مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11702|ئىنكاس: 68

مۇھەممەد ئەلەيىھسسالامنىڭ زامانىدىكى بىر مۇسۇلمان-مۇسئەپ!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34145
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3723 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 12:58:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير باي ئائىلىدە دۇنياغا كېلىپ، راھەت - پاراغەت ئىچىدە چوڭ بولدى. ئۇنىڭ باي ئاتا - ئانىسى ئۇنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ قىممەت كېيىملەرنى ۋە ئەڭ چىرايلىق ئاياغلارنى كەيگۈزەتتى. ئۇ چاغلاردا يەمەننىڭ ئاياغلىرى ئەڭ ياخشى ھېسابلىناتتى، مۇسئەب شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىللىرىنى تاللاپ كىيەتتى.
ياش ۋاقتىدىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ كېلىشكەن بوي - بەستى ۋە يۇقىرى قابىلىيىتى بىلەن، قۇرەيشنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولدى. مەككە ئاقسۆڭەكلىرى ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇمۇ ئۇلاردىن قىلچە ھېيىقمايتتى. ئۇ گەرچە ياش بولسىمۇ، قۇرەيشنىڭ يىغىنلىرىغا ۋە يىغىلىشلارغا بىمالال قاتنىشالايتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار مەككىلىكلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى بىلىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىدى.
مەككىلىكلەر ئارىسىدا "ئەمىن ( ئىشەنچىلىك)" دەپ ئاتالغان مۇھەممەدنىڭ ئۆزىنى اللە تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئازابتىن ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغانلىقى توغرىلىق خەۋەر تارقالدى. ئۇ قۇرەيشنى ئەگەر ئۇلار پەقەت بىر اللەغىلا بويسۇنمىسا ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمىسا، ئۇلارنىڭ قاتتىق ئازابقا قالىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىمان ئېيتقان ياخشى كىشىلەرنىڭ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى. پۈتۈن مەككىدە شۇ توغرىلىقلا پاراڭ بۇلاتتى، مەككە تەۋرەپ كەتتى. دەككە- دۈككىدە قالغان قۇرەيش كاتتىلىرى مۇھەممەدنى نىيىتىدىن ياندۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئويلاپ چىقىشتى. مەسخىرە قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىشلار كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، ئۇلار كەڭ دائىرىدىكى زىيانكەشلىك ۋە دۈشمەنلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. مۇسئەب مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرەيشنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سافا تېغىغا يېقىن جايدىكى بىر ئۆيگە يىغىلىدىغانلىغىنى ئاڭلىدى، بۇ ئەرقەمنىڭ ئۆيى ئىدى. ئاڭلىغانلىرىنىڭ راستلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، مۇسئەب باشقا قۇرەيشلەرگە ئوخشاشلا دۈشمەنلىك پۇزىتسىيىسى بىلەن بۇ ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئۆيدە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ساناقلىقلا ساھابىلىرىگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىۋاتقان، ھەممىدىن ئۇلۇغ، بۈيۈك اللە تائالادىن قورقۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قارشى ئالدى، ئۆزىنىڭ مۇبارەك قولىنى مۇسئەبنىڭ ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەن يۈرىكىنىڭ ئۈستىگە قويدى، ئۇ خاتىرجەملىك ھېسسىياتىغا چۆمدى. مۇسئەب ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىرى ۋە كۆرگەنلىرى ئالدىدا ئۆزىنى تۇلىمۇ ئاجىز ھېس قىلدى، قۇرئان ئايەتلىرى ئۇنىڭغا ناھيىتى تېز ۋە چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇنجى كۆرۈشىشىدىلا ياش ۋە ئىرادىلىك مۇسئەب ئۆزىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىغىنى جاكارلىدى. ئەشۇ تارىخى دەقىقىلەردە، مۇسئەبنىڭ ئۆتكۈر زېھنى، قەتئىي سۇنماس ئىرادىسى، يۇقىرى نۇتۇق قابىلىيىتى ۋە ئېسىل مىجەزى ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بۇرالدى. ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندا ئانىسىدىن ناھايىتى ئەنسىرىدى. ئانىسىنىڭ ئىسمى خۇننەس بىنت مالىك بولۇپ، قۇرەيشنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. ئۇ مۇتەھەم ئايال بولۇپ، باشقىلارنى قورقىتىپ ئۇششۇقلۇق قىلاتتى. مۇسئەب مۇسۇلمان بولغاندا، ئۆزىگە قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرىگەن بىردىنبىر ئادەم - دەل ئۇنىڭ ئانىسى بولدى. بارلىق ئابرۇيلۇق مەككە ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دىنسىزلىق چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگە مەھكەم يېپىشىۋېلىشلىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭ ئىش ئەمەس ئىدى، پەقەت ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىنىلا سەل چاغلىغىلى بولمايتتى.
