شىرىن سۆزلۇك بولغىن سەن ئەي بىلەرمەن،
بولغىما لېۋىڭىنى سوغۇق سۆز بىلەن.
ئۆزۇڭىنى بىلىم بىلەن بېزە ھەر مەھەل،
پەقەت كىمخاپ كىيىگەن ئەمەستۇرگۇزەل.
خۇش چىراي ئەمەس ياخشىلقىنڭ پەللسى،
ياخشى خۇلقتۇر ياخشىلقنىڭ بەلگسى.
ھەددىدىن ئارتۇق لاۋۇلدايدىغان شام،
مۇمكىن خانىمانىڭ كۆيدۇرەر تامان.
ئاقىل، تەدبىرلىك بولسا گەر ئايال،
قولدىكى يىڭنسى يا ئوقى مىسال.
دىلۇ جان بىلەن ھەركىم بولسا ئاشىق،
بولۇر مەشۇقغا جاندەك مۇۋاپق.
يامان نەپسڭىنى سەن ئەدەپكە قۇل قىل،
ئەدەپسىزنى ئەدەپ بىلەن قايىل قىل.
يامان خۇلقتىن يامان سۈرەت ياخشىراق،
يامان سۆزدىن يامان ئەخلەت ياخشراق.
ئاسانلىقچە كەلمەس شاتىلق پاراغەت،
ئەمگەكسز قازانماس ھېچ كىشى شۆھرەت.
يار شۇدۇر كۆنسە گەر يار جاپاسىغا،
ئارزۇسىنى كۆندۇرسە يار رىزاسغا.
دۇنيادا ھەر جنىسكى ھايۋان نامى بار،
ھەممسى ئۆز جنسى بىلەن بىر ئارامى بار.
باغۋەن ئىش پېيدا بولمسا بەزەن،
باسدۇ شۇ ھامان ئەتراپىنى تىكەن.
ئىللىقلىق بىلەن تولسۇن روزىغارىڭ،
قوپاللق بۇزمغاي سەبرۇ -قارارىڭ.
مەنبە كىتاپتىن ساقلىۋالغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-1 12:19 PM