|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار! مېنىڭ قوش تىللىق رەسىملىك لۇغەت يېزىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىم ھەممىڭلارغا ئايان بولسا كېرەك. چۈنكى ئالدىنقى قېتىملىق تېمىلىرىمدا مەن بۇ ھەقتە سۆزلەپ ئۆتكەنىدىم.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم؛ مەن ماندارىن بىلەن جۈزىنىڭ شەكىل ۋە تەمى جەھەتتە قانداق پەرقى بارلىقىنى زادىلا ئۇقالمىدىم. مەن بەيدۇ تورىغا ماندارىننىڭ خەنزۇچە نامىنى كىرگۈزۈپ رەسىمىنى ئىزدىسەم، ساپلا جۈزىنىڭ رەسىمى چىقىۋالدى. جۈزىغۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغاچ ئوبدان بىلەتتىم. لېكىن مەن ماندارىن دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىغاچقا، جۈزە بىلەن ماندارىننىڭ قانداق پەرقى بارىلىقىنى، ياكى ئىككىسىنىڭ بىر خىل مېۋە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. ئۇندىن باشقا يەنە خەنزۇچە نامى 龙眼 ۋە 火龙果 دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل مېۋىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن ھەم يەپ باققان ئىدىم. لېكىن ئۇيغۇرچە نامىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. خەنزۇچە ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرنىمۇ كۆرۈپ باقتىم، لېكىن يەنىلا ئېنىق بىلەلمىدىم. شۇڭا ئەزىز تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندە تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن جۈزە، ئاپېلسىن، 龙眼 ۋە 火龙果 قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ رەسىمىنى يوللىدىم.
1) جۈزە
2) ئاپېلسىن
3) 龙眼 ياكى 桂圆
4) 火龙果
|
|
|
|
|
|