مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9611|ئىنكاس: 21

ئىملا ھەققىدە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 10:52:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلاممۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز تورداشلا مەن مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ كىرگەندىن بۇيان بەزى تورداشلارنىڭ ئىملاخاتالىقىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىلكەنىكىنى بايقىدىم شۇڭا بۇ تېمىنى يوللدۇم بىرباشتى ئۇقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ئادەم بولغانكەن ئۇنىڭدا خاتالىق بولىدىغۇ دەپ ئۆزىڭىزنىڭ ئادەملىكىڭىزنى ماڭا پەش قىلىشتىن بۇرۇن، يازغان خېتىڭىزگە بىر قاراپ بېقىڭ! ئاشۇ سىزنىڭ ئادەملىكىڭىز!!! تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىڭىز! خېتىڭىز قانچىلىك ؟ سىز شۇنچىلىك! ئانا يېزىقىڭىزنى جايلاپ باسالمىغان يەردە سىزدىن يەنە باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلىش... ئەقىلگە پەقەتلا ئۇيغۇن ئەمەس! بۇرۇن ئۆگەنمىگەن بولسىڭىز ئەمدى ئۆگىنىڭ!
ئۆتكەندە بىر ئاداشقا «ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق ئانىڭىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بىلەن باراۋەر!»دېسەم بىر مۇنچە قايناپ كېتىپتۇ.  تېما ئۆچۈشتىن بۇرۇن مەن بولماي قاپتىمەن ئاقسۇدا بولسىڭىز يەڭنى راۋۇرۇس تۈرۈپ، تۈزۈكچە بىر پەس مۇشتلىشىپ ئاندىن «ئەسلى مۇنداقتى...» دېگۈم بار ئىدى... ئەي ئىنسان! ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى سۆز-ئىبارىلەرنى چۈشەنمەي، ئانا تىلڭدا ئۆزىڭىزنىڭ مەقسىدىڭىزنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەي يەنە نېمە دېمەكچىسىز؟ ئالدىڭىزدا تەييار ئوخشىغان لەڭمەن تۇرسا بېرىپ پوقنى يىمەكچىما؟
خەنچىنى ياخشى بىلىمەن دېمەڭ!  ھەر قانچە بىلسىڭىز گومورو بولالمايسىز ، بىر يەرلىرىڭىزدىن چانىسىز!
-« بۇ يەردە ياردەم قىلمىساڭ خەنچە مۇنبەرگە بارىمەنغۇ، بارالايمەنغۇ... »
...
سىز نوچى، ئەمما يەنىلا چانىسىز، نېمە قىلىسىز ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئېگە يېزىقىنى بۇزۇپ يېزىپ!!!
سىز خەنزۇچىنى كۆزگە ئىلمايمەن دىمەكچىما؟ بىلىپ قويۇڭكى ئۇ بىزنىڭ دۆلەت تىلىمىز!!! ئۇنى كەمسىتىدىغان سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز يوق!!!
ئۇيغۇر تىلى بولسا بىزنىڭ ئانا تىلىمىز، ئۇيغۇر تىلىنى توغرا يازالمىدىڭىز - دېمەك سىز ئانىڭىزدىن چاندىڭىز! ئانىڭىزنى تونۇمىدىڭىز ياكى چالا تونۇدىڭىز!!! يۈرىكىڭىز يەنە چىداۋاتامدۇ؟
....
سۆز بېشى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشسۇن،ئەمدى ئەڭ ئاۋۋال تىنىش بەلگىلىرىدىن باشلايلى!
بۇ يازمىنى قۇتيار تورىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم
ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى تىنىش بەلگىلەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يەنە دېسەك، يەنە شۇ گەپ. ئۆزىمىزنىڭ بىباھا ئانا تىل-يېزىقىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى. تىنىش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلۇپ، ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىلغان يازمىلارنىڭ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، يازمىنىڭ جەلپكارلىقى ئاشىدۇ، شۇنداقلا شۇ يازما ئىگىسىنىڭ سەۋىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
    تۆۋەندە يازمىلىرىمىزدىكى ئوي-پىكىرنى، ئوي-پىكىرلىرىمىزنىڭ بۆلەكلەرگە ئايرىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردە توختىشىنى، ئۇرغۇ، ئىنتۇناتسىيەنى ئىپادىلەش، سۆزلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە رولىنى بىلدۈرۈشتە ھەر خىل مەنە مۇناسىۋىتىنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بەلگە — تىنىش بەلگىلەرنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنى يوللاپ قويدۇم. تورداشلارنىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، تېما ياكى ئىنكاس يوللىغاندا تىنىش بەلگىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا قوللىنىدىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. چېكىت ( . )

    (1) خەۋەر جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    بۈگۈن ئەلكۈيى مۇنبىرى ئېچىلىپتۇ.
    (2) يېنىك ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئىملانى توغرىلىغايسىز.
    (3) قىسقارتىپ يېزىلغان خاس ئىسىملارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئا.ئۆتكۈر
    م.ھوشۇر
    (4) ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبەر تۈزۈملىرى:
    1. ساغلام تېما يوللاش؛
    2. ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىش؛
    3. مەنبەسى ئېنىق بولۇش؛
    ..........
    (5) بەزىدە چۈشەندۈرۈلمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتى بويىچە مۇنبەر مەسئۇلى، نازارەتچى، باشقۇرغۇچى، سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.
    مۇنبەر مەسئۇلى. مۇنبەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ....
    نازارەتچى. مۇنبەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ...
    باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى بارلىق تېما ۋە سەھىپىلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ....
    سەھىپە باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى مەلۇم بىر سەھىپىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ....

    ئەسكەرتىش: تېما ماۋزۇسىنىڭ ئارقىغا چېكىت قويۇلمايدۇ.  


2. سوئال بەلگىسى(؟)

    (1) سوئال جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    سىز مۇنبەرگە قانداق تېما يوللاپ باقتىڭىز؟
    ئادەتتە ئىنكاسنى پۇچەك يازامسىز ياكى خېلى جېنى بار يازامسىز؟

    بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ① بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەر بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئومۇمىي ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىسە، سوئال بەلگىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    دېمەكچى بولغىنىمنى تېمامدىن ئۇققانسىز، ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز، كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىز باردۇ؟
   ② بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان قوشما جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەرنىڭ ھەربىرى مەزمۇن جەھەتتىن مۇستەقىل بولسا ياكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئېيتىلسا، مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    بۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟ مۇشۇنداق ئاممىۋىي سورۇندىمۇ ئادەم تىللاپ ئىنكاس يازامسىز؟ تېما ئىگىسى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟
    (2) قايتۇرما سوراق جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئەجەبا بۇنداق يازغىنىم خاتامۇ؟
    بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟


3. ئۈندەش بەلگىسى(!)

    (1) ئۈندەش جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    پاھ، پاھ، بۇ بېزەكلەر ئەجەب چىرايلىقكەن!
    (2) كۆتۈرەڭگۈ ياكى قاتتىق ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    قولۇڭنى تارت!
    (3) شوئارنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبىرىمىز گۈللەپ ياشنىسۇن!
    (4) ھۆكۈم ياكى كېسىم مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، ئىنتۇناتسىيىسى كۈچلۈك بولغان بەزى جۈملىلەردىن كېيىنمۇ ئۇندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مېنى قانداقمۇ سىزگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن!
    (5) ھەم ئۈندەش، ھەم سوئال مەنىسىنى ئاڭلاتقان جۈملىلەردىن كېيىن، ئۈندەش بەلگىسى بىلەن سوئال بەلگىسى تەڭ قويۇلىدۇ. ئەگەر ئۈندەش مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال ئۈندەش، ئاندىن سۇئال بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
    « نېمە داستان، نېمە ئىجات، تەپەككۇر،
    نېمە بۇ تۈگىمەس نازۇك تەسەۋۇر!؟»
    (ئا.ئۆتكۈر)
    ئەگەر سوئال مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال سوئال، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
    «ياپراقسىز دەرەخ بولمىغاندەكلا،
    دەرەخسىز ياپراق تۇغۇلار نەدىن؟!»
    (ئا. خۇجا)

4. پەش( ، )


     (1) جۈملىلەردىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     بۈگۈن شېئىر، رەسىم، تىل ئۆگىنىش، جاھاندىكى ئىشلار سەھىپىلىرىگە ئۆزگىچە تېمىلار يوللاندى.
     (2) قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىلىقىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     ئۇ بىر توردىشىنى ئىزدەپ، مۇنبەرگە تىزىملىتىپتۇ.
     (3) جۈملە تەركىبىدىكى قاراتما سۆزدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     كۈنقىز، بۈگۈن مۇنبەرگە كىرىپسىز-دە؟  
     «خوش ئاتا، مېھرىبانىم،
     غەمگۇزارىم، ياخشى قال.»
     (نۇزۇگۇم قوشاقلىرىدىن)
     (4) جۈملىدىكى قىستۇرما سۆزلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     «بەس، دوستۇم، تەبىئەت يولى شۇنداقتۇر،
     ئۇنچىۋالا ئېچىنىپ بۇزما كۆڭلۈڭنى.»
        (ئا.خۇجا)
     (5) تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلەر لېكىن، ئەمما، بىراق، شۇڭا، چۈنكى، ھالبۇكى، ۋاھالەنكى قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلانغان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، بۇ باغلىغۇچىلار كۈچلۈك تەلەپپۇزدا ئېيتىلسا، ئۇلارنىڭ كەينىگە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     مەن ئۇنىڭ تېمىسىغا راۋۇرۇس ئىنكاستىن بىرنى يازدىم، لېكىن، يەنىلا جىلى بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن.
     (6) تەڭداش بۆلەكلەر ۋە مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر «ۋە، ھەم، ياكى، يا، نە، گاھ» قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلىنىپ كەلسە، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلمايدۇ. لېكىن، بۇ باغلىغۇچىلار تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ياكى قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا تەكرارلىنىپ كەلسە، ئۇ ھالدا بۇ باغلىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار خىزمەتتە ھەم يۈرەكلىك بولۇشى، ھەم تەدبىرلىك بولۇشى لازىم.
     مەن تېمامنى يا ئەتە، يا ئۆگۈن يوللاي.
     (7) ئادەتتە ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ، لېكىن پەش قويۇلمىسا ئۇقۇم مۈجمەللىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     بۇ، ئادەم بالىسى ئەمەس.
    بۇ جۇملىدە ئەگەر «بۇ» دېگەن ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمىسا، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس»دېگەن جۈملىگە ئايلىنىپ قېلىپ، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس، باشقا نەرسىسى»دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.
     (8) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسۇناژ سۆزىدىن كېيىن، سىزىقتىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
« _ ئەركىن، _ قىز جىددىي ھالدا ئەركىنگە تىكىلدى، _ مېنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سىزگە نېمىشكە قىزىقمىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ سىز بەك ياسىما. نېمىشكە ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئالىجاناپ كۆرسىتىسىز؟ مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ياسىما مىجەزلىرىڭىزگە ئۆچ!»
     (بەرگىيە «ئېھ، ناتونۇش يوللار»دىن)


5. چېكىتلىك پەش ( ؛ )


     (1) مەزمۇن جەھەتتىن ھەم مۇستەقىل، ھەم بىر–بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئوي–پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان، ئاددىي جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان، تۈزۈلۈشى مۇرەككەپرەك بولغان قوشما جۈملىلەردە چېكىتلىك پەش قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:
بېغىررەڭ، ھال ئەتىرگۈللەر خۇش-پۇراق چاچماقتا؛ ئېرىقتىكى سۈزۈك شۇلار شىلدىرلاپ ئۈن چىقارماقتا؛ ئەتىيازنىڭ شامىلى يۈزلىرىمىزنى سىلاپ ئۆتمەكتە.
    (2) چوڭ تەڭداش بۆلەكلەر بىلەن كىچىك تەڭداش بۆلەكلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەردە، كىچىك تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش، چوڭ تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    شىنجاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، قاشتېشى قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ؛ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، شال قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ.
     چېكىتلىك پەشنىڭ ئىشلىتىلىش رولى ئومۇمەن چېكىتتىن كىچىك، پەشتىن چوڭ بولىدۇ.


6. قوش چېكىت( : )


    (1) ئاپتور سۆزى بىلەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە پېرسۇناژ سۆزلىرىنىڭ ئارىلىقىغا قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     مۇنبەر مەسئۇلى: « باشقۇرغۇچىلار ئۆز تەرجىمھالىڭلارنى يوللاپ بەرگەيسىلەر»،_ دېدى.
    (2) ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز ۋە جۈملىلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    پېرسۇناژلار ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئىجابىي پېرسۇناژ، يەنە بىرى سەلبىي پېرسۇناژ.
    (3) قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ھۆرمەتلىك تورداشلار:
    ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ كۈنلىرىڭلارنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
    (4) ئەسكەرتمىلىك سۆزلەردە قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     ......
     ئالاقىلاشقۇچى: ئەركىن
     تېلىفون نومۇرى: 0991....


7. قوش تىرناق («»)


     (1) جۈملە ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ناملىرى ۋە ماقالە–ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇلىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
     مېنىڭ « مەن قانداق قىلاي؟» ناملىق ئەسىرىم تورنىڭ تاقىلىشى بىلەن غايىپ بولدى.
     خەنجەر ماڭا: «مۇشۇ كۈنلەردە سەل ئالدىراش بوپقالدىم» دېدى.
     (2) بەزى تەنە سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
     ئەتىگەن ئۇچۇر يازسام ئەمدى جاۋاب يېزىپسىز، بەك «چاققان» جۇمۇ سىز!
     (3) باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن نۇقتىلىق سۆزلەر ياكى ئالاھىدە مەنىگە ئىگە سۆزلەر قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
      سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىز «تار مەنىدىكى گرامماتىكا»، مېنىڭ ئېيتقىنىم «كەڭ مەنىدىكى گرامماتىكا».


8. يالاڭ تىرناق ( )

     قوش تىرناق ئىچىگە يەنە تىرناق كېلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، يالاڭ تىرناق ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
     سەركەردە ماڭا: «مەن ئاپئاق ئاينىڭ (مەن ۋە سەن) دېگەن تېمىسىنىڭ ئاخىرىنى ساقلاپ ھېرىپ قالدىم» دېدى.

9. تىرناق ( () )

    (1) جۈملىدە ئىزاھلاشقا تېگىشلىك سۆز–جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
    ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 7يېرىمدا، پاي بازىرى ئېچىلىدۇ.
    (2) كۆچۈرگەن ياكى نەقىل ئالغان جۈملىلەرنىڭ ئاپتورى ياكى ئەسەر نامى تىرناق ئىچىگە يېزىپ كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن:
    «موڭغۇللار دەسلەپكى دەۋرلەردە مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان، يېزىقنىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن» (ش.سامى «قامۇسۇل ئەئىلەم» 1876–بەت).
    (3) دراما ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، ھەركىتىنى كۆرسىتىدىغان جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
    زورىخان: (ئاڭلىماسلىققا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنا (نۇرۇم باغقاچىقىدۇ).
     (4) ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلار تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
     تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە قويۇلغان يۇقىرىقى «(1)... (2)... (3)... (4)...» دىكى تىرناقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

10. سىزىقچە ( - )

    (1) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    كېچە-كۈندۈز، ئېگىز-پەس، ئويمان-چوڭقۇر، دەلىل-ئىسپات قاتارلىقلار.
    (2) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    1-سىنىپ،  6-ئاي.
    (3) سۆزلەردە قۇردىن قۇرغا كۆچۈرۈشتە سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى پارچە ئىل-
مىي ماقالەمنى ئوقۇدۇم.»
    (4) ئۆز ئارا يېقىن بولغان ئىككى ساننىڭ يانداش كېلىشىدىن تۈزۈلگەن مۆلچەر سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    چوڭ ئۆيدە بەش-ئالتە كۈن تۇرۇپ قالدىم.
    (5) ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن تەقلىدىي سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئوڭ تەرەپتىن پاڭ-پۇڭ قىلغان ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى.
    (6) تەكرار سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ.

11. سىزىق ( _ )

     (1) ئىگىمۇ، خەۋەرمۇ باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بولسا، ئىگىدىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «كۆپىنچە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى _ ئىسىم»
    (2) تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن ئۇمۇملاشتۇرغۇچى سۆز كەلسە، تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئوغلۇمنىڭ سىنىپى _ چوڭ يىللىق 2-سىنىپ ئىلغار سىنىپ بولۇپ باھالاندى.
    (3) دىئالوگلاردا ھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ گېپى باش قۇردىن يېزىلغاندا سىزىق قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
    _ ياق، ئەتىدىن باشلاپ ساڭا تېلىفون قىلمايمەن، سەن بىلەن سۆزلەشمەيمەن.
    _ نېمىشقا؟
    _ يەنە نېمىشقا دەيسەنغۇ؟مەن سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم.
     («مۇز تۇتقان دەرىزە»)
    (4) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسوناژ سۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان پەشنىڭ كەينىگە سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    _ بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى،_ دېدى ئۇ باشلىرىنى سىلاشتۇرۇپ.
    (5) بەزىدە چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «چېكىت_ جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى.»

12. كۆپ چېكىت (....)

    (1) ئوي-پىكىرنىڭ تولۇق ئاياغلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «ئۆزۈم بىلىمەنكى، مەن يازمىساممۇ، كەلگۈسىدە ئۇ قەھرىمانلارنى ئەسلەپ يازىدىغانلار چىقىدۇ؛ ئۇلار ھەققىدە گەپ قىلىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ....»
    (2) سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىدىكى قورقۇش، جىددىيلىشىش، دۇدۇقلاش سەۋەبىدىن بولىدىغان ئۈزۈلۈشلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    _ بايا كوچىدا تۇرۇپ نېمە ئىش قىلدىڭ؟
    _ مەن....
    (3)
    دىئالوگلاردا جاۋابسىز قالغان جايلارغا كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    دۈشمەن ئەسكەرلىرى بالىنى سوراق قىلىشقا باشلىدى:
    _ ئېتىڭ نېمە؟
    _ .....
    _ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ؟
    _ .....

پايدىلانغان ماتېرىيال: «ئومۇمىي يېزىقچىلىق» ناملىق كىتاب
مەنبە: قۇتيار تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 02:18 PM  


ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80412
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 10:45:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80412
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 10:45:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29884
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6005
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 11:22:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك تورداش ئالدى بىلەن  سىزنىڭ ئىملا ھەققىدىكى بۇ تىمىڭىزىغا كۆپ رەھمەت .
مەن سىزبىلەن تالاشماقچى ئەمەس ، ئەمما سىزدىگەن ‹خەنزۇتىلى بىزنىڭ دۆلەت تىلمىز ›دىگەن سۆزىڭىز ماڭا تەسىرقىلىپ قالدى . مەن بۇ گەپنى ھەرقانداق ھۆكمەت ئورگانلىرى تەرپىدىن چىىقىرلغان ھۆجەتلەردە كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن . قايسى قانۇندا خەنزۇ تىلنى دۆلەت تىلى دەپ ئېلان قلىپتۇ ، بولسا بىزمۇ خەۋەردار بولغان بولساق ، ئەگەر يوق بولسا ئۇنداقتا قالايمىقان سۆزلىمسەك ، خەنزۇتىلى دىگەن خەنزۇنىڭ تىلى ، ئۇجوڭگۇدا ئورتاق ئىشلتىلدىغان تىل ،ئەمما دۆلەت تىلى ئەمەس ، دۆلەت تىلى بىلەن ئورتاق ئىشلتىدىغان تىلنىڭ ئاسمان-زىمىن پەرقى بولدۇ .

تاڭ شامىلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9507
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 871 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 11:55:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما تېمىنى ساقلىۋالدىم .... ئۇزۇن بوپتىكەن گىراممارتىكىغا ئائىت ماتىرياللارنى كۆرۈپ باقمىغىلى ..... تېما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن.... جاپا تارتتىڭىز.....

شىنجاڭ ئونۋېرستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىرافىسور تىلشۇناس مۇھەببەت قاسىم مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە مەملىكەتتىكى55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئانا تىلىنى مۇكەممەل ساقلاپ قالالىغان مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرتىلى بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن . دۇنيادىكى ئاچقۇچلۇق 167خىل تىلنىڭ ئارىسىدا بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىمۇ بار ئىكەن . ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولغان ئادەم ئىككىنجى بىر خىل تىلنى ئۆگەنگەندىمۇ قىينالمايدىكەن .

ھەر بىر تىلنى تىرىك ھايات تۇرغان تىل دىيىش ئۈچۈن چۇقۇم ھايات تۇرغان شۇ تىلنىڭ ئىگىلىرى شۇ تىلنى ئىشىلتىۋاتقان بولىشى كېرەك .  

  ئانا تىلىمىزنىڭ ئىشىلتىلىش دائىرىسى بارغانچە تارلاۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زاماندىكى ياشلارنىڭ ئىچىدە ئانا تىلنى قوغداش قىزغىنلىقى قوزغالدى ، بىزدە ئويغىنىش كۆپ بوشلۇقمۇ كۆپ . شۇڭا ئاشۇ بوشلۇقلارنى بىرلىكتە تۇلۇقلاپ تىرىشساق بولىدىغۇ .
تارىختا بىز ئۇيغۇرلار بىر مەزگىل ئەرەب- پارىسچىدا ئەسەر يازىدىغان بولۇپ كەتتۇق ، كىيىن ئەلىشىر نەۋائىي يالغۇز ئەرەب- پارىسچىدا ئەسەر يازسىلا تىلى گۈزەل بولماستىن ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازسىمۇ تىلنىڭ پاساھەتلىك چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇردى...

شۇڭا بىزمۇ ئىزدىنەيلى .... تىرىشايلى.....

ئاقساقاللىق قىلىپ كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ، ئەپۇ قىلىشارلا..... چىرايلىق سۆزلەنگەن تەنقىد بولسا ھەر ۋاقىت مۇلايىملىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن ...

چىمەنزارلىق قەلبى ماكانىم، بۇلۇت چۈشى ماڭانامەلۇم. كەلگۈسىگە پاتمايدۇ قۇياش، دەرەخ كۆزىدە چاقنايدۇ ياش.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 12:10:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىشىمىز كالپىتاخ ناھايتى ياخشى بىر تېما يوللاپتۇ. لىكىن مەزمۇندا ئازراق كىتىپ قاپتۇ.كىبىليار توردىشىمىز توغرا چۈشەنچە بېرىپتۇ. خەنسۇچە بىلىدىغانلار كۆپەيمەكتە .لىكىن ئانا تىل يېزىقنى توغرا ئىشلەتمىسەك  باشقىلار بىزنى زاڭلىق قىلىدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

دەرەخ غولىدىن سۇ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35223
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4616
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 1430 سائەت
تىزىم: 2011-3-25
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 01:28:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈندەش بەلگىسىدىن ئۈچنى قاتار تىزىپ قويسا(يەنى !!!) نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
يازمىڭىزدا كۆپ ئىشلىتىپسىز، ئەمما چۈشەنچە بەرمەپسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udmish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 01:29 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7865
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2022 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 01:30:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹  ئانا  تىلغا  ھۆرمەت  قىلمىغانلىق  ،  ئانىڭىزغا  ھۆرمەت  قىلمىغانلىق  ››  باشقىلارنى
ئانىسىنى  چىشلەپ  تارتىپ  يۈرمىسىڭىزمۇ  باشقىچە  چۈشەندۈرگىلى  بۇلار  ؟  
مۇنبەردە  باشقىلارنىڭ  ئائىلسىدىكىلەرنى  تىلغا  ئېلىپ  يۈرىيدىغانلارنىڭ  چىشىغا
سالسا  ...  ؟    بەلكىم  بەزى  تورداشلار   كومپېيوتېردا  ئۇيغۇرچە  خەت  يېزىشنى
يېڭىدىن  ئۆگۈنىۋاتقان  بولۇشى  مۇمكىن  .  دەسلەپتە   بۇنداق  خاتالىقنى ھەممە
ئادەم  سادىر  قىلىدۇ .  

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 03:23:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نى بىزدىن كۆرۈش پۇتۇنلەي توغرا ئەمەس! ئەرەپ يېزىقى ئېشلىتىدىغان قايسى بىر مىللەتتە ئىملا خاتالىقى يوق دەيسز! «ئادەم بولغانكەن ئۇنىڭدا خاتالىق بولىدىغۇ دەپ ئۆزىڭىزنىڭ ئادەملىكىڭىزنى ماڭا پەش قىلىشتىن بۇرۇن، يازغان خېتىڭىزگە بىر قاراپ بېقىڭ! ئاشۇ سىزنىڭ ئادەملىكىڭىز!!! تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىڭىز! خېتىڭىز قانچىلىك ؟ سىز شۇنچىلىك!» بۇ گەپ سەل ئېشىپ كەتتمۇ قانداق!؟ ھازىر 2000-يېلدىن باشلاپ قايسى مەكتەپتە ئۇيغۇرتېلى گېراماتېكىسى دەرىسلىك قىلىپ ئۆتۈلدى؟ 90-يېلدىن بۇيان تۇغۇلغان بالىلار شۇ مەزگىلگە دۇچ كەلدى! بىز مەكتەپلەردە ئۆزىمىز ئىزدەندۇق! بىز ھەممىز ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىن ئەمەس!...ھازىر مەكتەپلەردە ئەدەبىيات دەرىس سائېتىمۇ تايىنلىق ! بۇ نى بىز دىن كۆرمەڭ!ئۈگىنىش بىر ئېككى كۈنلۈك ئېش ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 03:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر گەپ سېلەر قايسىڭلاردا ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختسى بار؟؟قايسڭلار ئۇيغۇچە مەشخۇلات سستىمىسى ئېشلىتىسلەر!؟بىز دىكى شارائىت شۇنچىلىك !لىكىن تېما ئىگسگە رەھمەت !خېلى كۆپ بېلىمك بولۇپ قالدۇق!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش