يېقىندا بىر توردىشىمىز تېلىفۇن قىلىپ تۆۋەندىكى مەسىلىدىن مەسلىھەت سورىدى:
ئۇ ئەسلىدە مەلۇم ناھىيىلىك يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن تۆت يىل ئاۋال ئىش ئۈستىدە يارىلانغان. ۋىلايەتلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتىتى ئۇنى 5-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ يەكۈن چىقارغان. 2011-يىل 9-ئايدا بانكا ئۇنى”ئەمگەك تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان“ دېگەن سەۋەپ بىلەن ئىشتىن بوشاتقان. ئۇ بانكىدىن ”بىر قېتىملىق مېيىپلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى“ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم كومىتىتىغا ئىلتىماس سۇنغان. كېسىم كومىتىتى ”بىر قېتىملىق مېيىپلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى“ تەلەپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاساسى يوق دەپ كېسىم چىقارغان.
ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟
ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە نەزەر تاشلايلى:
«ئىشتا يارىلىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 36-ماددىسىدا 5-دەرىجىلىك مېيىپلارنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋېتىنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مېيىپ بولغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، ئەگەر مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا %70 مۇئاش ئۆلچىمى بويىچە مېيىپلىق تەمىناتى بېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مۇشۇ ماددىدا يەنە ئەمگەكچى ئۆزى تەلەپ قىلسا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدىغانلىقى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە ”بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلىنىش ياردەم پۇلى“ ۋە ”بىر قېتىملىق مېيىپلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى“ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
يۇقارقى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا پەقەت ئىشتا يارىلانغان ئەمگەكچىدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئۆز ئالدىغا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
ئەمدى «ئەمگەك توختام قانۇنى»غا قاراپ باقايلى: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 39-ماددا (2) تارماقچىسىدا ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ھەم ئىشتا يارىلانغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەمدى يۇقارقى توردىشىمىزنىڭ مەسىلىسىگە جاۋاپ بېرەيلى:
ئەمگەك مۇناسىۋېتىنى بىكار قىلىشنى ئۇ ئەمەس، بەلكى بانكا ئوتتۇرىغا قويغان. «ئىشتا يارىلىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 36-ماددىسىغا ئاساسەن، ئۇ ”بىر قېتىملىق مېيىپلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى“ تەلەپ قىلالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئەمگەك كېسىم كومىتىتىغا ئىلتىماس قىلىپ ياكى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، بانكىنىڭ ”ئەمگەك تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان“ دېگەن سەۋەپ بىلەن ئۆز ئالدىغا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا بانكا «ئەمگەك تۈزۈمى»نىڭ تۈزۈلۈش جەريانىنىڭ قانۇنلۇق ۋە دېمۇكراتىك ئىكەنلىكى، ئەمگەك توختامىدا شۇ توغرىلىق پۈتۈشكەنلىكى، ئىش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ «ئېغىر» دېگەن دەرىجىگە يېتىپ بارغالىقى ھەققىدە ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك. بانكا يۇقارقىلارنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ئەمگەك توختامىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىشى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 39-ماددىسى بىلەن «ئىشتا يارىلىش سۇغۇرتىسى نىزامى» ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇشۇپ قېلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھەقتە قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆز قارىشىمۇ بىردەك ئەمەس، بۇ بىر تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە. مېنىڭچە قانۇن يەنىلا ئادىللىق پىرىنسىپىغا ۋە ئاجىزلارنى قوغداشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ دەپ قارايمەن. تورداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە قانۇنىي ئاساسلار بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ خەيرىلىك ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن
ئەخمەت ياسىن ئادۋوكات
تېلفۇن: 13779800483
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qiwer02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-2 02:42 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-3 12:30 AM):
ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى