سالام : مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق چوڭ - كىچىك مۇنبەرداشلار ...
خىزمەت مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن سىرتتا بولغاچقا بىر قانچە ئاي بولدى مۇنبەرگە كىرەلمىدىم . ئالدىراشچىلىق ئىشلارمۇ تۈگەپ مۇنبەرداشلارغا سالام يوللاش بىلەن بىرگە ئادىدى بولسىمۇ { مايكۇل جېكسون } توغرىسىدىكى تۈۋەندىكى تىمىنى يوللىدىم . قىزىقىدىغان دوسلارنىڭ تىمىنى كۈرۈپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،
دۇنياغا داڭلىق مودا ناخشا شاھى مايكول جېكسۇننىڭ بۇ دۇنيادىن كەتكىنىگە 3 يىل بۇلۇپ قالدى ، بىراق ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەر پۈتۈن دۇنيا تاراتقۇللىرىدا ھېلىھەم توختاپ قالغىنى يوق . بۈلۈپمۇ جېكسوننىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېلىپ بارغان ھەرتۈرلۈك مىھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى ھازىر كىشىلەرنىڭ بەكرەك دىققىتىنى قوزغايدۇ ...
ئۇ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۇنيا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا سەرىپ قىلغان . بىراق ئۇ ھايات ۋاختىدا كىشىلەر ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك ھەركەتلىرىگە ئانچە بەك دىققەت قىلمىغان شۇنداقلا بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جېكسونغا بۈھتان چاپلاپ پايدىغا ئىرىشمەكچى بولغان ، ئەمەلىيەتتە مايكۇل جېكسون ھايات ۋاقتىدا دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن ، ئەگەر ئۇ ئۈلۈپ كەتمىگەن بولسا كىشىلەر يەنىلا ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا دىققەت قىلار بولغىيمىتى ..؟
تۈۋەندە بىز ئۇنىڭ ھايات ۋاختىدا ئېلىپ بارغان بىر قىسىم خەيرى - ساخاۋەت پائالىيەتلىرى بىلەن تۈنۇشۇپ چىقايلى .
مايكول جېكسۇن ھايات ۋاختىدا نەگىلا بارسۇن ئالدى بىلەن دوختۇرخانا،بالىلار سانا تورىيىسىگە بېرىپ يىتىم بالىلارنى يوقلىغان.
ئۇزۇن يىلدىن بۇيان مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ئورۇنلىرىغا پۇل ئىئانە قىلغان.گەرچە نۇرغۇنلىغان ئەپقاچتى سۆزلەر پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئۇيەنىلا بالىلارغا ،مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىغا قىلىنىدىغان ياردىمىنى توختاتمىغان 2006-يىللىق جېنىس دۇنيا رىكورتى ئورنىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،ئۇ دۇنيا بۇيىچە سەنئەتكارلار ئىچىدە پاراۋانلىق ئۇرۇنلىرىغا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان . شۇنداقلا دۇنيا بۇيىچە شەخسىلەر ئىچىدە بىرلا قېتىمدا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان دىگەن نام بىلەن جىنىس دۇنيا رىكوتى ياراتقان ، ئۆمرىدە دۇنيا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغان پۇل300مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن . ئۇ پەقەت پۇل ئىئانە قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن ئۇ يەنە تەسىر دائىرىسىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا تېنىچلىقىنى تەشۋىق قىلغان،شۇ تۈپەيلى ھايات چېغىدا ئىككى قېتىم نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن.
1981-يىلى 6-ئايدا جېكسۇن ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئاتلانتادا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ،تاپقان پۇلىدىن100مىڭ دوللارنى "ئاتلانتا بالىلار فوندى جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلغان.
1985-يىلى 1- ئاينىڭ 28 -كۈنى ،ئافرىقادىكى ئاچارچچىلىققا ياردەم بېرىش مەقسىدىدە ئۇ ئىككى يېرىم سائەت ۋاقتىنى سەرىپ << دۇنيا بىر ئائىلە ›› دېگەن ناخشىنى يېزىپ چىققان. پىلاستىنكا بىرلا ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈزدىن ئارتۇق تىلۋىزىيە ۋە رادىيولاردا تارقىتىلغان ، پىلاستىكىدىن كىرىم قىلغان 60نەچچە مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئافرىقا ئاپەت رايونىغا ئەۋەتكەن.
1992-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇ يېڭىدىن قۇرغان"دۇنيانى قۇتقۇزۇۋالايلى"ناملىق فوندى جەمئىيەت ئەيدىز ۋە دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىغا ياردەم قىلغان.
1993 - يىلى ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساقايماس كېسەل بولغان ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بار بولغان بالىلاردىن جەمى 3 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى ئۈزى كۈتۈرۈپ تەكلىپ قىلىپ ئۈزى ئامېرىكىدا ئۈتكۈزگەن پەۋقۇللادا ناخشا پائالىيىتگە تەكلىپ قىلغان شۇ ۋاقتتىكى ئوننەچچە مىنۇتلۇق ناخشا پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى پەۋقۇللادە كۆپ بۇلۇپ ھازېرغىچە جىنىس دۇنيا رىكوتىنى ساخلاپ كەلمەكتە ،
1997يىل4-ئاينىڭ4-كۈنى ئەنگىلىيىدىكى داڭلىق << ئوك! >>ژۇرنالى1مىلىيون فونىد سىتىرلىڭلىق يۇقرى باھا بىلەن جېكسوننىڭ ئوغلى Prince نىڭ نىقاپلانمىغان رەسىمىنى ژۇرنال مۇقاۋىسىگە چىقارغاندىمۇ جېكسون بۇ 1 مىلىيۇن فونىد سىتىرلىڭنىڭ ھەممىنى بىراقلا مېھرى -شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىۋەتكەن.
1999-يىلى 6-ئايدا مايكول جېكسۇن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى دوستلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ناخشا كېچىلىكىنى كورىيە ۋە گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈپ تاپقان 3مىلىيون300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگىنى:ب د ت "مائارىپ فوندى جەمئىيىتى"،"خەلقاراقىزىل كىرىست"ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمىيىتى "گە بەرگەن.
2000-يىلى مايكول جېكسون<<جېنىس رىكورتى>>تەرىپىدىن مېھرى-شەپقەت يەتكۈزش پائالىيىتىنى ئەڭ كۆپ قوللىغان مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى بولۇپ باھالانغان.يالغۇز ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ياردىمىگە شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان مېھرى -شەپقەت يەتكۈزۈش جەمىيىتى 39دىن ئاشقان.ئۇ پەقەت ماددى جەھەتتىنلا ئەمەس يەنە بەلكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق :سان فىرانسېسكۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانى،ئامېرىكا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى،ئامېرىكا بالىلارغا ياردەم قىلىش جەمئىيىتى،قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىلار فوندى جەمئىيىتى ،28كوچا خىرستىئان ياشلار بىرلەشمىسى ،ئامېرىكا كاڭ جۇاڭ ھۈجەيرە تەتقىقات فوندى جىمئىيىتى ۋە ئامېرىكا پىدائىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.
2008 - يىلنىڭ ئاخېرىدا ئۇ ئۈزىنىڭ يىغىپ ساقلىغان مىڭ خىلدىن ئارتۇق خۇسۇسى بۇيىمىنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتقان ۋە ئۇنىڭدىن كىرىم بولغان پۇلنىڭ 80 پىرسەنتىنى خەيرى - ساخاۋەت ئۇرۇنلىرىغا ئىئانە قىلغان ،
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۈزىنىڭ 30 مىلىيۇن دوللار سەرىپ قىلىپ سالدۇرغان { خىيالى داچا } سىغا ھەرقايسى جايلاردىكى بۇلۇپمۇ ساقايماس كېسەل بولغان ۋە ئائىلىسى نامرات بولغان بالىلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا كىلىپ ھەقسىز ئويناپ كىتىشكە تەكلىپ قىلغان ۋە ئۈزى ھەپتىدە ئىككى قېتىم ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىرگە ئوينىغان. جېكسوننىڭ خىيالى داچىسىدا . ھايۋاناتلار باغچىسى . تاللا بازىرى . كىنوخانا . سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى . ھەرخىل بالىلار ئۇيۇنچۇقلىرى شۇنداقلا نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش سايمانلىرى تۇلۇق بار بۇلۇپ چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى دىيىشكە بۇلىدۇ .
2009 - يىلى جېكسون ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن مىراس قالغان نەچچە يۈز مىلىيۇن دوللارلىق مۈلۈكىنى ئۈچكە بۈلۈپ بىر قىسمىنى ئانىسىغا . بىر قىسمىنى ئۈچ پەرزەنتىگە ئاخېرقى بىر قىسمىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 39 خەيرى- ساخاۋەت ئۇرۇنلىرىغا ئىئانە قىلىشنى. شۇنداقلا ئۇ ھايات ۋاختىدا يېزىپ تېخى ئىلان قىلدۇرمىغان مىڭدىن ئارتۇق ناخشىنىڭ كەلگۈسىدە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن كىرگەن پۈتۈن كىرىمىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بالىلار ئەيدىز داۋالاش ئۇرۇنلىرىغا ئىئانە قىلىشنى ۋەسيەت قىلغان . شۇنداق بولغاندا گەرچە جېكسون ئۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرى توختاپ قولمايدۇ ،
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەنزۇچە باسمىسىدىن تەرجىمە قىلىندى،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-29 04:55 AM