مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1450|ئىنكاس: 15

داۋالغۇش ئىچىدىكى فىرانسىيە: ناپالىئوندىن دىگولغىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 11:09:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

داۋالغۇش ئىچىدىكى فىرانسىيە: ناپالىئوندىن دىگولغىچە

ياسىن ئەبەيدۇللا

1789-يىلى فىرانسىيە  چوڭ ئىنقىلابى پارتىلىدى. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ تاكى 1958-يىلغىچە فىرانسىيە ئىنقىلاپ، ئۇرۇش، ھاكىميەت ئالمىشىشتىن ئىبارەت دەۋرىيلىك ئايلىنىشقا كىرىپ قالدى. بۇ ئىككى ئەسىرگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە فىرانسىيەدە بەش قېتىم جۇمھۇرىيەت، ئىككى قېتىم ئېمپېرىيە قۇرۇلدى. ئىلگىرى پادىشاھلىقلار نەچچە قېتىم تىرىلىش قىلدى. نەچچە قېتىم چوڭ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۇردى. تارىختا بەلكىم دىمۇكراتىيە ئۈچۈن فىرانسوزلاردەك كۆپ قېتىم كۆرەشكەن مىللەتتىن يەنە بىرى بولمىسا كېرەك.

1792-يىلى فىرانسىيە تارىخىدا تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى، ئەمما ئىچىكى نىزا ۋە چەتنىڭ مۇداخلىسى ئالدىدا ئاجىز كەلگەن ھاكىميەت بېشىدىكلەرنىڭ ئىناۋىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ، كورىسكا ئارىلىدىن كەلگەن، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ناپالىئوننىڭ ئىناۋىتى كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ باردى. ئەينى چاغدا ياۋرۇپادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار  فىرانسىيە جۇمھۇرىيتىگە قارىشى  بىرلىكسەپ قۇرغان بۇلۇپ،يالغۇز فىرانسىيە ئەتراپىدىكى ئاۋىستىرىيە، پىروسىيە، ئەنگىليە ۋە روسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبور بولغانىدى. ئەمما بۇ كۈچلۈك دۇشمەنلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتقىنى تىخى 30ياشقىمۇ كىرمىگەن ياش ھەربى ناپالىئون ئىدى. 1804-يىلى ناپالىئون ئېمپىراتور ئاتالدى. ئۇ قۇرغان ئېمپىرىيە فىرانسىيە 1-ئېمپىرىيىسى دەپ ئاتالدى.

1812-يىلدىكى روسىيە يۈرۈشى فىرانسيەنى ھالدىن كەتكۈدى ۋە ئۇنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويدى. 1815-يىلى ۋاتىرلو ئۇرۇشى ناپالىئوننىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن ئاخىرلىشىپ، مۇستەبىت بوربۇن خانلىقىنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ۋۇجۇتقا كەلتۇردى. ئەمما فىرانسىيە خەلقى 1848-يىلى يەنە بىر قېتىم ئىنقىلاپ قىلىپ فىرانسىيە 2-جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇپ چىقتى. لىكىن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇمرى تۇلىمۇ قىسقا بۇلۇپ قالدى. 1852-يىلىغا كەلگەندە فىرانسىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى ، ناپالئوننىڭ نەۋرىسى ئۆزىنى ئېمپىراتور دەپ ئاتاپ فىرانسىيە 2-ئېمپىرىيسىنى قۇردى. جۇمھۇرىيەت يەنە بىر قېتىم سەھنىدىن چۈشۈرۈلدى.

ناپالىئوننىڭ نەۋرىسى بۇۋىسىدەك ئېقتىدارلىق ئەمەس ئىدى. 1870-يىلى فىرانسىيە –پىرۇسىيە ئۇرۇشىدا فىرانسىيە ئارمىيسىنىڭ مەغلوپ بولغانلىق خەۋرى پارىژغا كىلىشى بىلەن بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر دەرھال ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. ئۇنىڭ مەغلۇبىيتى كۈچلۈك گىرمانىيەنىڭ مەيدانغا كىلشى بىلەن نەتىجىلەنگەچكە فىرانىسىيە خەلقى ئۇنىڭ ئېمپىرىيىسىنى گۆرگە يولغا سىلىپ قويدى.شۇ يىلى 9-ئايدا فىرانسىيە 3-جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان بۇ جۇمھۇرىيەت 70يىل مەۋجۇت بۇلۇپ، 1940-يىلى گېتلىر ئارمىيسىنىڭ ماجىنو مۇداپىئە سىپىنى ئايلىنىپ ئۈتۈپ، بىلگىيە ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا مۇنقەرىز بولدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىششىغا ئەگىشىپ فىرانسىيە يىڭى ئاساسى قانۇنى ماقۇللىنىپ 1946-يىلى 10-ئايدا فىرانىسىيە 4-جۇمھۇرىيتى قۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى ئاساسى قانۇندا زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقى زور دەرىجىدە چەكلەنگەن ، ھۆكۈمەت ئاجىز كۈچسىز ئىدى.1958-يىلى ئالجىرىيەدە مۇستەقىللىق ھەركىتى پارتىلىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا فىرانسىيىنىڭ ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ يىتەكچىسى گىنرال دىگول بۇ جۇمھۇرىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يىڭى ئاساسى قانۇن تۈزۈشنى ئۇتتۇرغا قويدى. پارلامىنىت بارلىق ھۇقۇقنى دىگولغا بەردى. شۇنىڭ بىلەن يىڭى ئاساسى قانۇن تۈزۈلۈپ دىگول زۇڭتۇڭ بۇلۇپ سايلاندى. مانا بۇ تارىختىكى فىرانسىيە 5-جۇمھۇرىيتىدۇر. بۇ قېتىمقى ئاساسى قانۇندا زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقى كىڭەيتىلگەن. بۈگۈنكى كۈندە فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ھۇقۇقى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ھۇقۇقىدىنمۇ چوڭ دىيىشكە بۇلىدۇ. ئۇ ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇپلا قالماي، پارلامىنىقىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. نۆۋەتتىكى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۈتەش مۇددىتى 5يىل. ئەمما قانچە نۆۋەت بۇلۇشى بەلگىلەنمىگەن.

ئىككى ئەسىرگە يىقىن ئىلىپ بېرىلغان ئىنقىلاپلاردىن قالغىنى مەلۇم بىر خىل تۈزۈلمە بولماستىن بەلكى ئىنقىلاپ روھىدىن ئىبارەتتۇر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-1 11:11 PM  


سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

سەن ئۈچۈنلار ياش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62234
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 01:53:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلارنىمۇ ئاڭلاپ قويۇشقا بولىدىگەن جۇمۇ

پەقەتلا سەن ئۈچۈن

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 02:45:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناپالىېئون روسىيەگە ھۇجۇم قىلىپ  ھىتلىر مۇ رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىپ 2داڭلىق ئەرباپنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى روسىيە موزلۇقلىرىدا مەڭگۇگە ئايلىنىپ كەتتى .

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79122
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 11:36:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىر كىتاپتا ئوقۇشۇمچە ناپالىئوننىڭ ئالتە يۈزمىڭ ئەسكىرى جىنسى كىسەل تۈپەيلى ئۆلگەبكەن.  راسمىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5284
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:06:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلىرىم مىنى زاڭلىق قىلماڭلار،بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس سورىماسلىق ئەيىپ دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ..

1-دىمۇكراتىيە
2-سوتسىيالىزىم
3-كاپتالىزىم
4-مونوپول قىلىش

يۇقۇرقىدىكى ئاتالغۇلار زادى قانداق ئۇقۇم،بىز ئۇنى قايسى خىل مەنىدە چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
_--_______________________________________________________

شۇنىمۇ بىلمەمدۇ  .ئوقىمىغانما،

foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:07:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 03:09:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
foormat يوللىغان ۋاقتى  2012-6-2 12:07 PM
دىمكۇراتىيە دىگەن ھەممە بارەۋەر ، بىلەت تاشلاش ئارقى ...


ئەمسە ھەممىسى تەڭلا مەۋجۇتكەندە .......................؟
دېھقانلار يەرلەرگە خالىغان زىرائەتلەرنى تېرىيالماسلىقى ، بۇ يەرلەرنىڭ مۇنۇپۇل قىلۋېلىنغانلىقىكەن. يەنە پاختىلارنى ئۈزى تۇرۇشلۇق ناھىيە(شەھەر) دىن باشقا جايغا يۆتكەپ ساتالماسلىقى.....! يۆتكەپ ساتماقچى بولسا ، يوللاردا چازا قۇيۋېلىپ ئۆتكۈزمەي تېخى پاختىلارنى مۇسادىرە قىلۋالدۇ ،ئۇلارنىڭ دېيىشىچە پاختىلارنى شۇ ناھىيە (شەھەر)دىكى پالانى زاۋۇتقا سېتېش دېگەن گەپلىرى ... مۇشۇلارمۇ پاختا بازارلارنى مۇنۇپۇل قىلۋېلىش بولدىكەندە!پاختا باھاسىمۇ قوشنا ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ پەرقى زور .قىممەترەك ئالدىغان يەرلەرگە ئۆتكىلى قويماي ئۆزى ئەرزان ئېلېۋېلىش ،،،،،، ئەسلى مۇنۇپۇل دېگەن شۇنداق بولدىكەندە ........................! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-2 03:43 PM  


ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
ئەسلىمە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 03:28:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79122
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 05:37:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ سوئالىمغا جاۋاپ بىرىدىغانلار يوقما؟؟؟

foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 09:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش