مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 903|ئىنكاس: 9

بالىلار بايرىمىغا بىرىلگەن باھا (سۆز ئويۇنى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32150
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3362 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 05:55:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                  بالىلار بايرىمىغا بىرىلگەن باھا     
                                                            (سۆز ئويۇنى)
             بالىلار بايرىمىغا بارغان بارلىق بۇرادەرلەر بۇ بايرامغا بەك بەلەن باھالارنى بەردى. بەرگەن باھالار- باھار بايرىمىنىڭ بەلگىلىمىسى  بىكىتىلىپ، بىجىرىم باشقۇرۇلغان. بالىلارنى بوۋايلار، باشلىقلار، بالا باققۇچىلار  باغچىلارغا بىۋاستە باشلاپ بارغان. بالىلارمۇ بىر-بىرىنى باشلىشىپ-باغاشلىشىپ باغچىلاردىكى بارلىق بوستانلىقلارغا بېرىپ، بۈگۈنگىچە بىلمىگەن بەزى بەلگىلەرنى بىلىۋالغان. بىر-بىرى بىلەن بىرلەشكەن. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدىكى؛ بىز بارلىق بۇرادەرلەر بالىلارنى بارلىق بايراملارغا-بۈگۈنكىدەك بالىلار بايرىمىغا، باش باھاردىكىدەك باھار بايرىمىغا، بۇنىڭدىن باشقا بەزى بەلەن بايراملارغا باشلاپ بارساق، بالىلار بەك بەلەن بىلىملەرنى بىلىۋالىدۇ.
         بالىلار باغچىلارغا، باغۇ-بوستانلىقلارغا بېرىۋەرسە، بىز باشلىمىساقمۇ بارا-بارا بىۋاستە بارالايدىغان بولۇپ باغچىلاردىكى بىلىم بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولىدۇ. بالىلار بىلەلسە بارلىق بۇرادەرلەرگە بەك بەلەن بولىدۇ.
          بالىلار بايرىمىنىڭ بەلگىسىدىن بىلدۇقكى ؛ بالىلار بايرامنى باھالىمايدۇ بەلكىم ،بايرام بالىلارنى باھالايدۇ.
            بالىلار بايرىمىغا بارغان-بارالمىغان بارلىق بۇرادەرلەرنىڭ بالىلار بايرىمىغا بەرگەن باھاسى ؛-بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز ، باغرىمىز، بالىللىرىمز بەلەن بولسا بىزگىمۇ بەلەن بولىدۇ،ن
       بىز بالىلارنى بۆشۈككە بۆلىۋالماي، بىلىمىزگە باغلىۋالماي بۆشۈك-باغلاقلاردىن بوشۇتۇپ، بىلىم بۇلاقلىرىنىڭ بېشىغا بارغۇزساق بالىلار بىلىملىك بولىدۇ. بالىلار بىلىملىك بولسا باشقىلارغا بوزەك بولمايدۇ.
      بۇرادەرلەر، بالىلار بايرىمىدا بالىلار بىلەن باغچىلارغا بارغىنىمىز بەك بەلەن بولغان بولسىمۇ ،بەزىلىرىمىز بىكار بولساقلا بارمىسىمۇ بولىدىغان بەزمىخانىلارغا بېرىۋالىمىز، بۇ بەك بىمەنىلىك، بىپەرۋالىق.
        بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز، باغرىمىز، بىزنىڭ بارلىقىمىز بالىلارغا بېغىشلانسۇن!
                ئاپتۇرى؛ مەخەت ئابدۇرېھىم.         


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-3 01:00 PM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80033
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4021
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2014-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 01:11:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ بەلەن بوپتۇ...

سەن ئۇچۇشنىلا ئويلىماي ، ئاشۇ مەزمۇت قاناتلىرىڭ كۈچتىن قالغاندا ، يەرگە قانداق قونىدىغانلىقىڭنىمۇ ئويلاپ قوي.

مۇھەببەت=ئازاپ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42984
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1501 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 01:57:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك بەلەن بىرىكتۇرۇپسىز

ھەجەپ كۆپ يېزىپسىزغۇ قانداقمۇ يازغانسىز

يالقۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80914
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2012-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 03:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ....................تەربىيىۋى ئەھمىيىتىمۇ  چوڭقۇركەن................

تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 03:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ب ھەرپلىك سۆز ئويۇنى

بارچە بەخت باشلىناركەن باھاردىن،
  باشلامچى بولۇپ باھادىرلىققا.
بېخىللاشماي باھار بېرەر بەرىكەت،
    بوستان بولار باغلار باھاردا.

   باغلانغانكەن بۇلبۇل باھارغا،
    بارلىقىنى باھار بېغىشلار.
  باھار بېرەر بەختتىن بىشارەت،
  بۇلدۇقلاركەن بالقىپ بۇلاقلار.

    باھار بېرەر باغلام بايلىقنى،
   باي بولۇشقا باشلايدۇ بىزنى.
   باھار بەركەت-بىلىم بۇلىقى،
   بىلسەڭ باھار بېرەر بىلىگنى.

كەچۈرۈڭلار ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز، سۆزلەپ قالىدىغان بولدۇم، مەنمۇ مۇشۇنداق سۆز ئويۇنلىرىغا شېئىرى ئىنكاس قايتۇرۇشنى ياقتۇراتتىم، شۇڭا مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بېرى، ھەركۇنى نەچچە كوبلىتتىن يېزىپ، 32 ھەرىپىڭ ھەممىسىگە 200 كوبلىتكە يېقىن شېئىر يازغان ئىدىم، مۇنبەرداشلار نامىدىمۇ يەنە ئايرىم، 32 ھەرىپلىك قىلىپ، شېئىرى چاخچاق يازغان ئىدىم،
تۈنۈگۈن بىر كۈن ئولتۇرۇپ، ئاشۇ يازغانلىرىمنى بىرمۇ-بىرخەت قىپ بېسىپ، ھەم بېزەكلەردە بېزەپ، 100 گە يېقىن مۇنبەرداش ئىسمىنى بىرمۇ-بىر قىزىل خەتتە بوياپ، مۇشۇنداق جاپالاردا، بىرمۇ ئىملا خاتالىق يوق دەرىجىدە نۇقسانسىز يوللىسام(تۈنۈگۈن شەنبە چۈشتىن كېيىن يوللىغان ئىدىم)،
»ئەزىزەم « دىگەن باشقۇرغۇچى،
تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە، پاك-پاكىز ئۆچۈرىۋېتىپتۇ، ئەخلەتخانىدىمۇ يوق تۇرىدۇ، بۇ سۆز ئويۇنىنىڭ تەستىقتىن ئۆتمىگىدەك نەرى باردۇر؟!
يا مەن قالايمىقان بىر نەرسە يازمىسام، مانا بۇ  » ب «ھەرپىدىن يازغىنىمنى ئوقۇپ بېقىڭلار،  قالايمىقان يېزىپتىمەنمۇ، نىمىشقا ئادەمنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلماي، تارتقان جاپايىمنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يوق قىلىۋېتىدۇ، نىمە دىگەن
مەسئۇلىيەتسىز باشقۇرغۇچى بۇ.
بىزدەك ئالدىراش يۈرىدىغانلا ئۈچۈن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر نەرسە يازماق، ۋە يوللىماق ئاسانمۇ؟!
مەنمۇ مۇشۇ تېما ئىگىسى مەخەتجان ئاكىنىڭ مۇشۇنداق ب ھەرپلىك سۆز ئويۇنى قىلغان ئەسىرىنى ئوقىغاندىن كېيىن شېئىرى شەكىلدە يازغانلىرىم ئىدى،  ھەم مەخەتجان ئاكىنىڭ سۆز ئويۇنلىرى تېمىلىرى،  مېنىڭمۇ مۇشۇنداق شېئىرى شەكىلدە سۆز ئويۇنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىدى.
تۈنۈگۈن ھەممە باشقۇرغۇچىلار دەم ئالغانمۇ، دەم ئالغان بولساڭلار، نىمىشقا دېمىڭلارنى ئېلىۋەرمەي، يېرىم كېچىدە قوپۇپ مېنىڭ تېمامنى ئۆچۈرىۋېتىسىلەر، باشقۇرغۇچى ئەزىزەم، (تېمىڭىز تەستىقتىن ئۆتمىدى) دەپ ئۇچۇر يوللاپسىزيۇ، نىمىشقا نىمە سەۋەپتى ئۆچۈرۈلگىنىنى ئۇچۇر قىلمايسىز، ئەخلەتخانىدىنمۇ پاك-پاكىز ئۆچۈرىۋېتىپسىز، ھىچكىم تاپالمىسۇن دىگەندەك.
مەن مۇشۇ ۋاققىچە، باشقۇرغۇچىلارنى، پەقەت ياخشى ئەسەرلەرنىلا، تەستىقلايدۇ، تەستىقلىمىسا، چوقۇم ياخشى يازالمىدۇق دەپ چۈشىنىپ، تېخىمۇ ياخشى يازساق بولىدۇ دەپ چۈشۈنەتتىم، لېكىن بۇ قېتىم بۇنداق بولماي قالدى، مەن ياخشى ئەسەرلەرنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلەلمىگىدەك دەرىجىدە ئەمەستىم. سىلەر تەستىقلىمىساڭلار مەن مۇشۇ ئىنكاسقا بىربىر يوللاپ تۇرىمەن، كۆپنىڭ كۆزى كۆرۈپ شۇ چاغدا بىر نەرسە دەيدۇ، تەستىقتىن ئۆتمىگىدەك  نەرى باركىن قېنى.
بۇ مېنىڭ ب ھەرپىدىن يازغىنىم، قالغان 31 ھەرىپنىڭكىنىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ يوللىمىسام.
بەزى كۆزى كور ، ئىچى تار ، ساپاسىز باشقۇرغۇچىلار سەۋەبىدىن، ۋاختىڭلارنى ئالغىنىمنى كەچۈرگەيسىزلەر.

باش بولغان بىلەن بىلىم بولمىسا بىكار،
  بىلىم بولۇپلا بىرلىك بولمىسا بىكار،
بىلىمسىزدە بولماس بەرىكەت بېيىشلار،
   بىلىمسىزدىن بولار بارچىمۇ بەك بىزار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-3 05:27 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kakkuk11 + 77 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 77   باھا خاتىرىسى

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 04:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى چىقىپتۇ رەخمەت

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20178
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2249 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 04:51:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazigul8 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-3 03:15 PM
ب ھەرپلىك سۆز ئويۇنى

بارچە بەخت باشلىناركەن باھاردىن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   نازىگۈل ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن.....
تەستىقلانماسلىقدىكى  سەۋەب  ئۇ بولسىمۇ.....
سۆز ئويۇنىنى شېئىر شەكلىدە يېزىپسىز ئەمەسمۇ.....
بۇ مۇنبەردە  شېئىر چەكلىندۇ.....


سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20178
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2249 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 04:52:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار بايرىمى توغرىسىدىكى بۇ سۆز ئويۇنى قالتىس چىقىپتۇ.....
تېما ئىگسىگە رەھمەت.....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75588
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1828
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 07:05:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز

ئالمىدەك يۈرەكتە  ئالەمچە سۆيگۈ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79686
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 11:35:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە، ياخشى يىزىپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش