قالايمىقانچىلىق ناملىق دىراممىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئېچىلدى
2012 - يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكى ئىشلىگەن <<قالايمىقانچىلىق» ناملىق كومىدىيىلىك دىراممىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئېچىلدى!.
بۇ ھەقتىكى مىسرانىم مەخسۇس زىيارىتىنى تۆۋەندىكى فىلىمدىن كۆرۈڭ!
نورمال چىقمىسا تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ http://v.youku.com/v_show/id_XNDA0NjY0MTc2.html
تەپسىلىي خەۋەر
يىغىنغا ئوپىرا سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇۋائىن باشلىقى تۇرغۇن ئىمىر رىياسەتچىلىق قىلدى!
ئوپىرا ئۆمەكنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىژېسورى جۈرئەت ۋايىت كومىدىيەگە قاتناشقۇچىلار ئىسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى!
ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قۇربانجان ھېيىت سۆز قىلدى!
دىراممىدا رول ئالغۇچىلار
دىراممىدىكى جەسەت رولىدا ئەرافات دىلشات.
دىرامىدا رول ئالغان سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئادىل مىجىت ۋە شۆھرەت ئابدۇۋېلى
ئابدۇرېھىم راخمان بىلەن خەيرىگۈل ھەسەن رول ئالماقتا.
ئادىل مىجىت ،ئابدۇرېھىم راخمان رول ئالماقتا ____________
ئۆمەرجان ئابلىكىم تورىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
خەيرىگۈل ھەسەن تورىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
جۈرئەت ۋاھىت بۇ دىرامما توغرىسىدا سۆز قىلماقتا
ئابدۇرېھىم راخمان تور بېكىتىمىزنىڭ زىيارىتىدە سۆز قىلماقتا.
ئەرەفات دىلشات سۆز قىلماقتا
راھىلە ۋەلى تورىمىز زىيارىتىدە سۆز قىلماقتا.
بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى بۇ كومىدىيىلىك تىياتىردىن كەڭ تاراتقۇلارنى خەۋاردار قىلىش،دىراممىدا رول ئالغان ئارتىسلارنى تونۇشتۇرۇش،كىتاب تاللاش،رەپىتىس ئورۇنلاشتۇرۇش،رەپىتىس قىلىش جەريانلىرىنى بايان قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى .
.
«قالايمىقانچىلىق» ناملىق كومىدىيىلىك دىرامما ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى رېي كۇنىي نىڭ سەھنە ئەسىرى بولۇپ،دىراممىدا مەلۇم كۈنى ئاخشىمى بىر ئالىي مېھمانساراينىڭ چوڭ ياتىقىدا يۈز بەرگەن ۋەقە سۆزلەنگەن بولۇپ ھۆكۈمەت مىنىستىرى رىچارد بىلەن ئۇلار رىقابەتلىشىۋاتقان پارتىيىنىڭ كاتىپى ئىش-پەش تارتىشىپ ياتاققا كىرىپ ،ياتاق دەرەزىسىدىن بىر جەسەتنى بايقاپ قالىدۇ
بۇ ئىشنى ساقچىغا ئېيتىشقا بولمىغانلىقتىن ،رىچارد ئۆزىنىڭ شەخسىي كاتىۋىنى ياردەمگە چاقىرىپ كېلىپ ، جەسەتنى بىرلىشىپ بىر تەرەپ قىلماقچى بولىدۇ ھەمدە ياتاققا كىرگەن بارلىق كىشىلەرگە يالغان سۆزلەپ ،بۇ يالغانچىلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقالماي بىر قاتار كومىدىيلىك ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ!...
دىراممىغا ئارتىسلىرىمىزدىن ئادىل مىجىت،خەيرىگۈل ھەسەن،راھىلە ئابدۇۋەلى،ئەنۋەر ئابلىز،ئۆمەرجان ئابلىكىم،ئابدۇرېھىم راخمان،ئەرافات دىلشات،قەلبىنۇر قېيۇم،شۆھرەت،قۇندۇزئاي قاتارلىقلار رول ئالغان..
بۈگۈن ئىگەللىشىمىزچە 6- ئاينىڭ 7-8-9 - كۈنلىرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا بۇ دىرامما تاماششىبىنلار بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشىدۇ.
بېلەت باھاسى مۇۋاپىق بولۇپ 1- قەۋەت بىر تۇتاش 50 يۈەندىن 2- قەۋەت 40 يۈەندىن سېتىلىدۇ!
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تورى 2012- يىلى 5- ئاينىڭ 30 كۈنى
|