مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1153|ئىنكاس: 21

ئانا تىلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59865
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 04:03:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا تىلىم

    ئانا تىلىم، ئانامنىڭ تىلى! مەن سەن بىلەن تۇنجى رەت "ئانا" دېگەن، ھەم تۇنجى رەت ئانامنىڭ سەن بىلەن "بالام" دېگىنىنى ئاڭلىغان.

    ئانا تىلىم، سەن ئانام ئۆگەتكەن تىل، ماڭا قانداق سۆزلەشنى، قانداق يىغلاشنى، قانداق كۈلۈشنى...قانداق ياشاشنى ئۆگەتكەن تىل سەن.

    ئەي، ئانا تىلىم، سەن ئانامنىڭ تىلى، ئانامدەك گۈزەل تىل؛ سەن ئاتامنىڭ تىلى، ئاتامدەك جەسۇر تىل؛ سەن مومامنىڭ تىلى، مومامدەك سېخىي تىل؛ سەن بوۋامنىڭ تىلى، بوۋامدەك خىزىر تىل. سېنى سۆزلەپ-سۆزلەپ قانمايمەن، كۈيلەپ-كۈيلەپ ھارمايمەن. ھەر قېتىم سېنى تىلغا ئالغىنىمدا قەلبىم ئىللىق بىر سېزىم ئىلكىدە ئۇرغۇيدۇ، چۈنكى سەندە ئەجدادىمنىڭ يۈرەك سوقۇشى بار، تىنىقى بار، ھارارىتى بار!

    ئانا تىلىم، سەن بىلەن مەڭگۈ تاشلارنىڭ سىرىنى ئۇقتۇم، كۈلتېكىن ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ، ئۆتۈكەن تاغلىرىغا مەغرۇر ئەلىمىنى قادىغاندا يۈرىكىم باتۇرلۇقنىڭ جىلۋىسىدە ھاياجانغا تولدى. "كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق" دېگەن بۇ مۇقەددەس سادا قەلبىمنى تىترەتتى.

    ئانا تىلىم، سەن بىلەن "ئوغۇزنامە" نى ئوقۇدۇم، ئوغۇزنىڭ كىملىكىنى تونۇدۇم. ئۇ ئۇيغۇر قەۋمىنى باشلاپ ئىدىل دەريا بويىدا "ئاتلان!" دەپ نەرە تارتقاندا بۇ بۈيۈك چۇقاندىن جىسمىم لەرزىگە كەلدى، لاۋۇلداپ يانغان گۈلخانلارنىڭ تەپتىدە قانلىرىم قايناپ تاشتى. كۆك بۆرىنىڭ ھۇۋلاشلىرىدىن ئاداققى غەلىبىنىڭ يارقىن نۇرلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

    ئانا تىلىم، سەن ماڭا "ئالتۇن يارۇق" نى تونۇتتۇڭ، سىڭقۇسەلى ئاشۇ ئالتۇن ئاسماندىكى يورۇق چولپاندەك يۈرىكىمگە ئەقىل نۇرلىرىنى چاچتى.

    ئانا تىلىم، سەن بولغاچقا ئاپرىنچۇر تېكىن ھايات ئادەمدەك ئالدىمدا شېئىر ئوقۇدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چەكسىز سۆيۈنۈشنى كۆردۈم. قوچۇ باغرىدىن تارالغان مۇھەببەتلىك لىرىكىلار قەلبىمنى تاتلىق ھېسلارغا چۆمدۈردى.

    ئانا تىلىم، سەن "ئىككى تېگىننىڭ ھېكايىسى" بىلەن ماڭا نېمىنىڭ ياخشىلىق، نېمىنىڭ يامانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۈڭ. ئالدىمدا گويا پارلاق مەنزىلگە تۇتاشقان داغدام يول ئېچىلغاندەك بولدى.

    ئانا تىلىم، سەن بىلەن "قۇتادغۇبىلىك" تەك شاھانە ئەسەرنى ئوقۇشقا نائىل بولدۇم، ئۇنىڭدىكى تېرەن ھېكمەتلەر روھىمنى ئەسىر قىلدى، پاراسەت چاقناپ تۇرغان قۇرلار مېنى ھەم دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇردى.

    ئانا تىلىم، سەن بولغاچقىلا "تۈركىي تىللار دىۋانى" دەك بۈيۈك دەستۇرنى تونۇدۇم. بۇندىن مىڭ يىل مۇقەددەم ئۇيغۇرۇمنىڭ تىلىنى ئەرەب، پارس تىللىرى بىلەن بەيگىگە سالغان بوۋام مەھمۇدقا غايىبانە ئېھتىراملار بىلدۈردۈم.

    ئانا تىلىم، سەن بىلەن يۈكنەكىنىڭ ئەقىل ئۈنچىلىرىنى ئوقۇدۇم، "ئەتەبەتۇل ھەقايىق" نىڭ ھەربىر بېتىدىن يۈزلىگەن ھەقىقەت گۈللىرى ئېچىلدى.

    ئانا تىلىم، نەۋائىي سەن بىلەن ناۋا قىلدى. بۇ بۈيۈك شەرق بۇلبۇلىنىڭ ئاۋازى جاھاننى غەزەل دېڭىزىغا چۆكتۈردى. بۇ ناۋالارنى يەنىلا سەن بىلەن ئاڭلىيالىدىم...

    ئەي، ئانا تىلىم، شاھ مەشرەپنىڭ غەزىلىدە سەن بار، نەۋبەتىنىڭ ئۈنلىرىدە ھەم سەن بار؛ ھىرقىتىنىڭ مىسرالىرىدا سەن بار، ئاماننىسانىڭ كۈيلىرىدە ھەم سەن بار. سەن_غېرىب جانانىغا قوشاق قاتقان تىل؛ سەن_پەرھاد مەشۇقىغا مەكتۇپ يازغان تىل؛ سەن_ئابدۇخالىق ئۇيغۇر "ئويغان!" دېگەن تىل؛ سەن_تەۋپىق "ئىزچى مارشى" نى ياڭراتقان تىل؛ سەن_لۇتپۇللا "خىيالچان تىلەك" لىرىنى بايان ئەتكەن تىل...ئۇزاق تارىخنىڭ ئىزناسى سەندە، تالاي ئۆتمۈشنىڭ سىماسى سەندە؛ شانلىق سەلتەنەتنىڭ جۇلاسى سەندە، قانلىق كۈرەشلەرنىڭ نىداسى سەندە! جېنىمىزمۇ سەن، قېنىمىزمۇ سەن، تۈۋرۈكىمىزمۇ سەن، كۆۋرۈكىمىزمۇ سەن...بارىمىز پەقەت سەن بىلەنلا بار بولۇپ تۇرالايدۇ. سەن تەپەككۇرنىڭ جەۋھىرىسەن، ھاياتلىقنىڭ كەۋسىرىسەن. جاھان تىل سەھنىسىنى نەپىس كەشتىگە ئوخشاتسام، سەن شۇ كەشتىگە ئۆزگىچە رەڭ، ھۆسىن قوشۇۋاتقان مەشۇت يىپىسەن. تىل گۈلزارلىقىدا بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىپ، خۇشپۇراقلار چېچىۋاتقان كۆركەم گۈلسەن.

    ئانا تىلىم، سەككىز مىليون بۇلبۇل سەندە ناۋا قىلىدۇ، سەندە سايرايدۇ. سەندە كۈلىدۇ، سەندە يىغلايدۇ. سەندە تەپەككۇر قىلىدۇ، سەندە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. سەندە چۈشىنىدۇ، سەندە چۈشەندۈرىدۇ. مانا بۇ بىر رىۋايەتلىك مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئاساسى.

    ئانا تىلىم، تەرىپىڭگە تىلىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. نان ئۇيغۇرغا قانچىلىك مۇھىم بولسا، سەنمۇ ئۇيغۇر پۇشتىغا شۇنچىلىك مۇھىمسەن. سېنى ئۇنتۇغان كۈنىمىز قەلبىمىز زۇۋاندىن قالىدۇ. سېنى تاشلاپ تىنغان ھەر تىنىقىمىز زەھەردىن ئاچچىق، نەشتەردىن قاتتىق. سەن بىزگە جاندىن ئەزىزسەن پاسىبان تىلىم. بىزنى قوغدىغۇچى زۇلپىقارمۇ سەن، بىزنى ياشناتقۇچى روزىغارمۇ ھەم سەن، بىزنى ئەللەيلىگۈچى غەمگۈزارمۇ سەن، بىزنى تونۇتقۇچى جىلۋىكارمۇ يەنىلا سەن! پەرزەنتلىرىڭنىڭ بەختىگە ئامان بول ئانا تىلىم، يۈزۈڭگە چاڭ قونمىسۇن، ساڭا تەشنا قەلبلەر زۇۋاندىن قالمىسۇن. ئۇيغۇر ئەۋلادى يەنە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ ئانا تىلى بىلەن قىلچە ھودۇقماي "مەن ئۇيغۇر!" دەپ ئېيتالىسۇن!



مەنبە : ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yabgu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-2 04:35 AM  


بۇ جاھان ئىنساننى ھەر كويغا سالدى،
گاھىدا ماتەمگە ، گاھ تويغا سالدى.
تۈنۈگۈن توقلۇقتا كېرىلگەنلەرنى،
بىر بۇردا نان ئۈچۈن نى ئويغا سالدى.    ___خاتىرەمدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80934
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3099
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 09:14:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمزىنى قەدىرلەيلى ...


نەسىرگە خېلە پەيزىڭىز باكەن جۇمۇ ... ياخشى يىزىپسىز ... ئەتىگەندە تۇرۇپلا بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ قەلبىمدە تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل سىزىم پەيدا بولدى ... رەھمەت قەلەملىرڭىز توختاپ قالمىغاي ...

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80914
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2012-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 09:39:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز    ئاپىرىن.............................

تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ!

—Face Book—

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34430
يازما سانى: 813
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 683 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 10:12:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاناتىل سۆزلىگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى  قىلغۇم كىلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كىلۇر.

             بۇنەسىر  ھەقىيقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭ .

سۈيۈملۇك دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ‹ئاتا-ئانام›غا رەھمەت ئېيتىمەن ،

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 2040
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12229
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8816 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 10:36:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۈگۈن بولدى مەن ئـۈچۈن بىر يېڭى يىـل،     
پۈتۈن نەرسـە پارچىلاندى بولدى قىل.
بىراۋلارنىڭ ئازاپلىرى ئاقسـا  نېل،
ئاڭلا دۇنيا ئاڭلا ئىنسان ھەمـمە بىل.
جاكارلايمەن ئانا تىلىم ئەبجەش تىل.


تۇغۇلۇپلا تىلىم چىقتى ‹ماما›دەپ،
يىقىلساممۇ ۋايجان دېمەي‹ئەييا›دەپ.
ئېغىزلانغاچ كىچىكىمدە‹نەيپۇڭ›يەپ،
شۇ ۋەجىدىن دەيمەن يانا بىرلاگەپ.
ئېغىزلانغاچ ئانا تىلىم ئەبجەش تىل.


    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-2 10:37 AM  


ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3540
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32441
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3762 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 11:32:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbar5 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-2 10:36 AM
بۈگۈن بولدى مەن ئـۈچۈن بىر يېڭى يىـل،     
پۈتۈن نەرسـە پ ...

       ئىنكاسنى جايىدا كەلتۈرۈپسىز ،


  توڭلاتقۇنى « بىڭشاڭ » دەپ
  ياتراتقۇنى « يىڭشاڭ » دەپ
  كامىرانى  « شېشاڭ » دەپ
ئەبجەش بولدى ئانا تىل


  

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7763
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىم، سەككىز مىليون بۇلبۇل سەندە ناۋا قىلىدۇ، ....
بۇ سان سەل ئازلىق قىلىدۇ.

ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7555
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 2270 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:37:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەت ئىمىننىڭ ‹ئانا تىلىم › ناملىق نەسىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ،لىرىكىلىقى بەك كۈچلۈك،ھەر بىر ئۇيغۇرنى ھاياجانغا سالىدۇ! تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80924
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 01:13:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن نادىرلاشقا لايىق تىمىكەن ماۋۇ . رەخمەت سىزگە بەك بەك ياخشى تەسۋىرلەپ يىزىپسىز
ئاناتىلنى قەدىرلىمىگەنلەر مەڭگۇ خار زەبۇنلۇقتا ياشايدۇ .

ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق ، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز .

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7399
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7750 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 07:29:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەملىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلايلى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش