مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13840|ئىنكاس: 209

بۇرۇتلۇق قىزلارغا نەزەر سالماڭ!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50850
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 01:11:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇشۇ تېمىدا ئەسلى پەقەتلا يازماي دېگەن ئىدىم،
بىراق بۈگۈن ناھايتى يىراق بىر يەردىن شەھەرگە كېلىش يېنىدا ، ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قالدىم.
ئەتراپتىكى گۈزەل تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانغاچ ، يىراقتىكى ئېتىزلىقلاردىن نەزىرىمنى تەسادىپى بۇ قىزغا يۆتكەپ ، ئۇزۇندىن بېرى «ياز-ياز، يازە» دەپ كېلىۋاتقان بۇ تېما يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
قىزلارغا قاراش ياخشى ئىش ئەمەس، بىراق بەزىدە قارىلىپ كېتىدۇ دە.... شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ...
بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، يېنىمدا ئولتۇرغان بۇ قىز بۇ يىل ئۇنىۋېرسىتتقا ئوقۇشقا كەلگەن ئىكەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ يىگىتلەرگە ئوخشاش خەت تارتقان بۇرۇتىغا قاراپ، كۆڭلۈمدە داڭ قېتىپ قالدىم.

ئىككى ئاي بۇرۇن كەنىتكە خىزمەتكە بېرىپ، شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىر ئاقىزنىڭ  يۈزىگە قاراپ، ناھايتى يۇمران، قۇيۇق ئۆسكەن بۇرۇتلىرىغا قاراپ ھەيران قالغان ئىدىم.
شۇ چاغدا تېخى مەن ئۇنىڭغا « بۇرۇتىڭىزنى چۈشۈرۋەتسىڭىز بولغۇدەك» دەپ چاقچاقمۇ قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.

كېيىن يەنە بىر تەسادىپى پۇرسەتتە خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى بىر قىزنىڭمۇ شۇنداق يۇمران بۇرۇتلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۈرۈپ، تەسادىپى كاللامغا ھازىرقى زامان ياش قىزلىرىدىكى بۇرۇت مەسلىسى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ باقسام قانداق بولار دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن جىن تەككەندەكلا بىر ئىش بولدى، قىزلار بىلەن پاراڭلاشقان ھامان ئۇنىڭ بۇرۇتىغا قارايدىغان بۇلۇپ قالدىم- توۋا.....

