مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1029|ئىنكاس: 6

بۈركۈت سايىسى-مارك ھېرتسگارد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1879 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 12:23:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەمىيتىمىزدە ئىدىيە چۈشۈنۈش ئوخشاش بولماسلقىدىن بۇلۇپمۇ تور دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان تالاش تارتىش بەس مۇنازىرە ئىلىپ بىرلىۋاتىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۈرۈنەرلىك بولغىنى غەرىپ دۆلەتلىرىدىن بولمىش ئامىركىنىڭ ئىچكى تاشىقى سىياسىتى بىزدەك جاھاننىڭ چىتىدىكى بايقۇشلارنىمۇ ئوتتۇرغا سۆرەپ كىرىۋاتىدۇ بۇنىڭغا قارىتا تورداشلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى چۈشۈنۈشنىڭ كەمچىللىكىدىن بىر بىرىدىن ئاغرىنىپ نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشماسلىق بۇلىۋاتىدۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇزۇندىن تەخمىنەن 3يىلنىڭ ئالدىدا ئامىرىكا توغرىسدا ئىزدىنىشكە باشلىدىم ھەم ئامىرىكا ۋە ئۇنىڭ سىياسىتى توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشلۇقنى ئىزدەپ ئامىرىكىغا بولغان چۈشەنچەمنى يىڭىلىدىم ھەم مۇئەييەنلەشتۈردۈم مەن 3يىلنىڭ ئالدىدا سابىق مۇنبەردە تورداشلارغا ئامرىكا توغۇرلۇق بىر نەرسە يازىدىغانلىقىمنى دىگەن ئىدىم لىكىن تورنىڭ نورمال بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ھەم سابىق تورنىڭ ئىتىلىپ قىلىشى تۈپەيلىدىن بۇ توغرىسدا بىر نەرسە يازالمىغان ئىدىم،يىقىنقى بىر يىلدىن بىرى مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغاننىڭ ياقى بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرغىچە تالاش تارتىش ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ بۇرۇنقى توپلاپ قويغان يازما ماتىرىياللىرىم مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قۇلۇمدا ساقلىنىپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن قايتىدىن ماتىرىيال يىزىشقا توغرا كەلدى.لىكىن ۋاقىت بەك كەڭ تاشا ئەمەس بۇ يازغانلىرىمنى كەينى كەينىدىن ئىلان قىلالماسلىقىم مومكىن لىكىن ئامال قىلىپ ئاخىرنى يوللايمەن  بۇ قىتىم مەن يوللىماقچى بولغان كىتاپنىڭ ئاپتورىنى باشتا تۇنۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم.بىزنى جىدەلگە سىلىۋاتقان بۇ ئامرىكا زادى قانداق دۆلەت بۇنى ھەممەيلەن بىرلىكتە چۈشۈنۈپ باقايلى:
مارىك ھېرتسگارد<<مەتبۇئات ۋە رىگان ھۆكىمىتى>>،<<يەرشارى ئىپوسى >>قاتارلىق تۆت كىتاپنىڭ ئاپتۇرى،ئۇنىڭ نۇرغۇن ئاخبارات ئوبزۇرلىرى،<<نيۇيۈرك ۋاقىت گىزىتى>>،<<ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى>>،<<نيۇيۈرك مىھمىنى>>،<<دەۋىر>>،<<ئاخبارات ھەپتىلىك ژورنىلى>>،<<ۋاشىنىگىتون پوچتا گىزىتى>>،دەۋر ھەپتىلىك ژورنىلى>>،قاتارلىق گىزىت ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان.ئۇ يەنە جون خوپنىسى ئونۋىرسىتىتى قاتارلىق ئونۋىرسىتلاردا نۇتۇق سۆزلىگەن.ئۇنىڭدىن باشقا ،ئۇ ئامىرىكا جامائەت رادىئو تورىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاپتۇرى.ھازىر سان فىرانسېسكودا تۇرىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولغان ئامرىكىنىڭ خەلىقى سىرتتىكى ئىشلارنى ناھايتى ئاز ئويلايدۇ ،ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە دۇنيانى كونتورۇل قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.11-سىنتەبىر تىرورلۇق ۋەقەسىدىن كىيىن،ئامرىكىنىڭ يۇقرى قاتلام رەھبەرلىرى بىلەن ئەقىلدارلىرى ئامىرىكىنىڭ يەر شارى ئىستىراتېگىيىسىنى قايتا ئويلىنىشقا باشلىدى،مارك ھېرتسگارد ئەنە شۇلارنىڭ بىرى،ئۇ دۇنيانى ئايلىنىپ ،15دۆلەت خەلىقلىرىنىڭ ئامىرىكىغا بولغان قاراشلىرىنى يىغىپ چىققان.ئۇ ئادەملەرنىڭ بىرىمۇ ئامىركىغا بولغان مۇرەككەپ ھىسىياتلىرىنى ،يەنى ئادەمنى ھەم جەلىپ قىلىدىغان،ھەم غەزەپلەندۈرىدىغان تەرەپلىرىنى ئىپادىلىمەي قالمىغان.
ئامىرىكا دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئىچىۋىتىلىگەن دۆلەت،ئەركىنلىك ئىتقادىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشكە ئامراق.ئەمىلىيەتتە،ئۇلاردىكى ئەركىنلىك ئۆزلىرى ماختىغاندەك ئەمەس.
بۇ نىمە ئۈچۈن؟ئۇنىڭ ئاممىباپ مەدىنىيىتى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ كەتتى ،ئۇنىڭ زوراۋانلىقى ۋە مۇتىھەملىكى ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ.مارك ھېرتسگارد بۇ كىتاپتا ئامىرىكا خەلىقى بىلەن چەتئەللىكلەرنىڭ ئوخشاش<<يەر شارى>>نەزەرلىرى ئارقىلىق ئامىرىكىنى چۈشۈنۈپ بىقىشلىرى ئۈچۈن ،ئامىرىكىنىڭ يۇقرى قاتلىمنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرىنى كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھەم چۈچىتىدىغان پاكىتلار ئارقىلىق ئىچىپ تاشلىغان.
تۈۋەندە بىز بۇ كىتاپ توغرىسىدا ئامرىكىدىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىللىرى بۇ كىتاپقا يازغان بىغىشلىمىللىرىنى كۈرۈپ باقايلى

بۇ11-سىنتەبىر تىرورلۇق ۋەقەسىدىن كىيىن نەشىر قىلىنغان ئەڭ مۇھىم سىياسى مۇلاھىزە كىتاپ،ئاپتۇر قەلىمى بىلەن ئامىركا جەمىيىتىدە ئۇزۇن يىللاردىن بىر ساقلىنىپ كىلىۋاتقان يامان ئللەتلەرنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان ،مەسىلىنىڭ نىگىزنى دەل جاھىدا تۇتقان،بۇ كىتاپنى ئۇقۇغان ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئامىركا ھەققىدە يىڭىچە تۇنۇش ،يىڭىچە پىكىرەگ كىلىدىغانلىقى ئىنىق.
                                                 -______<<بۈگۈنكى ئامرىكا گىزىتى>>
ھېرتېسگاردنىڭ  ئۆتكۈر تەنقىدى بىزنىڭ ئۇيقۇمىزنى ئاچتى،ئۇ مەسىللەرنى ئاجايىپ سەزگۈرلۈك بىلەن كۈزىتىپ،ئامىرىكا مىللەتلىرىنىڭ ئىللەتلىرى بىلەن بۈگۈنكى ئامرىكا سىياسىتىنىڭ بولمىغۇر تەرەپلىرىنى ئىچىپ بەرگەن.ئەڭ مۇھىمى،مەسلىنىڭ نىگىزىنىڭ مەۋجۇت جايىنى دەل جايىداە كۆرسىتىپ ،ئۆزىنىڭ ئامرىكىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى ئاتالمىش مۇستەھكەم ئورنىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويغان،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشلەرنىڭ ئامىرىكىدىن خاتىرجەم بۇلالمايۋاتقان روھى ھالەتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن.
