شەكىل تەتقىقاتى راستىنلا ئەھمىيەتسىز تەتقىقاتمۇ؟
ئاپتۇرى: سەھرالىق
ئۇيغۇرجەمئىيتىدەشۇنداق بىر كىشىمىز بار، ئۇ شۇنچە ئېغىرجاپالارغا ۋە بېسىملارغا،بۇزغۇنچىلىق ھەم قارشىلىقلارغا ئۇچرىسىمۇ يەنە نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل،ئىلىمسۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ ھىمايىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىدىن توختاپ قالماي، ئۆزى تاللىغان يول ۋەبايقىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە مەھكەم يېپىشقانچە ئۆز چۇڭقۇرلۇقىدا ۋەتەن،خەلقنىڭ تەقدىرى،مىللەتنىڭ ئىلمىي بەيگىلەردىكى شارائىتى ۋە شاراپىتى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزتەپەككۇرىنى توختاتماي كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ئەتراپىدىكىلەردىن يىراقلاپ كەتتى،ئۇ ئۆزى بىزگە تەۋە،ئۇنىڭ ئاددىي تەققى-تۇرقى،قېلىن كۆزەينەك ئاستىدىكى ئۆتكۈر كۆزلىرى بىزگە تەۋە،ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەپەككۇرھاسىلاتلىرى بىزگە تەۋە ئىدى!ئىلىم-مەرىپەتخۇمار خەلقىمىز بۇ پەرزەنتىنى تاشلىۋەتمىدى، ئۆز خەلقى تەرىپىدىن كەلگەن بىرقىسىم گۆدەكلەرچە زەربىلەر،چەتكە قېقىشلار،قورقۇتۇشلار،بۇزغۇنچىلىق قىلىشلار ئۇنىڭ ئۆز تەتقىقاتى ئۈچۈن باغلانغان بېلىنى،مۇستەھكەم ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمىدى. سەۋەبى،ئۇنىڭ ئەتراپىدا تېگىدىن ئىلىمسۆيەر،زاتى ئۇلۇغ بىر قەۋم ئۇنى قوللايتتى،ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتى،ئۇنى يېڭى پەللىلەرگە ئۇندەيتتى. شۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئىلىم ئۈچۈن رىيازەت چەكتى،ماددى ھالاۋەتلەردىن،ئابروي-ئاتاقلاردىن ۋاز كەچتى. ئۇ ئادىللىقنى ئەڭ ئالىي پىرىنسىپ بىلىپ كەلدى.ئەلۋەتتە،ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ ئادىللىقلارنىڭ ئىچىدە ھەربىر تىرىك ئىنساننىڭ تەپەككۇر قىلىش،تەپەككۇرنەتىجىسىنى بايان قىلىش،ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە يۆنىلىشىگە،ئۆز خەلقىنىڭ،ۋەتىنىنىڭ تەپەككۇربەيگىسىدىكى شان-شەرىپىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشمۇ بارئىدى! ئۇ30نەچچە يىل ئۆمرىنى شەكىل نەزەرىيسى تەتقىقاتىنى يادرو قىلغان ئىنسانىيەتنىڭ يېڭىچە تەپەككۇريوللىرى ئۈستىدە باش كۆتۈرمەي ئىزدىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پاكىتلارئاستا-ئاستا باش كۆتىرىپ چىقماقتا...ئۇ چۈشەنگەن،ئۇ ئىشەنگەن ساھەلەر،سىرلار كېچەئاسمىنىدىكى ساليوتلاردەك بىز ياشاۋاتقان بۇ شارنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە كۆزىمىزنى چاقناتماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئېلان قىلىنىۋاتقان بىرقىسىم ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىگە قاراپ، ئادەملەر ئۇنىڭ تەكلىماكان بويىدا يۈرۈپ ئۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ھېچقانداق تەجرىبە شارائىتى،تەتقىقات سېلىنمىسى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بۇنىڭدىن20يىل بۇرۇن ئېلان قىلىپ ياكى ئىلمىي قىياسلاپ چىقالىغىنىغا ئىشەنمەيتتى. ئۇنىڭ سالاھىيتى،كەسپى ئۈستىدىلا پىكىر بولاتتىكى،ئۇنىڭ ھەقىقەتنى بايقاش جەريانىدىكى ئۆزگىچە تەپەككۇرىنى،بالدۇرلا تېپىۋالغان،توغرا بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنى چۈشىنىدىغانلار ئاز ئىدى. ئېھتىمال،بۇ ۋاقىت مەسلىسى،شارائىت مەسلىسى ۋە باشقامەسلىلەر بولۇشى مۇمكىن.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، شۇنداق بىر پاكىت تۇرۇپتۇكى،ئۇنىڭ تەپەككۇرى،ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرى،ئۇنىڭ تەپەككۇردۇنياسى،ئۇ ئوتتۇرىغاقويغان ئىلمى مەسلىلەر ۋە ئۇ سىزىپ كۆرسەتكەن دۇنيانىڭ ئىلمىي ئەندىزىسى شەرق-غەرب چەمبىرىكى ئىچىدە يەنە ئۆزىدىن باشقىلار تەرىپىدىن ئۇللىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئىلىم-پەن بىناسىنىڭ بۇ ئۇللىرىغا يەنە كىملەر داخىل بولىدۇ،بۇ بىنانىڭ لايىھىلىگۈچى ئېنژىنىرلىرى كىملەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ياكى تارىخ بېتىگە ئىسمى يېزىلماي قالىدۇ؟بۇ بىناغا يەنە كىملەر «تاش»،«خىش» ئېلىپ كېلىپ،ئۇنىڭ چەكسىز ئۈستىلەپ كېتىپ بارغان گەۋدىسىگە ئۆچمەس ناملارنى ئويىدۇ؟!،...بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە نامەلۇم.ئەمما،ھەممىمىزنىڭ بۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھوقۇقىمىز ۋە مەجبۇرىيتىمىز بار،ئەلۋەتتە.
مۇشۇ مەسلىلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، پىشقەدەم ئۇستاز،رىيازەتكار تەتقىقاتچى،«شەكىل نەزەرىيسى»تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى قاسىم سىدىق ئەپەندىگە بۇ ئاددىي يازمىمىز بىلەن ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز! كائىنات مۇنبىرىدە نۇرغۇن تېمىلار يوللانغان بولسىمۇ،دىققەت ئېتىبارىمىزنى دېگەندەك قوزغىيالمىدى.مەن بۇ توردىن نۇرغۇن بىلىمگە ۋە شەكىل نەزەرىيسى ھەققىدىكى كۆپ تەرەپلىمە چۈشەنچىلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە ئىگە بولدۇم. بۇ نەزەرىيدىكى ئۇقۇملار ۋە بايانلار يېڭىچە بولۇپ كۆپىنچە كىشىلىرىمىزگە«غەيرى»تۇيۇلغانلىقىدىن، نۇپۇز-ئىمتىياز ۋە ئادەت تۈپەيلىدىن،شۇنداقلا يېڭى شەيئى تەرەققىياتىنىڭ ئۇبيېكتىپ جەريانلىرى تۈپەيلىدىدىن شەكىل تەتقىقاتىغا يېتەرلىك ئېتىبار بېرىلمەيۋاتىدۇ. تۆۋەندە، پروففىسور چەي لى خې ئەپەندىنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشلىرى بىلەن ئورتاقلىقى ۋە قىسمەن (كەڭلىك جەھەتتىن)خاسلىقى بولغان مۇنۇ تېمىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:
شەكىل تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش ۋە شەكىل ئىلمىنى تۇرغۇزۇش ھەققىدە
ئاپتۇرى: چەي لى خې
(تىيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇھىت ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتى)
خەنزۇچە«تەبىئەت ژۇرنىلى»2004-يىللىق5-سانىدىن ئېلىندى.
فوند تۈرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپنى يۈرۈشلەشتۈرۈش،گۈللەندۈرۈش پىلان فوندى،نۇمۇرى:411703-0101 ؛ تىيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش فوندى،نومۇرىW20201؛مائارىپ مىنىستىرلىقى چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان خادىملارنىڭ پەن-تەتقىقات
قوزغىتىش فوندى،نۇمۇرى:413042
ھالقىلىق سۆزلەر: شەكىل ئىلمى گىئومېتىرىيە فىزىكا
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىسىملارنىڭ شەكىل ئۈستىدىكى تەتقىقات خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە قىزىق تېما بولۇپ قالدى. مەزكۇرماقالىدە شەكىل تەتقىقاتىنىڭ تارىخى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇپ،يېڭىچە بىر پەن شەكىل ئىلمىنى تۇرغۇزۇش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەيئىلەرنىڭ شەكلىدىن قول سېلىپ شەكىللەرنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ،شەكىل ئىلمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى،مىتودى ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلدى.شەكىل ئىلمى گېئومىېتىرىيە ئىلمى(ئېۋكىلىد گېئومىتىرىيسى،غەيرى ئېۋكىلىتگېئومىتىرىيسى،دېففىرىنسىئال گېئومېتىرىيە قاتارلىق ماتېماتىكىلىق مەنىدىكىگېئومېتىرىيەلەر) دىن پەرقلىنىدۇ. شەكىل ئىلمى ئەنئەنىۋى پەنلەردىكى ماتېماتىكا،فىزىكا،خېمىيە،ئاسترونومىيە،جوغراپىيە،بىئولوگىيە،...بۇخىلسۈنئى تۈرگە ئايرىش ئەندىزىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە قاراش بىلەن دۇنيانى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا چۇقۇم مۇستەقىل بىر پەن سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
بىرىنچى،شەكىل تەتقىقاتىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى
جىسىمنىڭ شەكلىنى شۇجىسىمنىڭ ئاساسلىق خاسلىقى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتنى تۇنۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇقۇمى شەكىلدۇر(1). ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرنى ئىنچىكە كۆزەتسەك شۇنى بايقايمىزكى،مەيلى تەبىئەت دۇنياسىدا ئەسلىدىن بار بولغان شەيئىلەر بولسۇن ياكى ئىنسانلار ئىجاد قىلغان نەرسىلەر بولسۇن،ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بەلگىلىك شەكىلگە ئىگە ياكى شەكىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك(2).مەسىلەن: گۈزەل قارگۈلى،ئالتە بۇلۇڭلۇق ھەرە كۆنىكى،شەكلى شۇنچە نەپىس بولغان ھايۋانلار-ئۆسۈملۈكلەر،يۇمىلاق بالون،شارشەكىللىك مېۋىلەر،چاسا شەكىللىك جوزا،ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدىكى تۇرۇسھەم تۈۋرۈكلەر،كۇنۇسسىمان قارىغايلار،سېلىندىرسىمان قۇرۇلۇشلار،تەرتىپلىك قاتناش تورى،...ۋەھاكازالار. يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى ئادەملەر ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى،ئۇ شەكىللەر نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇپ، بىرقانچە شەكىلنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان.ئۇلار نېمىشقا بۇنداق شەكىلدە بولىدۇ؟ئەجىبا، بۇتاسادىپىلىقمۇ؟ بۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىلمىي قانۇنىيەت بارمۇ يوق؟
داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-28 06:24 AM