adil820 يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 08:28 AM 
يىققىن يول تۇرسا زورلاپ يىراق يول بىسىشنىڭ ھاجىتى بار ...
دىنسىزلارنى قوغلاڭ دېگەن گەپنى قەيەردىن ئاڭلىدىڭىز ؟
بۇنداق دېسەم كۆڭلۈڭلارغا كەلمىسۇن . ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا ئۆزىمىزنى
بىلەرمەن چاغلاپ كىچىككىنە گەپنى كۆپتۈرۈپ ، ئاڭلىۋالغان نەسىھەتلەرنى
ياغدۇرۋېتىدىكەنسىلەر ! قېنى ئۆزىڭىز ئاشۇ ئىشلارغا قانچىلىك ئەمەل
قىلۋاتسىز ؟
بىز كۆپىنچە ناماز ئوقۇيدىغانلارنى مۇسۇلمان ، ئوقۇمايدىغانلارنى دىنسىزغا
چىقىرىپ قاراپ كەلدۇق . qenikix دىگەن تورداش مۇسلىمە قىزلارغا
ئۆيلىنىش بەخىتنىڭ ئاساسىي دەپتىكەن . مەن شۇنىڭغا قارىتىپ دىگەن
ئىدىم .
جەمىيتىمىزدە ناماز ئوقۇيدىغان ئەرلەرگە تېگىپمۇ بەخىتلىك بولالمايۋاتقان
قاش كۆزى تاياق دەستىدىن كۆك بولۇپ كەتكەن ، ئەرنىڭ ھەققىي كۆيۈنۈشى
سۆيگۈسىگە ئېرىشەلمەي يۈرىۋاتقان ئاياللار ئازمۇ ؟
پەيغەمبەرنىڭ ئىزىدىن ماڭدىم دەپ ، ھالىغا باقماي خۇتۇن ئۈستىگە
خۇتۇن ئېلىپ يا ئايالىنىڭ ھالىدىن يا باللىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر
ئالماي ، تۈزۈك ئوقۇتماي يۈرىۋاتقان شىر سۈپەت ئەركەكلىرىمىز يوق ئەمەس .
مۇسلىمە قىزلارغا ئۆيلىنىپمۇ ئائىلنىڭ مىھرىنى ، خۇتۇن خوۋلوقى كۆرمەي
يۈرىۋاتقان ئەرلىرىمىز مۇ بارغۇ ؟
مەسىلەن : بىر ئاچام بەش نامازنى قازا قىلماي ئوقۇيدۇ ، ئېرىمۇ شۇنداق
موئمىن كىشى ئىدى . ئەمما نىكاھى ئوڭۇشلۇق بولماي ئاجرىشىپ كەتتى .
بۇنداق ئىشلار كۆپقۇ ؟
بىز ئىشلارغا ئۆزىمىزنىڭ خاھىشى بۇيىنچە ئەمەس ، رىئاللىقنى ئاساس قىلغان
ھالدا پىكىر قىلشىمىز لازىم . قىسقىسى نىكاھنىڭ قېلىپى يوق . ماڭا ئىش
ئۆگەتمەڭ !
كىمنى ئالغۇڭىز كەلسە ئېلىڭ ! كىمگە تەگكۈڭىز كەلسە تېگىڭ ! ھەممىمىز
ئۆز ئۆيىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشايمىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-1 11:30 AM