                                               _______<<نيۇيۈرك ۋاقىت گىزىتى>>
بۇ سىياسى باھا يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئۆزىنى ئامرىكىلىق دەۋالغان ھەر بىر خاراموش ئادەمگە توپ ئاتقان تۇنجى كىتاپ.ھېرتسگارد بۇرۇندىن قەلىمنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن نام چىقارغان يازغۇچى ئىدى.ئۇ بۇ كىتاۋىدا  ئامىرىكىنىڭ سىياسى تارىخىىدا ساقلانغان نۇرغۇن ئىچكى يۇشۇرۇن ئەھۋاللارنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلغان .ئۇ مەسىللەرنىڭ ئىچىدە ئامىركىنىڭ دۆلەت سىياسىتى،ئىرقى كەمسىتىش،زوڭتۇڭ سايلىمى،مەدىنىيەت تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىرلىق مەسىلىلەرمۇ بار.
                                           __________<<ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى>>
مەنبە :بۈركۈت سايىسى دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-30 04:13 AM  


ئالى باشقۇرغۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 11:05:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركا مىنىڭچە دۇنيا تەرتىپىنى ياخشى قوغداۋاتىدۇ بەزىدە جىدەل چىقارغان دۆلەتلەرنى ئەدەبلىگەچ ئۆز يانچۇقىنىمۇ توملاپ مىڭىۋاتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7875
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 02:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئامرىكا   خەلقى  سىرىتتكى  ئىشلارنى  ئاز  ئويلايدۇ ، ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى
بۇيىنچە دۇنيانى كونتورۇل  قىلىشقا  ئورۇنىدۇ   ››   ئەمما ،  بىز   جاھاننىڭ
ئۇ چېتىدىكى  كىشىلەرنى  ئۆزگەرتىمەن  دەپ  ،  ئۆيىمىزدە _ ئارقا ھويلىمىزدا
نىمە  ئىشلار  بولۇۋاتىدۇ  ؟  ئانچە  پەرۋا  قىلمايمىز  .   ئۆزىمىز  ھەققىدە  
كۆپ  ئويلانمايمىز !

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 02:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىرىكا سەلبى خەۋەر بىرىشكە ئامراق.ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئامرىكا دۇنيادا بىر دەپ يۈرمەيدىكەن.كىملا بولسا ئامرىكىنى تىللايدىكەن.ئەمما ئامرىكىغا شۇنچىلىك ئىنتىلدىكەن.ئامىركا بىر كۆچمەنلەر دۆلىتى.ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ يىمەك ئىچمەك،بىخەتەرلىك،كىشىلىك ھۇقۇق،ئىنسان ھۇقۇقى،مەنپىئەت،سەھىيە،ھەربى سانائەت،ئالەم قاتنىشى،مائارىپ،ئىدئولۇگىيە،سودا،تىخنىكا،پاراۋانلىق سىياسەتلىرىدىن دۇنيا ئۈلگە ئىلىۋاتقىنى راسىت.ئامرىكا نۇپۇسىنىڭ 300 مىلىيۇندىن ئاشقانلىقى،ئاق تەنلىق(يەرلىك ئامرىكىلىقلار)لەرنىڭ كىيىنچە ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى،بۇنىڭ سەۋەبى دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئامرىكىغا ئىقىۋاتقانلىقى ئاساسى سەۋەب.
بىز باشقا دۆلەتلەرنى تىلغا ئالمايلا قۇيايلى:دۆلىتىمىزدىن ئامرىكىغا ئۇقۇشقا چىقىۋاتقان،كۆچمەن بولۇپ كىتىۋاتقان، ۋە سودا پۇرسەت بىلەن ئامرىكىغا چىقىش ئىلتىماسى سۇنىۋاتقانلارنىڭ سانى باشقا دۆلەت ۋە رايۇنلارغا چىقىشقا ماڭغانلاردىن كۆپ.نىمە ئۈچۈن؟سەۋەب بىر نەچچە نۇختىغا يىغىنچاقلانغان.
1-بالىلارنىڭ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئالى مائارىپنى قۇبۇل قىلىشى ئۈچۈن.
2-تىخىمۇ ياخشى ياشاش شارائىتىغا ئىرىشىش ئۈچۈن.
3-ھەر كىمنىڭ ئەركىن جەمىيەتتە ياشىغۇسى ،ئەركىنلىكتىن بەھىرمەن بولغۇسى ۋە تىخىمۇ ياخشى خاتىرجەم ياشىغۇسى بارلىقى ھەممىگە مەلۇم.
4-ئاساسى سەۋەبى بولسا:كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە مال مۆلىكىنىڭ بىخەتەرلىكى.يەنە ئادەم پۇل تاپقانكەن،چۇقۇم دۇنيانى ئايلىنىش ئىستىكى قۇزغايدۇ.بۇمۇ بىر سەۋەب.

بىز ئۆزىمىز ئىنتايىن تۇنۇش بولغان ئاگىنىتلىقنىڭ خەۋرىدىن:ئامرىكىدا ئىتىشىش يۈز بىرىپتۇ،مانچە ئايال جىنسى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچىراپتۇ........فىلىملەردە بولسا رىئاللىقتىن چەتنىگەن كىنو فىلىملەر،ئەخلاقتىن ھالقىغان شەھۋانى كۆرۈنۈش.........ۋە ھاكازىلار.
سىلەرچە شۇنچە خەق ساراڭمىدۇ؟ئامرىكىغا شۇنچە ئىنتىلىدىغان.ئامرىكىدا ئىىدىساد كىرزىس تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەت بەزى مەبلەغنى قىسقارتىشى سەۋەبىدىن خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە پاراۋانلىقى تەسىرگە ئۇچىرىغان ۋە ۋال كۇچىسىدىكى قالايمىقانلىق،يىڭى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى قاتارلىقىلار،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامرىكا بەش بۇرجەك بىنا بىلەن ئاقساراي تۈزۈگەن يەرشارى ئىستىراتىگىيەلىك سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە باشلانغان ئەرەب باھارى ۋە ئىران سۈرىيە كىرزىسى.ئىراق ۋە ئافىغانسىتان ئۇرىشى،شۇ سەۋەبلىك كۆتۈرلىۋاتقان ئىسلام دىن تەرەپدارلىرىنىڭ ئامرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىپ گۇرۇھىغا قارىشى كۆچ كۈرسىتىلىشى.
