باشقۇرغۇچىلارغا چاقچاق

مىسرانغا مەن خەت يازادىم ،سەپ -سېپ قۇيۇڭ مۇھەرىر ،
يازغانلىرىم بەك ئاددى ،سىز ئېپ قۇيۇڭ مۇھەرىر .

يېڭىلىقتا تەس ئىكەن يازغانلارنى رەتلىمەك ،
كەم يىرىنى زىننەتلەپ رەتلەپ قۇيۇڭ مۇھەرىر .

خىجىل بولدۇم گاھىدا ،ئۈزۈم يازغان قۇرلاردىن ،
كەم بوپ قالسا پەش چىكىت سەپلەپ قۇيۇڭ مۇھەرىر .

شۇنچە كۆركەم باغ دەيمىز ،مىسرانىمنىڭ مۇنبىرىنى ،
شۇ گۈل بىلەن تېمامنى بىزەپ قۇيۇڭ مۇھەرىر .

ئىنكاسلارغا تۈكۈلدى قۇرلار مايماق ،چىكىت كەم ،
كەم چىكىتكە بىر قەلەم سەپلەپ قۇيۇڭ مۇھەرىر .

سىزمۇ بەلكىم بۇ يولدا چەككەن مىڭ بىر جاپانى ،
بوش ۋاقىتتا ئۆتمۇشنى ئەسلەپ قۇيۇڭ مۇھەرىر .

تامايىمىز يوق بىزنىڭ قەلەم ھەققى شۆھرەتتىن،
شۇڭا يازغان ئەسەرنى بىزەپ قۇيۇڭ مۇھەرىر .

تىزغانلىرىم بىر چاقچاق ،ھەرگىز خاپا بوپ كەتمەڭ ،
ئاچىغىڭىزدا تاڭنۇرنى ،مىسرانىمدىن قوغلىماڭ .

ھەمىسى چاقچاق ھە ...... خاپا بولماڭلار
مەنبە---تاڭنۇر