مۇسئەب تېزدىن ئويلىنىپ، تاكى اللە تەرەپتىن مۇشۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان بىر ۋاقىت كەلگىچە، ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى يۇشۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇ ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇردى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدە بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ئىمانىغا سادىق بولدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ بارلىق ئىپادىلىرىنى ئانىسىدىن قاتتىق يوشۇرۇپ، ئانىسىنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇپ قالدى، ئەمما بۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇ كۈنلەردە مەككىدە بىرەر ئىشنى ئۇزۇن مۇددەت مەخپىي تۇتۇپ يۈرۈش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئىدى. ھەممىلا يەردە قۇرەيشنىڭ كۆز قۇلاقلىرى، بوش تۇپىلاردا قالغان ھەر بىر ئاياغ ئىزىنىڭ ئارقىسىدا قۇرەيش جاسۇسلىرى بار ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمان ئىبنى ئەبۇ تەلھە دېگەن ئادەم مۇسئەبنىڭ ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە غىپپىدە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. ئوسمان يەنە بىر قېتىم، مۇسئەبنىڭ مۇھەممەدنىڭ ناماز ئوقۇغىنىغا ئوخشاش ناماز ئوقۇغىنىنى كۆردى، ئىش ئايدىڭلاشتى. مۇسئەبنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق خەۋەر ناھايىتى تېزلا قۇرەيشنىڭ ئارىسىدا تارقالدى ۋە ئاخىرى ئانىسىغا يەتتى.
مۇسئەب نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقى ۋە ئۆزى توغرىلىق نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ئۆزىنىڭ جەمەتى، قۇرەيش كاتتىباشلىرى ۋە ئانىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا مۇسئەب مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە مۇسۇلمان بولۇشتىكى سەۋەبىنى قىلچە ھودۇقماستىن ئوتتۇرىغا قويدى، ئاندىن ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى پاكلىغان ۋە ئۇلارنى اللەنىڭ ئەسلى دىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن قۇرئان ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلدى. گەرچە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئەقىل - پاراسەت، تەقۋادارلىق، ھەققانىيەت ۋە غەيرەت - جاسارەت بىلەن تولغان ئىدى.

مۇسئەبنىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان قىلغان ئامراق ئوغلىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، غەزىپىنى باسالماي قالدى. بىر تەستەك بىلەن ئوغلىنىڭ ئېغىزىنى بېسىقتۇرماقچى بولغان ئىدى، ئەمما مۇسئەبنىڭ قەتئى تۈس ئالغان چىرايىدىن يانغان نۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئوقيادەك ئېتىلغان قۇلى بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ قالدى. ئېھتىمال ئۇنىڭ ئۆز ئوغلىغا بولغان مۇھەببىتى ئۇنى راستىنلا ئۇرۇشتىن تۇسۇپ قويغاندۇ؟! ئەمما ئۇ يەنىلا ئوغلى ئىنكار قىلىپ، قول ئۈزگەن بۇتلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقچى بولدى ئۇنىڭ ئويلاپ تاپقان پىلانى تېخىمۇ قەبىھ بولۇپ، مۇسئەب ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر نەچچە تەستەك يېيىش ئۇنىڭغا قارىغاندا ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. ئۇ مۇسئەبنى ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا ئەكىلىپ باغلاپ قويدى، مۇسئەب ئۆزىنىڭ ئۆيىدىلا مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالدى. مۇسئەب ئۇزۇنغىچە باغلاقلىق ھالەتتە، ئانىسى ئۇنىڭ مۇھەممەد ۋە ئۇ تەشۋىق قىلغان ئىمان بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن توسۇش مەقسىتىدە ئۇنى كۆزىتىشكە قويۇپ قويغان كۆزەتچىنىڭ نەزەر بەنتى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. گەرچە ئەنە شۇنداق ئازابلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، مۇسئەب ھەرگىزمۇ تەۋرىنىپ قالمىدى. ئۇ باشقا مۇسۇلمانلارنىڭمۇ بۇتپەرەستلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئازابلارغا ۋە زۇلۇنلارغا ئۇچرىغىنىنى ئاڭلىغان ئىدى. باشقا نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش، مەككىدە ياشاش ئۇنىڭغا چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىيىنلىشىپ كەتتى. شۇ كۈنلەردە ئۇ بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ پاناھلىق ۋە كەڭچىلىك ئىزدەپ، مەخپىي ھالدا ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ دەرھال بۇ تۈرمىدىن قانداق قىلىپ قېچىپ، ئۇلارغا قوشۇلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق ئويلاندى. ئۇنىڭ ئانىسى ۋە كۆزەتچى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇ غىپپىدىلا قېچىپ چىقتى، ئاندىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن باشقا پاناھلىق ئىزدەپ ماڭغانلارغا قوشۇلدى، ئۇزۇنغا قالماي كېمە بىلەن قىزىل دېڭىزدىن ئۈتۈپ، ئافرىقىغا بېرىۋالدى.
گەرچە نەجاشىنىڭ زېمىنىدا تېنچ ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مۇسۇلمانلار ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ، مەككىدە بىللە تۇرۇشقا تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەتتى. مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغانلىقى توغرىلىق خەۋەر ھەبەشىستانغا يېتىپ كەلگەن چاغدا، مۇسئەب مەككىگە قايتىپ كەتكۈچىلەرنىڭ تۇنجىسى بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خەۋەر يالغان بولۇپ، مۇسئەب يەنە ھەبەشىستانغا قايتىپ كەلدى. ئۇ مەيلى مەككىدە ياكى ھەبەشىستاندا بولسۇن، ئۆزىنىڭ يېڭى ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇردى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىغا يارىغۇدەك رەۋىشتە ياشىيالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلاتتى. مۇسئەب ئىككىنچى قېتىم مەككىگە قايتىپ كەلگەندە، ئانىسى ئاخىرقى قېتىم ئۇنى تىزگىنلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇنى يەنە باغلاپ نەزەربەنت ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى. مۇسئەب ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلماقچى بولسا، ئانىسىغا ھەمدەمدە بولغان ھەممەيلەننى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەسەم قىلدى. ئانىسى ئوغلىنىڭ قەتئى ئىرادىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ شۇ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەندى.
ئانا - بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋېتىشنىمۇ يېراق سانىغىلى بولمايتتى، ئەشۇ دەقىقىلەر يېتىپ كەلگەندە، بۇ ئانا - بالا ئىككەيلەنگە ئېغىر تۇيۇلدى. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنىڭ كۇفرىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ بولسا ئىمانىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى. ئانىسى ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بارلىق راھەت - پاراغەتتىن قىسىپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا:- بېرىپ خالىغىنىڭنى قىل، مەن سېنىڭ ئاناڭ ئەمەس، - دېدى. مۇسئەب ئانىسىغا يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭغا:
- ئى ئانا! مەن سىزگە سەمىمىي نەسىھەت قىلاي، مەن سىزگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىمەن، بىر اللەدىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن ) ئەلەيھىسسالامنىڭ اللەنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىڭ، - دېدى.
- ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ كۆز قارىشىمنى مەسخىرە قىلساڭمۇ، مېنىڭ كاللام زەئىپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەرگىز سېنىڭ دىنىڭغا كىرمەيمەن، - دېدى ئانىسى قەتئى ھالدا.
شۇنداق قىلىپ مۇسئەب ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن، بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان راھەت - پاراغەت ۋە بەختلىك تۇرمۇشتىن ئايرىلدى. بۇ يىگىتنىڭ پۇزۇر، يارىشىملىق كىيىنگەن دەۋرى شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆتمۈشكە ئايلاندى. ئەمما ئۇنىڭ باشقا ئەندىشىلىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى ۋە بار كۈچىنى بىلىم ئىگىلەشكە، اللەنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا سەرپ قىلىشقا بەل باغلىغان ئەمەسمىدى!؟
     بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بىر كۈنى مۇسئەب مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (اللە ئۇنىڭغا بەرىكەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن) نى چۆرىدەپ ئولتۇرغان يېرىگە كېلىپ قالدى. مۇسۇلمانلار مۇسئەبنى كۆرۈپ، باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشتى، ھەتتا بەزىلىرى يىغلاپ كېتىشتى. چۈنكى ئۇنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرى بەك كونا، يىرتىق كىيىملەر ئىدى. ئۇلار مۇسئەبنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدىغان ئىلگىرىكى كۈنلىرىنى ئېسىگە ئېلىشقان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەبكە قاراپ، يېقىملىق كۈلۈپ:
- مەن مۇسئەبنىڭ مەككىدە ئاتا - ئانىسى بىلەن ياشىغان ۋاقتىنى كۆرگەن، ئۇلار ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ، راھەت - پاراغەتتىن يەتكىچە بەھرىمەن قىلغان ئىدى، قۇرەيش ياشلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدەك ئەتىۋارلىق يەنە بىرى تېپىلمايتتى، ئاندىن ئۇ اللەنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئۇلاردىن ئايرىلدى  ۋە ئۆزىنى اللەنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى، - دېدى، ئاندىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ، اللە سىلەرگە پارىس ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قىلىدۇ، ئۇ چاغدا سىلەر ئەتىگەندە بىر خىل كىيىم، كەچتە بىر خىل كىيىم كىيىسىلەر، ئەتىگەنلىكىڭلارغا بىر خىل تاماق، كەچلىكىڭلارغا يەنە بىرخىل تاماق يەيسىلەر، - دېدى.
   باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ كەلگۈسىدە باي ۋە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىدىن ۋە ماددىي بايلىقلارغا يېتەرلىك ئىگە بولىدىغانلىقىدىن ئالدىنئالا خەۋەر بەردى. يېنىدا ئولتۇرغان ساھابىلەر سورىدى:

- ئى رەسۇلۇللا! بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز ياخشىمۇ ياكى مال - دۇنياغا ئېرىشكەن كېيىنكى ھالىتىمىزمۇ؟
- سىلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭلار كېيىنكىسىدىن ياخشى، ئەگەر سىلەر مەن بىلگەندەك بىلىدىغان بولساڭلار، ھەرگىزمۇ مال- دۇنياغا ئۆزەڭلارنى ئۇرمايتتىڭلار، - دەپ جاۋاب بەردى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
يەنە بىر قېتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر بىلەن ئوخشاش مەزمۇندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلاردىن ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەتىگەندە بىر خىل كىيىمى ۋە كەچتە بىر خىل كىيىمى بولسا، ھەتتا كەئبە پۈتۈنلەي يۆگەلگەنگە ئوخشاش ئۆيلىرىنى يۆگەيدىغان يېتەرلىك رەخت بولسا، قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىدى. ساھابىلەر تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى قورساق توق، خالىغانچە ئىبادەت قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ كېيىنكىسىدىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
  كىشىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىپ ئون يىلدىن كېيىنمۇ مەككىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلامغا يەنىلا دۈشمەنلىك پۇزىتسىيىسىدە بولدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئىمانغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن تائىفقا باردى، ئەمما ئۇ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپ، شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئىسلامنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد ئاز ئىدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسئەبنى ئىسلامغا بەيئەت قىلغان ئاز ساندىكى مۇسۇلمانلارغا ئىسلامنى ئۆگىتىش ۋە كېيىنكى بۈيۈك ھىجرەت ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن مەدىنىگە ئۆزىنىڭ "ئەلچىسى" قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىنرەك بولغان ئىش ئىدى. مۇسئەب بۇ ۋەزىپىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن تۇغقانلاردىن بولغان ۋە ياكى ياش جەھەتتە چوڭ بولغان پىشقەدەم ساھابىلەرنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇسئەب بۇ ۋەزىپىگە ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى، ياخشى مىجەزى ۋە زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكى سەۋەبىدىن تاللانغان ئىدى. ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم بىلىملىرى ۋە ئۇنى ئاجايىپ چىرايلىق ۋە مۇڭلۇق قىرائەت قىلىشلىرىمۇ مۇھىم ئامىللاردىن ئىدى. مۇسئەب ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلەرنى اللەنىڭ دىنىغا ۋە ئىسلامنىڭ توغرا يولىغا چاقىرىش ۋە ياش، يېتىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن تېرىتورىيە (زېمىن) بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى بىجىرىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ مەدىنىگە خەزرەج قەبىلىسىدىن سەئىد ئىبنى زۇرارەنىڭ تۇغقىنى سۈپىتىدە كىردى. ئۇلار بىرلىكتە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە، يىغىلىشلىرىغا بېرىپ، ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى، ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈردى ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بەردى. اللەنىڭ مەرھىمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى، مۇسئەب بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى، ئەمما مەدىنە جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن كاتتىۋاشلىرى قاتتىق چۈچۈپ كېتىشتى.
  بىر قېتىم مۇسئەب بىلەن سەئىد زەفەر جەمەتىنىڭ بېغىدىكى قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، نۇرغۇنلىغان يېڭى مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ئىسلامغا قىزىقىدىغان كىشىلەرمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. شۇ ئەسنادا، شەھەرنىڭ ئىمتىيازلىق مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى ئۇسەيد ئىبنى خۇدەير نەيزىسىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى، ئۇ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. سەئىد ئىبنى زۇرارە ئۇنى كۆرۈپ، مۇسئەبكە:
- ئۇ ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقى، اللە ئۇنىڭ قەلبىگە ھەقىقەتنى سالسۇن، - دېدى.
- ئەگەر ئۇ ئولتۇرسا، ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن، - دېدى مۇسئەب ناھايىتى سالماقلىق بىلەن. غەزەپلىنىپ كەتكەن ئۇسەيد مۇسئەب بىلەن سەئىدنى تىللاپ، تەھدىت سېلىشقا باشلىدى:
- سىلەر ئىككىڭلار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاجىز كىشىلەرنى بۇزىسىلەر؟ ئەگەر تىرىك قېلىشنى خالىساڭلار، دەرھال كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار. مۇسئەب ئىللىق ۋە دوستانىلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئۇسەيدكە:
- ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ باقمامسەن!؟ ئەگەر خالىساڭ ۋە سۆزىمىزدىن رازى بولساڭ قوبۇل قىلارسەن، ئەگەر خالىمىساڭ، سەن ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىنى سۆزلەشنى توختىتىپ، بىزمۇ بۇ يەردىن كېتىمىز، - دېدى.
- گېپىڭ ئورۇنلۇق، - دېدى ئۇسەيد نەيزىسىنى يەرگە سانچىپ ئولتۇرۇپ.
مۇسئەب ئۇنى ھېچنىمە قىلىشقا مەجبۇرلىمىدى ياكى ئۇنى ئەيىبلىمىدى، پەقەتلا ئاڭلاپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. ئەگەر ئۇ رازى بولسا ياخشى بولاتتى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، مۇسئەب ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭ جايىدىن ۋە جەمەتىدىن ئايرىلىپ، باشقا جايغا باراتتى. مۇسئەب ئۇنىڭغا ئىسلام توغرىلىق سۆزلەپ بېرىشكە ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىشكە باشلىدى، ئۇسەيد بىر نەرسە دېمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ نۇرلىنىپ ۋە تەشنا بولۇپ كەتكەن چىرايىدىن قەلبىگە ئىمان كىرگەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
- بۇ سۆزلەر نېمە دېگەن چىرايلىق ۋە نېمە دېگەن ياخشى! ئەگەر بۇ دىنغا كىرمەكچى بولسام قانداق قىلىمەن؟
- غۇسلى قىلغىن، ئۆزەڭنى ۋە كىيىملىرىڭنى پاكلا، ئاندىن شاھادەت ئېيتقىن، ناماز ئوقۇغىن.
ئۇسەيد بۇ يەردىن چىقىپ كېتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قايتىپ كەلدى، ئاندىن بىر اللەدىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) اللەنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى، ئادىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى، ئاندىن مۇسئەبكە:
- بىر ئادەم بار، ئەگەر ئۇ ساڭا ئەگەشسە، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممە كىشىلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، مەن ھازىر ئۇنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىمەن، ئۇ سەئىد ئىبنى مۇئاز، - دېدى.
   سەئىد ئىبنى مۇئاز كېلىپ، مۇسئەبنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، ئۇ قايىل بولۇپ ۋە رازىمەنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ رازىمەنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ اللەغا ئىتائەت قىلىدىغانلىغىنى جاكارلىدى. مەدىنىدىكى يەنە بىر مۇھىم شەخس - سەئىد ئىبنى ئۇبادەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇمۇ اللەنىڭ ھىدايىتى بىلەن مۇسۇلمان بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەدىنە خەلقى خۇشاللىق ۋە ھاياجان ئىچىدە بىر - بىرىگە:
- ئۇسەيد ئىبنى خۇدەير، سەئىد ئىبنى مۇئاز ۋە سەئىد ئىبنى ئۇبادە قاتارلىقلار بۇ يېڭى دىننى ئازاب قىلغان يەردە، بىز قانداقمۇ ئۇلارغا ئەگەشمەيلى؟! بىز مۇسئەبنىڭ قېشىغا بېرىپ ئىمان ئېيتايلى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىككى لىۋى ئارىسىدىن ھەقىقەت چىقىدۇ، دېيشىدۇ، - دېيىشتى.
شۇنداق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تۇنجى ئەلچىسى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ناھايىتى غەلىبىلىك ئادا قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن توغرا تاللىغان ئىدى. ئەر - ئايال، قېرى - ياش، كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەممەيلەن ئۇنىڭ قولىدا ئىمان ئېيتتى. مەدىنىنىڭ تارىخى مەڭگۈلۈككە ئۆزگەردى، بۈيۈك ھىجرەتكە يول ھازىرلاندى. مەدىنە ناھايىتى تېزلا بۈيۈك ئىسلامى دۆلەتنىڭ مەركىزى ۋە ئاساسى بولۇپ قالدى. مۇسئەب مەدىنىگە كېلىپ بىر يىل بولمايلا مەككىگە قايتتى. بۇ ھەج مەۋسۇمى ئىدى. مەدىنىلىك 75 مۇسۇلمانمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. مىناغا يېقىن ئەقەبەدە، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ يەردە ئۇلار بار كۈچى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا، ئۇلار ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرسىلا جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەدىنە مۇسۇلمانلىرى قىلغان بۇ ئىككىنچى قېتىملىق بەيئەت كېيىنچە "ئۇرۇش بەيئىتى" دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىشلار ناھايىتى تېزلا يۈرۈشۈپ كەتتى. بەيئەتتىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىنى جەھەتتە قاتتىق سىقىلىشلارغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىدى. مەدىنىدە يېڭى مۇسۇلمانلار ياكى ئەنسارلار خۇشاللىق بىلەن ئۇلارغا پاناھلىق بېرىپ، خورلانغان مۇسۇلمانلارنى ھامىيلىقىغا ئالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدە مەدىنىگە تۇنجى بولۇپ كەلگەنلەر - مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير بىلەن ئەما ئابدۇللا ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئىدى. ئابدۇللامۇ قۇرئاننى چىرايلىق تىلاۋەت قىلاتتى. بىر ئەنسارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسئەب ۋە ئابدۇللا ئىككىلىسى مەدىنە خەلقىگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بەرگەن ئىدى.
  مۇسئەب يېڭى جەمئىيەت قۇرۇشتا، ئىلگىرىكىدەكلا مۇھىم رول ئوينىدى. بىز ئۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋەقەلىكىنى مەشھۇر بەدىر غازىتىدا ئۇچرىتىمىز. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندا، قۇرەيش ئەسىرلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئەسىرلەرنى بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەربەنت قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. "ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار" دېدى ئۇ. ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدە مۇسئەبنىڭ ئىنىسى ئەبۇ ئەزىز ئىبنى ئۇمەيرمۇ بار ئىدى. ئەبۇ ئەزىز بولغان ئىشنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
- مەن بىر توپ ئەنسارىلارنىڭ ئارىسىدا ئىدىم، ئۇلار تاماق يېمەكچى بولسىلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار دېگەن بۇيرۇغىغا بويسۇنۇپ، ماڭا نان ۋە خورما بېرەتتى. مېنىڭ ئاكام مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈپ قالدى ۋە ماڭا كۈزەتچىلىككە قويۇلغان ئەنسارىغا:[/
- ئۇنى چىڭ باغلا،... ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى باي ئايال، ئېھتىمال سەن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن تۆلەم پۇلغا ئېرىشىپ قېلىشىڭ مۇمكىن، - دېدى. ئەبۇ ئەزىز ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى، قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە مۇسئەبكە قاراپ:
- قېرىندىشىم، مەن توغرىلىق شۇنداق سۆزلەرنىمۇ قىلامسەن؟ - دەپ سورىدى.- مېنىڭ قېرىندىشىم مانا ماۋۇ، سەن ئەمەس، - دېدى مۇسئەب. شۇ سۆزلىرى بىلەن، ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتتىن ئىمانى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچلۈكرەك بولىدىغانلىغنى ئىسپاتلاپ بەردى.
   
   ئوھۇد غازىتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھازىر "مۇسئەبىل خەير" دەپ ئاتالغان مۇسئەبنى مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىغىنى كۆتىرىشكە بۇيرىدى. ئۇرشنىڭ دەسلىۋىدە، مۇسۇلمانلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئاندىن بىر قىسىم مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ كېتىشتى. مۇشرىكلار ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى. مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنى پاتپاراق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يۇقىتىش بولدى. مۇسئەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىۋاتقان چوڭ خەۋپنى چۈشەندى - دە، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەكبىر توۋلىدى. بىر قۇلىدا بايراقنى، يەنە بىر قۇلىدا قېلىچىنى كۆتۈرۈپ، قۇرەيش قۇشۇنلىرىنىڭ ئىچىگە بۈسۈپ كىرىپ كەتتى. ئويلىمىغان يەردىن بىر قۇرەيش چەۋەندازى يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىنى كېسىۋەتتى، ئۇ تۆۋەندىكى سۆزلەرنى تەكرارلىدى: "مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ۋاپات بولغان". شۇ ئارقىلىق ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھەمدە يۇقرقىدەك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت اللەنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ۋە اللەنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ سول قۇلىمۇ كېسىۋېتىلدى. ئۇ بايراقنى كېسىۋېتىلگەن ئىككى قۇلىنىڭ ئارىسىغا قىسىپ، ئۆزىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى تەكرارلىدى: "مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ۋاپات بولغان". شۇ چاغدا مۇسئەبكە بىر نەيزە ئۇرۇلدى، ئۇ يېقىلدى، بايراقمۇ يېقىلدى. ئۇ ھەر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چاغدا تەكرار ئېيتقان بۇ سۆزلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇكەممەل ھالدا نازىل بولۇپ، قۇرئاننىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.
ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر شېھىتلەر بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا كەلدى. ئۇلار مۇسئەبنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، كۆز ياشلىرىنى تۇتىۋالالماي قېلىشتى. خەبباب رىۋايەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇسئەبنىڭ جەسىتىنى كېپەنلەش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ تونىدىن باشقا رەخت تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى يۆگىسە، پۇتى ئۇچۇق قالدى، پۇتىنى يۆگىسە، بېشى ئۇچۇق قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگىتىپ:
- تون بىلەن بېشىنى يۆگەڭلار، ئىزخىرنىڭ يۇپۇرمىقى بىلەن پۇتىنى يۆگەڭلار، - دېدى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوھۇد غازىتىدا شېھىت بولغان ساھابىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن تولىمۇ قايغۇرۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تاغىسى ھەمزەمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ جەسىتى رەھىمسىزلەرچە پارچىلىۋېتىلگەن ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە، مۇسئەبنىڭ جەسىتى يېنىغا كەلدى. ئۇ مۇسئەبنىڭ مەككىدە تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئېسىل كېيىنگەن سالاپەتلىك تۇرقىنى ئەسلىدى، ئاندىن ئۇنىڭ ھازىرقى بىردىن - بىر مال - مۈلكى - جەسىتىنىمۇ يۆگىيەلمەيدىغان تونىدىنلا ئىبارەت بولغان جەسىتىگە قارىدى، ئاندىن تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى:
- "مۇئمىنلانىڭ ئارىسىدا اللەغا بەرگەن ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەر بار".
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەزىرىنى مۇسئەب ۋە باشقا ساھابىلەر ياتقان جەڭ مەيدانىغا ئاغدۇردى ۋە مۇنداق دېدى:
- اللەنىڭ ئەلچىسى قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ اللەنىڭ دەرگاھىدا شېھىت ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاندىن ئەتراپىدىكى ھايات قالغان ساھابىلەرگە بۇرۇلۇپ:
- ئى خالايىق! ئۇلارنى زىيارەت قىلىڭلار، ئۇلارغا سالام يوللاڭلار، جېنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان اللە بىلەن قەسەمكى، قىيامەت كۈنىگىچە قايسى مۇسۇلمان ئۇلارغا سالام يوللايدىكەن، شېھىتلار ئۇلارنىڭ سالامىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئى مۇسئەب!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئى شېھىتلەر!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ

مەنبە ماياك تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-27 05:12 PM  


ھازىرغىچە 11 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
marziyya + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
otyurak0998 + 10
NUR9171 + 300
nurmuhammat + 200
loveuighur + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
SUKUT28 + 100 .................................
boraoghli + 300 ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
ZaRRin + 33
nurjula + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
kaisar + 20
yawaat0998 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1513   باھا خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79122
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3194
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 05:48:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا بىزنىڭ ئىمانىمىزنى سالامەت قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34145
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3723 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 06:05:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئەمدى تەستىقلاندىما ...................

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80591
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3100
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 06:33:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 07:13:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  يەنە بارمۇ  ، مەن مەدەنىگە بارغان مۇھەممەد پەيغەمبىرمىز نىڭ ئەلچىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەنتۇق،رەھمەت سىلىگە...

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7750
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 2794 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 07:15:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئالتۇنغا بەرگۇسىز تىمىنى كۇرىدىغانلار بەك ئاز بۇ نىمە ئىش ئەي ئاللاھ بىز مىللەتكە ھىدايەت ئاتا قىلسىلا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolantograk004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-27 07:16 PM  


كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59340
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-10-7
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 07:42:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تېمىنى ئۇقۇغانلا شىرىن بۇلاق ئۇقۇپ ئولتىردىغان بولۇپتۇ مانا !
ئاللا ئەجىرڭىزنى زىيادە قىلسۇن!!!!!!!ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن!!!!!

ئىھ ،نەپسىم  اللەنىڭ قۇلى بولغىنىم ماڭا يىتەر ،مىنى قۇلچىلقىڭغا ئەمەس ،قۇل بۇلۇشىڭغا تەكلىپ قىل!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5017
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 09:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
نەقەدەر گۈزەل ئىمان ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79425
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3692
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 09:57:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 10:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم ، ئەجرىڭىزە رەھمەت قېرىندىشم، اللە ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن!!!

ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش