تۇنجى نۆۋەتلىك‹‹ ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئىلتىماس قىلىش ئۇقتۇرۇشى
女性研究生奖学金
Woman Master Scholarship
مۇكاپات نامى:
‹‹ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى››
مۇكاپات تەسس قىلغۇچى مەسئۇل ئورۇن :
شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى
باش پىلانلىغۇچى:
تاھىر ئىمىن
مەسلىھەتچىلەر:
ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان، ئارسلان ئابدۇللا تەھور، ئىمىن ئەھمىدى، مىجىت ناسر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇلئەزىز ئابدۇقادىر ئۆز تۈرك ، ئسلامجان شىرىپ، پولات ھىۋىزۇللا. ئابلەت نىياز
قوللىغۇچى ئورۇنلار:
ش ئۇ ئا ر ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيتى
ش ئۇ ئا ر سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى
ئاساسىي مەزمۇنى:
شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن خانىم-قىزلارنىڭ مائارىپ ۋە تەربىيلىنىش ئشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئاسپرانت قىزلارغا ئىلھام بىرىش مەقستىدە، شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى ‹‹ ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى››نى تەسس قىلدى. مۇكاپات تارقىتىش 2012-يىلىدىن باشلىنىپ ئەڭ ئاز بولغاندا 10 يىل داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
مۇكاپات تارقىتىش شەكلى:
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۇزۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى تارقىتىپ بىرىلىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى بۇ قېتملىق مۇكاپاتقا ئاجراتقان سومما جەمئىي 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، 80 مىڭ يۈەن مۇكاپات سوممىسى (60 مىڭ يۇۋەن نەق پۇل، 20 مىڭ يۈەنلىك ماددى مۇكاپات بويۇمى) ۋە 20 مىڭ يۋەن پائالىيەت راسخوتىنى نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر بىر مۇكاپات ساھىبىغا 4000 مىڭ يۈەن نەقپۇل، مىڭ يۈەن قىممىتىدە ماددى بويۇم بېرىلىدۇ.
مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى:
1. ئەخلاقى گۈزەل، ئستىلى ياخشى، مەرىپەت ۋە تىرىشچانلىق ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا ئىراە باغلىغان، زامانىۋى مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشقان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار.
2. ھازىر ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇۋاتقان (ماگېستىر ئاسپىرانىتلىقى ۋە دوكتۇر ئاسپرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقانلارنى بىردەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى تېخى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار.
3. ئوقۇش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان، (پۈتۈن پەنلەردە لاياقەتلىك بولغان بولۇشى، ئاسپىرانىتلىق ئوقۇش جەريانىدا بىرمۇ پەندىن ئۆتەلمەي قالغان تارىخى بولمىغان بولۇشى كېرەك) ئىلمىي ۋە كەسپىي نەتىجىلىرى كۆرىنەرلىك بولغان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار. (ئاسپرانىتلىق ئىلمىي ماقالىسى ئەلا باھالانغانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.)
4. نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا مۇستەقىل ھالدا ئىككى پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلغان ( ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماقالىسىنىڭ ئىلمىيلىك ۋە ئىجادىيلىق دەرىجىسى، نەتىجە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكى، ئېلان قىلغان ماقالە سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىلىدۇ؛ مەلۇم ساھەدە كەشپىيات يارىتىپ پاتنېت ھوقوقىغا ئېرىشكەن، قىينلىق دەرىجىسى يۇقىرى تەتقىقات تېمىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ ئېتراپقا ئېرىشكەن، كىتاب نەشر قىلغان ياكى نەشىرىياتقا تاپشۇرغان، مەكتەپ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇغانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.) ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار.
5.ئوقۇغان كەسپى ۋە تەتقىقات تېمىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئېقتساد، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن روشەن ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار.
6. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ نامرات جايلىرىدىن كەلگەن، ئائىلىسىدە ئېقتسادى قېيىنچىلىقى بولغان (ئاتا-ئانىسدىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى مېيىپ بولغان، ئاتا-ئانسنىڭ مۇقىم كىرىمى بولمىغان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ)، ئەمما ئوقۇش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار.
ئەسكەرتىش:
باشقا زور سوممىدىكى ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەنلەر، ئائىلىسدە ئازراقمۇ ئېقتسادى قىينچىلىقى بولمىغان ئەمما ئىلمى نەتىجىسى قىينچىلىقى بارلار بىلەن باراۋەر بولغانلار ئويلىشىلمايدۇ.
مۇكاپاتلانغۇچىلار سانى ۋە دائىرىسى:
مەزكۇر مۇكاپاتقا شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىن بىرىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان خانىم-قىز ئاسپرانىت ئوقۇغۇچىلاردىن جەمئى 15 ئوقۇغۇچى باھالاپ بېكىتىلىدۇ. بارلىق كەسپلەر بۇيىچە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانىت خانىم- قىزلار مەزكۇر مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ھەر بىر كەسپ تۈردىن بىردىن ئوقۇغۇچى تاللاپ مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇكاپات بويۇمى:
1. مۇكاپات پۇلى (يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نەق پۇل)،
2. شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى ئىشلەپ چىقارغان خانىم-قىزلار مەھسۇلاتلىرى
3. مۇكاپات تەقدىرنامىسى ۋە مەخسۇس لەۋھە.
ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى:
ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئۆز-ئۆزىنى تەۋسيە قىلىپ ئىلتىماس قىلىش؛ يەنە بىرى مەكتەپ ئاسپىرانتلار باشقارمىسى تەۋسيە قىلىش (مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەرگە زۆرۈر ماتىرياللار يوللاندى).
ئۆز-ئۆزىنى تەۋسىيە قىلىپ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى:
1. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى تولۇق تولدۇرۇپ بارلىق ئسپاتلىرى بىلەن مۇشۇ ئېلان چىقىرىلغان كۇندىن باشلاپ 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:00 كىچە مۇكاپات تارقاتقۇچى ئورۇننىڭ ئېلىخەت ئادىرسىغا ئەۋەتىدۇ.
2. ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتىرىياللارنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىلىرىنى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن مۇكاپات تەسس قىلغۇچى ئورگانغا ئۆزى بىۋاستە يەتكۇزۇپ بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى تولۇق تولدۇرۇپ بارلىق ئسپاتلىرى بىلەن مۇشۇ ئېلان چىقىرىلغان كۇندىن باشلاپ 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:00 كىچە مۇكاپات تارقاتقۇچى ئورۇننىڭ تور ئادىرسىغا ئەۋەتىپ بەرسىلا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى بىۋاستە يەتكۈزىشى ھاجەتسىز.
ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
باھالاش باسقۇچى:
1.ئىلتىماس جەدىۋىلى تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كىين باھالاش ھەيئەت گۇرۇپپىسى قاراپ چىقىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان نامزاتلارنى باھالاپ بېكىتىدۇ.
2. مۇكاپات تەسس قىلغۇچى ئورۇن بولغان ‹‹شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى›› ۋە قوللىغۇچى ئورۇن بولغان «شنجاڭ ئاياللار بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيتى» باھالاش ھەيئەت گۇرۇپپىسى باھالاپ بېكىتكەن نامزاتلارنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ مۇكاپات بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى رەسمىي بېكىتىدۇ.
نەتىجە ئۇقتۇرۇش ۋاقتى:
مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئەھۋالى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاسپىرانىت خانىم-قىزلارغا 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
ئالاقىلىش ئادىرسى:
ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبې تىچلىق يولى 586-588نۇمۇر،
شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
ئالاقىلاشقۇچى:
تاھىر مۇئەللىم، ئا دىرىكتور
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرى:
تاھىر مۇئەللىم: 18699144264، 400-0991-786
ئا دېرىكتور: 0991-8559056
ئاياللار- بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى
ئالاقىلاشقۇچى: رامىلە
تىلفۇن نۇمىرى: 0991- 2319150
ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ئېلىخەت ئادىرىسى:
womanmasterscholarship@gmail.com
پائالىيەت كۇنىگە دائىر ئۇقتۇرۇشلار:
6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30(چۈشتىن بۇرۇن) دە شنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەرىكە زالىدا ئۆتكۇزۇلىدىغان ‹‹ئاسپرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى››نى تارقىتىش مۇراسىمى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەسىقلىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، پائالىيىتىمىز تەكلىپ قىلىنغان بارلىق مەمۇرىيەت، مائارىپ ، كارخانا، مۇكاپات كومېتىتى، تەكلىپلىك سەنئەتكارلار،كىلەلەيدىغان بارلىق ئاسپرانت قىز ئوقۇغۇچىلار ۋە پائالىيەتكە قاتنىششنى ئىختىيار قىلغان بارلىق مىھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
پائالىيتىمىزگە ئاكتىپ قاتنىششنى خالايدىغان ئەزىز دوسلار ، ئىجابى، دەۋر روھى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت نۇمۇرلىرىنى تەييارلىغان ھەر ساھە دوستلار، پائالىيەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەقلى ۋە جىسمانى ئەمگەكلەرگە تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان قەدىردانلارنىڭ ئايانماي بىز بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئستەيمىز. ئشىنىمىزكى، ھەر بىر ئەمگەك نەتىجىسىز قالمايدۇ!
قوشۇمچە ئىزاھات:
1- «ئاسپىرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى»نى خانىم-قىز ئاسپىرانىتلارغىلا بېرىشىمىزنىڭ سەۋەبى بىرىنجىدىن، شركىتىمىزنىڭ كۆپ قىسم مەھسۇلاتلىرى خانىم-قىز ئستىمالچىلارنى ئاساسىي ئوبىكىت قىلغان؛ ئىككىنجىدىن، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇپ تېخىمۇ يۇقىرى بىلىم ساپاسىغا ئىگە بۇلۇش ۋە جەمىئەتكە تۆھپە قوشۇشىنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىدىمىز بار؛ ئۈچۈنجىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشىدا مەدەت ۋە ياردەمگە ئەركەكلەردىن كۆرە قىزلار بەكرەك مۇناسپ دەپ قارىلىدۇ. شۇڭلاشقا، مەزكۇر مۇكاپاتنى مەخسۇس خانىم-قىز ئاسپىرانىتلارغا بېرىشنى قارار تاپتۇق.
2-بىز باھالاشنىڭ ئىمكانقەدەر ئادىل ۋە توغرا بولۇشى ئۈچۈن كۇچ چىقىرىمىز.ھەر ساھە دوسلارنىڭ چۇشىنىپ قوللىشنى ئۇمىد قىلىمىز.
مۇكاپاتقا ئېرىشكۇچىلەردىن باشقا مۇكاپاتقا كۆرسىتىلگەن نامزاتلار كىلەر يىللىق مۇكاپاتلاشتىكى تاللاش ئوبېكتى ئىچىدە بولىدۇ.
«ئاسپىرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى» ھەيئەتلىكى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-29 04:54 PM