ئىقتىسادى تەرەققىيات دېگەن نىمە ؟
ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادى تەرەققىيات دىمەكلىك پۇل بار دىمەكلىكتۇر. پۇل نەدىن كېلىدۇ ؟ پۇلنى پەقەتلا بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا زادى قايسى ئامىل پۇل بېسىش ماشىنىسىنى توختىماستىن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ؟
بىر ئارالدا 1000 ئادەم بار دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇلار تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىلگەن، ئۆزى ئارا نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.ئەمما بەزىدە قولىڭىزدىكى مال چوقۇم قارشى تەرەپكە لازىملىق مال بولىشى ناتايىن، قانداق قىلىمىز ؟ شۇڭا كىشىلەر ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ئالتۇن، كۆمۈشنى ئالماشتۇرۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بويۇم قىلىشىۋالدى، ئالماشتۇرۇشمۇ قولايلاشتى. ئەمما ئالتۇن،كۆمۈشلەر ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز، ئاسان سۈركىلىپ ئۇپرايدۇ، ئالماشتۇرۇش مىقدارى كۆپ بولغاندا قولايسىز. شۇڭا كىشىلەر مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ئامال ئويلاپ تاپتى. ئارالدىكى باشقۇرغۇچى مەلۇم بىر بەلگىنى تارقاتتى، مۇشۇ بەلگە ئالتۇن،كۆمۈشكە ۋەكىللىق قىلىدۇ- شۇنىڭ بىلەن پۇل بارلىققا كەلدى._
دەسلىۋىدە پۇلنى خالىغان ۋاقىتتا ئالتۇن،كۆمۈشكە تىگىشكىلى بولاتتى. كۆپچىلكنىڭ ھەممىسى خاتىرجەم، چۈنكى پۇل دىگەن ئالتۇن،كۆمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەمما ئارالدىكى ئالتۇن،كۆمۈش زاپىسى بەك ئاز بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپەيگەندە، پۇل يىتىشمەي ئامالسىز توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئالماشتۇرۇشنى توختىتىشنىڭ ئاقىۋىتى بولسا، كىشىلەر باشقىلار ئېھتىياجلىق بولغان بويۇملارنى ئىشلەپچىقارمايدىغان بولدى. چۈنكى باشقىلار ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئالماشتۇرش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى گەپ بويىچە ئېيتساق، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئاستىلىدى. ;
شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك يەنە بىر ئامال ئويلاپ تېپىپ سەررەپخانا قۇرۇشتى. بۇ سەررەپخانا كۆپچىلىككە تەۋە. پۇلنى سەررەپخانا تارقىتىدۇ. بېسىلغان پۇلنى لازىملىق كىشىلەرگە قەرىز بېرىدۇ،كىينچە بۇ كىشىنىڭ پۇلى بولغاندا سەررەپخانىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بانكا پەيدا بولدى.
بانكىنىڭ پەيدا بولىشى، ئالماشتۇرۇش پائالىيتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك جېننىڭ بارىچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.ئارالدىكى مال كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى، بانكا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا ئاساسەن توختىماستىن پۇل باستى. كىشىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپەيگەنسىرى، بىر بانكا يىتىشمەي، كۆپلىگەن بانكىلار پەيدا بولدى.ئەمما ھامان ئاساسلىق بىرسى بولۇش كېرەكقۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن بىر سەررەپخانىنى باشقا سەرراپخانىلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى،ھەمدە پەقەت مۇشۇ سەررەپخانىنىڭلا پۇل بېسىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگۈلىدى. بۇ سەرراپخانا پۇلنى باسقاندىن كىيىن، باشقا سەرراپخانىلار ئارقىلىق پۇلنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قەرىز قىلىپ تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەركىزى بانكا پەيدا بولدى
تاشقى سودا دېگەن نىمە ؟
بىر كۈنى ئارالدىكى كىشىلەر كىمىنى كەشىپ قىلدى، ئۇلار كىمە ئارقىلىق ساياھەت قىلىپ يۈرۈپ باشقا بىر ئارالنى بايقىدى. ئۇ ئارالدىمۇ كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئارالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغۇسى كەلدى.ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىنڭ ئارىلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بەك كۆپ،مۇنۇ ئارالدىكى مەھسۇلاتلار ئاز. بىر سومغا ئۆزىنڭ ئارىلىدا بىر كىلو گۈرۈچ ئالغىلى بولسا، مۇنۇ ئارالدا يېرىم كىلو گۈرۈچ ئالغىلى بولىدىكەن.شۇڭا، ئۆزىنڭ ئارىلىدىكى پۇلنى مۇنۇ ئارالدا خەجلىمەكچى بولسا،ئۆزىنڭ ئىككى سوم پۇلى بىلەن بۇ يەرنىڭ بىر سوم پۇلىغا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.شۇنىڭ بىلەن ئايرىۋاشلاش قىممىتى دىگەن ئۇقۇم بارلىققا كەلدى. ئايرىۋاشلاش قىممىتى بىكىتىلگەندىن كىيىن، ئىككى ئارالدىكى كىشىلەر ئۆز ئارا مال ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى- تاشقى سودا دىگەن مۇشۇ. تاشقى سودا كىشىلەرنىڭ سودا مەزمۇنىنى بېيتتى.ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى يەنە بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
پۇل پاخاللىغى دېگەن نىمە ؟
بىر كۈنلەردە ئارالدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلا ر بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ زادى قانچىلىك پۇل تارقىتىش كېرەكلىگىنى مۆلچەرلەش قىيىنغا چۈشتى. تارقىتىلغان پۇل كۆپ بولۇپ كەتسە، سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئۇنچىلىك كۆپ مال بولمىغانلىغىلى ئۈچۈن، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، تارقىتىلغان پۇل ئاز بولۇپ قالسا مال باھاسى چۈشۈپ كەتتى. باھانىڭ مۇقىملىغىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەركىزى بانكا ھەرقايسى بانكىلاردىن بىر بۆلۈك پۇلنى مەركىزى بانكىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مەركىزى بانكا مال باھاسىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ قانچىلىك تارقىتىش بەلگۈلەيدىغان بولدى. مانا بۇ پۇل ئامانەت كۆرسەتكۈچىسى(存款准备金率 تەرجىمىسى خاتا بولسا ئەسكەرتىش بېرەرسىلەر). _
ئەمما بەزى ئەقىللىق كىشىلەر بىر ئاماللارنى قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇلنى ئۆز يانچۇقىغا سېلىشنىڭ كويىغا چۈشتى. ئۇلار دېڭىز بويىدىن بىر تاشنى تېرىۋېلىپ ، ”بۇ تاش بىر مىليۇن سومغا يارايدۇ !“ دەپ تەشۋىق قىلىپ يۈرۈپ ئۇنى باشقا بىر ئادەمگە سېتىپ بەردى. بۇ كىشى ئارالدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى يىغسىمۇ بىر مىليۇنغا بارمايدۇ دەپ ئويلاپ، سەرراپخانىدىن قەرىز ئالماقچى بولدى. سەرراپخانىنىڭ ئۆزىدىمۇ بۇنچە كۆپ پۇل بولمىغاچقا، يەنە بىر مىليۇن پۇلنى بېسىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا قەرىز بەردى، ئۇ تاشنى سېتىۋالدى.-
بۇ كىشى يەنە بىرمىليۇنلۇق باھادا بۇ تاشنى يەنە بىر كىشىگە سېتىپ بەردى. ئەڭ دەسلەپ تاشنى ساتقۇچى كىشى پۇلنى ئارالدا خەجلىگەچكە، ئارالدىكى پۇل كۆپەيدى. ئەمما ئۇ تاشنى ئىككى مىليۇنلۇق باھادا قولدىن چىقارماقچى بولغاندا، سەرراپخانا يەنە بىر مىليۇن پۇلنى ئارتۇق بېسىشقا مەجبۇر بولدى.شۇنداق قىلىپ پۇل بارغانسىرى كۆپەيدى، ئەمما بۇ تاش داۋاملىق ئالماشتۇرۇلسىلا كىشلەر ئارالدىكى پۇلنىڭ كۆپلىگىنى ھىس قىلالمايدۇ. ئەمما بۇ تاشقا ئېرىشكۇچى كىشى، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتسىلا، بۇ ئارالدا بىكاردىن –بىكارغا N مىليۇن پۇل كۆپىيىپ قالىدۇ. تاش بولمىغاندىن كىيىن ئارالدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەشكە باشلايدۇ- پۇل پاخاللىغى كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇ- تاشنىڭ ئىگىسى ئارالنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-28 11:20 AM