ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
دەۋىر ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى تۈرتكىسىدە جەمئىيىتىمىزدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفۇن ۋە پەدلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن، دىيارىمىزدىمۇ مۇشۇ خىل پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ.
بۇ خىل پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى قىسقارتىلىپ <<تاختا كومپيۇتېر>>، <<كۆچمە ئۈسكۈنە>>... دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ھازىر كەڭ ئومۇملىشىپ كېلىۋاتقان مۇشۇ خىل ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆپ قىسمى <<گوگىل (Google)>> شىركىتى ئاچقان <<ئاندرويىد (Android)>> سىستېمىلىق مەھسۇلاتلار بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. ئاندرويىد سىستېمىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەپلىرىنى توردىن خالىغانچە تاللاپ چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئەپلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە بولۇپ، بىز ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەپ بازىرىنىڭ يوق بولۇشىدەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر <<زامانىم ئەپ بازىرى>> پروگراممىسىنى ئىشلەپ چىقتۇق.
<<زامانىم ئەپ بازىرى>> 2012- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى نۇسخىسى <<زامانىم ئەپ بازىرى 1.0 نەشىرى>> 2012- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى. كېيىنكى <<زامانىم ئەپ بازىرى 2.0 نەشىرى>> ئىقتىدارى ۋە كۆرۈنۈشى جەھەتتتىن تېخىمۇ قولايلىق ۋە ئىلغارلاشتۇرۇلۇپ ئەسلىدىكى ماتېرىياللار ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى ئەڭ يېڭى نۇسخا <<زامانىم ئەپ بازىرى 3.0 نەشىرى>> بولۇپ، ئىلگىرىكى بايقالغان بارلىق خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەندىن سىرت، يەنە قوشۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلار ۋە مۇھىم نوقتىلار قوشۇلۇپ، كۆرۈنمە يۈزىگىمۇ ئالاھىدە ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ داۋاملىق نەشىر يېڭىلاشنى توختىتىپ قويماي 3.0 نەشىرىگىچە يېڭىلىنىپ كەلدى.
<<زامانىم ئەپ بازىرى>> غا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئەپلەر چىقىرىلغان بولۇپ، ئۆزىمىز ياسىغان ۋە تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن ئەپلەر داۋاملىق چىقىرىلىدۇ (ئۇيغۇر يۇنىكود ئاساسىي رايوننى ئاساس قىلىمىز، كېڭەيتىلگەن رايوندىكى يېزىقلارنى ئەپ بازىرىغا چىقارمايمىز).
مەزكۇر ئەپ بازىرىنىڭ يېڭى نەشىرىگە ئەپ بازىرىنىڭ ھەر قانداق رايونىنى ULY دا كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، خەت نۇسخىسى نورمال قوللىمىغان يانفۇنلاردىمۇ ULY نى بىلسىڭىزلا نورمال زىيارەت قىلالايسىز.
ئەپ بازىرىغا <<ئۇنىۋېرسال>> ۋە <<بازىرىمىز>> دېگەن 2 تۈر قوشۇلغان بولۇپ، <<ئۇنىۋېرسال>> تۈرىدە ئاندرويىدقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەزمۇنلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يەنە، <<شاھدىيارسوفت>> ۋە <<شاھدىيار تورى>> ھەمكارلاشقۇچىلىرىمۇ مۇشۇ تۈردە تەشۋىق قىلىنىدۇ. <<بازىرىمىز>> تۈرىدە ئەپ بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلار، چۈشەندۈرۈشلەر، ياردەم ئۇچۇرلىرى چىقىرىلىدۇ. بىز بۇ تۈرلەرنى ئۆزلۈكسىز ھالدا يېڭىلاپ تۇرالايمىز.
<<زامانىم ئەپ بازىرى>> غا داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرچە ئەپلەر قوشۇلىدۇ. ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلغان ياكى ياسىغان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ئاستىدىكى ئالاقە ئې-خەت ساندۇقىغا ئەۋەتىپ بېرىش ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.
تۆۋەندە ئەپ بازىرى 3.0 نەشىرىنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى بېرىلدى:
زامانىم ئەپ بازىرىنىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ سىنبەلگىسى. بۇندىن كېيىن مۇشۇنى ئىشلىتىشنى ئويلاشتۇق.
زامانىم ئەپ بازىرىنىڭ سىنبەلگە كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئىككىنجى قۇر ئوڭ تەرەپكە قاراڭ.
بۇ زامانىم ئەپ بازىرىنىڭ ئاساسىي كۆزنەك كۆرۈنۈشى
زامانىم ئەپ بازىرىنىڭ ULY دا كۆرسىتىلگەندىن كېيىنكى ھالىتى
ئەپ كۆرۈنۈشى ئۈستى
ئەپ كۆرۈنۈشى ئاستى
<<بازىرىمىز>> رايونى كۆرۈنۈشى. بىز بۇ رايوننى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرالايمىز.
<<بازىرىمىز>> رايونى ئاستى
ئالاقە ئۇچۇرلىرى:
ئاچقۇچى ئورۇن: شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى
تور بەت: www.shahdiyar.com
ئې-خەت: Shahdiyar@Gmail.com
زامانىم ئەپ بازىرىغا قارىتا ھەر قانداق تەلەپ، تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا يۇقارقى ئې-خەت ساندۇقىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: شاھدىيارسوفت
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-1 12:06 PM