|
|
|
|
گىرىم بۇيۇملىرى رېئاكسىيە قىلدى ، شىركەت تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلدى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رۇقىيە 2010- يىلى ئورفلام (oriflame) پەرداز بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقى ، كەچلىك تىرە ئاسراش يۈز مېيى ، كۈندۈزلۈك تەگلىك مېيىنى سېتىۋالدى . شۇ يىلى 22 – ئىيۇن يەنە كۆزلۈك مېيى ، ئاپتاپتىن ساقلىنىش – ئاقارتىش مېيى سېتىۋالدى . رۇقىيە بىرىنچى قېتىم سېتىۋالغان كۈندۈزلۈك تەگلىك مېيى بىلەن ئىككىنچى قېتىم سېتىۋالغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ 4 – كۈنى يۈزى قىزىپ مونەكچىلەر پەيدا بولدى ۋە شەلۋەرەشكە باشلىدى . ئۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا توققۇز كۈن داۋالاندى . رۇقىيە بۇ ئىشنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك س س م ب ئىدارىسى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش بۆلۈمىگە ئىنكاس قىلدى . رۇقىيە كىسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىغاندىن كېيىن ، ئورفلام (oriflame) پەرداز بويۇملىرى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى ، مەزكۇر شىركەتنىڭ دېرىكتورى رۇقىيەگە ئورفلام (oriflame) پەرداز بويۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ 2010 – يىلى 26 – فېۋرالدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتتىكى لاياقەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆرسەتتى ۋە ئىسپات چىقىرىپ بەردى ھەمدە رۇقىيەنىڭ يۈزىدىكى داغنىڭ ھەقىقەتەن مەزكۇر شىركەت مايلىرىنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا ، چوقۇم 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى . شۇنىڭ بىلەن رۇقىيە ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتتى . شىنجاڭ گۇاڭجىڭ ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى دەۋاگەر رۇقىيەنىڭ زەخمىسىنى 9 – دەرىجىلىك مېيىپ بولغان ، دەپ باھالىدى . رۇقىيە يۇقارقى باھالاشنامىنى ئاساس قىلىپ ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئورفلام (oriflame) پەرداز بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ ، داۋالىنىش ھەققى ، مېيىپلىك تۆلىمى ، روھىي زىيان تۆلىمى بولۇپ 130 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلدى . ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى : « ئورفلام (oriflame) شىركىتى مۇناسىپ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك » دەپ قاراپ ، مەزكۇر شىركەتنى رۇقىيەگە 96 مىڭ 155 يۈەن تۆلەپ بىرىش توغرىسىدا 1 – سوت ھۆكۈمى چىقاردى . ئورفلام (oriflame) شىركىتى ھۆكۈمگە قايىل بولماي ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز سۇندى . ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 11 – ماي نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقاردى . «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»2012 - يىل 1 – ئىيۇن سانىدىن ئىلىندى .
|
|
|
|
|
|