شۇنچە ئەسكى ئامرىكا ئىسلام دىنىغا مۇخالىپكەنۇ،يەنە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئامرىكىدا ياكى شىمالى ئامرىكا قىتئەسىدە ئۇلتۇراقلىشىپ قىلىشنى خالايدىكەن.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7142
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6444 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 09:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى ۋاختى ئەمەس، بىرسىگە باھا بەرگەندە كەسكىن قىلىپلا يا ئاق يا قارا دەپ باھا بىرىدىغان ، ئادەم دىگەن ئۆزگىرىشچان مەخلۇق ، ئەلۋەتتە ئادەملەر قۇرغان ھاكىمىيەت بولغاندىكىن ئادەمگە ئوخشاش بولىدىغان گەپ  ،
ئامرىكىنىڭ يامان يەرلىرى نۇرغۇن لىكىن ياخشى يەرلىرىمۇ  ئاز ئەمەس ، ئامرىكىنى تىللايدىغانلار ، ئامرىكا يوق دۇنيانى پەرەز قىلىپ بىقىڭ ،
ئەڭ ئاددى مىسال ، سىز ئامرىكىدا زوڭتۇڭنى ئاممىۋى سورۇندا تىللىيالايسىز ، لىكىن جۇڭگودا شۇنداق قىلالامسىز ؟؟؟
دۇنيادا مەڭگۇلۇك دوسلۇق يوق، شۇنداقلا مەڭگۇلۇك دۇشمەنلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت مەنپەئەت مەسىلىسىلا بار،
بىزنىڭ  ئامرىكىنى تىللاپ ياكى ماختاپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ قىلچە ئورنى يوق، بۇ يەردىكى بىز ئوبدان چۈشۈنۈشكە تىگىشلىك بىرلا  مەسىلە بار،  ئۇ بولسىمۇ ؛ دۇشمىنىڭنىڭ دۇشمىنى سىنىڭ دوستۇڭ!

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1879 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 10:28:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wolf007 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-30 09:07 PM
بۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى ۋاختى ئەمەس، بىرسىگە باھا بەرگ ...

سىز ئاشكارا سورۇندا تىلىيالمىغان بىلەن بشقىلار تىلىيالايدىكەن،مەن نەچچە قىتىم ئاڭلاپ ھەيران قالغان بۇ گگپلەر بىزنىڭ ئاغزىمىزدىن چىقىپ قالسا ئاخىرنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس،ئامىرىكا يوق بولغان شارائىتتا ئاللاھ باشقا بىرسىنى ئورنىغا تۇرغۇزۇشقا قادىر ،دۇنيادا ئامرىكا بولغانلىقى ئۈچۈنلار ئەركىنلىك ئورۇنتىلغىنى يوق،سىز بىرنەرسىنى ئۈگۈنۈپ قۇيۇڭ دۈشمىنىڭنىڭ دۈشمىنى سىنىڭ دۈشمىنىڭ،بۇ يەردە تىللاش قارلاش مەۋجۇت ئەمەس پەقەت بەزىلەر ئەركىنلكنىڭ سىمۇۋۇلى دەيدىغان بۇ مەشئەلنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنۈش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67128
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 06:03:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست بىز راستىنلا ئامرىكا بولمىغان دۇنيانى تەسسەۋۇر قىلالمايمىز ! ئالما يانفۇنلىرى،ئاتوم بومبىسى،ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان،باشقۇرۇلدىغان بومبا،لەيدى گا گا،مايكول جېكسون،تەيسىن....پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى ،ئىراق ئۇرۇشى،ئافغانىستان ئۇرۇشى...ھەممىسى ئامىرىكا مونۇپول كاپىتالىزىمىنىڭ،ئاتالمىش ئەركىن ،يېڭىچە ئىدىيەنىڭ مەھسولللىرى،ئامرىكا بۇگۈنكى كۈندىكى چىڭگىزخان ئېمپىرىيەسى،ئىسكەندەر ئېمپىرىيەسى بولۇشقا مۇناسىپ،ھەتتا ئېشىپ چۈشۇشىمۇ مۇمكىن.  ئامىرىكا كاپىتالىزىمىنىڭ،ئەشۇ ئاتالمىش يىڭى ئىدىيەنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەنلىرى يالغۇز بۇلارلا ئەمەس! ئەڭ دەسلىپىدە دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قەد كۈتۈرىشى ۋە تەرەقىياتىنى توسۇش،قىرغىن قىلىش ،جىنىسداشلار مۇھەببىتى،ئېتىقاتىكى چۈشكۈنلۈك،چىكىدىن ئاشقان ئەركىنلىك،ئاشكارە زىنا،ئوچۇق يوتا،ۋە ئىشتان باغ تاقاشنى خالىمايدىغان قىزلاردىن ئىبارەت......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش