كۆك ئېكران خاتالىق ئۇچۇرلىرى دائىم يۇز بېرىپ تۇرۇدىغان مەسىلە مەن مۇشۇ مۇنبەردىمۇ تورداشلانىڭ مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق خېلە ئىنكاسلىرى كۆردۇم شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ ئىش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى يوللاپ قويدۇم يوللدۇۇم
كۆك ئېكران خاتالىق ئۇچۇرلىرىنىڭ مەنىسى
بىز كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش جەريانىدا، كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ياكى قاتتىق دېتاللارنىڭ كاشىلىسى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئېكران كۆك رەڭگە ئۆزگىرىپ، نورمال بولغان مەشغۇلاتىمىزغا تەسىر يېتىدۇ. ئېكراندا بىرقانچە قۇر ئۇچۇرلار چىقىدۇ، بۇ خىل مەسىلىگە يولۇققانلار ئېكراننىڭ ئاستىنقى تەرىپىدە تۆۋەندىكىدەك سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن :0x0001، 0x000f، 0x001f، 0x0027،....
بۇ خىل ئۇچۇرمۇ شۇ كومپيۇتېرنىڭ كاشىلىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندە بىر قانچە خىل ئۇچۇر ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى بېرىلدى. خاتالىق بولسا ئۇستازلارنىڭ تۈزىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
0x0001 توغرا بولمىغان فۇنكىتسىيە
0x0002 سىستېما كۆرسەتكەن ھۆججەتنى تاپالمىدى
0x0003 سىستېما كۆرسەتكەن يولنى تاپالمىدى
0x0004 سىستېما ھۆججەتنى ئاچالمىدى
0x0005 ئۇچۇر ساقلاش چىقىرىش رەت قىلىندى
0x0006 ئىناۋەتسىز كود
0x0007 ئىچكى ساقلىغۇچنى كونتروللاش بۆلىكى بۇزۇلغان
0x0008 ئىچكى ساقلىغۇچ يېتىشمىگەنلىكتىن، بۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلىنمىدى
0x0009 ئىناۋەتسىز بولغان ئىچكى ساقلىغۇچ ئادرېس
0x000a توغرا بولمىغان سىستېما مۇھىتى
0x000b خاتا فورماتتىكى بىر پروگراممىنى سىناق قىلىپ خاتىرىلەش
0x000c خاتا بولغان ساقلاش چىقىرىش كودى
0x000d ماتېرىيال خاتالىقى
0x000e ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقى يېتىشمىگەنلىكتىن، بۇ مەشغۇلاتنى تاماملاشقا ئىمكان بولمىدى
0x000f سىستېما كۆرسەتكەن قاتتىق دىسكىنى تاپالمىدى
0x0010 يۆتكىگىلى بولمايدىغان مۇندەرىجە
0x0011 سىستېما ھۆججەتنى باشقا قاتتىق دىسكىغا يۆتكەلمىدى
0x0012 ھېچقانداق ھۆججەت يوق
0x0019 بەلگىلەنگەن سېكتور ۋە ماگنىت يولىنى تاپالمىدى
0x001a بەلگىلەنگەن ماگنىتلىق دىسكىغا ئۇچۇر يازالمىدى
0x001c پرىنتېردا قەغەز يوق
0x001d سىستېما ماتېرىيالنى بەلگىلەنگەن ماگنىتلىق دىسكىغا يازالمىدى
0x001e سىستېما بەلگىلەنگەن قۇرۇلما سانلىق مەلۇماتىنى ئوقۇيالمىدى
0x001f سىستېما مەلۇم ئۈسكۈنىگە ئۇلانغاندا رولى بولمىدى
0x0021 ھۆججەتنىڭ بىر قىسمى قۇلۇپلانغان
0x0024 ئېچىلغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ھۆججەتنىڭ سانى بەك كۆپ
0x0026 ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا بېرىپ قالدى
0x0036 تور ئالدىراش
0x003b توردا تاساددىپى خاتالىق يۈز بەردى
0x0043 تور نامىنى تاپالمىدى
0x0050 بۇرۇن بار بولغان ھۆججەت
0x0052 مۇندەرىجە ۋە ھۆججەتنى ئاچالمىدى
0x0053 int24 مەغلۇپ بولدى
0x006b ئىشلىتىۋاتقان دىسكىنى سالمىغانلىقتىن، سىستېما توختىدى
0x006f ھۆججەت ئىسمى بەك ئۇزۇن
0x0070 قاتتىق دىسكا بوشلۇقى يېتىشمىدى
0x007f بەلگىلەنگەن سىستېمىنى تاپالمىدى
0x045b سىستېما تاقىلىۋاتىدۇ
0x046a مۇلازىمەتچى كومپيۇتېرنىڭ بوشلۇقى يېتىشمىگەنلىكتىن، بۇيرۇق ئىجرا قىلىنمىدى
0x047e بەلگىلەنگەن پروگرامما Windows يېڭى نەشرىدە ئىجرا بولىدۇ
0x047f بەلگىلەنگەن پروگرامما Windows ۋە MS-DOS نىڭ پروگراممىسى ئەمەس
0x0480 بەلگىلەنگەن پروگرامما قوزغىتىلدى، يەنە بىر قېتىم قوزغىتىشقا ئىمكان يوق
0x0481 بەلگىلەنگەن پروگرامما كونا نەشىردىكى Windows تا يېزىلغان
0x0482 بۇ قوللىنىشچان پروگراممىنى ئىجرا قىلىدىغان سىستېمىنىڭ پروگرامما ئامبىرىدىكى ھۆججەت بۇزۇلغان
0x0483 قوللىنىشچان پروگرامما ۋە بۇ مەشغۇلاتنىڭ، بەلگىلەنگەن ھۆججەت بىلەن باغلىنىشلىقى يوق
0x0484 كوماندا قوللىنىشچان پروگراممىغا بارغاندا خاتالىق كۆرۈلدى
0x04b0 بەلگىلەنگەن قۇرۇلمىنىڭ ئىسمى ئىناۋەتسىز
0x05aa سىستېما مەنبەسى يېتىشمىدى، تەلىپىڭىزنى ئورۇنلاشقا ئىمكان يوق
0x05ab سىستېما مەنبەسى يېتىشمىدى، تەلىپىڭىزنى ئورۇنلاشقا ئىمكان يوق
0x05ac سىستېما مەنبەسى يېتىشمىدى، تەلىپىڭىزنى ئورۇنلاشقا ئىمكان يوق
0x06b9 سىستېما مەنبەسى يېتىشمىدى، مەشغۇلاتقا ئىمكان يوق
كۆك ئېكران بۇلۇۋېلىشنى ئوڭشاش
1-بۇ ئەھۋالغا مەن نەچچە قېتىم يولۇققان ... ئاستىدىكى قەۋەتتىكىلەر دېگەننىڭمۇ ئاساسىي بار ،لېكىن مېنىڭچە بۇ ئىش ئۇلار دېگەندەك ئىش ئەمەس .
زاۋۇتتىن چىققان ھالەتتە windows7 چىققان كومپىيۇتېرغا windows XP نى قاچىلىسا قوزغالماسلىق سەۋەبى ھەرگىزمۇ باشقا دېسكىغا قاچىلىنىپ قالغانلىق ياكى باشقا سەۋەبتىن بولماستىن ، بەلكى قاتتىق دېسكىنىڭ ھالىتى توغرا بولمىغانلىقتىن .بۇنى CMOS يەنى كومپىيۇتېرنىڭ BIOSغا كىرىپ قاتتىق دېسكىنىڭ ھالىتىگە قارىسىڭىز SATA ATI دەيغان مۇنداق ئىككى تاللاش بارغۇ دەيمەن .مۇشۇ يەردىن ئەسلىدە بار بولغىنىنى يەنە بىرسىگە ئالماشتۇرسىڭىز windows XP نۇرمال قوزغىلىدۇ ،لېكىن windows XP قاچىلىغاندىن كېيىن كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىسىمى قانداق يۇقىرى بولۇشتىن قەتئىينەزەر كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتى ئېشەك ھارۋىسى ھالىتىگە يىتىپ بارىدۇ ،چۈنكى زاۋۇتتىن چىققاندا windows7 نى قاچىلاش ۋە قوزغىتىشقا نىسبەتەن ئەلالاشتۇرۇلغان بولىدىكەن ،شۇ سەۋەبتىن windows XP بىر قەدەر ئاستا ھەم قېتىۋېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن .
بۇ ئۇسۇلنى مەن سىناپ باققان ، مەنمۇ بىر قېتىم ساۋاقدىشىمغا windows7 قاچىلاقلىق كومپىيۇتېرغا windows XP قاچىلاپ بېرىمەن دەپ قەتئىيلا قوزغىتالماي كومپىيۇتېر ئالغان يەرگە ئاپارسام ،كومپىيۇتېرغا سېستىمىغا قاچىلايدىغان يولداش ماڭا مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈپ قويغان ھەم تەڭشەش ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن ،بەلكىم سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ CMOS سى مەن دېگەنگە تازا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن ،لېكىن يەنىلا ئاساسىي ئۇسۇلى ئوخشاش سىناپ بېقىڭ
windows7 قاچىلىغان كومپىيۇتېرنىڭ كۆك ئېكران بولىشى بەلكىم تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب بولىشى مۇمكىن :
1- توقۇنۇشۇپ قالىدىغان 2 يۇمشاق دىتال قاچىلانغان بولىشى مۇمكىن .
2- قاتتىق دېسكا ھالىتىدە يەنى CMOS تەڭشىكىدە مەسلە بولىشى مۇمكىن .
3-كومپىيۇتېرغا قاچىلانغان windows7 مەسلە بولىشى مۇمكىن .
2-ئاۋۋال دىسكىنى رايونغا ئايرىۋىتىپ ئاندىن سىستېما قاچىلىسىڭىز بولىدۇ...رايونغا ئايرىشتىن بۇرۇن مۇھىم ماتىرىياللىرىڭىزنى زاپاسلاڭ
3-كۆك ئىكران بوپ قالغان بولسا ئىچكى ساقلىغۇچنى سۆكۈپ ئېلىپ پاكىزە تازىلىۋەتكەندىن ئورنىغا ئاستا سېلىپ قويۇڭ ! سىز دىگەن يۇقارقى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەل بولىدۇ !!
4-بۇنى bios تىن تەڭشەيسىز .SATA MODE دېگەننى(SATA دېگەن خەتنى تونۇۋىلىڭ ) AHCI ياكى IDE ۋە ياكى Compatible گە تەڭشىسىڭىز بولىدۇ ..
سىستىما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن سىستىما قوزغالغاندا كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىنى CPU كۈچەپرەك ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز ،كومپيۇتېرىڭىزنىڭ xp گە ماس كىلىدىغان قوزغاتقۇچلىرىنى يەنى (驱动)لىرىنى قاچىلىۋىتىڭ بولىدۇ....
سىزگە 自由天空综合驱动包 SkyDriverXP v11.1 Build 0927 标准版 نى تەۋسىيە قىلىمەن
دىققەت يۇقارقى ئۇسۇل زاۋۇتتىن چىقىشى win7 قاچىلانغان كومپيۇتېرغا xp قاچىلاشتا قوللىنىلىدۇ …
xp سىستىمىنى قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز(مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولسا) ئاۋۇSATA MODE نى IDE ياكى Compatible (ياكى Compatibility) غا ئۆزگەرتىپ ساقلىۋەتكەندىن كېيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ ....
5-بەزى ۋاقىتتا توغرىسى كۆپىنچە ۋاقىتتا ،پۈتۈن دېسكىنى قايتىدىن رايونغا بۆلۈشكە توغرا كېلىدۇ ،سەۋەبى مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مەشخۇلات قىلغۇچىنىڭ خاتالىقى ياكى نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى دىسكا رايونى جەدۋىلى (分区表) دىن چاتاق چىقىدۇ شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر چورتلا قوزغالمايدۇ (مەن ۋە دوستلىرىم كۆپىنچىمىز شۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچرىغانىدۇق...)
بۇنىڭ دورىسى ھازىرقى بازاردا سىتىلىۋاتقان ghost نۇسخسىدىكى دېسكىلاردىكى DOS قوراللىرى قاتارىدىكى Disk Fix پروگراممىسى ئارقىلىق دىسكا رايونى جەدۋىلى رىمونتلاش .(دىققەت بۇ مەشخۇلاتنى قىلىشتىن بۇرۇن ئىھتىيات ئۈچۈن WinPe سېستىمىسى ئارقىلىق كومپيۇتېر قاتتىق دېسىكىسىدىكى مۇھىم ماتىرىياللارنى زاپاسلاش كىرەك. يۆتكىلىشچان دېسكىغا)...
كېسەلنى يىلتىزىدىن يوقۇتاي ،كېيىنكى ئازاپ- ئۇقۇبەتلەردىن ساقلىناي دىسىڭىز ، كومپيۇتېرنى ئېلىپ 15 كۈنگىچە يەنى 包换期限 (ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋاقتى دەپ ئاتاي )غىچە كومپيۇتېرغا كۆپ نەرسە قاچىلىماي ،16 ىنجى كۈنىگە كەلگەندە پۈتۈن دېسكىنى فورماتلاپ قايتىدىن رايونغا بۆلۈپ ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان سېستىمىنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ...
6-مەسىلنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىڭ .
1. پەرەز : قاچىلىغىنىڭىز ئەگەرwindows 7 安装版 بولسا قاچىلاش جەريانىدا سىستېما 100 مىگالىق رايۇندىن بىرنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا كۆپ ئىكران مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ .
بۇ رايۇننىdisk-gen دەك قوراللار بىلەن يۇيىۋىتىپ ئاندىن سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىڭ .
2. پەرەز : ئەگەردە قاچىلاشتىن بۇرۇن bios نى تەڭشىگەن بولسىڭىز يەنى يۇقىردا تورداشلار دىگەندەك ahci ۋە ide لارنى تەڭشىمەي تۇرۇپ كۆك ئىكران مەسىلىنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ.
3. پەرەز : قاتتىق دىسكا ئاساسىي رايۇندىن چاتاق چىققان بولىشى مۇمكىن . مەسىلەن : بىز داۋاملىق سىستېما قاچىلساق c دىسكىغىلا قاچىلايمىز . يەنى بىز بۇنىڭ ئورنىنى f , g دىگەندەك ئاخىرقى دىسكىغا سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىش ئارقىلق مۇ ھەل قىلايمىز .
4. پەرەز : قاتتىق دىسكا سىكتور رايۇنى ئۆلگەن بولسا ، سىستېما قاچىلساقمۇ قوزغىلالمايدۇ . بۇنداق قاتتىق دىسكىلارنى قوشۇمچە دىسكا قىلىپ ئىشلتىشتىن باشقا ئامال يوق .
5. پەرەز : قاتتىق دىسكا mbr رايۇن خاتىرە ھۆججىتى . يەنى بۇ قاتتىق دىسكا رايۇن تېزىملىكىنى ساقلايدۇ .
مۇشۇ رايۇنى خاتىرە ھۆججىتىنى تازلىۋىتىپ ، قايتا يىزىش ئارقىلىقمۇ ئوڭشىغىلى بولىدۇ.
7-مىنىڭچىمۇ قاتتىق دىسكا XP نى قوللىمايدۇ دىگەن گەپ پۇت دەسەپ تورالمايدۇ،ماڭغۇ قاتتىق دېتال بىلەن ھەپلەشمىگىلى ئۇزۇن بولدى،ھازىرغىچە XP نى قوللىمايدۇ دىگەن كومپيۇتىرنى كۆرۈپ باقماپتىمەن،بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى يوقىردا بىر قۇر دەپ بۇپتۇ،مەنمۇ ئۆز چۈشەنچەمنى دەپ باقاي،مەن كۆپرەك توردىن سېستىما چۈشۈرۈش ئشلىتىمەن،مەن سۈرەت گۈزەللەشتۈرگەن نۇسخىلىرىغا ئانچە ئىنتىلىپ كەتمەيمەن،بۇلۇپمۇ مۇقىم بولغان سېستىمالارنىلا قاچىلايمەن.
يىقىندا سېستىما سۆرئىتى ئاستا بۇلۇپ قىلىپ سېستىما قاچلىماقچى بولغاندا مەن ئىشلىتۋاتقان WIN7 نىڭ ھۆججەتلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىدىم،قاچىلىغىلى بولمىدى، شۇڭا بۇرۇن ئىشلەتكەن XP نى قاچىلاپ كومپيۇتىرنى قوزغىتۋىلىپ توردىن WIN7 نى چۈشۈرمەكچى بولدۇم،لىكىن قاچىلانمىدى،ياكى قاچىلىندۇ، قايتا قۇزغالغاندا سىستېىمغا كىرەلمەيدۇ ،شۇنىڭ بىلەن دسىكىسدىكى مۇھىم ماتىرياللارنى ئىنمنىڭ دىسكىسىغا كۆچۈرۈۋىلىپ دىسكا رايۇننى قايتا رايۇنغا بۆلۈپ چىقتىم،ئاندىن قاچىلاندى،لىكىن توردىن WIN7 نى چۈشۈرۈپ قاچىلماقچى بۇلۇپ قوزغاتسام C دىسكا رايونىنى چەكسەم، چىكلمەي قاچىلاش مەغلۇپ بولدى،ئاخىرى بولماي 电脑店U盘启动盘制作工具V3.3 قورالىنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتىر بەت يۈزىدلا سېستىمىنى قاچىلاپ ئىشلەتتىم.
مەسىلە بەلكىم رايون ئايىرشتىلا بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ بىر سىناپ بىقىشقا بولىدۇ.
ئەمدى كۆك ئىكران بولۋىلىشدىكى بىر قانچە سەۋەپ:
1.ئىچكى ساقلغۇچتا مەسىلە بار ياكى قاتتىق دېتال چاتما ئىغىزىغا توپا كىرىپ قالغان بۇلۇش ئھىتماللىقى بار[كارول ئەپەندىمنىڭ دىگىنىمۇ مۇشۇ بولسا كىرەك]
2.كومپيۇتىر بەك قىزپ كەتكەن [ CPU نى دىمەكچى ] بۇلسا كومپيۇتىر ئۆچۈۋىلىش ياكى كۆك ئىكران بۇلۇپ قىلىش ئىھتماللىقى بار.
3.كومپيۇتىردا ۋىرۇس بۇلىشى مۇمكىن.
4.CPU نىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى ھەدىدىن زىيادە ئىشپ كەتكەن،ئامال بار CPU كۈچەيدىغان دېتال ۋە ئويۇنلارنى ئوينىغاندا بەك كۆپ ئېچۋالماڭ.
5.ئەگەر قۇراشتۇرلغان كومپيۇتىر بولسا ماسلاشماسلقتىنمۇ بۇنداق ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ.[لىكىن بۇ بەك ئاز ئۇچىرايدۇ]
6.سىستېىما ھۆججەتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن.
مەنبە : نۇرقۇت تورى ۋە ئۇيغۇر كومىپىيوتېر ھەۋەسكارلىىرى تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-28 12:05 PM