مەلۇم بىر ئىش بىلەن شەھەرگە كىرىپ، بىر ئاغىينەمنىڭ كومپىيوتېر دۇكىنىغا كىرسەم، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىر قىز بار ئىكەن. مەن ئۇ قىزنىڭ تېخىمۇ قۇيۇق، قارا، يۇمران بۇرۇتىغا قاراپ ، جەمئىيەتتىكى بىر ئىجتىمائى ھادىسىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
شۇنىڭ بىلەن بۇرۇت بىلەن تۈك بىر گەپمىدۇ؟ بۇرۇتقا قانداق تەبىر باردۇ؟ دەپ لۇغەتكە قارىسام، بۇرۇت ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات يوقكەن.
قىزلار ھەققىدە ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدە « 闺女» دېگەن خەت بار ئىكەن. قىز دېگەن خەتنىڭ ئالدىدىكى  闺 دېگەن خەت قىز ھۇجرىسى دېگەنلىك بولىدىكەن، دېمەك، قىزلار قەدىمدىن تارتىپ خاس ئىچكى ھۇجرىدەك ئۆيلەردە خالى ساقلىنىدۇ ياكى ياشايدۇ دېگەن مەنا بولسا كېرەك. خەنزۇچە خەتنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندىمۇ بۇ ئەتراپى قورشالغان سىزىقلاردىن تۈزۈلگەن خەت بۇلۇپ، قىزلارنىڭ پىنھان، ئۆزلۈك ۋە لاتاپەتلىك بولۇشىدىن بىشارەت بەرسە كېرەك.
ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، بۇرۇتلۇق ئاياللارنى ناھايتى ئاز كۆرەتتۇق ياكى كۆرمەيتتۇق.
قىزلىرىمىزمۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئىشچانلىق ۋە پاكىزلىق، ئىپپەتلىكتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەڭگۈشتەر ئىچىدە چوڭ بولاتتى.
ئۆتكەن يىلى توردا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، كېيىن بۇ قىز ماڭا يازغان ئۇچۇردا «مەن ئوغۇل دوستلىرىمنىڭ قېشىغا ماڭدىم» دەپ خەت يېزىۋېىدى تاسلا قالدىم بىر چېلەك قۇسۇۋەتكىلى... ھەي توۋا، بىز ئۇيغۇرلاردا نەدىمۇ قىز-ئوغۇللار دوستلىشىدىغان ئىش باركىن ھە....
ھازىر بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئادەتتىكى ئىش بۇلۇپ قالغاندەك تۇرۇدۇ...
بۈگۈنكى بالىلار ئۆزى يەيدىغان نەرسىلەرنى تېپىپ يېيىشنى نېمىشقا بىلمەيدىكىن ...توۋا...
ھازىر ئىقتىسادى شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ يەيدىغان ، ئىچىدىغان نەرسىلىرى كۆپەيدى، خۇددى قىيامەتتىكى يەجۇجى مەجۇجىلەردەك بالىلار ھازىر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۇكان دەپ نامى بار نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق نەرسىنى يەپلا ماڭىدۇ....
بازار باشقۇرۇش خادىملىرىمۇ توسۇپ ھېرىپ قالدىمىكىن تاڭ، بىرەر ۋەقە سادىر بولمىغاندىكىن دەپ، ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋەتكەن ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ تولىلىقىدىن ئەقىلىڭىز ھەيران قالىدۇ...
ھېلىمۇ ياخشى بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئىشتىھاسىغا بېقىپ، ئانىلىرى ئۇلارنى ئاشقازانلىرىنى ناھايتى چىداملىق تۇغقان ئىكەن. ھازىرقى بالىلار باشقا نېمىدىن خوش بولمىسىمۇ، مېنىڭچە چوقۇم ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى بىمالال ھەزىم قىلالايدىغان ئاشقازىنىدىن خوش بولسا ۋە پەخىرلەنسە بولىدۇ.
شۇنچە جىق سىڭىلچاقلىرىمىزغا بۇرۇت بىكاردىن بىكار چىقىپ قالمىدىمىكىن، بۇنىڭ سەۋەبى شۇ يېمەك ئىچمەكتىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. ھازىرقى تېز سۈرئەتتە چوڭايتىلغان توخۇدىن باشقا، بالىلار ناھايتى ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئارىلاشتۇرۇلغان نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ساتقۇچىمۇ بىلمەسلىكى مۈمكىن.
تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىر سۈپەت تەكشۈرگۈچى قاقشاپ، شەھەرنىڭ بىر كوچىسىنى تەكشۈرسەك، %80 ناۋايخانا لاياقەتسىز چىقتى دېۋىدى، ئەجەپلىنىپ ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىدىم.
- بۇ ناۋاي ھارامزادىلەر، يۇد قۇشۇلغان تۇز ئىشلەتمەي، سانائەتكە ئىشلىتىدىغان تۇز ئىشلىتىپتۇ - دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاش تاماققا ئىشلىتىدىغان تۇز بىلەن سانائەتكە ئىشلىتىدىغان تۇزنىڭ خالتىسىدا 30 يۈەن پەرق بار ئىكەن. 30 يىۋەن پۇلنى دەپ ، بىزلەرگە گىردە، ئاقنانلارنى سانائەت تۇزىدا يۇغۇرۇپ يىگۈزگەن بۇ تۇزكۇرلارغا نېمە دېگۈلۈك...
يەنە شۇ بۇرۇتقا مۇناسىۋەتلىك گەپكە كەلسەك، قىزلىرىمىزنىڭ يۇمران بۇرۇتلىرى بىلەن يىگىتلەردەك قەيسەر ئىرادىلىك بۇلۇپ كەتكىنىغۇ ياخشى ئىش، بىراق ئىرادىدىن ئەسەر يوق، بىر چىرايلىق چىرايىغا مۇددەتتىن بۇرۇن ھورمۇنى ئېشىپ كېتىپ، بۇرۇت چىقىرىپ يۈرسە بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى!
يەنە تەگىسەك شۇ گەپكى، بۇرۇتلۇق قىزلىرىمىز ۋە بۇرۇتسىز ئوغۇللىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى - سىز ۋە بىزنى ئۆزىمىزدىن كىچىكلەرنىڭ يەۋاتقان نەرسىلىرىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر قىزىل چىراق بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس....
ئاخىرىدا تەۋسىيەم، ھەرگىز قىزلارنىڭ بۇرۇتىغا قاراپ سالماڭ....
2012-يىلى 24-ماي
مەنبە: مەشئەل مائارىپ تورى

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15847
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6708 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 04:29:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇتلۇق قىزلار دەڭلار  ؟؟؟  ئادەمنىڭ بەدىنى تىككەملىشىپ كىتە ، بۇرتى بار قىزلارنى كۆرسەك .
دىققەت قىلىدىغان مۇھىم مەسىلە مۇشۇ ، ھازىرقى باشلىقلارنىڭمۇ چىچىنىو ئوتتۇرىسى پەقەت يوق ، چاچنىڭ ئىككى تەرپىنى ئۇزۇن قوياپ يۈگىۋالدىكىن ... توۋا دىمىسە بىكار ..
بەزى ئادەملەرنىڭ ساقال بۇرتى تۇرۇپ ، پەچەت قىرقىپ ، كادىر سۈپەت بولۋالدىكىن .

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5887
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4702 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 04:42:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق، ھازىر ھەقىقەتەنمۇ يىمەك- ئىچمەك بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ!
مەن مۇنداق بىر تەمسىلنى ئاڭلىغان ئىدىم « ياخشى قوغۇن ئۇرۇقلۇق، ياخشى خوتۇن بۇرۇتلۇق»
بۇ تەمسىلنى ئاڭلىغان بۇرۇتلۇق قىز چوكانلار خېلى تەسەللى تېپىپ يۈرىۋاتاتتى!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31959
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6594 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 04:44:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇتلۇق قىز-ئاياللار بۇرۇنمۇ بارتى. ھازىرقى يىمەك-ئىچمەك مەسلىسىگىغۇ گەپ كەتمەيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-28 04:48 PM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54509
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 04:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمنى ساراڭ دەي؟

ئەقىل قايدا بولسا، ئۇلۇغلۇق بولۇر،
بىلىم كىمدە بولسا، بۈيۈكلۈك تاپۇر.
مەرىپەت يولى تورى
http://bbs.meripetyoli.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4821 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 04:54:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتام زامانىسىدىن ئاڭلىمىغانلا بىر گەپلەرنى يىزىپسىز يا ؟؟؟ خۇدايا مىڭ توۋا . ئاشتاق بۇرۇتى بار قىزباللا بارمىكەن ؟؟ بۇرۇت قويغان قىزلارنىڭ ئاۋازى قانداق چىقىدىغاندۇ ؟؟ توۋا .....

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3854
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6424
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 6209 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 04:54:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇۋا دەيلى   بۇنداق  بۇلىشتىمۇ   بىر ھىكمەت   بادۇ    بەلكىم   ئىنسانىڭ   قانداق  سىياقتا    بۇلىشى   ئۇزىنىڭ  ئىختىيارىدىكى   ئىش  ئەمەسقۇ   ئاخىر.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80597
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 05:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىمپىراتور

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 748
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 05:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توختىخاچام بۇرۇتلىۇق  قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق.....ھى ھى ھى   بۇنى توختخان ئىسىملىك بىر ئەزانىڭ ئىمزاسىدا كورگەن  .......................ئۇزاققا قالماي  پەيدا بۇلىدىغۇ  دەيمەن ....

بىر كىچىك تاش ئەينەكىنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۇرەكنى ئاغىرىتىشقا يىىتەرلىك

بىر نەچچە سىكۇنىت ياخشى كۇرۇشكە يتەرلىك
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا يتەرلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 405
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 05:31:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت يىمەكلىك ھەم ئۇزىمىز ئۇستۇلۇق قىلىپ تولۇقلىغان قۇۋۋەت يىمەكلىكنىڭ پايدىسىمۇ يا؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش