تىزلانغان ئاممىغا قاراپ كۈلگەن كادىرلار
يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسى شەنشى ناھيىسى شۇاڭلۇڭجىن بازىرى شۇاڭلۇڭ كەنىت مىياۋۋەن گۇرۇپپىسىدا ياشانغان قېرى مۇمايلارنىڭ تېرىلغۇ يىرىنى ئىگىلىمەكچى بولغان كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ يالۋىرىۋاتقانلىق توغرىسىدىكى قىسقا فىلىم ئىنىترنىت تورىدا تارقىلىپ كەتتى، بۇقىسقا فىلىمدا، بىرنەچچە قېرى مۇماي كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تەزىم قىلماقتائىدى، ئەمما كەنىت كادىرلىرى بولسا پىخىلداپ كۈلۈشمەكتەئىدى.
بۇقىسقا فىلىم توردا تارقالغاندىن كىيىن كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، پىخىلداپ كۈلىۋاتقان كەنىت كادىرلىرىغا بولغان غەزەپ نەپرەت ۋە نۆۋەتتىكى كادىرلارنى دېھقانلار ئاممىىسى سايلاش جەريانىدىكى ئاتالمىش سايلام ۋە شۇنىڭدىن كەپ چىققان كادىرلار ئىسلىتىنىڭ قۇپاللىقى، خەلىقنى خالىغانچە بۇزەك ئىتىش مەسىلىرى، خۇددى مۇشۇ قىسقا فىلىمدىكىگە ئوخشاش، دۆۋلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئالدىغا تىزلىنىپ يالۋىرۋاتقان خەلق ئاممىسىنى مازاق قىلىپ پىخىلداپ كۈلۈشى قاتارلىق مەسىللەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
بۇقىسقافىلىم توردا تارقىلىپ كەتكەندىن كىيىن، خېنەن ئۆلكىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تىزدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ مۇنداق خۇلاسە چىقاردى:
«بۇ ئازبىرقىسىم يامان غەرەزلىك ئۇنسۇرلار رىژىسسورلىق قىلغان، ئۈزىنىڭ ئانىسى ۋە مۇمىسىنى كۈشكۈرتۈپ ، قەستەن ئېلىپ بارغان كۈرۈنۈش.»
ۋاھالەنكى، تورداشلار شۇنداق سۇئال قويغۇسى كېلىدۇ: يامان غەرەزدىكى كىشىلەر ئانىسى ۋە مۇمىسىنى كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئالدىغا تىزلىنىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. ئۇنداقتا، پىخلداپ ھاياسىزلارچە كۈلۈۋاتقان كەنىت كەدىرلىرىچۇ؟ ئۇلارنىمۇ يامان غەرەزدىكى كىشىلەر پىخىلداپ كۈلۈشكە كۈشكۈرتكەنمۇ؟ ياكى ئۈزى پىخلداپ كۈلگەنمۇ؟ ئۇلاردا قىلچىلىك بولسىمۇ ئىنسانىيلىق بولماسلىقنى يەنە كىم كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ ئۇلارنىڭ تەزىم قىلىپ تىزلانغان خەلىق ئالدىدا پىخلداپ كۈلۈشىنىڭ ئۈزىلا كادىرلاردىكى ساقلان ئېغىر مەسىللەر، بۇنى ئىتىراپ قىلغىلى ئۇنىماي، ئەكىسچە يەنە يامان غەرەزدىكى كىشىلەرنىڭ قىلمىشى دەپلا قۇتۇلۇشنىڭ ئۈزى ھەم ھاماقەتلىك، ھەم قورقۇنچاقلىق ، ھەم يىرگىنىچلىك ھادىسە.
ئېنىقكى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈش خۇلاسىسى كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدۇكى، باشقا ھېچقانداق جاۋاپقا ئىرىشتۈرەلمەيدۇ. بۇ نۆۋەتتىكى يېزىلاردىكى ئۇمۇمىلىششقا يۈزلەنگەن مەسىللەر بۇلۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەنە ئۈزىدىن قىلچىلىكمۇ خاتالىق ئىزلىمەي، ھەدىسىلا «يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ قىلمىشى...» دەپلا باشقىلارغا ئىتتىرىپ قۇيۇپلا قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنىشى پەقەت خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلىدۇ، ۋە فىلىمدىكى كەنىت كادىرلىرىغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كادىرلارنى نۇمۇسسىزلارچە پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلاپ قۇيىدۇ،خالاس.
تورداشلارنىڭ تۈۋەندىكى ئادىرىستىن بۇفىلىمىنى كۈرۈپ بېقىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيەقىلىمەن. كادىرلارنىڭ پىخىلداپ كۈلگەن كۈرۈنىشى كىشىنى چۈچۈتىدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ.
مەنبە: شىنلاڭ تورى.
ئەسلى مەنبە:
http://video.sina.com.cn/p/news/c/v/2012-05-25/094061758039.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-27 04:08 PM