كۆڭلى بىرقىسىما بولۇپ تىنالماي قالدى...ئەمدى ئۇ قالايمىقان، رەتسىز كارۋىتىغا كۆزيۈگۈرتۈشكە باشلىدى. تامنىڭ باش تەرىپىدە لىق كىتاب بىلەن تولغان قەۋەتلىك ئاسما كىتاب جازىسى بار ئىدى. كىتاب جازىسىنىڭ يېنىدىكى كۆپ چشلىق كىيىم ئاسقۇچنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئوپمۇ ئوخشاش  ئىنچىكە يىپ ئېسىلغان. بۇ ئىككى يىپقا سىمدىن بېشى، قولى، پۇتىنىلا چىقىرىپ ياسغان پەرىقلىق ئىككى ئادەم ئېسىلغان بولۇپ قاراشقا دارغا ئېسىلغان ياكى ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان كىشىنىڭ تۇيغۇسىنى بېرەتتى. ئاسقۇچنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۆگىمە قىلىپ ئېسىلغان قېلىن سىم بار ئىدى. پۇت تەرەپتىكى ئوڭ-تەتۈر قويۇلغان چوڭ بىر جۈپ ياڭراتقۇدىن كىچىكىدە يېزىسىدا ئاڭلىغان مومايلارنىڭ قوشاق قېتىپ، ھازا ئېچىپ يىغلاشلىرى، تۈن كېچىدىكى يېزىنىڭ بىر ئەسكى ئۆيىدىن چىقىۋاتقان بوۋاقنىڭ خىرقىراپ ئەنسىز يىغلاشلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى. بارا-بارا بۇ ئاۋازلارغا ماشىنىلارنىڭ تورمۇز بېسىپ چىرقىراشلىرى، ئەسكى كۆل ئەتىراپىدا ئۆلىۋالماقچى بولۇپ پىرقىراپ يۈرگەن پاخما باش ئايالنىڭ قاقاھلاپ كۈلگەن تەلۋە ئاۋازى، ئىگىز بىنادىن سەكرىۋالغان بىرىنىڭ يەرگە چۈشكىچە قورقۇپ ۋارقىرىراشلىرى قېتىلىپ كەتكەندەك بولدى. تۇيۇقسىز پۈتۈن بەدىنىگە كۈچلۈك بىر تىتىرەك ئولاشتى. بايىقى ئاۋازلارئۇنىڭ مېڭىسىدە چۆرگىلەۋاتاتتى. ئۇ شۇ ئاۋاز بىلەن پۈتۈن ياتاقنى تەۋرەپ كەتكەندەك سەزمەكتە ئىدى. كۈچىيىۋاتقان تىتىرەك ئۇنىڭ چىشلىرىنى سوغدىن تىتىرىگەن كىشىنىڭكىدەك كاسىلدىتىۋەتتى. ئۇ چىمىلدىقنى ئاستا چۈشۈرۈپ، بېشىنى چىقىرىپ شۈبھە بىلەن ياتاققا بىر قاراپ چىقتى. ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بەنىت ئىدى. ئۇ كىتاب جازىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئەتىراپى پىلاستىر بىلەن ئورالغان، سارغىيىپ كەتكەن بەش-ئالتە ۋاراقچىنى ئىككى قاتلاپ كۆك، مودا پادىچىلار چاپىنىنىڭ ئىچ يانچۇقىغاسالدى. ئىككى ئىنچىكە يىپنى ئېسىپ قويۇلغان ئىككى «كىشى» بىلەن قوشۇپلا يەنە بىريانچۇقىغا سالدى. بايىقى يۆگىمە سىمنى بولسا بىر قولىغا ئېلىپ كارۋىتىدىن چۈشتى.
- نەگە بارىسەن، ئاداش؟
-سىرىتقا چىقىلىپلا كىرىمەن.
ئۇ مۇختەرنىڭ سۇئالىغا قىسقىلا جاۋاب بېرىپ سىرىتقا ماڭدى. ئۇ مەكتەپ گۈللۈكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېلىنغان، ئىككى كىشى ياندىشىپ ئاران ماڭىدىغان تار يولدا ئاستا، ئېغىر قەدەملەر بىلەن كېتىپ باراتتى. كەچكى شەپەق ئۇ يۈزلۈنۈپ كېتىپ بارغان تەرەپنىڭ ئاسمان گۈمبىزىنى قانغا بويىۋەتكەن ئىدى. شەپەق نۇرىغا چۆمۈلۈپ تۇرغان كۈتۈپخانا بىناسى ئۇنىڭغا ھېلىلا شۇ قانلار ئارىسىدا قالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇ بۇ يولغا، ئەنە ئاۋۇ يۆلەنگۈچلۈك قوش كىشلىك ئورۇندۇققا تولىمۇ ئامراق. ئۇ شۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ نۇرغۇن ئاچچىق، تاتلىق خىياللارنى قىلغان. بۇ تار يول، ئۇ ئورۇندۇق ئۇنىڭغا تالاي قېتىم ھەمرا بولغان، ئۇنىڭ بىلەن سىرداشقان...بۇلار يەنە گۈزەل پەيىتلەرگە، تاتلىق كۇسۇرلىشىشلارغا، ئىسسىق تىنىقلار، ھارارەتلىك ئېقىنلارقوشۇلغان گۈزەل دەقىقىلەرگە شاھىت بولغان. ئۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپلا يېنىدىكى بوش ئورۇندىن قانداقتۇر بىر تونۇش ھىدلارنى ھىدلىغاندەك بولدى. ئۇ يۆلەنگۈچكە يۆلىنىپ يېنىدىكى قۇرۇق ئورۇندا دائىم ئۆزىگە ھەمرا بولغان بىر گۈزەل سىمانى خىيالىغاكەلتۈردى. ئەنە ئۇ گۈزەل سىما ئۇنىڭغا ئەركىلەش بىلەن جىلمىيىپ قاراۋاتىدۇ. ئەنە،ئۇنىڭ بىلۇردەك ئاق، خىروستالدەك سۈزۈك يۈزلىرىگە ئەمدى قايغۇلۇق بىر تۇيغۇلار يوشۇرۇنغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئانا سۈتىگە قانمىغان بوۋاقتەك ھىمىرىپ قويىدىغان،ئويماقتەك ھال رەڭ لەۋلىرى، بۇ لەۋلەرگە خۇيمۇ ياراشقان ھېقىقنى ئاقققۇزغاندەك ئۇچلۇق بۇرۇنلىرى...  كىشىنىڭ ھەجەپ ئەركىلەتكۈسى كېلىدۇ دېسە! چۆچۈرىدەك قۇلاقلىرىدىن تۇتۇپ، قاچقۇن،قوي كۆزلىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان مۇڭلۇق ناخشىدەك دولقۇنلۇق، لەزىز نىدالاردا ئەللەيلەنسە كىشى...
ئۇ ئەنەشۇنداق ھەممە ھەۋەس بىلەن باقىدىغان، ئېۋەنسىز گۈزەل بىر قىز بىلەن تالاي كېچىلەرنى مۇشۇ گۈللۈكلەر ئارىسىدا، مۇشۇ ئورۇندۇقتا تاتلىق پاراڭلابىلەن ئۆتكۈزگەن. نېمانچە قىزىق گەپلەر بولغىيتى ئۇ شۇنچە ئۇزۇن، شۇنچە تۈگىمەيدىغان.نىمانچە سېھىرلىك سۆزلەر بولغىيتى ئۇ شۇنچە ئاڭلاپ، شۇنچە سۆزلەپ قانمايدىغان. ئۇبەزىدە ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى.
«مەن ئۆلسەم، سېنىڭ كەينىڭدىكى ئورۇن مۇڭلۇنۇپ بىكار قالىدۇ-دە، ئايتىللا. ياق، ياق،قانداقسىگە بىكار قالسۇن. ساڭا ئىشتىھا ساقلاپ تۇرغانلار خېلىلا كۆپ ئەمەسمۇ.بىكار قالمايدۇ، تالاشقا قالىدۇ، تالاشقا. سەنمۇ ئىلگىرىكىدەك ئۆزۈڭنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يۈرمەيسەن. چۈنكى سەن ئەنسىرەيدىغان، كۆڭلىنى ئايايدىغان مەن يوق! ئۇلارغا زورىغا كۈلۈمسىرەپ،ئەركىلەپمۇ يۈرمەيسەن. چۈنكى سەن بىلەن تولا قېيدىشىپ قالىدىغان، سەن رەشىك ئوتىداپۇچلىماقچى بولغان مەن يوق!...تېلفۇنىڭدىكى نەچچە كېچىلەر ئۇخلىماي دىگۈدەك يېزىشقان ئۇچۇرلارنى تەكرار-تەكرار ئوقۇپ كېتەرسەن. ئىككىمىز بىرگە ئايلانغان باغچىلارنى، مۇنۇ تار يول، ئورۇندۇقلارنى مۇڭ بىلەن يوقلاپ ئۆتەرسەن. لىكىن، سەن بەكلا چىرايلىق، بەكلا. سەن تېزلا سېنىڭ كەينىڭدىن پالاقشىپ يۈرگەنلەردىن بىرىنى مېنىڭ ئورنۇمغا دەسسىتىسەن. ئەلۋەتتە سېنىڭ بەخىتلىك ياشىشىڭنى ئۆمۈد قىلىمەنۇ،يەنە سېنى قىزغىنىمەن. ئۆلگىنىمدىمۇ...»
ئەمدى كېچەقاراڭغۇلىقى زىمىننى ئۆز قوينىغا ئالغان بولۇپ، تىنىق ئاسمان يۈزىدە ساناقسىز يۇلتۇزلار ئۇنىڭغا كۆز قىسىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بېشىغا تىكلەشكەن تولۇن ئاينىڭ ئاجىز نۇرلىرى مەجنۇنتالنىڭ يوپۇرماقسىز شاغلىرىدىن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ، ئۇ ئولتۇرغان تىكلىمە چىرىغى بۇزۇق ئورۇندۇقنى غوۋا يۇرۇتۇپ تۇراتتى. نېرىراقتىكى ئورۇندۇققا بىر جۈپ قىز-يىگىت كېلىپ ئولتۇردى. ئۇلار كۆپ ئۆتمەيلا ئېرماش-چىرماش بولۇپ كېتىشتى. يىگىت قىزنىڭ بېلىدىن بارغانچە چىڭ تارتاتتى. قىزنىڭ قولى يىگىتنىڭ مۆرىللىرىدە ئەركىلەيتى. يىگىت قىزنى ئورۇندۇققا قىڭغايىتتى. يىگىتنىڭ يېنىك ھاسىراشلىرى،قىزنىڭ نازلىق ئەركىلەشلىرى ئۆزىمۇ بىلمەي ئۇلارغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالغان شاناسنىڭ خىيالىغا چەت يېزىنىڭ ئايىغىدىكى يالغۇز ئۆينىڭ ئىشىكىدىن ئۆي ئىچىگەدىققەت قىلىۋاتقان بىر كىچىك بالىنى يېتىلەپ ئېلىپ كەلدى.
«-بولدى قىل، قوپ دەيمەن، خاۋارىچ. بالامنىڭ كىرىدىغان ۋاقتى بولدى.
-كىرسەكىرمەمدۇ، بەرىبىر ئۇقىدۇ. بىر كۈنلەردە دادام كىمۇ دېسە ئۆيۈڭگە كۆپرەك يولىغان مېنىلا كۆرسۈتۈپ قويۇپ قۇتىلاسەن، بولمىسا. ھى ھى ھى...
-بالامنى تىلغا ئالغۇچى بولما، لايغەزەل. قوپ دېدىم، ھېلى بىكار!
كىچىك بالا دەررۇ ئۆينىڭ يان تېمىغا دۆۋلەپ قويۇلغان ئەسكى چامما دۆۋىسى بىلەن باغ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. ئۆي ئىچىدىن بىر پەس ۋارقىراشقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇردى.
-ھارامدىن بولغان نېمىغۇ شۇ، تىلغا ئالسام-ئالمىسام نېمە بوپتۇ.
-ئىككىنچى بوسۇغامغا يولىغۇچى بولما، لاتاغىلاپ.
-پاسكىنا، جالاپ،ئەرسىرەپ قالغاندا دېمىسە كىم كىرەتتى بۇ ئەسكى كەپەڭگە.
كونىراپ كەتكەن، ئىچىدىن تاقالغان ئىشىك ئەنسىز چىرقىراپ ئىشتان بېغىنى ساڭگىلىتىپ يېزىدىكى بىكارچى قىمارۋاز ھەسەن باخشى چىقىلىپ كەلدى.
-خىيالىڭداتېخى ئۆزۈڭنى پاك، ئېسىل ئانا چاغلاپ كېتىپسەن-دە؟ ساڭا دەپ قوياي، سەن پەقەتلا تېنىڭنى سېتىپ جان باقىدىغان رەسۋا، بۇزۇق...
ئايال ئەمدىلىكتە ئۈندىمەي، جالاققىدە ياپقان ئىشىككە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئىچىدىن ئاچچىق بىر يىغا ئېتىلىپ چىقىلىپ، ئۆزىنى توختىتالمايلا قالدى...
-شاناس، شاناسجان،بالام!! ئايال بىر چاغ ئوغلىنى چاقىرىپ چوڭ يولغا چىقىپ كەتتى. كىچىك ئوغۇل كېچە قاراڭغۇلىقىدا دۆۋلەگلىك چامما كەينىدىن تۇيدۇرماي چىقىپ، ئۆيگە كىرىۋالدى.
-ۋوي بالام،ئۆيدىكەنسەنغۇ! باياتىندىن بېرى سېنى ئىزلەپ. نەگە بېرىپ ئوينۇدۇڭ؟
-ئارقىدىكى سۆگەتلىكتە بالىلار بىلەن ئوينىغان. باغ بىلەن كىردىم.
-تاماق ئېپ قويغان، سۇۋۇپ قالدىمىكىن، ھەقىچان.
-يىمەيمەن.بايا چاي ئىچكەن. ئۇيقۇم كەپ كەتتى، ئۇخلايمەن.
ئوغۇلسۆزلىگەچ بۇلۇڭغا دۆۋلەنگەن لات-پۇتىلارنىڭ ئارىسىدىن يوتقان-كۆرپىللىرىنى ئىزدەشتۈردى.
-ئۇ يەرگەسالماي، باشقا يەرگە سال! ئۇ يەر پاكىز ئەمەسكەن.
-مېنىڭ ئورنۇم مۇشۇ تۇرسا، نەگە سالىمەن. ئۇ ئۆزىمۇبىلىپ-بىلمەي ئانىسىغا سوغۇق تېگىۋاتاتتى.
-سۈپۈرۈپ بېرەي، بولمىسا.
-ياق، بولدى،يېتىۋىرىمەن!
ئانا ئارتۇق زورلىمىدى. پارچە يوتقانغا بېشىنى پۈركەپ، سۇپىنىڭ كىگىز يەتمەي قالغان تەرىپىگە يۈزلۈنۈپ يېتىۋالغان ئوغلىغا قاراپ ئانىنىڭ يۈرىكى تۇز سەپكەندەك ئېچىشىپ كەتتى.تېخى بايىلا شۇ يەردە بوپ ئۆتكەن مەينەتچىلىك ئۇنىڭ ئېسىگە كېلىپ يۈزلىرى قىزىشىپ،ئۆزىنى ئۈن سېلىپ يىغلىۋېتىشتىن ئاران-ئاران تۇتۇپ قالالىدى. ئورۇن راسلاپ بولۇپ،ئۆينى خىرە-شىرە يورىتىۋاتقان جىن چىراقنى بالدۇرلا ئۆچۈردى.كېچەقاراڭغۇلۇقىدىن غىرىچ ئارلىقتىكى نەرسىنى ئېلغۇ قىلغىلى بولمايتى. سوقما تاملىق بۇكىچىك ئۆي پۈتۈن بىر كېچە دىگۈدەك بىر كىچىك ئوغۇل ۋە بىر بۇزۇق ئايال، ئاقكۆڭۈل ئانىنىڭ خىياللىرىنى ئۆزىدە ئەللەيلىدى. ئۆي ئىچىدىن تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇھسىنىشلار،يوتقاندىن ئۇيان-بۇيانغا ئۆرۈلگەن ئاۋازلار ئاڭلىناتتى. ئايالنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن لىغىرلاپ ئېقىۋاتقان ياشلار ئۇنىڭ بوينى، تەكىيلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى.ئۇ قولى بىلەن ئاغزىنى تۇتىۋېلىپ ئاۋازسىز ئۆكسۈپ يىغلىماقتا، ئۆزىنىڭ پاسىق تېنى، مەجىرۇھ كۆڭلىدىن زېرىكمەكتە، يىرگىنمەكتە ئىدى. ئىلگىرىمۇ تالاي قېتىم مۇشۇنداق بولغان.ئۇ ئۆزىدىن نەپىرەتلەنگەن، ئىككىنچىلەپ بۇنداق پەسكەش ئىشنى قىلماسلىققا قەسەممۇئىچكەن. بىراق، مۇھتاجلىق، ياق،ياق! ھەرگىزمۇ مۇھتاجلىق ئەمەس بەلكى، ئوڭاي،«ھوزۇر» ئىلكىدە پۇل تېپىش ئىستىكى، ئاياللىق شەيتىنى ئاخىرىدا ئۇنىڭ بېشىنى ئەگدۈرگەن. ئۇ چىگىش خىياللار بىلەن ئوغلى تەرەپكە بېشىنى بۇرىدى، لىكىن ھېچنەرسىنى ئېلغۇ قىلالمىدى...تۇرمۇشىڭىزدا ھاياتىڭىزغا تەسىر قىلغان شۇنچە چوڭ ئىشلارمۇ ۋاقىت ئېقىنلىرىغا ئەگىشىپ ئۇنتىلىشى، تامامەن خىيالىڭىزدىن كۆتىرىلىشى مومكىن. لىكىن، بەزىدە ھەيران قالىسىز، كىچىكلىكىڭىزدىكى شۇنچە ئاددى ئىشلار، ئادەتتكى كۆرۈنۈشلەر ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردىكى ئوي خىياللىرىڭىزمۇ نىمىشقىكىن، مەڭگۈگە ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ. شاناسنىڭ ئۇ چاغدىكى ئەسكى كىگىزگە پۈركۈنۈپ ئويلىغان خىياللىرى شۇ كېچىدىكى ئىشلار بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كاللىسىدا گەۋدىلىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلۇققا شۇڭغۇغان، قاراڭغۇلۇق قاتقان قارچۇقلارغا تىقىلغان. ئۇ شۇۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ زادى كىم، كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئازراق چۈشىنىۋاتقاندەك ئىدى. مەكتەپتىكى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە غەيرى قاراشلىرى، ئۆزىنى ئارىغا ئالماسلىقلىرى، ئانچە-مۇنچە ئۇرۇشۇپ قېلىپ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى «جالاپنىڭ بالىسى،ھارامدىن بولغان» دەپ تىللاشلىرى ... بىر مۇنچە ئىشلار ئۇنىڭ مېڭىسىنى ئورىۋالغان  ئىدى.
«ئانام ئۇ راسلا...ياق، ياق بۇ مومكىنئەمەس، مومكىن ئەمەس. لىكىن...» ئۇ ئۆزىنى-ئۆزى سوراقلىماقتا ئىدى. سۇئاللىرى ھامان جاۋابسىز قالاتتى. ئۇنىڭ خىيالىدا يەنە يېقىنىقى بىر ئىش يالىت-يۇلىت قىلىپ قايتا گەدىلەنگەندەك بولدى.ئۇ بالىلاربىلەن سەكرەپ-تاقىلاپ قوشنا مەھەللىگە ئوينىغىلى كەتكەن شاناسنىڭ ناماز خۇپتەنگە يېقىن ئۆيگە قايىتىۋاتقان ۋاقتى ئىدى. شاناس مەھەللىسىنىڭ كىچىك دوقمۇشىغا يېقىن كەلگەندە بىر نەچچە ئايالنىڭ جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى.
-مۇنداق ئىشلار بار دەڭلار تېخى! ھا ھا ھا...
-ھەجەپقورقۇتتا ئادەمنى.
-نەگەماڭدىڭ ئەبەي، بۇ كېچىدە.
-ئايالنىڭ ئاۋازىدىن قورقۇدىغان بولۇپ قالدىڭما؟
ئاياللارتەڭلا چىرقىرىشىپ قاقاھلاپ كۈلۈشتى. شاناسنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان ئۇنىڭدىن خېلىلاچوڭ، توي يېشىدىكى ئەبەي كۈچلۈك، بوم ئاۋازدا سۆزلەۋاتاتتى:
-نېرى مەھەللىگە بېرىپ شۇ.
-نىمە ئىشقىلىپ ئۇ نېرى مەھەللىدە؟
-ئويناپ.
-ئويناپ؟سەنمۇ ئويناشنى ئۇقامسەن تېخى؟
ئاياللار يەنە تەڭلا چىرقىراشتى.
«بۇ تونۇشلائاۋازغۇ. ئۇ...»
-ئويناشنى ئۇقامسەن؟ قانداقلىقىمنى بەك بىلگىڭ بولسا ئايرىم بىر  بىلدۈرۈپ قويارمەن، ئايشەم.
-دەپ بەرمىسەڭمۇبىلىمەن، تايىنلىقلا. ھاھاھا...
دەرھەقىقەت،سۆزلەۋاتقان ئايال ئۇنىڭ ئانىسى ئايشەم ئىدى. كېچە قاراڭغۇلىقى نەچچە قەدەم يىراقلىقتىكى ئاياللارغا شاناسنى كۆرسەتمىدى.
-قاراڭلار،قاراڭلار، يەنە بىرى كەلدى، يەنە بىرى.
-ۋاي بىر،كېسەلمەن ئىنجىمارۇق ئوخشايدۇ. بولدى، بولدى پارىڭىمىزنى سوقايلى.
چىقىۋاتقىنى يەنە شۇ تونۇش ئاۋاز ئىدى. ئۇ خېلى ماڭغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆيىگە باراتتى. ئۇ تېز-تېز مېڭىشقا باشلىدى. گەرچە ئۆزىگە تونۇش ئاۋازنى ئېنىق پەرق ئەتكەن، شۇ سۆيۈملۈك ئىسمىنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئېنىق ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆينىڭ ئالدىدا ئۆزىدىن ئەنسىرەپ تىت-تىت بولىۋاتقان ئانىسىنى ئۇچىرىتىپ قالىدىغان بىر تۇيغۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى تېزلىتىۋېتىپ باراتتى. ئەنە ئۇلارنىڭ مەھەللىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئۆيىنىڭ پاكار تاملىق ھويلىسى. «ئانام چوقۇم...» ئۇ بار-يوقنىڭ ھېسابىدىكى ھويلائىشكىنى ئىتتىرىپ ئاچتى-دە، ئۆينىڭ سارغىيىپ كەتكەن گېزىت پارچىللىرى چاپلانغان دېرىزىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ ئورنىدىلا قېتىپ تۇرۇپ قالدى. گۆردەك قاپقاراڭغۇ ئۆي ئانىسىنىڭ تېخى سىرىتتىن كىرمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، مەيدىسىنى كىرىپ تۇراتتى...
رىئاللىق ئۆزىنى ئاشكارلىغاندا كۆزۈڭنى يۇمۇۋالساڭ ئۇ ساڭا سۆزلەيدۇ. قۇلىقىڭنى ئېتىۋالساڭ ئۇنىڭ ئاچچىق ھېدى بۇرنۇڭغا تىقىلىدۇ. ئۆزۈڭنى قانچىلىك قاچۇرما ئۇ ھامان سېنى قوغلاپ يېتىشىۋالىدۇ. ۋاقىتنىڭ پەپىلەشلىرى بىلەن ئۇ بارا-بارا ئۆزىنىڭ شاناسلا ئەمەس يەنە ئايشەمنىڭ-بىر جالاپنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە تۇتقان بىنورمال مۇئامىللىرىنىڭ سەۋەبىنى... ھەممىسىىنى چۈشەندى، بىلدى. بىراق، بىلسە نېمە بوپتۇ، نېمە ئامال؟قانداق ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ تۇغۇلۇش ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىشمۇ، ئەجىبا. جىنايەتچى، قۇل، تىلەمچى، پاھىشە... پۇشتىدىن تۇغۇلۇش نومۇسلۇق ئىشمۇ ياكى ئېچىنىشلىق؟ باي، پۇلدار، ھوقۇقدار پۇشتىدىن تۇغۇلۇشچۇ، پەخىرلىنەرلىك ئىشمۇ ياكى خۇشاللىنارلىق؟
-ئاناڭنى،-ئۇئورنىدىن تۇرۇپ، شاپپىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆزى ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى بىر نەچچىنى تېپىۋەتتى،- تۈفى، يوقۇلۇش، ھەممىڭ يوقۇلۇش، ھەممىڭ!
بايىقى قىز-يىگىتلەر ئولتۇرغان ئورۇندۇق ئەمدىلىكتە باشقا بىر جۈپلەرنى قۇچىقىدا ئەركىلىتىۋاتاتتى. ئۇلار چۆچىگەندەك بولۇپ غۇۋا يورۇقلۇقتىكى شاناسنىڭ قورقۇنۇشلۇق چىرايىغا بىر قارىۋېتىپ تېزلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشتى.-ھاھاھا...توغرا، ھەممىڭ يوقۇلۇش، ھەممىڭ كۆزۈمدىن يۈتۈش!
ئۇ بەزىدەتۇيۇقسىز ئۆزىنى چۇقۇم ئۆلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئادەمدەك، قانداقلا قىلمىسۇن ھاياتى ھامان ئۆز قولىدا ئاخىرلىشىدىغاندەك سېزەتتى. شۇ تۇيغۇ بىلەن تەڭ  ئېسىلىۋېلىپ، جان تالىشىۋاتقان بىر ئەرنىڭ ئېلغۇ قىلغۇسىز، غۇۋا، قۇرقۇنۇشلۇق سىماسى، شۇ سىماغا تىكىلىپ خىرقىراپ يىغلاۋاتقان بىر بوۋاقنىڭ ئەنسىز يىغا ئاۋازى ئۇنىڭغا بارغانچە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقاندەك تۇيىلاتتى. كەينىدىنلا يەنە ئاق، ئۇزۇن كۆڭلەك، ئاق رومال بىلەن ئارقانغا ئېسىغلىق تۇرغان تونۇش، ناھايىتى تونۇش بىرى-ئۇنىڭ ئانىسىى تۇيۇقسىزكۆزىنى ئېچىپ ئۇزۇن قوللىرى بىلەن ئۇنى تارتىۋاتقاندەك سېزىلەتتى. بۇنداق تۇيغۇ ئۇنى ئوڭىدىمۇ، چۈشىدىمۇ تېنىچ قويمايتى. ئوخشاش بىر تۇيغۇ، ئوخشاش بىر چۈش،ئوخشاش بىر قورقۇنۇنچ ھامان تەكرارلىناتتى. تالاي كېچە ئۇ بويۇنلىرىدىن كىملەرنىڭدۇر قولىنى ئاجىراتماقچى بولۇپ قىينىلىپ، تەرلەپ-پىشىپ كېتەتتى. سەھەردەبولسا ئۆز قولىنىڭ بوينىنى تاتلاپ، سىقىپ قىزارتىۋەتكەنلىكىنى بىلەتتى. بەزىدەتۇرۇپ-تۇرۇپ ھېچبىر سەۋەبسىزلا ئۆلىۋېلىش نىيتىگىمۇ كېلىپ قالاتتى. «ئۆلىۋالسام»دېگەن ئوي بىلەن تەڭ ئۆزىنى خېلىلا چوڭ، تەسىر كۈچى بار ئادەملەردەك سېزىپمۇ قالاتتى. سىنىپتا ئولتۇرۇپ ئۆزى ئۆلىۋالغاندىن كىينىكى شۇ سىنىپنى تولىمۇزېرىكىشلىك، مەنىسىز بوپ قالىدىغاندەك قىياس قىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،دوسىتلىرىنىڭ، ئۇنىڭغا قارىمىغان چىرايلىق قىزلارنىڭ قىسقىسى ئۇنى تونۇيدىغان ھەممە كىشىنىڭ ئۇنىڭ ئۆلىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىكى ھەيرانلىقققا تولغان چېھرىىنى كۆرگۈسى، ئېچىنىپ ئېيىتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇسى كېلەتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىىنىڭ بىرەر ھەپتىدىن كىيىنلا ئۆزىنى خىىيالىغىمۇ كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئويلىغىىنىدا كۆڭلى ئازراق يېرىم بولاتتى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە قورقۇنۇشلۇق چۈشتىن ئويغانغان كىشىدەك ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەش بىلەن ئىشنى ئاخىرلاشتۇراتتى. بىرمەزگىلدىن كىيىن بولسا ئۆزىنىڭ بىر چاغلاردىكى بىمەنە ئويلىرىغا ھەيران قالاتتى،قورقاتتى. ئۆزىنىڭ نورمال بىر ئادەملىكىدىن گۇمانلىناتتى. ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇقماقچى بولاتتىيۇ يەنە ئامالسىز قالاتتى. پىسخىك مەسلىھەتچىسىنىڭ «ئۆتمۈشىڭىزنىڭ سىزدىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەن، سىز بەزىدە خىىيال ئىچىدە، ئۆتمۈش تۇرمۇشىڭىزدا ياشىماقچى بولىدىكەنسىز...» دىگەندەك سۆزلىرى بىر ئويلىسا ناھايىتى ئورۇنلۇقتەك،يەنە بىر ئويلىسا تولىمۇ بىمەنە، تولىمۇ كۈلكىلىك بىر گەپتەك تۇيۇلاتتى...
ئۇ بۇقېتىم ئۆزىنى راستىنلا ئۆلىۋالىدىغاندەك سېزىۋاتاتتى.
-قاراڭلار،قاراڭلا، نېمە بوپتۇ، ئۆلىۋاپتۇ؟ توۋا كىمدۇ ئەمدى؟
-شاناس، قايسى شاناس؟
- ....
قانداق قىلار، ئېتىلىپ بېرىپ مەڭزىمگە مەڭزىنى يېقىلىپ يىغلاپ كېتەرمۇ؟ ياق، ياق،قانداقسىگە مەڭزىمگە مەڭزىنى ياقسۇن، يىغلارمۇ، شۇ چىرايلىق، قارا كۆزلەردىن مەن ئۈچۈن ئۈنچىلەر تۆكىلەرمۇ؟
ئايتىللانىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغىنى قىياس قىلىۋاتاتتى...ئۇ ئاخىرىنى قىياس قىلالمىدى. تۇيۇقسىز بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇسى كېلىپ يانفۇنىنى قولىغائالدى.
-ۋەي،ئايتىللاما؟
-ۋۇي،شاناسمۇسىز، ھە تېچلىق تۇردىڭىزمۇ، تېچلىق؟ ھە تېلىفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ بۇ كېچىدە، ئادەمنى خوش قىلپ! ھى ھى...
ئۇ قىزنڭ شوخلىقىغا ئۈندىمەي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-ھازىرۋاقتىڭىز بارمۇ، سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى. سىزنى كونا جايدا...
-ۋۇي كالۋا،سائىتىڭىزگە قارىڭا! ھازىر دىگەن سائەت ئوندىن ئاشتى. بۇ كەچتە...
-سائەت ئون بوپ كەتتىما؟ ھە، بوپتۇ ئەمسە، كىيىن دەرمەن.
-ھىم، ئەمسەسىزمۇ...
-ئايتىللا!
-نېمە؟!
-ھىم...سىز...سىزمۇ...
-ۋۇي گاچا،نېمە بولدى بۈگۈن سىزگە؟
-دىگىنە،مەن چىدىماسما؟
-ھاھا...ئەلۋەتتە،دەھشەت چىدىماس، دۇنيادا تەڭدىشى يوق چىدىماس. ئالدىنقى قېتىم ئۇتتىرىۋېتىپ مىھمان قىلمىغىنىڭىز ئېسىڭىزدا باردۇ؟ ھىم، يەنە...يەنە تېخى، يەنە دائىم بىر يەرگە بىللەئوينىغىلى چىقىمىز دەپ ئۆزىڭىز يېنىۋالىسىز، يەنە...
-سىز...سىزمېنىڭ ئانامنى تونۇمسىز، مېنىڭ ئانامنى دەيمەن؟
-ۋاي، توۋا!بۇنى، ساراڭ! ئىچىڭىز پۇشۇپ مېنى گەپكە سېلىۋېتىپسىز ھە؟
-مەن چاقچاق قىلمىدىم. سىز مېنىڭ ئانامنى راسلا تونىمامسىز؟
-كالۋا،ياق! تونىمايمەن. سىز يا مېنى ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشتۈرمىسىڭىز.
-ئەگەر مېنىڭ ئانام، مېنىڭ ئانام...چاقچاق قىلىپ قويدۇم، بولدى خوش، ياخشى چۈش كۆرۈڭ!ئۇ تۇيۇقسىزقورقۇنۇشلۇق چۈشتىن ئويغانغان كىشىدەك دىمەكچى بولغان گېپىنى يۇتىۋەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھېلىلا بۇلدۇقلاپ تېشىپ چىقىدىغاندەك ياش تامچىللىرى پارقىرايتى.
-ۋوي ساراڭ،بىلگەن مەن ئەخماق قىلىۋاتقىنىڭىزنى. ھى ھى، ھە خوش ئەمسە، سىزمۇ بالدۇر ئارام ئېلىڭ، ئەتەكۆرىشەيلى!
- ئەتەكۆرىشەيلى!
«ئەتە مەنبىلەن كۆرۈشمەيسەن، تىللا، ئۆلۈگۈمنى كۆرىسەن. چۈنكى، مەن ئۆلىۋالىمەن. توغرا، مەن ئۆلىۋالىمەن، چىدىماسلىق قىلىمەن. ئېسىڭدىمۇ بىر كۈنى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ مەن ئۆزۈمنى تېزلا ئۆلۈپ قالىدىغاندەكلا سېزىمەن، دېسەم سەن ئۈندىمىگەن، گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەكلا بىپەرۋا تۇرىۋالغان ئىدىڭ. لىكىن، مەن راسلا ئۆزۈمنى شۇنداق سېزىمەن، ئايتىللا. ئۆزۈمنى تېزلا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك، ئۆلىۋالىدىغاندەك سېزىمەن. كىيىن ئۆلۈۋېلىش خىيالىمنى ئاڭلىغىنىڭدا بولسا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ. دائىمقىدەكلا ماڭاچاقچاق قىلىپ، مېنى ئەخماق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولساڭ كېرەك. ھەممىگە خۇشخۇي،غەمسىز كۆرىنىدىغان شاناسنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە سەنلا ئەمەس، كىملا بولمىسۇن ئىشەنمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. لىكىن سەن بىلمەيسەن، ئايتىللا. مېنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلىم بار، بىلىۋاتامسەن، تۇتقاقلىق كېسىلىم. ئۆلىۋېلىشنى خىيال قىلىدىغان،ئۆلۈمنى خالايدىغان كېسىلىم بار.»
ئۇ خىيالىدائايتىللا چىقسا نىمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئويلاۋاتاتتى. ئايتىللانى ئۇنىڭ خىيالىدىكى ئۆزىگە دىيىلىۋاتقان سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقاندەك سەزسە كېرەك، جۈملە-جۈملەسۆزلەر خىياللىرىدا يېزىلىپ ماڭاتتى.
«مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، تىللا. بىراق، سەن مېنىڭ قىز دوستۇم ئەمەس. مەن ھەم سېنىڭ قىزدوستۇم بولۇشۇڭدىن قورقىمەن. سەن دىگەن باشقا بىر يۇرتتىكى يۈز ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ قىزى. سەن يەلكىسىگە مەڭگۈ چۈشۈرۈپ بولمايدىغان ھاقارەت يۈكىنى ئارتىۋالغان يالاڭتۆش بىلەن ئۇنىڭ بىر پۈۋلىسە ئۆرۈلۈپ چۈشكىدەك ۋەيرانە ئۆيدە ياشاپ بولالمايسەن. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرىگە، پۇزۇرلۇقلىرىغا قارىمىغىن. ئۇ ئەنە شۇنداق،ئۆزىنى باشقىلارغا بىچارە كۆرسەتكۈسى كەلمەيدىغان، ھالىغا بېقىپ ئىش قىلمايدىغان مەمەندان قەلەندەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ سالاھىتى سېنى نومۇس بىلەن ئۆلتۈرىشى مومكىن...ئىشىمىزنىڭ بەرىبىر ئاخىرى چىقمايدۇ...توۋا، مەننېمىلەرنى دەپ كەتتىم ساڭا. بىلدىڭمۇ، مەن سېنىمۇ خۇددى مەن سېنى ياخشى كۆرگەندەكلا سېنىمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ ئۆزۈمچە ساڭا تەسەللى بېرىۋاتقانلىرىم بولسا كېرەك. بىراق مەن مەيلى مەن ئۆلىۋالاي، ئۆلىۋالماي سەن تېزلا يەنە باشقا بىرىنىڭ بولىدىغاندەكمۇ سېزىمەن. خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش. سەن مېنىڭ ئانامنىڭ كىملىكىنى بىلىسەن-دە، سېنىڭ ئۇنداق ئايالنىڭ بالىسى بىلەن يۈرىشىڭنى ئاتا-ئاناڭنىڭ خالىمايدىغانلىقىڭنى ماڭا دەيسەن. ماڭا ھازىرقىدەك شوخلۇق قىلىشلىرىڭ، ئەركىلەشلىرىڭ، تاتلىق گەپلىرىڭ ماڭا بىر مەزگىللىك قىلىنغان سەدىقىگە ھېساپ بولۇپ قالىدۇ . كىيىن ھەممىسى مەندىن يىراقلىشىدۇ. ماڭا قالدۇرغىنىڭ پەقەت يۈرەكنى تاتلايدىغان، مېنىڭ كونا كېسىلىمنى قوزغايدىغان ئەبجەش ئەسلىمىلەرلا بوپقالىدۇ، خالاس. توغرا، سېنىڭ ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلگۈڭ بار، شۇنداقمۇ. مەن ساڭا دەپ بېرەي. ئۇ-ئايتىللا. ياق، ياق، سەن ئەمەس. مەنمۇ ھەيران، سىلەرنىڭ ئىسمىڭلار ئوخشايدۇ. بەزىدە ئۇنى سېنىڭ كىچىك ۋاقتىڭ بولسا كېرەك دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.»
ئۇنىڭ خىيال بېتى يەنە ئۆرۈلۈپ يېزىسىدىكى بىر مەزگىللىك شىرىن دەقىقىلەرنى ئۆزىگە ھەدىيەقىلغان قىز بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىرگە بولغان ئايدىڭ كېچە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدانامايەن بولدى.
«-شاناس،بىز ئەمدى...
سۈزۈك بۇلاق سۈيىدە قېرى سۆگەتكە يۆلىنىپ، بىر-بىرىگە يۈزلۈنۈپ تۇرغان ئىككى گەۋدە ئاستا تەۋرىنەتتى. ئىككى ئۆرۈم چېچىنى نازۇك مۆرىللىرىدىن ئالدىغا چۈشىرىۋالغان، سۈزۈك چىرايى ئاي نۇرىدا پارقىراۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان ئوماق قىز سۆزلىرىدىن توختاپ قالدى. قىزنىڭ چىرايىدىن مىنۇت ئىلگىركى شوخلۇق، ئەركىلەش ئىپادىللىرى نەلەگىدۇر يوقالغان ئىدى. شاناسقا تىكىلىپ تۇرغان بۇ نازۇك سەھرا گۈلى يىغلاپ سالماسلىق ئۈچۈن بولساكېرەك، خۇمارلىق كۆزلىرىنى نېرىسىغا، يىراقتىكى گىرىمسەن قاراڭغۇلۇققا تىكتى.
-نىمە،گاچا، قىلمامسەن گېپىڭنى!
ئۇ چاقچاق بىلەن قىزغا تىكىلىپ بۇلاق كۆزلەردىن سىرغىپ چۈشكەن تامچىلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدى.
-ئايتىللا،سەن راسلا...بىرەرسى سېنى ئانى تاپتىمۇ؟ دىگىنە، ئادەمنى ئەنسىرەتمەي! قىز ھالرەڭ لەۋلىرىنى ھىمىرىپ، بېشىنى لىڭىشتتى.
-ياق،شاناس. مېنى كەچۈر، گەرچە بىز...بىز ئەمدى قايتا كۆرۈشمەيلى، بولامدۇ؟
-نېمە، نېمەدەۋاتىسەن، تىللا؟ نېمىشقا، نېمىشقا قايتا كۆرۈشمەيمىز؟
-كۆپ سۇئال سورىمىغىن، بىز ئەمدى قايتا كۆرۈشمەيلى!...
-ماڭا قارا،تىللا!- ئۇزۇن جىملىقنى شاناسنىڭ تىتىرىتىپ سۆزلەشلىرى بۇزدى،- بىز ھازىر كىچىك ئەمەس،كىچىك ۋقتىمىزدىكى ئايتىللا، شاناس ئەمەس. بۇرۇنقى ساڭا قاراپ قويغان، مۇنداقلاسۆزلىگەن ئوغۇللار بىلەن «سىڭلىمنى بوزەك قىلغۇچى بولۇشما» دەپ سوقۇشۇپ يۈرۈيدىغان شاناس ئەمدى چوڭ بولدى. ئۇمۇ ئەمدى گەپ چۈشەنگۈدەك بولدى. ئەگەر باشقا ئوغۇل بىلەن يېقىن ئۆتۈشىڭگە مەن توسالغۇ بولغان بولسام ماڭا دەۋەرگىن!
-ياق،شاناس، ئۇنداق ئەمەس، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، دادام... دادام ئۇ مېنىڭ سەن بىلەن يېقىن يۈرۈشۈمنى ئانچە ياختۇرمايدىكەن. ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، ئۇنىڭ مېجەزى چۇسراق!
-داداڭ؟...
ئارىنى يەنەجىملىق باستى. شاناسنىڭ پۈرۈشكەن چىرايىغا سوغۇق كۈلكە يۈگۈردى.
-ھە، مۇنداق دېگىن! ئۇلار توغرا ئويلاپتۇ. سەندەك چىرايلىق، ئابرۇيلۇق ئائىلىنىڭ قىزى مەندەك يېتىم ئوغلاق، بىر...بىر بۇزۇق ئايالنىڭ ھارامدىن بولغىنى بىلەن سۆرۈشۈپ يۈرسەبولمايدۇ-دە!ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى بوغۇزىدىن بىرى تارىتقاندەك تەس، كۈچسىز، تىتىرەپ چىقتى.
-ئۇنداق دېمىگىن، شاناس. قىز ئۆزىمۇ سەزمەيلا يىگىتكە سۈرۈلۈپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن بوش تەۋرىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە پارقىراپ تۇرغان ياش تامچىللىرى، تىتىرىگەن ئاۋازى بىلەن تەڭلا چىرايلىق ئىككى مەڭزىنى ھۆللەشكە ئۈلگۈردى. شاناس قوللىرى تېخى بىلىكىدىن ئاجىرىمىغان قىزغائىپادىلىگۈسىز بىر خىل نەزەردە تىكىلدى-دە، ئۇنىڭ مۆرىىسىدىن تۇتۇپ ئۆزىگەقاراتتى. قىزنىڭ كۆزلىرىدە ئىلاجىسىزلىق نۇرلىرى چاقنىغاندەك بولدى. ئۇنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك چېھرىگە يەنە چوڭقۇر بىر قايغۇ ئىزنالىرى يوشۇرۇنغاندەك ئىدى.تولۇن ئاي، سۈتتەك كېچە قىزنىڭ ئاپتاپتەك چېھرىنى تولۇق نامايەن قىلىپ تۇراتتى.شاناس ئۇنىڭ ئەگىم قاشلرىدىن، بۇلاق كۆزلىرى، قول بىلەن ئۇشلاپ قويغاندەك،قاڭشارلىق ئوماق بۇرۇنلىرىغىچە تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك سەپسالماقتا ئىدى. دەل شۇ پەيىتتە بايىقى يىغىنىڭ تەسىرىدىكى قىز يېنىككىنە مىشىلداپ قويدى. ئىككىسىنىڭلاچېھرىدە سۇس تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. يىگىت قىزنى ئاخىرقى قېتىم باغرىغا چىڭ باستى...»
ئارلىق-ئارلىققا ئورنۇتۇلغان تىكلىمە چىراغلار مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازىسى بىلەن كۈتۈپخانا ئارىسىدىكى بۇ تۈز يولنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ كۈچسىز، ئاستا قەدەملەر بىلەن ئەتىراپى قارىغاي،سۆگەت دەرەخلىرى بىلەن بېزەلگەن تۈز، ئاسفالىت يولنىڭ ئوتتۇرىدا كېلىۋاتاتتى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن گويا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى نىسىۋىسىنى ئىزدەۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئەتىراپقا دىققىتىنى ئاغدۇردى. پۈتۈن مەكتەپ گۆرىستان جىملىقىغا چۆمگەن. قۇشلار نىمىشكە ئۇخلاشمىدىكىن، ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ چىرايلىق سايرىشۋاتاتتى. ئۇيۈزى، چاچلىرىنى يەڭگىل سىيپاپ ئۆتۈۋاتقان سەلكىن شامالغا خىياللىرىنى تاپشۇرۇپ كۆزىنى چىڭ يۇمدى. خىيالىدا بولسا غۇژمەك، بۈدۈر چاچلىرىنى يەڭگىل تەۋرىنىۋاتقاندەك سەزمەكتە، ئەنە شۇ تۇيغۇ بىلەن بۇ قىسقا ئۆمرۈدە خاتىرىسىدە ساقلانغان بارچەئىشلارنى ئاخىرقى قېتىم كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەكتە ئىدى. ئۇ يۇمۇلغان كۆزلىرىدە دوسىتلىرى بىلەن جاڭگاللادا چېپىشىپ، مەھەللىمۇ-مەھەللە قىيغىتىپ يۈرگەن، كېچىلەردە ئۇخلىماس،كۈندۈزلەردە ئۆيىدە تېپىلماس كىچىك شاناسنى كۆرىۋاتاتتى. ئەنە، ئەنە، ئۇ ئانىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي تۆرت چىچقاق قويىنى دوستلىرىنىڭ قوتان-قوتان قويلىرىغا قوشۇپ يىراقلاردا بېقىپ كەلمەكچى بولىۋاتىدۇ. شۇنداق كۈنلىرى يېقىنلا يەردە قوي بېقىۋاتقان ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەچكە يېقىن ئىشىك ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئانىسى، ئۇنىڭ شۇ بارچە ھاردۇقى تۈگىتىۋېتىدىغان ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىشلىرى، باشلىرىدىن سىلاپ ئەركىلىتىپ، كىيملىرىدىكى توپا-چاڭلارنى قېقىشتۇرۇشلىرى، ئۆيدە ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان ئوخشاپ كەتكەن تاماقلارچۇ تېخى...كىتابقائامراق ئانىسى ئۇنىڭغا يەنە چوڭلار ئوقۇيدىغان توم-توم كىتابلارنى ھېجىلەپ ئوقۇتۇپ، مەزمۇنىدىن ھېكايىلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ. ئەنە، «باشلانغۇچ» نامىدىكى ئەسكى تاملىقتا چىپىشىپ يۈرگەن بىر توپ كىچىك بالىلار...
تولۇقسىز...تولۇقسىزدىكى بارچەئوقۇتقۇچىلار ئىسمىنى چۈشۈرمەيدىغان، مەكتەپتە مەيدىسىنى كىرىپ يۈرۈيدىغان «نوچى»شاناس بىر قىزنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ-تاتىرىپ، تىرنىقىنى تاتلاپ تۇرىدۇغۇ. ئەنە ئۇ ئەمدىلىكتە نەلەردىندۇر تېپىۋالغان كىچىك خاتىرلىرىگە ئاللا نېمىلەرنى يېزىۋاتىدۇ.توغرا، ئۇ شۇ كىچىك خاتىرلىرى بىلەن دەرىسلىك كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان ئۇلۇغ يازغۇچىلاردەك بولۇپ چىقماقچى ئىدى، ئانىسىنىڭ كۆز ياش قىلىپ خوشلۇقتىن يىغلاپ كېتىشلىرى ئۇنى يەنىمۇ يېزىشقا، تېخىمۇ ياخشى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا...ئۇ شالاڭ يۇلتۇزلار ئورىۋالغان تولۇن ئايغا قاراپ ئاستا كېتىۋاتاتتى.
«توۋا، قىزىق، قېنى ئۇ مېنىڭ قەلبىمنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان كۆڭۈلسىز خاتىرىلەر. خىيالىمدا ساپلا شىرىن پەيىتلەر،گۈزەللىكلەر.» ئاسمانغاتىكىلگەن تىنىق كۆزلەرىدىن ئىككى تامچە ياش لىغىرلاپ يەرگە چۈشتى. ئۇ خىياللىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى...ياق،ياق،بۇنداق خىياللارنى ئۆزگە يېقىنلاشتۇرماسلىقىم كېرەك. پەقەت ئۆلۈم توغرۇلۇقلا ئويلاش كېرەك، ئۆلۈم توغرۇلۇق. توغرا، ئۇ مۇشۇ شەھەردە ئۆلمەكچى. لىكىن، ئۇئانىسىنىڭ قەبرىسىگە قوشنا بولۇپ يېتىشنى خالايتىغۇ. ئۇنىڭ نە ئۇرۇغ تۇغقىنى،ئەل-مەھەللىدە نە جان-جىگەر دوستلىرى بولمىسا، ئۇنىڭ ئەرزىمەس تېنىنى تۇتىيا بىلىپ يېزىسىغا ئېلىپ كېتىدىغان بىرى چىقارمۇ زادى. توغرا، مۇرات دادىسى ئۇنىڭغا تولىمۇئامراق ئىدىغۇ، لىكىن ئۇنىڭغا ئۆلۈم خەۋىرىنى كىم يەتكۈزىدۇ. بىر ۋاراقچىگە تېلفۇن نومۇرى، ئىسمىنى يېزىپ يانچۇقىغا سېلىپ قويسۇنمىكىنە يە...ئۇ پۈتۈن مەكتەپنى نەچچە ئايلىنىپ يەنە بايىقى يېرىگىلا كېلىپ قالغان ئىدى. ياتاق تەرەپكە ماڭىدىغان دوقىغا كەلگەندە تۇرۇپ قالدى. تۈز يول بىلەن تىك كېسشتۈرۈپ ياسالغان كىچكرەك ئاسفالىت يولنىڭ بىر ئۇچى ئۇنىڭ ياتىقىغا تۇتىشاتتى، يەنە بىر تەرىپى بىلەن ئازراق ماڭسىلا ئۇنىڭ كۆزىگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان يەنە بىر يەر ئىدى. ئۇنىڭ قەدەملىرى كۆزلەرگە تونۇش، كۆڭۈلگە يېقىن تەرەپكە بۇرۇلدى. ئۇ ئوتتۇرىدىن مەجنۇنتال، قارىغاي دەرەغلىرى بىلەن ئايرىۋېتىلگەن كىچىك چىملىقنىڭ يان تەرىپىدىكى چىراق نۇرى كۈچلۈك چۈشىدىغان يەرگە كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغان چىملىق ئۇنىڭ ئۈگۈنۈش قىلىدىغان ياخشى يېرى ئىدى. ياز ۋاقىتلىرى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى باشقىچىلا سالقىن بولۇپ كېتەتتى. ئۇ تېخى مەكتەپكە يېڭى كەلگەن چاغلار ئىدى. ئۇ كۈنى شاناس چۈشتىن كىيىن دەرس يوق كۈنلىرى ئۇ دائىم ئۈگۈنۈش قىلىدىغان ئورۇندا ئايتىللا دوستى بىلەن ئاستىغا ئەدىيال سېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇ ئايتىللا بىلەن تېخى ئانچە تونۇشمايدىغان چاغلار ئىدى. ئۇ شۇتاتلىق مىنۇتلارنى، ئايتىللانىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن تالىشىپ قىلغان قىزىق،بالىلارچە تاتلىق گەپلىرىنى ئەسلەپ مىيىغىدا كۈلۈپ قويدى...ياق،ياق بۈگۈن تاتلىق مىنۇتلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەسلىك كېرەك. پەقەت ئۆلۈم توغرۇلۇقلا ئويلاش كېرەك، ئۆلۈم توغرۇلۇقلا.
«زادى قەيەردە ئۆلسەم...بولسا بەدىنىمنى ئىككىگە پارچىلىغىلى بولغان بولسا، يېرىمىنى مۇنۇ چىملىققا، يېرىمىنى ئىككىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئورۇندۇقىمىزنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويسام. بەلكىم، باشقىلار، تونۇش دوستلار مېنى ئايتىللانى دەپ ئۆلىۋاپتۇ، دەپمۇ قالار. ئايتىللا، ئايتىللا...توۋا، نېمىشكە ئۆلىۋېلىش ئويۇم بىلەن تەڭلا سەن خىيالىمغا كىرىدىغانسەن. شۇ ئويلىرىم يەنە سەن سەۋەپلىك ئۆز كۈچىنى يوقىتىدىغاندۇ. بىراق بۇ قېتىم ئوخشىمايدۇ. مەن راستىنلا ئۆلىۋالماقچى. شەنبە كۈنى بىرگە ئوينىغىلى بارماقچى ئىدۇققۇ-ھە! ۋاي، ۋاي، خىيالىم يەنە سېنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇغۇ. بوپتۇ، بوپتۇ، ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ مەيلىچە بولسۇن. توغرا، سەن بىلەن ئۆتكەن ئەڭ كۆڭۈللۈك كۈنلۈرۈم، سەن بىلەن تۇرۇپ-تۇرۇپ خاپا بولۇشۇپ قېلىشرىم ھەممىسىلا شەنبە كۈنىگە توغرىلىناتتى. ھەر جۈمە كەچ خىيالىمدا سەن. چۈشلۈرۈم ساڭا تۆشەك راسلىغان...يەكشەنبە سەھەردىن باشلاپ كېيىنكى شەنبىگە تاقەتسىزلىنىش مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئۇدۇم بوپ قالغان. راس، مەن راسلا سېنى شۇنچە ياخشى كۆرىمەن، تىللا. توۋا بۇ قانداق مېھىركىن ئۆزۈممۇ ھەيران...ياق، ياق...»
ئۇ تېزلابۇنداق خىياللىرىنى توختاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە چاقناۋاتقان «ئۆلۈۋېلىش» دېگەن سۆز بارا-بارا خىرەلىشىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى قايتا ئېسىگە ئالدى. بىراق...ئۇ تۇيۇقسىزبىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك يانجۇقىغا قولىنى تىقىلىپ، بايىقى ئىكى قاتلاپ سېلىۋالغان قەغەزلەرنى ئېھتىيات بىلەن ئاچتى. ئۇ ئۆزىگە يادا بولۇپ كەتكەن بۇخەتنى يەنە قايتا ئوقۇۋاتاتتى:

«سۆيۈملۈك ئوغلۇم، شاناس! بۇزۇق، ۋاپاسىز ئاناڭنى كەچۈرگىن! مەن بۇلغانغان بۇ ئىپلاس تېنىمنى سۆرەپ، سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆزۈمنى ئانا ھېسابلاپ بۇنىڭدىن ئارتۇق ياشىيالمىغۇدەكمەن،ئوغلۇم. مەن ئەسلى خېلى ئىلگىرىلا بۇ ئىقرارنامەمنى يېزىپ تەييارلاپ قويغان ئىدىم. سېنىڭ يازغۇچى بولۇش ئارزۇيىڭنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ كەتكەنلىرىڭنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ مەندە بۇنى يېزىش ئستىكى تۇغۇلغان ئىدى. مەن ئەسلى بۇنى ئەجىلىم كېلىپ، سەندىن ئايرىلىدىغان، سېنى بۇ دۇنياغا يالغۇز تىكەندەك تاشلاپ كېتىدىغان شۇ كۈنى ساڭا تاپشۇرماقچى ئىدىم. لىكىن، ئەجەلنىڭ ماڭا بۇنچىلىك يېقىنلا يەردە ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن. بەلكىم، ئەجەلنى مەن ئۆزۈم چىللاپ كېلىۋاتقاندىمەن. قانداقلا بولمىسۇن، بۈگۈن مەن سەندىن ئايرىلىدىغان كۈن. شۇڭا بۇنى ساڭا قالدۇردۇم. ئوغلۇم، مەن بىلىمەن، ئەمەلىيەتتە سەن ھەممىنى بىلەتتىڭ. ئۆزۈڭ تاغدەك يۆلەنچۈگۈڭ ھېسابلايدىغان، بالىلىق ئەركىلەشلىرىڭ، شۇنچە كۆيۈنۈشلىرىڭ بىلەن بىر ئانا ئېرىشىشكە تېگىشلىك بارچە بەخىت تۇيغۇللىرىنى بېرىۋاتقان ئاناڭنىڭ ئەسلى بىربۇزۇق، جالاپ ئىكەنلىكىنى؛ سېنىڭ شوخ ئەركە بالىلىقىڭ، يېتىلىۋاتقان قىرانلىقىڭنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان بۇ ئۆيىمىزنىڭ يېزىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر شور تۇمشۇق پاھىشخانا ئىكەنلىكىنى؛ ئۆزۈڭ ئۇچىراۋاتقان بارچە خورلۇق، كەمسىتىشلەرنىڭ سەۋەبىنى ھەممىنى،ھەممىسىنى ئۇقاتتىڭ، شۇنداقمۇ، ئوغلۇم؟ توغرا، مەن ئەسلى بىر جالاپ. مەن شۇنداق پاسكىنا، بۇزۇق بىر ئايال. سەن مانا شۇ رەسۋا ئايالنىڭ شور پېشانە ئوغلى، بالام! سەن گاھىدا ئۆزىچىلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتەتتىڭ، سەۋەبىنى پەقەتلا دېگىلى ئۇنىمايتىڭ. بىراق، مەن نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەتتىم. سەن مېنىڭ رەسۋالىقلىرىمغا، ئۆزۈڭنىڭ بىتەلەيلىكىڭگە يىغلايتىڭ. بۇنداق ھېچكىشى كۆرمەس بۇلۇڭلادىلا يىغلىمىغىن، ئوغلۇم،باشقىلارغا مېنىڭ رەسۋالىقلىرىمنى ھېكايە قىلىپ بەر. ئۇلار ساڭا يىغلىشىپ بەرسۇن. سەن چىش يېرىپ بىرەر ئېغىز قاتتىق-چۈرۈك گەپ قىلمىغان ئاناڭنى باشقىلار ساڭا ئوبدان تىللاپ بەرسۇن.سەن ھەممىنى بىلەتتىڭ، لىكىن ئەسلا چاندۇرمايتىڭ. تۇرۇپ-تۇرۇپ قېيداپ قالاتتىڭۇ، ماڭا سەن نېمىشكە ئۇنداق ياكى نېمىشكە بۇنداق دەپ باقمىغان ئىدىڭ. تالاي قېتىم كەمسىتىشلەرگە چىدىماي ئۇرۇشۇپ ئۆيگە كەلگەنلىرىڭدە تۇيۇقسىز ھۆڭرەپ، يىغلاپ كېتەتتىڭۇ، شۇ زەردە بىلەن ئىچىڭنى بىر بوشىتىۋالاي دېمەيتىڭ. دەررۇ سىرىتقا ئېتىلىپ چىقىپ كېتىپ، قاراڭغۇ چۈشۈپ بىر چاغدا قايىتىپ كىرەتتىڭ-دە، يوتقىنىڭغائورىلىپ يېتىۋالاتتىڭ. ھەربىر رەت قېيداپ قالغانلىرىڭدا سەۋەبىنى دېگىلى ئۇنىمايتىڭ، مەنمۇ ئۇققاچقا سەندىن كوچىلاپ سورىمايتىم. سېنىڭ ساڭگىلىغان قاپاقلىرىڭنى، بىر نوقتىغا تىكىلىپ قېتىپ قېلىشلىرىڭنى، ھېلى سىرىتقا، ھېلى ئۆيگەكىرىپ تىت-تىت بولۇشلىرىڭنى كۆرگۈنۈمدە نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئەلەمدىن تولغۇنۇپ كېتەتتىم. ھۆڭرەپ يىغلاشلىرڭ ماڭا سەن ۋارقىراپ، يۈزۈمگە كاچاتلاپ تۇرۇپ〈سەنمۇئانا بولدۇڭمۇ، مۇنداق ياشۇغىچە، مېنى خورلۇققا تاشلاپ چوڭ قىلغۇچە ئۆلىۋالساڭلابولمىدىمۇ!؟〉دېگەندەك تۇيۇلاتتى. مېنى قىيىن قىستاققا ئالاتتى. شۇنداق چاغلارداسېنىڭ مېنى قانغۇدەك تىللىۋېلىشىڭنى، بولسا داداڭنىڭ ئورنىدا كاچىتىمغا نەچچىن ىسېلىپ، تېپىك ئاستىغا ئېلىشىڭنى ئارزۇلاپمۇ قالاتتىم. سەن شۇ ھالدا ئۆيدىن چىقىپ كەتسەڭ، تا سەن يېنىپ كىرگۈچە تىت-تىتلىقتا تۇتقان-قويغىنىمنى بىلمەي ۋاقىت ئۆتكۈزەتتىم، قان-قان يىغلايتىم. سەن تالاي قېتىم شۇنداق خورلۇق، كەمسىتىشلەرگەئۇچىراپ، خۇيلۇنۇپ قالدىڭ. ھۆڭرەپ يىغلاشلىرىڭ، جىملەپ قېلىشلىرىڭمۇ خېلى كۆپ تەكرارلاندى. مەنمۇ ئازاب ئىچىدە ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ رەسۋاچىلىقىمنى ئەيىبلەپ، سەن ئۈچۈن كىيىن بۇنداق ئەگرى يولۇمنى داۋاملاشتۇرماسلىققا قەسەم قىلدىم. بىراق،ئوغلۇم...مېنى كەچۈرگىن. مەن...مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تاراپ كەتكەن شەيتانلىرىمدىن غالىپ كېلەلمىدىم.

مەن ئەسلى ناھىدە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغان. بۇ يېزىغا كىيىن كەلگەن ئىدىم. كىچىك ۋاقىتمدا دادام بىلەن ئانام ئاجرىشىپ كېتىپ مەن دادامغا قاپتىكەنمەن. دادام بىرياش قىز بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ، مېنى «ئىلاجىسىز» ئايلىق پۇل بىلەن ھامماملارغاتاشلاپ بېرىپتۇ.مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈشكە يېقىن مەزگىللەر ئىدى. ھامماملارنىڭ ماڭا بېرىلىدىغان ئايلىق پۇل مەسىلىسىدە دادام بىلەن قاتتىق بىر قېتىم دىيىشىپ قالغىنى ئېسىمدە. شۇئىش بولۇپ بىرەر ھەپتىدىن كىيىن ھامماملار مېنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. لىكىن. مېنىڭ داۋاملىق ئوقۇغۇم بار ئىدى. سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا تولىمۇئامراق ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئېيىتقانلىرىنى دەپ يىغلاپ كەتتىم. مۇئەللىم مېنى ئېلپ قېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيىتىپ مېنى تولىمۇخۇشال قىلىۋەتتى. بىراق، ھامماملار قەتتىي نىيەتكە كەلگەن ئىكەن. ئۇلار مۇئەللىمنىڭ گېپىگە، مېنىڭ ئۈگۈنۈشۈمنىڭ سىنىپ بويىنچە ئالدىدا ئىكەنلىكىگىمۇقارىماستىن مەكتەپ مۇدىرىغا ئارقا ئىشىك قىلىپ يۈرۈپ مېنى تولۇقسىزدىن چىقىرىۋېلىشتى. مەكتەپتىن قايىتىدىغان ئاخىرقى كۈنۈم مۇئەللىم مېنى ئىشخانىسىغاچاقىرتىپ، شۇنچە كۆپ كۈچەپمۇ ئامال قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ماڭا تەسەللىي بېرىدىغان بىر مۇنچە سۆزلەرنى قىلىدى. كىتاب ئوقۇشقا ئامىراقلىقىمنى نەدىن بىلدىكىن ماڭا بىر مۇنچە ياخشى كىتابلارنى سوۋغا قىلدى.ئۆيگەقايىتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھامماملار〈كەچكىچە كىتاب ئوقۇپ ئولتىرامسەن〉 دېيىشىپ مېىنى بىر سەيپۇڭ ئۇستامغا تۇتۇپ بەردى. باشتا پەقەتلا كۆنەلمىدىم. بەزى كۈنلىرى سەھەردە مەكتەپكە بارماقچى بولۇپ بوغچامنى ئىزدەشتۈرۈپ بىر چاغ بولغاندا ئېسىمگەكېلەتتىم. تۇرۇپ-تۇرۇپ ساۋاقداشلىرىمنى، ئوقۇتقۇچىللىرىمنى سېغىناتتىم. تەنتەربىيە دەرىسىدىكى قىزىق ئويۇنلارنى يەنە ئاللاكىملەر بىلەن ئوينىغۇم، ئەدەبىياتچى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئۆلۈگنىمۇ تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرىۋېتىدىغان قىزىق گەپلىرىنى قايتائاڭلىغۇم، مەندەك چىرايلىق قىزلارنى كۆرسە چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان ئوغۇللارنىڭ يۈرىكىنى دۈپپۈرلىتىپ مەكتەپ ئىچىدە دوسىتلۇرۇم بىلەن تاقىسلىتىپ ماڭغۇم كېلەتتى.لىكىن، بۇنداق سېغىنىشلار رىئاللىقنىڭ ئىكەكلىرىگە سۈركىلىپ بارا-بارا يوقۇلۇپ باردى. مەن بارغانچە شۇ لاتا-پۇتا بىلەن كۈنۈمنى كەچ قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتتىم.ئىلگىركى غەمسىز كۈنلىرىمنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكى، گۈزەل ئارزۇلىرىمنىڭ پەقەت بىرشىرىن چۈش پېتى قالىدىغانلىقى مېنى ئۆمۈدسىزلەندۈردى. مەن بارغانچە ئۇنى كېسىپ،بۇنى تىكىپ ئۆتىدىغان بۇ ئىشتىىنمۇ ئۆزۈمگە يارىشا خۇشاللىق تاپالايدىغان بولدۇم.دۇكاندىكىلەر بىلەن بولىدىغان قىزىق پاراڭ، مېنىڭ يېڭى دوستۇم رىزۋاننىڭ شوخلۇقلىرى، ھەزىل گەپلىرى، دۇكاندىكى بىر-ئىككى ئوغۇلنىڭ ماڭا باغلىنىپ قالغاندەك كەينىمدىن تىپىرلاپ يۈرۈشلىرى مېنىڭ يېڭى تۇرمۇشۇمنىڭ كۆڭۈللۈك مىنوتلارجۈملىسىدىن ئىدى. مۇشۇ تەرىزدە بىرەر يىل ئۆتۈپ مەن يېڭى تۇرمۇشقاتامامەن كۆنۈپ كەتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا دۇكاندىكى ئۇغۇللاردىن باشقا سىرىتتىن بەزىئوغۇللارنىڭ ماڭا تاما ساقلاپ يۈرىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئىدىم. بۇ يىگىتلەر دەزمال قىزىتىش ئۈچۈن بەش-ئون مىنۇت سىرىتقا چىققانلىرىمدا يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدابولۇپ قېلىشاتتى. ئۇياق-بۇياققا ئۆتكەن بولۇپ ماڭا يەر تېگىدىن قارىشاتتى،بىر-بىرىگە سۆزلىگەن بولۇپ ماڭا قارىتىپ مەنىلىك سۆزلەرنى قىلىشاتتى. بۇنداق ئىشلار كۆپەيگەنسېرى ئۇستام ماڭا سەل سوغۇق تېگىدىغان بوپ قالدى. ئۇ ئوغۇللاردىن مەنمۇ زېرىكىشكە باشلىدىم. لىكىن، بەزىدە شۇ يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا دۇكىنىمىزنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى مەخمۇت ئىسىملىك بىر ناۋاي يىگىتنىڭ بولۇشىنى ئۆمۈد قىلىپ قالاتتىم. ئەمما، ئۇنىڭ بىرەر رەت بىز تەرەپكە قارىغىنىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتى. دۇكاندىكىلەرگە نان ئالغىلى بارغىنىمدا بولسا ئۇ ماڭا باشقىچىلا بىرنەزەردە قاراپ كېتەتتى. نان ئېلىپ ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئوغرى كۆزۈمدە ئۇنىڭ مەندىن كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قالغىنىنى كۆرۈپ ھوزۇررلۇنۇپ كېتەتتىم. ئىش قىلىۋېتىپ  بىر باھانىلەر بىلەن سىرىتقا چىقىپ، ناۋايخاناتەرەپكە قاراپ قوياتتىم. ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، بىز تەرەپكەقارايدىغان-قارىمايدىغانلىقى كۈزىتەتتىم. كىيىنچە پات-پات يوللاردا ئۇچىرىشىپ سالاملىشىدىغان بولدۇق. يەنە بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئۆيگە بېرىپ كېلىدىغان يولدا ئۇنى تولا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنداق بىر مەزگىل ئۆتۈپ، دائىم ئۆيگە قايىتماقچى بولۇپ دۇكاندىن چىقىلىپ تۇرۇشۇمغا ئۇمۇ ئۆيگە ماڭىدىغان كىشى بولۇپ دۇكىنىدىن چىقىدىغان بولىدى. شۇنداق قىلىپ ئۆيدىن دۇكانغا بېرىپ-كەلگۈچە بىز دائىم دىگۈدەك بىرگە ماڭىدىغان بولدۇق. بارغانچە گەپلىرىمىز كۆپۈيۈپ ئارىمىزدىكى ئارتۇقچە قورۇنۇش، تارتىنىشلار تۈگەپلا كەتتى. بىر-بىرىمىزگە ئەركىلەيدىغان، تە قىلىپ چىشىمىزغا تېگىدىغان قىلىقلىرىمىز خېلىلا كۆپۈيۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆيى ئەمەلىيەتتە دۇكىنىنىڭ نېرىسىدىكى يول بىلەن ماڭسا يېقىنلا يەردە ئىدى. ئۇنىڭغا نېمە دەيدۇ دەپ〈يېقىنيول بىلەن ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟〉دېسەم ئۇ دائىم〈نېمە بار تار يولدا، سۈپەت بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، دەيمەن〉دەپ چاقچاق قىلاتتى.
ھەپتەئاخىرى ئىدى. دۇكاندا چۈشكىچە ئىشلەپ ئۇستام 〈ئەتە ھەدەمنىڭ ئۆيىدە توي بار ئىدى〉دەپ ئىككى قىزنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ قېلىپ قالغىنىمىزنى ئۆيدە ئارام ئېلىشقا بۇيرۇدى. دۇكاندىن چىقىپ ئۇزۇن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يېنىمدا مەخمۇت پەيدا بولۇپ قالدى.
-مىياۋ،مىياۋ!
-ۋىيەي،ماۋۇنى. نېمە چوڭ كوچىدا مىياڭلاپ يۈرۈيسىز، ئوغرى مۆشۈكتەك قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ.
كەينىمدىن مۆرەمنى يېنىك ئىتتىرىپ شوخلۇق بىلەن كەلگەن مەخمۇت ماڭا ياندىشىپ كېتىپ باراتتى.
-ھا،ھا، سىزنى كۆرۈپ قۇيرۇقلۇرۇم جىم تۇرماي!
-ھە!؟
-يېنىڭىزغاباشلاپ ئېپ كەلدى شۇ!
-ھىم، شۇنداقمۇيە!
-ھى ھى...شۇ! ھە سىزچۇ ، سىزمۇ ساڭدىن قاچقان چاشقاندەك ئالدىراپ نەگە؟
-ئۇستامنىڭ ئازراق ئىشى باركەن، دەم ئالدۇق. سىزچۇ، بۇ چۈشتە بۇياقتا بىرەر ئىشىڭىز يوقتۇ؟
-مەن؟...ھە شۇ سەل چارچاپ قاپتىكەنمەن...نېمە ئىشمۇ قىلارسىز ئۆيگە بارسىڭىز-ھە، ئەمدى؟
-نېمە ئىش قىلاتتىم. كىتاب ئوقۇيمەن، زېرىكسەم مۈشۈك بىلەن ئوينايمەن، يەنە ئۇكامنى باقىمەن.
-قېرىپ بۇچاغ بولغاندا مۆشۈك بىلەن ئويناپ يۈرسىڭىز تازا يارىشىدۇ.
-ۋاي، دەپكەتكىنىنى بۇنىڭ.
-بولمىسا...
-بولمىسانېمە؟
-بولمىسا سىزنى بەك ياخشى بىر يەرگە باشلاپ ئېلىپ باراي، قانداق؟
- ياخشى يەر،قانداق ياخشى يەر؟
-بارغاندابىلىسىز، قانداق؟
-قانداق بولار...
ئۇنىڭ ياخشى يەر دېگىنى ناھىنىڭ چېتىدىكى كىچىك بوستانلىق يوللارغا تۇتىشىدىغان چوڭ سۇ ئامبىرى ئىدى. يول بويى تاتلىق گەپلىرىمىز ئۈزۈلمىدى. پۇچقىقىمىزنى تۈرۈپ، ئامبار قىرلىرىنى بويلاپ قىزىق پاراڭلارنى قىلىشاتتۇق. مەخمۇت شوخلۇق قىلىپ ماڭا سۇ چېچىپ، مېنى سۇ چوڭقۇر تەرەپكە ئىتتىرمەكچى بولاتتى. قورقۇپ چىرقىراشلىرىمغا كىچىك بالىدەك ۋىلىقلاپ كۈلەتتى. ئۇ كۈنى شۇتەرىقىدە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. شۇ كۈندىن كىيىن مەن مەخمۇتنى بىرەر كۈن كۆرمىسەم كۆرگۈم كېلىدىغان، شوخلۇقلىرىنى، قىزىق پاراڭلىرىنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم. لىكىن، قىز بالا بولغاچقا ئانچە چاندۇرماي يۈرىۋەردىم. مەخمۇتنىڭمۇ ئىككىمىزنىڭ 〈سەپەرداش〉لىق مۇناسىۋىتىمىزنى ئۆزگەرتكۈسى باردەك قىلاتتى. ئەلۋەتتە،مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى خالايتىم. شۇنىڭدىن كىيىنكى بىرەر يىلدا، پۇرسەت بولسىلائۇنىڭ بىلەن مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ-كېلىپ يۈردۇق. ھېلىقى سۇئامبىرىغا ئەڭ ئاخرقى قېتىم بېرىشىمىز ئىدى. ئامبار چەتلىرىدىكى بوستانلىق سايىسىىدا ئولتۇرۇپ، ئارلىقتا ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ تولدۇرغۇسىز چوڭ خاتالىقتىن بىرنى ئۆتكۈزدۇق. ئىشتىن كىيىن مەخمۇت مىشىلداپ يىغلاۋاتقان مېنى ئۆيگە ئەلچى كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەزلىدى. مېنى تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىغا ۋەدەبەردى. شۇ ئىشتىن كىيىنكى ئۈچ-تۆرت كۈن ئىچىدە بىز بىر-بىرىمىزدىن قېچىپ يۈردۇق. ئۇچرىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن باشقا-باشقا يول بىلەن ئۆيگە بېرىپ-كېلىپ يۈردۇق. بىرەرھەپتىدىن كىيىن ھەممە ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندەك بولدى. بىز بۇرۇنقىدەكلا ئۆيگەبىرگە قايىتالايدىغان، ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئەركىن چاقچاقلىشىپ يۈرەلەيدىغان بولدۇق. بىر-ئىككى ئايدىن كىيىن خىيالىمغىمۇ كىرگۈزمەيدىغان بىر پالاكەتچىلىك يۈز بەردى. مەخمۇتلارنىڭ ئۇستىسى يوق بىر كۈنى شاگىرتىلار نان ياققاچ چاقچاقلىشىپ، ئارىسىدىن بىرى تونۇرغا بېشىنى تىقىپ نان يېقىۋاتقان مەخمۇتنى يېنىكلا ئىتتىرىپ قويۇپ ئۇ باشچىلاپ تونۇرغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ قورقۇنۇشلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇلىقىمنىڭ يېنىدىلا چاقماق چېقىپ، يەر-زىمىن گۈمۈرلۈپ چۈشكەندەك بولۇپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. قولۇمدىكى ئىشنى تاشلاپ تونۇش ناۋايخانا تەرەپكە يۈگۈردۈم. دۇكاندا نان سېتىپ ئولتۇرغان كىچىك شاگىرتلا بار ئىدى. ئۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرسەم مەخمۇتنى ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئېلىپ كېتىپتۇ. قىز بالا بولغاچقا ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىشىم ئەپسىز ئىدى. بۇ تاساددىبىيلىقتىن گاڭگىراپ، مەخمۇتتىن ئەنسىرەپ يۈرۈگۈم سۇ بولۇپ كەتتى. ئىككى ھەپتىلەردىن كىيىن دوستۇم رىزۋان بىلەن ناھىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن مەخمۇتنى يوقلىغىلى باردىم. ئۇنىڭ يارىسى ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى. ئوڭ قول مۆرىسى، يۈزىنىڭ ئاساسى قىسىمى، كۆكرەك، غولىنىڭ بىر قىسىمى دوختۇر داكىسى بىلەن تېڭىلغان  ئىدى. كىرىپلا كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشنى توختىتىۋالالمىدىم. كىرگىنىمىزدە يېنىدا تۇرغان ئاكىسى بىردەمدىن كىيىنلا سىرىتقاچىقىلىپ كەتتى. ئۇ داكا ئارىسىدىكى نۇرسىز كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ ماڭا تىكىلدى. مىدىرلىماقچى بولۇپ كۈچىنەلمەي جىم بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭ بېشى تەرەپكە كېلىپ،ئىگىلىپ ئولتۇردۇم. تېخىچە توختىتالمىغان ياشلىرىم ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تېڭىلغان داكىلارنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغا سۆزلىسەم ئاڭلايتى، ئەمما سۆزلىيەلمەيتى. ئوكۇل ئالمۇشتۇرغىلى كىرگەن سېستىرا ئۇنىڭ تېنىچلىققا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى نەچچە رەت تەكرارلىغاندىلا مەن ئېلىپ كىرگەن نەرسىللىرىمنى قويۇپ يىغا بىلەن يېنىپ چىقتىم. ئۈچىنچى قېتىم ئۇنى يوقلاپ كەلگىنىمدە ئۇنىڭ قول، كۆكرەك، غولىدىكى داكىلار ئېلىۋېتىلگەنئىدى. چوڭقۇر كۈيەك ئىزلىرىنى كۆرۈپ ۋۇجۇدۇمغا تىتىرەك ئولاشتى. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ، ئىككىمىزنىڭ كاج تەقدىرىگە ئېچىنىپ كۆز ياشلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا دەردتۆكتۈم. ئۇ يەنىلا سۆزلىيەلمەيتى. كىرىپ خېلىدىن كىيىن ماڭماڭچى بولۇپ تۇرسام ئۇقولى بىلەن مېنى كەتمەسلىككە، تۇرۇپ تۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى. دادىسى سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە بولسا چەتتكى كىچىك بىمار ئۈستىلىدىكى قەغەز-قەلەمنى ماڭا ئەكەلدۈردى. ئۇبەك مۇھىم گەپلىرىنى قەغەزگە يېزىپ باشقىلاغا دەيدىكەن. ئۇ خېلى قىينىلىپ يۈرۈپ〈ئەمدى مېنى يوقلاپ كەلمەڭ، قورقۇنۇشلۇق چىرايىمنى سىزگە كۆرسەتكۈم يوق. مېنى كەچۈرۈڭ،ئەمدى ئۆيىڭىزگە ئەلچى كىرگۈزەلمەيدىغان بولدۇم〉دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ ماڭاكۆرسەتتى. مەن ئۇنىڭغا يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى، پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا بەخىتلىك بولالايدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى نەملەنگەن ئىدى. بىردەمدىن كىيىنلا ئۇ قىينىلىپ كەتتى. مەن قورقۇپ دوختۇر چاقىردىم. دوختۇر ئۇنى يىغلاتقىنىمنى بىلىپ ماڭا ئاچچىقلاپ كەتتى. مەن خىجىلچىلىقتا يەنە يىغا بىلەن يېنىپ چىقتىم. كىيىنكى قېتىم ئۇنى يوقلىغىلى بارغىنىمدا كارىدوردا ئۇنىڭ ئاكىسى ئۇچىراپ قېلىپ ئۇنىڭ دادىسى، ئاكىسىغا خەت يېزىپ مېنى ھەرگىز يېنىغا كىرگۈزمەسلىكنى ئېيىتقانلىقىنى دەپ، مەندىن شۇنى ئۆتۈندى. مەن دوختۇرخانىدىن ئىلاجىسىز ئۇنى كۆرەلمەي يېنىپ چىقتىم. يەنە بىرەرئاي ۋاقىت ئەنە شۇنداق دەرت-ھەسرەت، مەخمۇت بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى سېغىنىش،تەقدىرىمىزگە ئېچىنىپ ياش تۆكۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىركېلىشمەسلىك شەپىسى سېزىلىشكە باشلىدى. مەندە غەيرى ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ، قۇرۇق ھۆ كەلگەندە ئۆزۈمدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. چۈنكى مەخمۇت بىلەن بولغان ئىش ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. نەچچە يىلدىن بېرى يىغشتۇرۇپ ساقلىغان پۇلۇم بىلەن ۋېلايەتلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتتۈم. تەكشۈرۈش نەتىجىسى مېنى چۆچۈتتى. دەرھەقىقەت،گۇمانىم توغرا بولۇپ چىقتى. قورىسقىمدا مەخمۇتنىڭ بالىسى بار ئىدى. قۇرۇغان كۆزلىرىم يەنە خېلى مەزگىل قايتا ھۆللەندى. كۆپ ئۆتمەي〈ئۈگۈنۈپ بولدۇم، ئۈگەنگۈم يوق〉باھانىسى بىلەن سەيپۇڭخانىدىن يېنىپ چىقتىم. بالىنى تۇغۇش، تۇغماسلىق مەسىلىسىدە تېخىچە بىرقارارغا كېلەلمەيۋاتاتتىم. توغسام 〈ئەل-جامائەت ئالدىدا بۇ ماڭا نېمە سەتچىلىك〉دەپ ئويلايتىم؛ تۇغمىسام قورىسقىمدىكى بۇ بالا مەخمۇت ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەم تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى بالىسى بوپ قېلىشى مومكىن ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ كۆيۈك يارىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغان قىزلارنىڭ چىقمايدىغانلىقىغاكۆزۈم يېتىپ بولغان ئىدى. 〈قورىسقىمدا سېنىڭ بالاڭ بار، ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن،ئىككەيلەن توي قىلايلى〉دېسەمچۇ؟ مۇشۇ ئويدىكى گاڭگىراش بىلەن دوختۇرخانىغا يەنەبىر قېتىم باردىم. لىكىن، ئۇلار بىرەر ھەپتە ئىلگىرىلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئانىسى، دادىسىنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ دەيدىغىنىمنى دىيەلمەيتىم. قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تىت-تىت بولۇپ يۈرگەم كۈنلەردە ھاممام مەندىكى غەيرى ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. بىر كۈنى ئۇ مېنى ئايرىم ئۆيگە چاقىرىپ مەندىن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ كوچىلىغىلى تۇردى.باشتا مەن ھېچنىمە دېمىدىم، تەن ئالمىدىم. لىكىن، بۇنداق ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانغاندا ھاممام كۆزۈمگە كىرىپلاۋالدى. ئەگەر راس شۇنداق ئىش بولسا بالدۇرراق ئالدۇرۋەتمىسە، كىيىن ئىش خەلىقى ئالەمگە ئاشكارلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى دەپ مېنى قورقۇتتى. كىيىنكى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئالامەتلەر ئۇلارنى قەتتي نىيەتكە كەلتۈردى. ئۇلار مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرىتمەكچى بولۇشتى. مەن ئامالسىز ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيىتتىم. دەسلەپ ئۇلار ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن مېنى تىللاپلا كېتىشتى:
-چىرايلىق گەپ قىلسام راستىنى دېمەيسنا تېخى! بۇنچە نومۇس قىلىدىغان ئادەم ئىشنى ئويلاپقىلمامسەن، دەيمەن.
-تېخى ساقلاپ قېلىشنىمۇ ئويلاپ يۈرۈپتۇ، دادىسىمۇ بۇنى بىزگە تاشلاپ بەرسە، بۇمۇ بىرشۇمنى ئاسلانلاپلا بىزگە تاشلاپ بەرسە، بۇ بىر نىمىلەرگە ئاچا-ھامما بولغانغائۆلتۈرىشەمدۇ، ئادەمنى. بىر-ئىككى كۈن ئۆي ئىچى تېنىچ بولمىدى. ھەممىمىزنىڭ چىرايى مۇز ئىدى. كىيىن ھاممامنىڭ قەتتىي پىكرى بىلەن بالىنى ئالدۇرىۋەتتىم. لىكىن〈ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك〉 دەپ، مەھەللە كويدىكى خېلى كىشىلەر بۇ ئىشنى بىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئىككى-ئۈچ ئايدىن كىيىن ھاممام مېنى يېزا-بازارلاردا كۆچمە كىيىم سودىسى قىلىدىغان بىردوستىغا قېتىپ قويدى. شۇ ئىش بىلەن بىر-ئىككى يىلنى ئۆتكۈزۈپ يېزىمىزنىڭ ھازىرقى بازىرىدا داداڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. مۇناسىۋىتىمىز تېزلا چوڭقۇرلىشىپ قالدى. ھاممام ئىشنى ئۇققاندىن كىيىن〈ئاتا-ئانىسى يوق يېتىم بالىكەن〉 دېمەستىن مېنى داداڭغاقوشۇپ قويدى. داداڭ بىلەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي داداڭنىڭ مۇلايىم مېجەز، ناھايىتى خۇشخۇي، گەپتان ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. داداڭ ماڭا ھەقىقى بىر بەخىتلىك ئائىلىنىڭ پەيزىن ىسۈردۈردى. گەرچە، بازار ئايلىنىپ قىلىدىغان كىيىم سودىسىنى تاشلاپ، داداڭغا قارىشىپ ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلساممۇ، ئىشنىڭ تەس، جاپا ئىكەنلىكىدىن زارلىمايتىم. داداڭمۇ مېنى ئېغىر ئىشلارغا سالمايتى. ماڭا ناھايىتى كۈيىنەتتى. مەن بارغانچە داداڭنى ياختۇرۇپ قېلىۋاتقىنىمنى سېزىۋاتاتتىم. ئەنە شۇنداق كۈنلەردە سەن يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ بىزنى ئالەمچە بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈردۈڭ، ئوغلۇم. گەرچە بىزنىڭ ئۆيلۈرىمىز باشقىلارنىڭكىدەك ياسىداق، ئازادە، چىرايلىق بولمىسىمۇ؛قولىمىزدا ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان باغلام-باغلام پۇللىرىمىز بولمىسىمۇ مەن ئۆزۈمنىڭمۇشۇنداق بىر كىچىك ئائىلەمنىڭ بولغىنىدىن مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدىم، خۇداغا ھەمدۇ-سانالار ئېيتاتتىم. بىراق، ئۆتمۈشۈمنىڭ قاراڭغۇ شولىسىنىڭ مېنىڭ تېنىچ كۆڭلۈمنى قايتا ئارامسىزلاندۇرىدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن. ئۇ يازنىڭ ئىسسىق، ئوتتەك مەزگىللىرى ئىدى. داداڭ چۈشتە ئېتىپ بەرگەن ئېشىمنى ئاغزىنى تامىشتىپ تۇرۇپ ئىچىپ، مېنى سەن بىلەن ئۆيدە قويۇپ بۇغدايلىقىمىزنى سۇغارغىلى چىقىپ كەتتى. ئۇ تولىمۇ ئىشچان، ساڭا، ماڭا بەكلا ئامراق ئادەم ئىدى.〈ئىشقا مەنمۇچىقىمەن〉دېسەم 〈سەن دىگەن شەھەردە چوڭ بولغان، ئىشقا چىدىمايسەن، يىغلايسەن〉دەپ مېنى ئىشقا ئىلىپ چىقمايتى. داداڭ چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دوستى سامساق نىياز ئۇنى ئىزدەپ ئۆيگە كىردى. ئۇنى بىر نەچچە قېتىم داداڭنىڭ دوستلىرىنىڭ قاتارىدا كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ئۆيگە كەلگەندە ماڭا دائىملا يەۋەتكۈدەك تىكىلىپ قارايتى. يوللاردا تاساددىبى ئۇچرىشىپ قالساقمۇ ماڭا باشقىچىلا مۇئامىلە قىلىپ كېتەتتى. لىكىن، مەن ئۇنىڭ قاتاڭغۇر يۈزلىرى كۆكۈش ئورا كۆزلىرىدىن بىرەر شۇملۇق چىقىلىپ تۇرغاندەكلا سېزەتتىم. مۇئامىلىسىگە يارىشا كۈلۈپ قويغىنىم بىلەن ئۇ كىشىنى ئانچە ياقتۇرمايتىم. ھېلىقى كۈنى ئۇ ئۆيگە كىرىپلا يۈرۈگۈم سەزگەندەك 〈جىغ〉قىلىپ قالدى. ئۇ ئۆيدە خېلى ئولتۇرۇپمۇ ھېچ چىقىپ كېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئۆيىمىز چەتتىرەك بولغاچقىمىكىن ئەنسىرىگىلى تۇردۇم. ئۇ كىشى ئۇياق-بۇياق سۆزلەپ بىرەر سائەت بولغاندا گەپنى ئەگىتكىلى تۇردى. مەن چۈشەنمىگەنگە سېلىپ سېنى ئېمىتىدىغانلىقىمنى دەپ ئۇنى چىقىپ كېتىشكە ئىما قىلدىم. ئەمما، ئۇ تېخىمۇ ئەزىۋەيلىگىلى تۇردى. ئاخىرى بولالماي گېپىنى تېشىپلا قىلىپ يېنىمغا كېلىشكە تەمشەلدى. مەن ئۇ چاغدىكى بەخىتلىك ئائىلەمنى، جۈملىدىن سېنى، داداڭنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم. مېنىڭ دىلىمدا ئەسلا سىلەرگە خىيانەت قىلىدىغان ئوي يوق ئىدى. مەن قورقۇنۇچتا ئالدىن ئويلىۋالغىنىم بويىنچە دەررۇ بېرىپ پىچاقنى قولۇمغا ئالدىم. سامساق ئورنىدىلا قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ نېمە قىلىشنى بىلمەي بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ۋاستىسىنى ئۆزگەرتتى.
-ئۆزۈڭنى ئۆلتىرىۋالماقچى-دە؟ ھاھا... تۈفى سېنىڭ شۇ پاكلىقىڭغا، بۇنچە قىلغۇدەك نومۇسلۇق ئاياللاردىنمۇئەمەسقۇ سەن. خىيالىڭدا تېخى شەھەردىن غىپلا قىلىپ چىقىلىپ بىر مۆرىمەس كالىغا تېگىۋالسام ھەممە ئىش تۈگەيدۇ، شەھەردىكى شاشلىقلىرىم، كوچا-كويلاردىكى سېسىق نامىمنى ھېچ كىشى بىلمەي قېلىۋىرىدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىڭما؟ بىلىپ قوي سېنىڭ رەسۋالىقلىرىڭنى تويۇڭ بولغان كۈنىلا شەھەرلىك دوستۇمدىن ئاڭلىغانمەن. ئەگەر يۇۋاشلىقچە گېپىمگە كۆنمىسەڭ...خېلىل ھەرقانچە يۇۋاش بولسىمۇ سېنىڭ بۇ رەسۋالىقلىرىڭنى ئۇقسا...سامساقنىڭ بۇ گەپلىرى بىلەن پىچاقنىڭ قۇلۇمدىن قانداق چۈشۈپ كەتكىنىنى ئۆزۈممۇ سەزمەي قالدىم. ئۇ مېنىڭ ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان، يېزىدىكى باشقىلار بىلمەيدۇ، دەپ ئويلىغان ئىشلىرىمنى داداڭغا دەپ مېنىڭ بەختىمنى تارتىۋالماقچى بولىۋاتاتتى. مەن بۇ بەخىتنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايتىم. بىراق، سىلەرگە خىيانەت قىلىش...سامساق كۈتكەن ئىشىنى قىلدى. ئۇ ماڭا قورقاق سېلىپ، ئۆزىنىڭ يەنە بىر نەچچە قېتىم كېلىدىغانلىقىنى دەپ ئۆيدىن چىقىلىپ كەتتى. ھازىرقىدەك ئېسىمدە، ئوغلۇم، ھازىرقىدەك. داداڭ ئېتىزدىن يېنىپ چېكىللىرى يىرتىلغان توپا شەپكىسىنى قېقىشتۇرۇپ كىرىپلا سېنى ئەركىلەتتى. ئۇنىڭ قولىغا سۇ بېرىۋاتاتتىم.
-نېمە تاماقئەتتىڭلار، خوتۇن؟
-تازا تاۋىم يوق شۇڭا...
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قايتىدىن قاراپ چىقتى.
-نېمە بولدى يىغلاپسىلىغۇ؟
ئۇيۇيۇۋاتقان قولىنى قويۇپ، ماڭا قايتىدىن سەپسېلىشقا باشلىدى. مەن ئۇنى ۋۇجۇدۇمدىن بايىقى قاملاشمىغان ئىشىمنىڭ بىرەر بەلگىسىنى تېپىۋالىدىغاندەك قورقۇپ تىتىرەپ كەتتىم.
-ياقەي،يىغلىمىدىم. ئوتۇن تۈگەپتىكەن، ئوتۇن  ئوشتىۋاتسام چاچىراندىسى بوشلا تېگىپ كەتتى. يېشىم توختىماي شۇ.
-ئاۋايلاپ قىلماي، مانداق قىلىڭلا، مەن بىر قاراپ باقاي. ئانچە چوڭ ئىش يوقتەكمۇ تۇرىدۇ.قوياڭلا، خوتۇن سىلىنى، ئۆيدە يېتىپ ئارام ئېلىڭلار دىسىمۇ كۆزەڭلىنى قىزاتىپ،پوتلاڭلىنى ئېقىتىپ تاۋىم يوق دەپ ئولتىراپسىلە. ھى ھى...
مەن داداڭنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىدەك سېزىپ، ئۇنىڭغابېشىمنى تىك قىلىپ قارىيالمىدىم. يىغلىغۇم، ئاۋازىمنى بولىشىغا قويىۋېتىپ يىغلۇغۇملا كېلەتتى. بىراق ئۇنداق قىلالمايتىم. مەن شۇ كۈنى ئۆلىۋېلىشنىمۇ ئويلۇدۇم، بىراق بارغانچە ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقان داداڭغا، تېخى ئاق سۈتۈمگە تۈزۈككىنە قانمىغان ساڭا پەقەتلا قىيالمىدىم.
  سامساق كىيىنكى قېتىم ماڭا زورلۇق قىلىۋاتقاندا خېلىل ئۈستىمىزگىلا كىرىپ قالدى. ئۇھەيرانلىقتا نېمە ئىش بوپ كەتكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قىسقىنا مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. سامساق قاچماقچى بولۇپ ئىشتان بېغىنى قولتۇقلاپ ئورنىدىن تۇرىشىغا، داداڭ ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويغان كەتمەننى كۆتۈرۈپ كىرىپ بولغان ئىدى. داداڭ ئاچچىقتىن قارىداپلا كەتكەن ئىدى.
-ھۇ خۇمسى،ھارىمى، ئېشەك ئەمگەن، خوتۇن تالاق!
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كەتمەننى بېشىدىن ئىگىز قىلىپ سامساققا قارىتىپ كۈچ بىلەن ئۇردى. سامساق چاققان كېلىپ ئۆزىنى قاچۇرىۋالدى. داداڭ تېزلىك بىلەن كەتمەننى يانغا چۆرىدى. كەتمەننىڭ زەرىب بىلەن تەگكەن چۇلدىسى سامساقنى ئىشىك تەرەپكە تىقىۋەتتى.
-خاپا بولمائاداش، ئۆزۈڭنى بېسىۋال، مەن ئەسلى...
-پوق ئاغزىڭنى يۇم، لامزەللە، لالما ئىت!
داداڭ يەنەكەتمەننىڭ چۇلدىسى بىلەن ئۇنىڭ يان بىقىنىغا بىر-نەچچىنى ئۇرىۋەتتى. ئۇ ۋايجانلاپ سەت چىرقىراپ ئورنىدىلا يېتىپ قالدى. داداڭ كەتمەننى تاشلاپ ئۇنىڭ ئۇتتۇر كەلگەن يېرىگە تېپىپ، مۇشتلىغىلى تۇردى. يان ئۆيدەبۆشۈككە بۆلەگلىك سەن چىرقىراپ، تېلىقىلىپ، يىغلاپ كەتتىڭ. مەن قۇرقۇپ، تىتىرەپ نېمە قىلىشمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.
-ھۇ، كۆك چوشقا، نېمە كۆرۈپ قالدىڭ ئۆيۈمنى. مانا تويە، مانا تويە...
داداڭ ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قان تولغان بولۇپ، چىرايىغا قارىغان كىشى قورقۇپ، ئەندىكىپ كېتەتتى. خېلىل ئاخىرىدا كۈچەپ سامساقنىڭ جان يېرىگە بىرنى تەپتى.
-مانا ساڭا
سامساق بۇ زەربىگە چىدىماي كىچىك بالىدەك ۋايجانلاپ، چاتىرىقىنى تۇتۇپ يەردە دومىلاپ، تۇلغۇنۇپ كەتتى. بىر پەستىن كىيىن ئۇنىڭ چىرقىراشقىمۇ ماجالى قالماي، جىملەپ قالدى. مەن تېىزدىن ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ سېنى قۇچىقىمغا ئالدىم.قورقۇپ،تىتىرەپ تۇرۇپ يەنە ئىشىكتىن مارىدىم. داداڭ سامساقنىڭ جانسىز تېنىنى ئۆلۈگنى سۆرىگەندەك داقىرىتىپ سىرىقا ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ سېنى ئېمتكەچ داداڭنىڭ مۇشت، تېپىكلىرىنى كۈتىۋاتاتتىم. نىمە ئىش بوپكېتىدىغانلىقىنى ئۆزۈممۇ قىياس قىلالمايتىم. يۈرۈگۈمنىڭ ئەنسىز تىپىرلىشى ئۆزۈمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىردەمدىن كىيىن داداڭنىڭ ئەجەل ئاۋازىغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان ئاياغ تېۋىشى بارغانچە قۇلاق تۈۋۈمگە يېقىنلىغىلى تۇردى. داداڭنىڭ قانغا تولغان،ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان غەزەپ ئوتلار چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى كۆزۈمگە تىكىلدى.پۈتۈن بەدىنىم قورقۇنۇچتىن لاغىلداپ تىتىرەيتى، مەن يەرگە قارىۋالدىم.
-نېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن، رەسۋا؟
داداڭ ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ كاچىتىمغا بىرنى سالدى. قاۋۇل، ئۇستىخانلىق داداڭنىڭ تەستىكىدىن كەينىمگە ئۇچۇپ كەتتىم. قۇلۇمدىكى سەنمۇ گىگىزسىز سۇپىغا تاشلىنىپ قايتىدىن تېلىقىلىپ يىغلىغىلى تۇردۇڭ. ئۇ كېلىپ چېچىمدىن تۇتۇپ مېنى ئۆرە قىلدى.بۇرنۇمدىن ئېتىلىپ چىققان قان بىردەمدىلا پۈتۈن ئۈستى-بېشىمنى بويىۋەتكەن ئىدى.سۇپىنىڭ زەي توپىسى يۈزۈمدىكى قانغا سۇۋىشىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۈستى-بېشىمغا،مىشلداپ يىغلاپ، تىتىرەشلىرىمگە قاراپ قىسقىغىنە تۇرۇپ قالدى-دە، چېچىمنى تۇتقان قولىنى بوشىتىپ كاچىتىمغا يەنە بىرنى سېلىپ كەينىمگە يىقىتىۋەتتى. ئۇ يەنەبىرنىمىلەرنى ئىزدەۋاتقان ئىدى.
-خېلىل،مېنى كەچۈرۈڭ. مەن سامساقنىڭ قورقۇتۇشلىرىغا ئالدىنىپ...
-ئۈنۈڭنى چىقارما، پاسكىنا!
-خېلىل،مەن...
-كاڭشىما دېدىم سېنى.
ئۇ گېلى يىرتىلىپ كەتكۈدەك ۋارقىرىغىنىچە دېۋەيلەپ كېلىپ مېنىڭ ئۇتتۇر كەلگەن يېرىمگە يەنەتېپىشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ پۇتلىرى، تىزلىرىغا يېپىشىپ يالۋۇردۇم، يىغلىدىم. ئۇئاخىرى مېنى ئۇرۇشتىن توختاپ، يۈزىنى چاڭگاللىغانچە يېنىمدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.
-ئەمدى سەن ھامماڭنىڭ ئۆيىگە، بولسا تېخىمۇ يىراقلارغا كەت. كۆزۈمگە ئىككىنچى كۆرۈنگۈچى بولما.
  ئۇنىڭ ئاۋازى بىردىنلا پەسلەپ قالغان ئىدى. مەن تېخىچە مىشىلداپ يىغلاۋاتاتتىم. بىر پەس جىملىقتىن كىيىن ئۇ سىرىتقا چىقىپ كەتتى.
دادا ڭھەقىقەتەن مېنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇ بۇ خورلۇقنى بەكلا ئېغىر ئالغان ئىدى.قاراڭغۇلۇق چۈشۈپ ئەنسىز خىياللارغا بۆلۈنۈپ داداڭنى ساقلىدىم. خېلىدىن كىيىن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيدىغان داداڭ مەس پېتى ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇخلىماقچى بولۇپ ھېچقانداق گەپ-سۆزسىز يوتقان-كۆرپىللىرىنى ئىزدەشتۈرگىلى تۇردى. مەن راسلاپ بەرمەكچى بولۇپ قولىدىدىكى يوتقاننى تارتسام مېنى نېرى ئىتتىرىۋەتتى. ئۇ كۈنى داداڭ سېنىڭ قېيداپ قالغان چاغلىرىڭغا ئوخشاش يوتقانغا ئورىنىپ يېتىۋالدى. مەنمۇ باشقا بىر ئورۇن راسلاپ سېنى باغرىمغا بېسىپ خىياللارغا بۆلەندىم. قوينۇمدا يېنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ئىدىڭ، تۇيۇقسىز يانغا تاشلىنىپ قوينۇمدىن يىراقلىماقچى بولدۇڭ. كۆزلۈرۈڭ يۇمۇق ئىدى. بۇدۇرۇق قوللۇرۇڭنى ئالقىنىمغا ئېلىپ سېنى باغرىمغا تارىتتىم. مۇشىتلىرىڭ چىڭ تۈگۈلگەن ئىدى. سەن يەنىلا قوينۇمدا ياتقىلى ئۇنىمايتىڭ. سەن بەلكىم چۈش كۆرگەنسەن. شۇكۈندىن باشلاپ ئۆزۈڭنىڭ باشقىچە بىر ئائىلىنىڭ ئادىمىگە ئايلىنىپ قالغىنىڭ،داداڭنىڭ ئەتىسى، ئاناڭنىڭ تۈنۈگۈن، بۈگۈن، ئەتىسى چۈشلۈرۈڭدە ئايان بولغاندۇ. شۇڭا مېنىڭدىن سەسكىنىپ، ماڭا غەزەپلىنىپ مۇشىتلىرىڭنى چىڭ تۈگكەنسەن...ئۆي ئىچىدىن تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇھسىنىشلار، يوتقاندىن ئۇيان-بۇيانغا ئۆرۈلگەن ئاۋازلار ئاڭلىناتتى.كۆز چاناقلىرىمدىن لىغىرلاپ ئېقىۋاتقان ياشلار بويۇن، تەكىيلىرىمنى ھۆل قىلىۋەتكەنئىدى. قولۇم بىلەن ئاغزىمنى تۇتىۋېلىپ ئاۋازسىز ئۆكسۈپ يىغلايتىم، پاسىق تېنىم،مەجىرۇھ كۆڭلۈمدىن زېرىكمەكتە، يىرگىنمەكتە ئىدىم...
داداڭ ئەتتىگىنى قوپۇپلا موخۇركىسىغا ئوت تۇتاشتۇردى. تەييارلىغان ناشتىلىقتىن ئازراقلا يەپ ماڭا قوپاللىق بىلەن بۇيرۇق قىلدى:
-بۈگۈن يالىق بويىدىكى كېۋەزلىككە بېرىپ كېۋەز تاقلاپ كەل. سېنى بورداپ ساتمىغاندىكىن مەن ئۈچۈنمۇ ئىشلەپ قوي.
مەن ئۈندىمەي ئېشەك ھارۋىسىنى ئېغىلدىن چىقىرپ قاتتىم. ئوتىغۇچ، ئەسكى قاپ، چۈشتە يىيىشكە نان، سۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى ھارۋىغا بېسىپ، ئاخىرىدا سېنى قۇچىقىمغا ئېلىپ سىرىتقا ماڭدىم.
-بالىنى نەگە ئاپپىرىسەن؟
-ھېلى ئېمىتىدىغانغا...
-پۇتۇڭ باردۇ، ئۆزۈڭ كەل چۈشتە، گېپىنى بۇنىڭ!
ئۇ زەردەبىلەن شۇنداق دېدى. مەن ئۈندىمەي سېنى قايتا بۆشۈككە بۆلەپ، تېخىچە موخۇركىسىنى كۈچلۈك شوراۋاتقان داداڭغا ئۈستۈن قارىماي مېڭىپ، بۇسۇغىدىن ئاتلاي دەپ تۇرۇشۇمغاداداڭ قوپاللىق بىلەن ۋارقىرىدى.
-توختا!
ئۇئاغزىدىكى موخۇركا ئىسلىرىنى پۈۋلىۋېتىپ، ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇقاراشلىرى، قىزارغان كۆزلىرى، تاتارغان چىرايى ھازىرقىدەك كۆز ئالدىمدا، ئوغلۇم.ئاخىرى چاناقلىرىم ئېچىشىپ مېنى سىرىتقا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. بوسۇغىدىن ئاتلاپلا ياشلىرىمنى توختىتىۋالالمىدىم. يول بويى داداڭنىڭ ماڭا تىكىلگەن ھالىتى كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمىدى. سامساق مېنى قورقۇتقان بارچە گەپلەرنى داداڭغا ئۆزئاغزىم بىلەن دېمىگەنلىكىمگە، ئۇنى تىللاپ، يۈزىنى پوق قىلىپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارمىغانلىقىمغا،ئەقىلسىزلىكىمگە ئۆكۈندۈم. ئېتىزلىققا بېرىپ قولۇم ھېچ ئىشقا بارمىدى. بىرەر سائەت گادىرماچ خىياللار بىلەن ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ كەتتىم. پات-پات توپا يولغا چىقىپ ئۆي تەرەپكە قاراپ كېتەتتىم. كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك بولاتتى. بىر-بىرىدىن قورقۇنۇشلۇق مەنزىرىلەر خىيالمنى قالايمىقانلاشتۇراتتى. ئاخىرى ئېشەكنى قۇرۇغان تېرەككە چىڭ باغلاپ، ئۆي تەرەپكە قەدەم ئالدىم. يېرىم ئۇيقۇچان چۈش كۆرىۋاتقان  كىشىدەك گاراڭ ھالەتتە ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ نېمىگە جىددىيلىشىدىغان، نېمىگە ئالدىرايدىغانلىقىمنى بىلمەيتىم. ئۆيىمىزنىڭ ئادەم بويىچىلىك ئىگىزلىكتە سېلىنغان ھويلا تاملىرى يىراقتىن كۆرۈنگەندە، قەدەملىرىم تېخىمۇ تېزلەشتى. ئۆيىمىزگە يېقىنلا يەرگە كېلىپ يىراقتىن سېنىڭ خىرقىراپ يىغلاشلىرىڭ ئاڭلانغاندا، يۈرۈگۈم بوغۇزۇمغا كەپلىىشىپ قالغاندەك بولۇپ يۈگۈرۈپ ئۆيگە ئېتىلدىم. ئىشىكتىن كىرىپلا قاتتىق چىرقىراپ تاشلىدىم. يۈرۈگۈم يېرىلىپ كەتكەندەك بولۇپ، مەيدەمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم. داداڭنىڭ چىرايى قارداپ، تىلى ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قاراقلىرى كەينىگە بولۇپ قالغان قورقۇنۇشلۇق كۆزلىرى گويا ماڭا تىكىلىپ تۇرۇۋاتقاندەكلا ئىدى. توغرا، ئوغلۇم، داداڭ ئۇ ئۆلىۋالغان ئىدى. سەن داداڭنى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن دېسەم ئەسلا ئىشەنمەيتىڭغۇ. توغرا، ئۇسېنىڭ ئىشەنمىگىنىڭدەك قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن ئەمەس. سېنىڭ ئەقىلسىز ئاناڭنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. ئۇ نىمىشقىكىن ئىچكىركى ئۆيدىن سېنى بۆشۈگۈڭ بىلەن قوشۇپلا ئىلىپ چىقىپ، كۆزلىرىڭنى ئۆلىۋالغان ئۆزىنىڭ بېشىغا قارايدىغان قىلىپ توغرىلاپ قويغان ئىكەن. مەن ئۆيدە يەنە ئارتۇق تۇرالمىدىم. بېرىپ خىرقىراپ يىغلاۋاتقان سېنى بۆشۈكتىن بوشۇتۇپ سىرىتقا ئېتىلدىم...داداڭنى مەھەللىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئارقاندىن بوشۇتۇپ تۇرساق ساقچى فورمىسى كەيگەن ئىككەيلەن ئۆيىمىزگە كىردى. ئۇلار ئەسلى سامساقنىڭ يارىسىنىڭ بەكلا ئېغىرئىكەنلىكى سەۋەبلىك داداڭدىن ئەھۋال ئىگەللىگىلى، باشقىچىرەك ئېيىتقاندا داداڭنى قاماققا ئالغىلى كەلگەنلەر ئىكەن. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆپ تۇرماستىن ئىدارىسىگە جۆنەشتى.داداڭنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭلا پۈتۈن مەھەللە كوي ماڭا ئائىت ھەممە ئىشنى بىلىپ كېتىشتى.

داداڭنى يەرلىكىگە قويۇپ يېرىم يىل بولا-بولماي مومىيىدىن ئايرىلىپ خوتۇنسىرىغان ساقاللىقلار، ھەر-ھەر قىران يىگىتلەر، بۇرىتى ئەمدىلەتىن خەت تارىتقان كىچىك سويمىلار ئۆيىمىزنىڭ بوسۇغىسىدىن ئايلىنىپ كېتەلمەيدىغان، تېخى تەپتارىتماستىن ئۆيىمىزگە كىرىپ قولۇمغا ئىككى-تۆرت تال پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇپ ھىجاراپ قاراپ تۇرىشىدىغان بولدى. بىر-ئىككى يىل ھەممىسىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، تىللاپ ئىككىنچى بوسۇغامغا يولىماس، يۈزۈمگە تىكىلىپ قارىيالماس قىلىۋەتتىم. ئۇنداقلارمۇ بارا-باراكەلمەيدىغان بولۇشتى. كۈن كۈنلەرنى قوغلاپ ئىككى-ئۈچ يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. مەن بارا-بارا كىچىك شاناس-سېنى چوڭ قىلىش، ياخش تەربىيلەش ئۈچۈن بىر ئەر، بىر دادىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. بىراق، مەن ئەرلىرى تۈگەپ كەتكەن چىرايلىق چوكانلارغا بىرەر يىل بولا-بولماي ئەلچى كىرگۈزۈپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان باي قېرىلار، خوتۇنى بىلەن ئۆي بولالمىغان يوقسۇل يىگىتلەر كۆپ بۇ يېزىدىن شۇنچە ۋاقىتقىچە بىرەرىنىڭمۇ بىزنىڭ ئۆيگە يېقىن يولىمىغىنىدىن ھەيران ئىدىم. رەھىمسىز رىئاللىق بارا-بارا ماڭايولدا كۆرسە ئېغىزىنى، خالى جايدا كۆرسە قولىنى يىغالمايدىغان، تولغان بەدىنىم،يېزنىڭ خېلى-خېلى ئاياللىرىنى بېسىپ چۈشىدىغان چىرايمغا تاماق چاكىلتىدىغان ئەرلەرنىڭ ئىچىدىن ئەمەلىيەتتە بىرەرىنىڭمۇ مەندەك نامغا چىقىپ قالغان ئايال بىلەن ئۆي قۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ھاممامنىڭ ئۆيىگە كېتەي دىسەم ئۇنىڭ مېنى ئانچە قارشى ئىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. مەن كۈتتۈم،ئۆزۈمگە يەنە بىر پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى، مېنى ھالاللاپ ئۆز نىكاھىغا ئېلىشنى خالايدىغان، سېنى ئۆز بالىسىدەك قەدىرلىيەلەيدىغان بىر ئەركەكنىڭ ماڭا ئىغىز يېرىپ گەپ قىلىشىنى ئۇزۇن كۈتتۈم. بىراق، بۇ كۈتۈش ماڭا ئۆزۈمنىڭ يېزىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك بىر ئايال ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپلا قويدى، خالاس. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، مۇقىم ئورنۇمنى بىلگىنىمدە شەيتانلىرىم مېنى پۈۋلەشكە باشلىدى. ئەنە شۇنداق كۈنلەردە ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتىم. بىرئىنتىلىش، كۈچلۈك بىر تەلپۈنۈش مېنى ئارامسىزلاندۇراتتى. كېچىلەردە ئوت بولۇپ يانغان ۋوجۇدۇم مېنى قالايمىقان ئويلارغا باشلايتى. مەن ئاخىرى شەيتانلىرىمغا باش ئەگدىم. بارغانچە ئېزىپ-توزاپ يەنە مەندىن ھاجىتىنى راۋا قىلىشمنى ئۆتۈنۈپ كىرىدىغانلارنى رازى قىلىپ يولغا سالىدىغان بولدۇم. بىرەر يىلدىن كىيىن بىزنىڭ ئۆيگە قاتىرايدىغان ئەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلا بولۇپ كەتتى. ئۆزۈم خالاپ تۇنجى بۇزۇقچىلىقىمنى قىلغىنىمدىن تاكى بۈگۈنكى سەن كۆرۈپ قالغان شۇرەسۋاچىلىقىمغىچە ھامان ئىككى ئويدا گاڭگىراپ يۈردۈم. سېنىڭ چۈرۈك تىلىڭ چىقىپ،تاتلىق قىلىقلىرىڭ كۆپەيگەن شۇ دەملەردە ئۆزۈمنىڭ بۇزۇقچىلىقىمنى يەنەداۋاملاشتۇرسام بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. سېنىڭ بالىلىقتىكى گۈدەك قەلبىڭدە ساڭا ھامىي، سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى زىمىسىگە ئالالايدىغان، جۇلالىق، پەخىرلىك بىرئانا سىماسىنىڭ بولىشىنى ئۆمۈد قىلاتتىم.  سېنى، سېنىڭ كەلگۈسىڭنى ئويلىغىنىمدا، داداڭنى خىيالىمغا كەلتۈرگىنىمدە، بالىلىقىم، شۇ چاغلاردىكى پاك، غۇبارسىز قەلىبكە ئىگە، دىلىغا گۈزەل ئارزۇلارنى پۈككەن ئايشەمنى ئويلىغىنىمدا ئىچىمدىن ئاچچىق بىرھەسىرەت يۈرۈگۈمنى غاجىلاپ مېنى ئارامىمدا قويمايتى، ئۆزۈمنى كاچاتلاپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتەتتىم. كاج پەلەكتىن زارلاپ كىيىنلىكىم ئۈچۈن قەسەملەر ئىچەتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆمرىگە ئېچىناتتىم، سېنىڭ تۇمانلىق كەلگۈسىڭدىن ئەنسىرەيتىم. ئۆزۈمنىڭ بۇقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. كىيىنكى قەدەملىرىم يەنە ئوخشاش يوسۇندا تەكرارلىنىپ مېڭىۋەردى...بايا ئۆيگە تويۇقسىز كىرىپ، چىرايىڭ ئۆڭۈپ، جايىڭدىلا قېتىپ تۇرۇپ  قالدىڭ. سەنمۇ داداڭغا ئوخشاش مېنىڭ مەينەتچىلىكىم ئۈستىگە كىرىپ قالدىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستۈمدىكسى يېزىدا ئەڭ يېقىن دوستۇڭ سانايدىغان ھېبۇل ئىدى. قولۇڭدىكى ۋاراقچە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. سەن ۋارقىرىمىدىڭ،كەلگەنچە كېلىپ رەسۋايىمىزنى چىقارمىدڭ. ئىشىكنى جالاقلىتىپ يېپىپ سىرىتقا ئېتىلدىڭ. يۈرۈگۈم ئېغىپ تۇرۇۋاتىدۇ. سەندىن ئەنسىرەۋاتىمەن. چۈنكى، مەن داداڭنىدىن ئايرىلىپ قالغان. مۇشۇنداق، ئەقىلسىزلىكىم، بۇزۇقلىقىم سەۋەبلىك داداڭدىن ئايرىلىپ قالغان. ياق، ياق! بىلىمەن سەن داداڭدەك ئەقىلسىزلىك قىلمايسەن،ھەرگىز ئۇنداق قىلمايسەن...بايىقى قولۇڭدىن چۈشۈپ كەتكەن تەقدىرنامىنى كۆردۈم. يەنە مەكتەپ بويىنچە بىرىنچى بوپسەن.سەن ئەسلى شۇ خۇشاللىقىڭنى مەن بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولۇپ مېنى خۇشال قىلىشقا ئالدىراپ مەكتىپىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۆيگە كەلگەن ئىكەنسەن! بىراق مەن...يەنە بىريىلدىن كىيىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئۆتۈپ، ئۆزۈڭنىڭ بەختىڭنى تاپىدىغانلىقىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. يېزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ھەيران،ئوغلۇم. چۈنكى سەن مەندەك بىر ئايالنىڭ بالىسى تۇرۇپ يەنە شۇنداق ياخشى ئوقۇدۇڭ،ياخشى ئوقۇۋاتىسەن ئەمەسمۇ. مەن بىلىمەن، سەن مەندىن نومۇس قىلىسەن. ئەلۋەتتە، مەن سېنىڭ مەندىن شۇنداق نومۇس قىلىپ ياشايدىغان بولغىنىڭدىن خۇشالمەن. بىراق، مەن داداڭنىڭ يولى بىلەن بۇ پاسىق تەننى بارىدىغان يېرىگە تىقماقچى. بۇ ھەرگىز مېنىڭ داداڭدەك ئەقىلسىزلىك قىلغىنىم ئەمەس، بەلكى ئۇزۇندىن بۇيانقى ئەڭ توغرا تاللىشىم. بۇدۇنيادا ياشاش سالاھىتىم يوق تۇرۇپ، يەنە باشقىلارنىڭ، ئەڭ يېقىن ئادىمىمنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلىپ ياشىغاندىن كۆرە ئۆلۈپلا تۈگەشسەم بولمىدىمۇ. بېشىمدا ئېسىغلىق سىرتماق مېنى ئۆزىگە چىللاۋاتىدۇ. داداڭ ئۇ دۇنيادا تۇرۇپ، تېزرەك كېلىپ ئۆزىگە ھېساب بېرىشىمنى كۈتىۋاتىدۇ. مېنى كەچۈرگىن، سېنى تىكەندەك يالغۇز قويۇپ،قارا يۈز پېتىم ئۇ دۇنياغا مېڭىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن. مەن ئۈچۈن،ئارتۇقچە ياش تۆكمىگىن، ئوغلۇم. چۈنكى، ئەرزىمەيمەن. سەن كۆرگۈنۈڭدەك، باشقىلارئېيىتقاندەك مەن بىر جالاپ، بۇزۇق، رەسۋا ئايال...
سېنى ئاللاغا تاپشۇردۇم، ئوغلۇم. ئاللاغا ئامانەت.

چىرايىڭ كۆزئالدىمغا كېلىۋالدى...سىرتماققا تىقىلىپ بولغان بوينىمنى ياندۇرۇپ ئېلىپ چىقتىم.ياق، ياق!مەن چوقۇم ئۆلۈشۈم كېرەك...»

سارغايغان قەغەزنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىدا قېتىپ قالغان ياش تامچىللىرىنىڭ ئىزناسى يەنە قايتىدىن يېڭىلاندى. ئۇ بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۈنسىز ئېقىۋاتقان ياش تامچىللىرىغا بارا-بارائۇنىڭ ئاۋازنى قويىۋېتىپ بوزلاشلىرى ماسلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇيىغىسىدىن تۇيۇقسىز توختاپ تېزلا ئورنىدىن تۇردى-دە، بار كۈچى بىلەن ئانىسىنىڭ خېتى يېزىلغان قەغەزنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىش ئۈچۈن كۈچىدى.
«-ياق، ياق،بۇ خەتنىڭ بىر ھەرىپ يېزىلغان يېرىمۇ قالماسلىق كېرەك. ھەممىسىنى، بىرىنىمۇ قويماي ئۆلۈمۈم بىلەن تەڭ گۆرۈمگە ئېلىپ كېتىشىم كېرەك»ئۇ شۇ خىيال بىلەن يانچۇقىدىن چاقمىقىنى ئېلىپ يىرتالمىغان ۋاراقچىلارغا ئوت تۇتاشتۇردى. ئۇ ئەمدى ھەممەخىياللىرىنى تۈگەتكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە خېلىدىن بېرى بۇدۇنيادىن خوشلىشىش ئورنى قىلىپ تاللىغان ئۆزى ئامراق قوش كىشلىك ئورۇندۇققا يۆلۈنۈپ زەڭگەر ئاسمان يۈزىگە تىكىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇ مەيدە يانچۇقىنى بوشقىنە سىلاپ قويدى. ھېلىقى يىپقا ئېسىلغان سىمدىن ياسالغان كىچىك ئادەملەر قولىغا بوش ئۇرۇنغىنىدا ئانىسى بىلەن دادىسىنى ئۆزىگە ھەمرا بولىۋاتقاندەك سەزدى. تېلفۇن يۈزىدە پارقىراپ كۆرۈنىۋاتقان01:37دېگەن سانلار ئۇنىڭغا ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىغىنىدا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇستىدىكى قارغاي شېخىغا ئېسىقلىق سىمغا كۆز يۈگۈرتتى…

  ئەمدىلاكۆتۈرۈلگەن قوياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرىغا كۆمۈلگەن مەكتەپ ئىچىدە قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە پەيدا بولىۋاتاتتى. سەھەرنىڭ جاننى ھوزۇرلاندۇرىدىغان ئىللىق شامىلى يۆزلەرنى يەڭگىل سىيپاپ ئۆتكەندە دىماققا خۇشبۇي پۇراقلار ئۇرۇلاتتى. ئەنە، ئاۋۇكۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان، خىيابان تۈسلۈك تار يوللاردا ئاۋازىنى قويىۋېتىپ تېكىست يادىلاۋاتقان قىز-يىگىتلەر تورغاي، قارىغوجىلارنىڭ سايراشلىرى بىلەن ئۈن تالىشىۋاتاتتى. چايخانا تەرەپتىن چايدانلىرىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلار، چېنىقىش مەيدانىغا تۇتىشىدىغان يولدا يۈگۈرۈپ ئۇياق-بۇياققا ئۆتىۋاتقانلار، نېرىراقتىكى چوڭ زالنىڭ ئالدىدىكى كەڭ بوشلۇقتا توپ-توپ بولۇپ ھەركەت مەشىق قىلىۋاتقان ئۇسۇل سىنىپىنىڭ چىرايلىق قىزلىرى، ئۇلارنىڭ نەپىس ھەركەتلىرىگە، نەپىس ھەركەتلەردىنمۇ بەكرەك نەپىس، زىلۋا بەدەنلىرىگە كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا، ياكى ئوچۇق-ئاشكارا قارىشىۋاتقانلار...ھەممە، ھەممىسى بۇ قاينام سەھەر شامىلىنىڭ تۇيۇقسىز كۈچىنىشى بىلەن قايناپ-تېشىۋاتقان دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ كۈيلىرىگە ماسلىشىپ داۋاملاشماقتا...
-ئاھ، ھاياتلىق،ئاھ، گۈزەللىك...
ۋۇي، ئەركەشامال بۇ ئاۋاز، بۇ ھېسىياتلىق سۆزلەرنى قەيەرلەردىن ئۇچۇرۇپ كەلگەندۇ. توۋا، خاتا ئاڭلىۋالدىممۇ يە! كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىم ماڭا شۇنداق سۆز بولۇپ ئاڭلىنىپ كەتكەندۇ، ئېھتىمال؟! نېمە بولسا بولسۇن، بۇ ھاياتتىن زوقلىنىشنى، ھوزۇرلىنىشنى بىلگەن شۇ قەلىب ئىگىسىگە، نۇرغۇن كىشىلەر كۆپ ھاللاردا كۆرۈپ يەتمەيدىغان بۇ ئېسىل نىممەتنىڭ ھەققىقىي ساھىبى بولغان شۇ كىشىگە ئاپىرىن! شامال تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. پۈتۈن دەرەخلەر شاخ، يوپۇرماقلىرىنى ئۇسۇلغا سېلىپ ئۆز كۆڭلىنى ئاچماقتا. شامال بىلەن شادىيانە كۈيلەرگە جۈر بولماقتا. ئەنە ئاۋۇ دوقىدىكى قېرى قارىغايمۇ ئېغىر گەۋدىسىگە ئېسىلغان سىمنى ئۆزى بىلەن قوشۇپ تەۋرەتمەكتە،ئوينىماقتا! ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا بىرى بارمۇ نېمە، ياق، ياق ئەسكى چاپاندەك قىلىپ تۇرىدۇ. ياق قانداقسىگە ئەسكى چاپان بولسۇن...
-ئاھ،ھاياتلىق، ئاھ، گۈزەللىك...
دەرەخ ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا نېپىز چاپانىغا پۈركۈنۈپ ياتقان گەۋدە لىككىدە ئورنىدىن تۇرىشى بىلەن يۇقارقى ئاۋاز ئەتىراپقا تارقالغاندەك بولدى. لىكىن ، بۇ سۆزنى ھېچ ئۇ ئادەم دېگەندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز يانچۇقىنى كولاشتۇرۇپ ئىنچىكە يىپقا باغلانغان، سىمدىن ياسالغان ئىككى گەۋدىنى ئېلىپ بايىقى قارىغاي شېخىدا تەۋرىنىۋاتقان قېلىن سىمغا چىگىپ قويدى. ئۇ قىزارغان كۆزلىرى بىلەن ئەتىراپقا قايتىدىن بىر قاراپ چىقىپ يېنىك تىنىپ قويۇپ، ئارقىدىنلا تېز قەدەملىرى بىلەن ئەگرى يولنى بويلاپ بايىقى قاينام-تاشقىنلىق ئارا تېتىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى...
تالاي ھاياتلىقنىڭ كۇرمىڭ بېزەكلىرى بىلەن پەردازلانغان يېڭى بىر سەھەر، كۈرمىڭ ھاياتلىقنىڭ تالاي بېزەكلىرى بىلەن بىزدىن ئۇزۇغان كېچە بىلەن قوغلاشماقتا،ھاياتلىق داۋام ئەتمەكتە، كېچە كۈندۈز بىلەن مۆكۈشمەك ئوينىماقتا. ئىنچىكىرەك سەپسېلىڭچۇ قېنى، كۈندۈز باغرىغا چىرماشقان زۇلمەت قاراڭغۇلۇقنى كۆردۈڭىزمۇ؟ يەنىمۇ ئىنچىكىرەك سەپسېلىڭ، كېچە قوينىدىكى زەر-نۇرلارغا چۆمۈلگەن بىپايان زىمىنمۇ كۆزىڭىزگە چېلىقىۋاتامدۇ؟ توغرا، ئۇ راستىنلا شۇنداق. نېمىشكە دەمسىز؟يەنىمۇ ئىنچىكىرەك قاراڭ!  

   (مەركىزى مىللەتلەر ئونۋىرىستىتى 2009-يىللىق ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكولتىدىن–ئالىمجان توختى)  




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-30 12:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 615
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 03:03:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز، داۋامىنى كەچتە ئوقۇي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 03:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر جۈملە سۆز بىلەن ئىپادىلەي.
جان بىلەن كىرگەن خۇي قان بىلەن چىقىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 533
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 03:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hoyuanjia يوللىغان ۋاقتى  2012-6-3 03:23 PM
بىر جۈملە سۆز بىلەن ئىپادىلەي.
جان بىلەن كىرگەن خۇي قا ...

ئەگەشتىم

پەخرىم بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ بۇخەتنى بېسىپ كىېىپ كۈرۈڭ
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت

گۈزەل قەلب، گۈزەل ھاياتلىق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2058
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 06:58:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكاينىڭ پىسخىك ئۆزگىرىشلىرى شۇنداق جانلىق، ۋەقەلىكى قۇرۇلمىسى جايىدا چىقىپتۇ~~
تەسۋىرلەر شۇنداق تەسىرلىك ئىكەن ~~

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7823
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1450 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 02:38:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېما ! خېلى ئۇستا يازغۇچىنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەركەن .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئۆزەڭنى سۆي!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50331
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 10:24:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تىلى جانلىق ياخشى چىقىپتۇ ........

پەقەت ئۆزەڭنى سۆي ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيشىگە ئىرشەلەيسەن.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80208
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 01:11:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاي...رەھمەت

ئۈگۈنۈش- ئۈگۈنۈش -يەنەئۈگۈنۈش..

ئىپارغا يەتمەس پ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24896
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2082
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2012-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 02:09:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسىل

ئوۋچې

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3793
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 3272 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 12:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ........

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش