مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13609|ئىنكاس: 152

ئاشنام ماڭا كىلىن بولغىدەك!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77868
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 12:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاشنام ماڭا كىلىن بولغىدەك!

(ھېكايە)



      تۇرمۇش ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان بىر داۋان.بۇ داۋاندىن ھەممىمىز ھەرخىل يوللار بىلەن ئۆتىدىكەنمىز.مەنمۇ ئاشۇ داۋاندىن ھېلى ئوڭ،ھېلى تەتۇر دەسسەپ ئۆتمەكتىمەن....توۋا!بۇرۇن تاغ ئايلانغان بولسا،ھازىر بوسۇغا ئايلىندىغان بوپ كىتىپتۇ......
     مەكتەپتە ياخشى ئوقىمىغىنىم ئۈچۈن دادام مىنى باشلانغۇچنىمۇ تۈزۈك ئوقۇتمايلا چىقىرۋېلىپ ئۆزىگە ياردەمچى قىلۋالغان ئىدى.مانا شۇندىن بىرى پۇل تېپىشنىڭ كويىدا يۈرۈيمەن.پۇل تاپتىم،تاپقاندىمۇ بايباياشات ياشىغىدەك،ئائىلەمدىكلەرنى،باللىرىمنى ئىقدىساتتىن غەم قىلمىغۇدەك تاپتىم .يۈزمۇ تاپتىم،يولمۇ تاپتىم.پۇلۇم كوپلىگەنچە دوستلىرىممۇ كۆپەيدى.ھەممىمىزگە ئايان توقلۇقتىن-شوخلۇق چىقىدۇ..بارا-بارا سورۇنلىرىم كۆپىيىپ،دوستلارلا ئولتۇردىغان سورۇنلىرمىزغا ئانچە-مۇنچە<رەڭ>ئارلىشىدىغان بوپ قالدى.شۇنداق سورۇنلىرىم كۆپەيگەنچە يۈرىكىممۇ چوڭلاپ قالدى.بۇرۇن ئايالىمغا تېلفۇن قىلىپ باھانە تېپىپ بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتاتتىم.مەس بوپ قالغان چېغىمدا كۆزۈمگە ھېچ نىمە كۆرۈنمەي <شوخلىشىپ>كەتكىنىم بىلەن،مەستلىكىمدىن يىشىلگەندە،چوڭلا بوپ قالغان باللىرىم بىلەن مىھرىبنلىق بىلەن مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىلا بىلدىغان،نىمىلا دىسەم ماڭا تاغدەك ئىشىنىپ،ئاللادىن ماڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك،باللىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئنساپ -ئمان تىلەپ جاينامازدىن يىغا بىلەن قوپىدىغان ئايالىم كۆزۈمگە كۆرنۈپ:< خەپ،ئەمدى مۇشۇ يولغا ماڭىدىغان بولسام >،-دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىپ كىتەتتىم.بىراق بۇنداق ئىشلار يەنىلا داۋاملىشىپ تۇراتتى.بۇ ئشلىرىمنى ھېچكىم بىلمەي يۇرگەندىن كىيىن ،بارا-بارا چوقۇم مۇشۇنداق بولۇشقا تىگىشلىكتەك،بۇ ئاداتتىكى ئىشلاردەك،خۇددى تاماقتىن كىيىن چاي ئىچكەندەكلا تۇيۇلدىغان بوپ قالدى.بۇرۇن ئايالىمغا تېلفۇن قىلىپ باھانە تېپىپ بارالمايدىغىنىمنى ئېيتىدىغان بولسام،ھازىر خىيالىمغا كىرىپمۇ چىقمايتتى.تېخى ئۇ نەدىلكىمنى سوراپ تېلاۇن قىلسا:
-مەن مۇشۇ ئۆينى،بالىلانىڭ كىيىنلىكىنى ئويلاپ جاننى ئالقانغا ئېلىپ تىرشىۋاتمەن.مىنى <بىكار ئويناپ يۈرۈپ كەلمەيۋاتىدۇ>،-دەپ قالدىڭما؟زادى مىنى چۈشىنىدىغان ئادەمدىن بىرسىمۇ يوق!،-دەپ قاخشاپ كىتەتتىم.ھەتتا ئۇنىڭ:
-مەن....شۇ  سىلىدىن ئەنسىرەپ...بىرە ئىش بوپ قالمىغاندۇ....دەپ.....،-دىيىشلىرنىمۇ ئاڭلىماستىن،تېلفۇننى ۋاقىراپلا قويىۋىتىدىغان بوپ كەتتىم.ھەتتا بەزىدە تېلفۇن قىپ سورۇندىكىلەرنىڭ ئالدىدا <يۈزۈمنى>چۈشۈرسە،ئۆيگە كىلىپ دەردىمنى ئالىدىغانمۇ بوپ كەتتىم تېىخى!......
     ئەركىن دەپ بىر ئاغىنىمىز بولىدىغان،مۇشۇ جاھاندىكى ھەممە قىزلانى شۇلا تونۇيدىغاندەك نۇرغۇن قىزلار بىلەن تونۇشاتتى.مۇشۇ سورۇن قۇرىدىغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەركىن ھەممىدىن كۆڭلۈمگە ياقاتتى.چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم يېڭى-يېڭى قىزلارنى چاقىرىپ سورۇن قۇراتتى.بىر كۈنى ئۆيدە ياتسام ئەركىن تېلفۇن قىپ قالدى:
-ۋوووووي....دا لوبەن،بامۇ ئۆزلىرى؟ يامان كەم دىدار بوپ كەتلە جۇما!
-با دەيمە،ئۆزەڭچۇ ئاداش قانداقراق تۇردۇڭ؟نىمە ئىشلاربىلەن يۈرۈيسەن؟،-ئۇنىڭ تېلفۇندىكى خۇشچاخچاق ئاۋازىدىنلا،بۈگۈن <ياخشى>ئىشنىڭ بارلىقىنى سىزىپ ئىچىمدە خوش بوپ كەتكەن ئىدىم.
-ئاڭلىسام ئۆزلىرنى چىشى ئاغرىپ قاپتۇ دەيدۇ،يامان يۇمىران <پاقلان>لار بار،چىشلىرىغا داۋا بوپ قالار،بىر مىھمان قىلىۋالمايما؟
-پاقلان يەيدىغان ئىش بولسا يانمايمىز جۇما ئاداش ھى ..ھى..ھى....،-ئۇ كەچتە <ئاتەش>رىستۇرانىدا كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويىۋەتتى.مىيقىدا كۈلۈپ ئولتاسام ئايالىم:
-ئۇلا سىزنى بەك كۆپ قېتىم پاقلان سويۇپ مىھمان قىپ كەتتى.بىزمۇ ئۇلارنى ئۆيگە چاقىرىپ مىھمان قىلىۋالساق بولاتتى.،-دىگىنىنى ئاڭلاپ تاس قالدىم ئاغزىمدىكى چاينى پۈركىۋەتكىلى.ئايالىمنىڭ ساددىلىق بىلەن ئېيتقان سۆزلىرنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن شۇنداق كۈلگۈم كەلدى.يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن شۇنداق سۆيۈندۈم.نىمىلا دىگەن بىلەن ئايالىم يانىلا ماڭا ئىشىنىدۇ جۇما!
   كەچتە مەن كەلگەن چېغىمدا ھەممىسى كەپ بولغان ئىدى.ئۇلار بىلەن بىر قۇر كۆرۈشۈپ چىقتىم.ئەركىن قولىغا رومكا ئېلىپ:
-ئوماق خانىرىم سىلەرنى دەپ ئاياللىرغا <چىش ئاغرىقى>نى باھەنە قىپ،ماقۇل دىگەنلىرگە ئەكىلەپ،ياق،بارماڭ دىگەنلىرگە ۋاقىراپ دىگەندەك ئاران كەلگەن ئەزىز دوستلۇرۇمنى بىر تونۇشتۇرۋىتەي.مانا ماۋۇ ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ئادىل<قىزىل> .ساپسېرىق ئالتۇندەكلا تۇرمامدۇ دەپ قالماڭلار،ئۇ بىرلا قىزىرىپ ھۆرپىيىدىغان بولسا ھەرقانداق تىجارەتتىن پايدا ئالىدۇ.لىكىن خاتىرجەم بولۇڭلار،سىلەرگە ھەرگىز قىزىرىپلا <پايدا>ئالمايدۇ.بۇنداق يەلەردە ئۇ بەك مەرىت جۇما!ماۋۇ ئاغىنەم بولسا سادىق،ماۋۇ بولسا مامۇت.......ئۇ شۇنداق قىززىق گەپلەر بىلەن ھەممىمىزنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇپ چىقتى.سورۇن بارا -بارا ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى.بىر -بىرگە مەيلى چۈشۈپ قالغانلار <ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەيتتى>دىگەن باھانە بىلەن قوپۇشقا تەمشىلەتتى.ھەممىمىز خېلى كۆپ ئىچىۋالغاچقا تارتىنىش دىگەن يوقلا بوپ كەتكەن ئىدى.مەنمۇ دىلنار ئىسىملىك بىر قىز بىلەن خېلىلا چىقىشىپ قالدىم.بىراق ئۇ مەن بىلەن قايتىشقا ئۇنىماي تۇرىۋالدى.مەنمۇ ئۇنى دەپ بېقىپ،بۇنى دەپ بېقىپ ئاخىر مەست بوپ كەتتىم ،مىنى بىرەر مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كىتڭ دەپ چىڭ تۇرۋالدىم.ئۇمۇ ئامالسىز  ماقۇل بولدى -دە،مىنى بىر مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى.لىفىتتىن چىققۇچە ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىۋالدىم.ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ مەندىن ئۆزىنى قاچۇردى.ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى مىنى تېخىمۇ ئۆزىگە تارتىۋاتاتتى...كۆپ ئىشلار يادىمدا يوق.پەقەت ئۇنىڭ كىتىمەن دەپ ماڭغىنى ۋە ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالغىنىم غۇۋا ئىسىمدە،ئويغانسام ئۇ چاچلىرنى يۇلۇپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ.
-نىمە بولدى؟نىمانچە ئەمدى؟بولدى جېنىم يىغلىماڭ.....
-سىز مىنى نابۇت قىلدىڭىز؟مەن ئەمدى باشقىلانىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ھۈ.......ئۇنىڭ شۇنچە ئېچىنىشلىق يىغلىغىنىغا قاراپ كىرلىككە سەپ سالدىم.راستىنلا مەن بىر <قىز>نى نابۇت قىلغان ئىدىم.مىڭەمگە بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى.شۇنچە يىلدىن بىرى ئويناپ يۈرگىنىم بىلەن بۇنداق.....ھەي!بىر تەرەپتىن ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كەلسە،ئۆزۈمنىڭ ئوغلۇم ئۆيلەنگىدەك بوپ قالغاندىمۇ ئويناپ يۈرگىنىمگە ئاچچىقىم كەلمىگەن بىلەن قىز بالا تۇرۇپ <بىزدەك>ئادەملەر بار سورۇنغا بارغان دىلنارغا تېخىڭمۇ ئاچچىقىم كەلدى:
-قىز بالا دىگەنگە ئۇنداق سورۇندا نىمە بار -ھە؟ئىززىتىڭىزنى ساقلاپ ئۆيدە ئولتاسىڭىز بولمامتى؟دادىڭىزدەك ئادەملەرنىڭ سورۇنىدا سىزگە نىمە بار؟،-دەپ بىرمۇنچە كايىپ كەتتىم.يانا بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىدى.مەن مۇشۇ يېشىمدا ئۆزۈمنى بىلمەي ئويناپ يۈرۈيمەنۇ.....ھەي!ئۇمۇ بەلكىم بۇنداق بولىشىنى بىلمىگەندۇ..مەن ئۇنى نابۇت قىلدىم،ئەمدى ئۇنىڭغا .ئىگە بولمىسام بولمايدۇ  دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا:
-خاتىرجەم بولۇڭ!مەن سىزگە ئىگە بولىمەن !،-دىدىم .ئۇ ماڭا شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ ،شۇنداق ئۇزۇن ئۇھ تارتتى.......دوستلۇرۇمنىڭ ياردىمىدە ئۇنى ئۆزەمگە زورلاپ نىكاھلىتىۋالدىم.ئۇ قوشۇلماي ھەتتا مەن بىلەن كۆرۇشكىلىمۇ ئۇنىماي يۈردى.ئەمما ئەركىن ئوتتۇرغا چۈشۈپ بۇ ئىشلانى ئوڭشاپ ،نىكاھىمىزنى ئوقۇتۇشۇمغا ياردەملەشتى....
    شۇ ئىشلار بىلەن مىنىڭ <ئككى>خوتۇنلۇق تۇرمۇشۇم داۋاملاشقىنىمۇ 2 يىل بوپ قالدى.ئۇ  دەسلىپىدە ماڭا يەنىلا ئوچۇق چىراي ئاچماي يۈردى.ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇمۇ كۆنۇپ قالدى بولغاي،ماڭا ئۇنچە ئۆچمەنلىك قىلمايدىغان بولدى.ئۇنىڭدىن ئۇقسام ئەركىن ئۇنىڭغا :
-ئەگەر سىز ماقۇل بولمىسىڭىز ،ئۇ ئۆيىڭىزگە كىرىپ بولغان ئىشلانى دەپ ئاندىن نىكاھىمغا ئالىمەن ،-دىدى دەپ ئۇنى ماقۇل كەلتۈرۈپتىكەن .ئۇ ئەلۋەتتە ئاتا -ئانىسىنىڭ بۇ گەپلەنى ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ-دە!ئەركىننىڭ بۇنداق ئەقىلنى ئويلاپ چىققىنىغا ھەيران بولدۇم.بەلكىم ئۇمۇ ئۆزىنىڭ كىچىك خوتۇنىنى شۇ ئامال بىلەن نىكاھلىۋالغان بولغىيتتى.مەنمۇ  خېلى ئادەم ئالداشقا ماھىر بوپ قاپتىمەن.2 يىلدىن بىرى ھېچكىمگە چاندۇرماي يۈردۈم دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن.بىراق ئايالىم بۇ ئىشلارنى بىلىپ بولغان ئىكەن.گەرچە ئۇ مىنىڭ كىمنى خوتۇن قىلۋالغىنىمنى بىلمىسىمۇ ،مىنىڭ 2-خوتۇنۇمنىڭ بالىقىنى خېلى بۇرۇنلا بىلگەن ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ ماڭا:
-نىمە ئىشلانى قىلۋاتقانلىرنى مىنى بىلمەيدۇ،بۇ دۆت قوسقىغا كىرگەن ناننىلا بىلىدۇ دەپ قالمىسىلا.ھەممە ئىشتىن خەۋىرىم بار!مەندىن قوقۇپ گەپ قىلماي يۈرگەن ئوخشايدۇمۇ دەپ قالمىسلا،پەقەت چوڭلا بوپ قالغان ئوغلىمىزنى،چىقارغىدەك بوپ قالغان قىزىمىزنىڭ كىيىنلىكىنى دەپلا ،يەنە بىرسى 30 يىلغا يېقىن ئۆي تۇتۇپتۇق .بۇ سەتچىلىكلەر چۇۋۇلۇپ چىقسا بۇندىن كىيىن بىر -بىرىمىزگە قارىيالماي قالمايلى،تېىخىمۇ نەپرىتىم ئۆرلەپ باللىرىمنى بەخىتسىز قىپ قويماي،ئاشۇنداق بىر ئەخلەقسىز دادىسى باركەن دىسە،خەخ قۇدا بولۇشقا ئۇنىماي قالمىسۇن دەپ چىداپ كەلدىم.ئوغلىمىز مۇراتنىڭ قىز دوستى بار ئىكەن.ئۇنىڭ بولسىمۇ غېمىدىن خالاس بولايلى دىدىم.ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئۇ شۇ قىزنى ئۆيگە ئەپ كىلدىغان بولدى.خەۋەر تېپىپ قالسىلا!بىلمەي قېلىپ يانا ئۇ كۈنى يۇندىگە چىلاشقىنى كىتىپ قالمىسىلا!...،- دەپ يغلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ كاللام قۇپقۇرۇق بوپ قالدى.ھېچكىم بىلمىدى دىگەن ئىشىم ئەسلى ئاللىقاچان بايقىلىپ بوپتىكەن -دە!خوتۇن سەن ھەقىقەتەن غەيرەتلىككەنسەن.پەرىشتە سۈپەتكەنسەن .بىراق مەنچۇ؟مەن نىمە ئىشلانى قىلمىدىم -ھە!ئاشۇ بالىلار مىنىڭمۇ بالام ئىدىغۇ؟شۇلار تۇغۇلغاندا ،بوپمۇ تۇنجى پەرزەنتىم ئوغلۇم تۇغۇلغاندا كۆزلۇرۇمگە ياش ئېلىپ ئوغلۇمنى سۆيۈپ كەتكەنتىمغۇ؟...ھەي!! ئەمدى بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزۈش نىيتىگە كىلىپ ،دىلنارغا ئەمدى ئاخىرلاشتۇرايلى ،ئۆي سەڭا قالسۇن دىدىم .ئۇمۇ تاتىشمايلا قوشۇلدى .ئەمدى ھەقىقى ئادەم بولىمەن دەپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە ئوغلۇم قىز دوستىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدى.سافادا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ كەلگىنىنىمۇ تۇيىماپتىمەن.ئوغلۇم:
-دادا،بۇ مىنىڭ قىز دوستۇم.....،-دىگىنىدە تاسلا قالدىم يىقىلىپ چۈشكىلى .مەن نىمىنى كۆردۈم-ھە!ئالدىمدىكى قىز دىلنار ئىدى.دىلنارنىڭمۇ چىرايى ئاقىرىپ كەتتى.ئايالىم چىرايىمدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە قاراپلا بىلىپ بولدى لىكىن چاندۇرمىدى.ئوغلۇمنىڭ يۈرىكىگە داغ قالدۇرۇشنى خالىمىدى.ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ قىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدى.تاماق ۋاختىدا پەقەت ئوغلۇم بىلەن ئايالىمنىڭلا ئانچە -مۇنچە گەپلىرى ئاڭلانغاندىن باشقا جىمجىتلا يىيىلدى.تاماقتىن كىيىن ئايالىم ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىزنى باغنى ئايلىنىپ كىرىشكە بۇيرىدى.مەن ئۆيۈمنى داچا شەكلىدە سېلىۋالغان ئىدىم.ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدا كىچىككىنە بېغىمىزمۇ بار ئىدى.كاللام ئېغىىرلىشىپ،ئۆزۈمنى قويدىغان يەر تاپالماي قالدىم.ئوغلۇم ئچكىردە تۇرۇپ تىىجارەت قىلدىغان بولغاچقا ،ئۇنىڭ قىز دوستىنىڭ ئىشلىرنى بىلمەسلىكى ئىنىق ئىدى.يىلدىمۇ 2 ھېيىتتىن باشقا نەچچە قېتىملا قايتىپ كىلەلەيدىغان ئوغلۇم بۇ ئىشلارنى ھەرگىز بىلمەيتتى.ئۇنىڭ خۇشاللىق بىلەن ماڭا گەپ قىلىۋاتقان چىرايىغا قاراپ اللادىن ئۆزۈمگە ئۆلۈم تىلىدىم.تۇيۇقسىز ئۆيدىن ۋاقىراشقان ئاۋازلار ئاڭلاندى .يۇگرەپ كىرسەك ،ئايالىم بىلەن دىلنار ۋاقىراشقىلى تۇرۇپتۇ.بىز كىرگەن ۋاختىمىزدا دىلنار:
-ئۆزۈڭ قانچىلىك نىمىلەتىڭ -ھە!ھەممە ئىپلاسلىق سەنلەردىن چىقىدۇ !،-دەپ ئايالىمغا ۋاقىراۋاتاتتى.ئوغلۇم بارغىنىچە دىلنارنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالدى-دە:
-سەن ئاپامغا تىل سېلىۋاتامسەن؟يوقىلە كۆزەمدىن ...دەپلا تەستەككە بىرنى سېلىپ تالاغا ئىتتۈرۋەتتى.دىلنار يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى.ئوغلۇم ئايالىمدىن زادى نىم بولغانلىقىنى سورىدى.ھەمدە ئاشۇنداق بىر ئەدەپسىز قىزنى بۇ ئۆيگە ئەپ كەلگىنىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى ،ئەمدى ھەرگىز ئىزدىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئايالىم نىمە بولغانلىقىنى  ئىنىق ئېيىتمىدى.پەقەتلە:
- گەپ تالىشىپ قالدۇق پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقماي قالدى. ئۇ قىز ھاكاۋۇر،چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان قىزكەن.گىپىم قۇلقىغا ياقماي قېلىپ تېللاپ كەتتى.ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە ئەمەس تېلفۇندىمۇ بىر قېتىم كۆرشۈپ قالساڭ مەن سەندىن رازى ئەمەس!مىنى ئانام دىمە!،-دەپ يىغلاپ كەتتى .ئوغلۇم ئانىسىغا ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدىغىننى ئېيتىپ،ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.ئايالىمغا قاراپ ئۆزۈممۇ بىلمەيلا كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى.ئۇ مەندەك بىر دادىنىڭ بالىلار ئالدىدىكى ئوبرازى ،ئاتىلىق سۈپىتىنىڭ يوقالماسلىقى،باللىرىمنىڭ يۈزىنى كۆتۈرەلمەي قېلىشىدن ئەنسىرەپ،مەندەك بىر ئازغان،ئازغاندىمۇ چوڭ ئازغان مەندەك بىر دادىنى ساقلاپ قالدى.ئىسىت ،ئۆزۈمنى ئادەم دەپ يۈرگىنىم ،اللا ماڭا <مانا مانىمۇ كۆرۈپ قوي!>قىلغان ئەتكەنلىرىم ئۈچۈن يەتتە دوزاخ ئازابىدىنمۇ ئۆتە بىر ئازاپنى كۆرسەتتى.......ئوغلۇم كاللامنى سەگەتىپ كىلەي دەپ يانا ئچكىرگە كەتتى.ئۇ ھېچ ئىشنى بىلمىگەنلىكتىن مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى.ئۇ مىنى قۇچاقلىغاندا بەدىنىم كويگەندەك بولدى .چۈنكى ئوغلۇمنىڭ 4 يىللىق مۇھاببەتى بەربات بولدى...ئوغلۇم،مەن......داداڭ بولۇشقا لايىق ئەمەس،مەن بىر ئازغۇن مەن............



                                                                                                                                 -تۈگىدى


                                                  -مەنبە ئۆز قەلىمىم





بۇ مىنىڭ بىر سەپەر دېشىمنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈگەنلىرى!ھەممىزنىڭ كۆڭلىگە اللا ئىنساپ بەرسۇن!ھەرگىزمۇ ئەتىدىكى <مەن>بوپ قالمايلى قېرىنداشلىرىم!

ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
344605830 + 30
992402464 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
dardim + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
umidwar99 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
katran + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
alser + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
qintax + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 298   باھا خاتىرىسى

http://qintax.33591.cn

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12957
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6377 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 02:07:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايەئىخچام بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، .بەزەن بىر كىشىلەرگە چوڭقۇر ساۋاق بولغۇدەك،رەھمەت تېما ئىگىسىگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3722
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 02:14:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راست بولغان ئىشمىكەن؟

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئالاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80162
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3153
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2012-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 02:21:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشنام  ماڭا  كىلىن بولدى،،،،،،،،،،،،،توۋا  دەيلى  توۋا  
ئەمەلىيەتتىمۇ بۇلىشى مۇمكىن



ئەتە-مەن ئۈچۈن چ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1820
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 751 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 02:29:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت ھەم مەسئۇلىيەت تولىمۇ ئېغىر. لىكىن جەميىتىمىزدە بەزىبىر ئاتا بولغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ جەمىيەتتىكى ئوبرازىنى يۇقاتماقتا. شۇنىسى ئېنىقكى يەنە پەرىشتە سۈپەت مىھرىبان ئاياللارمۇ مەۋجۇت. اللاھ ھەر بىر ئائىلىنىڭ بەختىنى بەرگەي.


ئەتە-مەن ئۈچۈن چ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1820
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 751 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 02:30:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىڭىزنىڭ ماۋزۇسغا بىر ئويلىنىش قىلىپ باقسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى. بىر خىللا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6430
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 02:33:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  
ئاللاھەممىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80568
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-5-24
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 02:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەك ھەيران قالدىم مەنچە ھازىر بۇنداق ئىشلار كۆپمىكىن بۇلتۇر بىرسىىدىن ئاڭلىغانتىم ئەمدى مۇنبەردىن كۆردۇم ؛ئاللا ؛ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئېنساپ بەرسۇن!

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4105
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2300 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 02:35:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ،  پۇل تىپىشنى بىلىپ خەلەشنى بىلمىگەن ئادەم شۇنداق كۈنگە قالىدۇ.

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3780
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 02:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتىكى بۇ ئىشلارغا ھەيران بولۇپ كەتمەيلى، چۈنكى ھەر بىرىمىز ئۆز ھايات يولىمىزغا بىلىپ - بىلمەي ھەر خىل ئىزلارنى سالىمىز. بۇ ئىزلاردىن گاھىدا خۇش پۇراق ئەتتىرگۈللەر پورەكلىسە، گاھىدا بەدبۇي شۇمبۇيا، تىكەنلەرمۇ كۆكلەپ چىقىدۇ.شۇڭا ھەر بىر قەدىمىمىزنى ھېس - تۇيغۇمىز بىلەن ئەمەس، ئەقىل - ھوشىمىز بىلەن باسايلى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش