|
|
|
|
سىڭلىمىز گۈلنىساغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى !!
ھايات ئەنە شۇنداق ، بۈگۈنى تايچاقتەك تاقلاپ يۈرگەن گۈدەكلەر بىر كۈن ، بىر سائەت ،ھەتتا بىر مىنۇت سەۋەبى بىلەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك ئېغىر كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ، كىسەل كارۋىتىدا غەيرەت بىلەن جان تالىشىدۇ .كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى ، بىر جاننىڭ ھايات-ماماتىغا تاقىلىپ تۇرغان مۇشۇنداق جىددى پەيتتە ، ئىقتىسادى ئەھۋالنىڭ يىتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە ئىلاجسىز قالىدۇ . شۇ سەۋەبلىك جەمئىيىتىمىزدىكى پەرىشتە سۈپەت ئاپاش، ئاچا-سىڭىللار ، خىزىر سۈپەت داداش ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇشىغا مۇھتاج بولىدۇ
گۈلنىسا مەمەت ،17 ياش ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 69-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 08:30 لار ئەتراپىدا تۇيۇقسىز قاتتىق يۆتىلىپ ،قىززىغان ، ھەمدە زۇكامنىڭ ئالامىتى ئوخشايدۇ دەپ زۇكام دورىسى ئىچكەن ،ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ،يەنى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى قىز يۆتىلىپ قان تۈكۈرگەن ، بۇنى كۆرگەن ياتاقداشلىرى قىزنى يۈدۈپ نەنخۇ 2-دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ، بىراق ياتاق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئېلىپ چىقىپ كىتىلىگەن
.
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىداۋەن دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتىلگەن ، دوختۇرلار ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ،گۈلنىساغا ئۆپكىدە ئىششىق بار دەپ دىئاگىنوز قويغان . گۈلنىسانىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ ، گۈلنىسانىڭ ئاكىسى ، گۈلنىسا ، ۋە ئاپىسى ئۈچ جان بىللە تۇرىدۇ .ئاكىسى ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ ، ئاپىسى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ تاپقان ئازغىنە پۇل بىلەن ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى قامداپ كەلگەن ، ئىككى ئاي بۇرۇن ئاپىسى ئىش داۋامىدا مەشكە يېقىلىپ كىتىپ قورساق ۋە پۇتى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن ، ئاپىسى داۋالىنىپ تولۇق ئەسلىگە كەلمەيلا قىزنىڭ كىسىلىنى بىلگەن ، ئانىلار ئەنە شۇنداق شەخسىيەتسىز ئىنسان ، قىزىنىڭ داۋالىنىشىنى كۆزدە تۇتقان بۇ ئانا تولۇق ئەسلىگە كەلمەيلا بالنىستتىن چىقىپ بار كۈچى بىلەن قىزىنى داۋالاتقان ، قىسقىغىنا ئون كۈن ئىچىدە پۇلغا يارىغۇدەك مۈلۈكلىرىنى ، ئۆيلىرىنى سېتىپ قىزىنىڭ داۋالىنىش راسخوتىنى تۆلىگەن بولسىمۇ ، شۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ئىقتىسادنىڭ يار بەرمەسلىگى تۈپەيلىدىن ، گۈلنىسانى بالنىستتىن ئېلىپ چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان
.
گۈلنىسا دوختۇرخاندىن چىققاندىن كىيىن ، ئاپىسى بار كۈچى بىلەن قىزنى ياخشى ئۇزۇقلاندۇرغان بولسىمۇ ، قىزنىڭ چىرايى كۈنسىرى سارغىيىپ ، نەپەس يىتىشمەسلىك ، يۈرەك سوقۇشى نۇرمالسىزلىشىش ، بۇرنى قاناش ، يۆتەلگەندە قان تۈكۈرۈش ئالامەتلىرى بارغانچە ئېغىرلىشىشقا باشلىغان .
بىر ياخشىىلىق ئۇنتۇلماس ،بىر يامانلىق دېگەندەك ، جەمئىيىتىمىزدىكى ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن گۈلنىسا 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆكرەك كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كىلىنگەن ، بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەندەك ، بۇ ئوماق سىڭلىمىزنىڭ تەكشۈرۈشتىكى دىئاگىنوز نەتىجىسى كىشىنى چۆچۈتكەن . دوختۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە گۈلنىسانىڭ كىسىلى ئېغىرلىشىپ ، ئۆپكىسىنىڭ بىر تەرەپى پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بولۇپ ، ئىششىق ھەتتا يەنە بىر تەرەپىگىمۇ ئۆتكەن ،ئۆپكىدە تۆشۈكچە شەكىللەنگەن .جىددى ئوپراتسىيە قىلمىسا قىزنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدىكەن .
مۇشۇ ۋەزىيەتتە گۈلنىسانى ئوپراتسىيە قىلىپ ئۆپكىسىنىڭ بىر تەرىپىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋەتمەكچى بولغان ،بىراق كىر-قات يۇيۇپ تاپقان ئازغىنە پۇل بىلەن ئائىلىسىنى قامداپ ، ئىككى بالىنى ئوقۇتۇۋاتقان بۇ كىسەلچان ئانا ئوپراتسىيە ھەققىنى تاپشۇرالماي كۆزلىر ئاچچىق ياشقا تولغان ، ، ئانا يىغلىسا دۇنيا يىغلايدۇ .
ئەلۋەتتە ئانىنىڭ يىغلىشى ئورۇنسىز ئەمەس ، ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارىسىنىڭ ئۆلۈم بىلەن جان تالىشىپ ،كۈنسىرى ساماندەك سارغىيىۋاتقان چىرايى ، ئۈمۈدسىزلەنگەن كۆزلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە قانداق بىر ئانا چىداپ تۇرالىسۇن ؟! قانداق بىر ئانا ياش تۆكمەي تۇرالىسۇن؟!!! ئانا ئەمەس ،قىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن،ئاڭلىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ يۈرىكى قانداقمۇ تىترىمەي ،قىزغا ھېسداشلىق قىلماي تۇرالىسۇن ؟!!!
!
ساخاۋەتنىڭ چوڭى –كىچىكى بولمايدۇ ، ياخشىلىققا ياخشىلىق ، قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىغان شەخس،شىركەت، ئورگانلار بەس-بەس بىلەن قىزنى يوقلاپ كىلىپ ئۆزىنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇشتى ،ئارىلىق يىراق بولۇش تۈپەيلىدىن كىلىشكە ئامالسىز قالغان ئاقسۇدىكى ھۆسنىگۈل شىركىتىمۇ ۋاستە ئارقىلىق قىزغا ساخاۋەتلىك قولىنى سۇندى.
شۇڭا ھۆرمەتلىك ئاكا-ھەدە ، ئاچا-سىڭىل ،قېرىنداشلار ، كىسەل كارۋىتىدا ئەجەل بىلەن جان تالىشىۋاتقان بۇ سىڭلىمىز گۈلنىسانىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى..
、ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى:15099547675ــــ پاتىگۈل (گۈلنىسانىڭ ئاپىسى ) مىسرانىمدىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ كۆرۈشۈڭ!
كارتا بىجىرگۈچى : گۈلنىسا مەمەت (بىمار ئۆزى شۇ)
كارتا بىجۈرگۈچى:پاتىگۈل تۆمۈر (بىمار ئانىسى)
ئادرىسى: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆكرەك كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بالنىست بىناسى ب رايۇن ، 4- قەۋەت 12- كارىۋات.
يۇقارقى ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقىغا رەسىم ۋە ئىسپاتلاردىن باشقا مىسرانىم تورى تولۇپ كېپىل بولالايدۇ!
مەزكۇر مۇراجەتنامىنى كۆپرەك تورلاردا تەشۋىقات قىلىپ يوللاپ قويساڭلار.
|
|
|
|
|
|