|
|
|
|
ئەتىگەندە بەش بىلەن,
كۆزنى يىرىپ ئاچىمىز.
مۇزاكىرىگە ئالدىراپ,
چاي ئىچمەيلا چاپىمىز.
بېرىپ ئاران ئۈلگۈرۈپ,
پارتىلاردا ياتىمىز.
تولا ئېتىپ مۇئەللىم,
بورغا تولدى پارتىمىز.
مەن دەرىستە ياخشى دەپ,
پو دىگەننى ئاتىمىز.
نەتىجىمىز چىققاندا,
ئۈچ تۆت پەندىن قالىمىز.
جىم ئولتۇرماي دەرىستە,
تولا سائەت سورايمىز.
مۇئەللىملەر قاقشىسا,
ئۇلارنى تەڭ دورايمىز.
تەنەپۇسقا چىقىپلا,
ناخشىلارمۇ باشلىنار.
قوللاردىكى كىتاپلار,
دەرىزىلەردىن تاشلىنار.
كۈن يوق بولدى بىزلەرگە,
قاتتىق تۈزۈم دەستىدىن.
تېلىفۇنلارنى تارتىدۇ,
پارتىلارنىڭ ئاستىدىن.
تايىنى يوق مەيداننىڭ,
ياتاقنىڭ يا ئاشخانىنىڭ.
ئەدىپىنى بېرىدۇ,
ھەددىدىن بەك ئاشقاننىڭ.
ئەگەر بولسام مۇدىرمەن,
تۈزۈمنى بوش قىلاتتىم.
فورمىنى ھەم كۆيدۈرۈپ,
ئەتلەسلەرنى ساتاتتىم.
بىلىپ قۇيۇڭ مۇئەللىم,
ئوقۇغۇچى بولماق تەس.
تولا سۆزلەپ دەرىسنى,
قىلىپ قويماڭ بىزنى مەس.
شۇڭا سىزمۇ چۈشىنىڭ,
ئوقۇغۇچى قەلبىنى.
چۈشەنگىم يوق دېسىڭىز,
تەربىيلەڭ سىز دەلتىنى.
ئشلىمىسە دەرىسكە,
بۇ قاپاقتەك كاللىمىز.
ئشلەپ قالار باشقىغا,
خېلى ئوبدان بالا بىز.
يازغۇچى:نىگارە ئالىم ئۇيغۇر قىزى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-29 04:27 AM
|
|
|
|
|
|