 |
 |
 |
 |
جۇڭغار خانلىقى
جۇڭغار خانلىقى(17-ئەسىردىن--1756-يلىغىچە) بولسا ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ بىر تارمىقى بولغان جۇڭغار قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خانلىق . جۇڭغار خانلىقى 17-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىينى تىزگىنلىگەن بولۇپ، زېمىنى غەربتە بالقاش كۆلىگە،شىمالدا ئالتاي تېغىغا،شەرقتە تۇرپانغا ،غەربىي-جەنۇبتا چۇ،تالاس دەريالىرغىچە بولغان كەڭ يەرلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان ،تارىختىكى ئەڭ ئاخىرقى كۆچمەن چارۋىچى خانلىق ھېسابلىندۇ. دىنىي جەھەتتە جۇڭغارلار تىبەت بۇددا دىنى(لاما دىنى)غا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە موڭغۇللارمۇ تىبەتكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن،18-ئەسىردە چىڭ سۇلالىسنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىدا زاۋال تاپقان.
جۇڭغار خانلىقىنىڭ دائىرسى
گۈللىنىشى:
مىڭ سۇلالىسنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسنىڭ باشلىرى جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاقساقالى قاراقۇل(؟-يىلدىن 1634-يىلغىچە) بولۇپ،كېيىن قاراقۇلنىڭ چوڭ ئوغلى باتۇر ئېردېنى ئىلىنى تايانىچ قىلىپ تۇرۇپ ئويرات موڭغۇللىرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن .1670-يىلى باتۇر ئېردېنىنىڭ بەشىنچى ئوغلى سېنگې ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن سېنگېنىڭ ئاتابىر ئانا باشقا ئىنىسى غالدان جۇڭغار قەبىلىسنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ.1678-يىلى تىبەتتىكى دالاي V غالدانغا قاغانلىق مەرتىۋىسنى ئىلتىپات قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن جۇڭغار خانلىقى رەسمىي قۇرۇلىدۇ. شۇيىلى غالدان ماڭلاي سۆيەر(جەنۇبىي شىنجاڭ) گە قوشۇن تارتىپ،ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنى ئىگەللەپ كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ.1688-يىلى غالدان تۇيۇقسىز لەشكەر باشلاپ ئۆتۈكەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ تۇشېتىخان قەبىلىسگە ھۇجۇم قىلىىپ قالقا موڭغۇللىرنى جەنۇبقا كۆچۈشكە مەجبۇرلايدۇ.1690-يىلى6-ئايدا غالدان يەنە قۇملۇق(گوبى)نىڭ جەنۇبىدىكى قالقا موڭغۇللىرغا ھۇجۇم قىلىپ، قالقالارنىڭ ئادەم ۋە چارۋىلىرنى بۇلاپ-تالايدۇ. شۇيىلى چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى كاڭشىخان غالدانغا ئۆزى يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلىپ،ئوڭ سول ئىككى تارماق قوشۇن تەشكىللەپ ئايرىم-ئايرىم گۇبېي ۋە شىفېڭ ئۆتكەللىردىن چىقىدۇ.شۇ يىلى 8-ئاينىڭ1-كۈنى جۇڭغارلارنىڭ 30مىڭ قوشۇنى بىلەن چىڭ سۇلالىسنىڭ 100مىڭ قوشۇنى ئۇلانبۇتون( ئىچڭكى موڭغۇلنىڭ خېشىگتېن خوشۇنى)دا ئۇرۇشىدۇ،غالدان مەغلۇب بولۇپ شىمال تەرەپكە كېچىلەپ قېچىپ كېتىدۇ.
ئۇلانبۇتون ئۇرۇشى
غالدان مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تايانىچ بازىسىنى سېۋان ئاراپتان(1665-1727،سېڭگېنىڭ چوڭ ئوغلى،غالداننىڭ جىيەنى)تەرپىدىن ئگەللىۋېلىنغاچقا ئامالسىز قوبدۇ(ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ غەربى)رايونىدا تۇرۇپ قالىدۇ ھەمدە قالدۇق قىسىمىنى يىغىپ تەرتىپكە سېلىپ قايتا باش كۆتۈرۈشنى پىلانلايدۇ ،توختىماستىن چىڭ سۇلالىسنىڭ چېگرا رايونلىرىغا پاراكەندىچىلىك سالىدۇ،1692-يىلى2-ئايدا كاڭشىخان 100مىڭ كىشىلىك چوڭ قۇشۇننى باشلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ھوجۇمغا ئۆتىدۇ،5-ئاينىڭ13-كۈنى غەربىي يول قىسىمى شومودو(ھازىرقى موڭغۇلىيە ئاستەنىسى ئۇلانباتۇرنىڭ جەنۇبىدا)غالداننى مەغلۇب قىلىدۇ.1697-يىلى 2-ئايدا 3-قېتىم يراققا يۈرۈشنى قوزغاپ فىياڭگۇ ۋە مائېنخانى ئىككى يول قوشۇن جەمىئىي 6000چېرىكنى باشلاپ نىڭشيادىن چىقىپ غالداننىڭ قالدۇق قىسىمىنى تازلاشقا بۇيرۇيدۇ.شۇيىلى 4-ئايدا كاڭشىخان نىڭشياغا ئۆزى بېرىپ بۇ قېتىمقى لەشكىرىي يۈرۈشكە قوماندانلىق قىلىدۇ.چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى تازا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ۋاقىتتا،غالداننىڭ يېقىنلىرى غالداندىن يۈ ئۆرۈيدۇ، غالداننىڭ قوشۇندا پەقەت بەش-ئالتە يۈزلا ئادىمى قېلىپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن غالدان زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالدۇ(باشقىلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنمۇ دېيىلگەن).
غالدان ئۆلگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ جىيەنى سېۋان ئاراپتان جۇڭغار خانلىقىغا ۋارسىلىق قىلىدۇ،جۇڭغار خانلىقى يەنە تەدىرجى كۈچىيىشكە باشلايدۇ، چىڭ سۇلالىسى بىلەن يەنە ئىككى قېتىم توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ.1716-يىلى سېۋان ئاراپتان تىبەتكە قوشۇن ئەۋەتىپ لاسانى ئىشغال قىلىدۇ.1718-يىلى چىڭ سۇلالىسى چىڭخەيدىن تىبەتكە قوشۇن ئەۋەتكەن بولسىمۇ بىراق تولۇق مەغلۇب بولىدۇ.1720-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئىككىنچى قوشۇن ئەۋەتىپ جۇڭغارلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ،چىڭ سۇلالىسى بىلەن جۇڭغارلار ئوتتۇرسىدا تۇرپان تەرەپلەردىمۇ ئۇرۇشلار بولىدۇ.
يوقىلىشى:
1755-يىلى ئەتىيازدا ،50مىڭ لەشكەردىن تەركىب تاپقان چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى غەرب،شىمال دەپ ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ئىلىغا قوشۇن تارتىدۇ.100كۈن يول ماڭمايلا ئىلىغا يېتىپ بارىدۇ. جۇڭغار خانى داۋاچى 6000 لەشكەرنى باشلاپ گېدەن تېغى(موڭغۇلكۈرە دائىرسىدە)نى ساقلايدۇ،چىڭ سۇلالىسى قوشۇندىن 25 ئادەم داۋاچنىڭ بارگاھىغا تېگىش قىلىدۇ،داۋاچى قوشۇنى قورقۇپ ئۇرۇشمايلا تەسلىم بولىدۇ،داۋاچى بولسا جەنۇب تەرەپكە قېچىپ كېتىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئامۇرسانا ئۆزى جۇڭغارلارغا باش بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىغا ئۈزلۈكسىز قارشى تۇرىدۇ،1757-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى يېڭى بىر قېتىملىق لەشكىرىي ھەركىتىنى باشلايدۇ. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ئىلگىرلەيدۇ،جۇڭغار قوشۇنى چىڭ سۇلالىسنىڭ قوغلاپ يوقىتىشى ئارقىسدا تولۇق مەغلۇب بولىدۇ.ئامۇرسانا چارۇسسيەگە قېچىپ كېتىدۇ.1759-يىلى 8-ئايدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ ئامۇرسانانى قوللىغان چوڭ خوجا بۇرھانىدىن ۋە كىچىك خوجا خوجا جاھاننىڭ توپىلىڭنى تىنجىتىدۇ،شۇيىلى كۈزدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى تەرپىدىن تولۇق تىنجىتىلىپ .چىڭ سۇلالىسى بۈگۈنكى شىنجاڭ رايونىنى تولۇق كونترول قىلىدۇ.شۇندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى جاۋخۈينىڭ باشچىلىقىدا،چيەنلوڭخاننىڭ مەقسىدى بويىچە جۇڭغار قەبىلىسىنى يوقىتىدۇ،بۇ جەرياندا نەچچە يۈزمىڭ جۇڭغارلار قىرغىن قىلىندۇ،تاشلىنىپ قالغان بوش يەرلەر كۆپلىگەن قازاق كۆچمەنلەر تەرپىدىن تولدۇرۇلدۇ.
جۇڭغار خانلىقى خانلىرى
1.قاراقۇل
2.باتۇرئېردېنى
3.سېڭگې
4.غالدان
5.سېۋان ئاراپتان
6.غالدان سېرىن
7. سېۋان دورجى نامجال
8.لاما دارجا
9.داۋاچ
10ئامۇرسانا
مەنبە:ئوغۇلچاق مۇنبىرى(www.oghulchaq.co.cc) تەرجىمىدە:بىلگە
بايانات:مەزكۇر تېما پەقەت تورداشلارنىڭ دىيارىمىز تارىخىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يوللاندى،تارىخ بىزگە نىسبەتەن بىر ئەينەكتۇر،تارىختا موغۇللار(ئىسلاملاشقان موڭغۇللار)ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە،تىل،دىن،مەدەنيەت،رايون جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشىگە زور ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان،جۇڭغارلار گەرچە كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئاز بولمىغان زۇلۇم سالغان بولسمۇ ،لېكىن ئۇلارمۇ ئاخىرغا بېرىپ ئۆزىنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتى.ئۇندىن باشقا ،جۇڭغارلار پەقەت موڭغۇللارنىڭ كۆپلىگەن قەبىلىسنىڭ بىرسى خالاس،ھەرگىزمۇ بارلىق موڭغۇللارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،شۇڭا تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ ئىلمىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى،ھەرگىزمۇ بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىپ ئارىدىكى نورمال مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەسىلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-29 11:36 PM
|
 |
 |
 |
 |
|